- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51474
- نادىر
- 0
- يازما
- 5399
ئۆسۈش
  0%
|
masturam يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:59 
ھىلىقى تور نازارەت ئىشخانىسىنىڭ نۇمۇرى 0991- 4616110 مۇ ئىشق ...
مەن ماۋۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن تەسەللىگە ئىرىشتىم.سىزمۇ ئوقۇپ قويۇڭ.بىر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش كىرەك.ئازار يىگەن بۇلسىڭىز ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلماق تەس.لىكىن ئۇنىڭغا يەم بولۇپ كەتمەسىلىك كېرەك.مانا ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ قويۇڭ:
| ئاغرىنىش ئۆمۈرنىڭ دۈشمىنى
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خىلمۇ خىل سەۋەب تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئاغرىنىشلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بەزىلەر خىزمەتتە بېسىمغا ئۇچراپ، تەشكىلدىن، باشلىقىدىن ئاغرىنسا، بەزىلەر دوستلىرىدىن، ئاتا–ئانىسى، قېرىنداشلىرىدىن ئاغرىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى بۇ ئاغرىنىشلارنى ئېسىدىن چىقىرالماي، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك يۈك قىلىۋالىدۇ.
تۇرمۇشتا ئۆزئارا ئاغرىنىش داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما، كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ بۇنداق ئاغرىنىشلارنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن تەسىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر بۇلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىلەر ئۇنتۇيالمايدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشنى چوڭقۇر تەھلىل قىلساق، بەزىدە ئۇ كورت ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. بىز قولىمىزغا تېگىدىغان قارتنىڭ ياخشى–يامان بولۇشىنى كونترول قىلالمايمىز. ئەمما، قولىمىزغا تەككەن قارتىنى قانداق ئويناشنى كونترول قىلالايمىز. بىز پەقەت قولىمىزغا ناچار قارتا چىقىپ قالسا ئاغرىنماسلىقنى، ياخشى قارتا چىقىپ قالسامەغرۇرلانماسلىقنى ئۆگىنىۋالساق، قولغا چىققان قارتىنى پىلانلىق، سىستېمىلىق پۇختا ئويناشنى داۋاملاشتۇرساق، پۈتكۈل ئۆمرىمىزدە پۇرسەت كۆپ، خەتەر ئاز، دوستىمىز كۆپ، دۈشمىنىمىز ئاز، تېنىمىز ساغلام، كېسەللىك ئاز، مۇۋەپپەقىيەت كۆپ، مەغلۇبىيەت ئاز بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=20817
|
|
|