- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5527
- نادىر
- 1
- يازما
- 444
ئۆسۈش
10.54%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 00:33
مۇنبەر لۇكچەكلىرى مارشىدىن تۇغۇلغان ئويلار
كۈچلەن ئەپەندى :
ئەتىگەندىلا مۇنبەرلەردە پەيدا بولغان زىيائەپەندىنىڭ مۇنبەر لۇكچەكلەر مارشنى ئوقۇپ چىقتىم،ئاپتورنىڭ قاتتىق غەزەب بىلەن توردىكى زىيان سېلىشلارغا بولغان نارازلىقى ۋە ئاچچىق كەيپىياتى ھەربىر مىسرالاردىن تېمىپ تۇرۇپتۇ. مارش ئەسلىدە ئارمىيە ئىچىدە جەڭچىلەرنىڭ رىتملىق قەدەم ئېلپ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن پەيدا بولغان بولۇپ كېينچە بۇ جەڭچىلەرگە سىرتتىن ئېلھام بېردىغان مۇزىكىغا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە زاماننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ مەلۇم كوللكىتىپنىڭ ئاۋازى، ئىرادسىنى ئەكسى ئەتتۇردىغان مۇزىكا شوئارغا ئايلانغان.ئۇنىڭ مەزمۇنى بىر بولسا تارىخى دەۋرنىڭ ساداسىنى،ئۆزگىرشلەرگە بولغان شاھىتىنىڭ ئىپادلىنىشى بولۇپ چوڭ جەھەتتە ھەرخىل ئوركستىرلار بىلەن ئورۇندلىدىغان دۆلەت مارشىلىرى،كارخانا شىركەتلەرنىڭ مارشى بار. زىيا ئەپەندنىڭ ئاچچىق ساتىرا شېئرى ئارقىلىق بۇخىل ناچار خاھشتىكلەرگە مارش تەييارلاپ بەرگەنلىكى ئۆز يولۇققان چەكتىن ئاشقان ئىنكاس ئاۋرىگەرچىلىكدىن تۇغۇلغان دەپ چۈشەندىم. ئېلاۋە ئورنىدا مۇنداق يېزىلغان؛
شۇنچە چوڭ بىر قەۋىم تۇرۇپ،بىرەر مارشىنىڭ بولماسلىغىغا ئىچىم پۇشتى،بۇ شۇنچە چوڭ بىر قەۋىم ئۇيغۇرمىللىتىنى كۆرستەمدۇ؟ياكى ئاپتور ئاچچىق كىنايە ئاستىغا ئالماقچى بولغان تور لۈكچەكلىرنى كۆرستەمدۇ؟بۇلارنى ئاپتور يېشىپ بەرمىگەن، مېنڭچە بۇ قۇرلار ئاپتورنىڭ قۇردا قېيداش پىسخكىسنى ئەكىس ئەتتۇرگەن.ئارقىدىن
بۇ مارىش تېكسىتىنى زاتى مەۋھۆم،ساداسى ۋە زېيىنى ئاشكارە بىرقەۋىمگە سەدىقە قىلدىم. دىگەن، ئادەتتە مۇنبەر تور قاتارلىق ۋاستىلەر مەۋھۇم ئالاقە ۋاستلىرى قاتارىغا كىرىدۇ،شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتلمغان بەلكى ئۆزى ئۆچ بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم مۇنبەر ئەزالىرى دەپ چۈشنشكە بولىدۇ.
مارىشنىڭ رولى ۋە ئەھمىيتى جەھەتتىن ئالغاندا بىزدە مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بىرى تەرەققىيات تېخى ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا تورداشلارنىڭ تورئەخلاقلىرنى بىلىشى ۋە بىر مەزگىلىك قىزغىنلىقتىن ساقلىنشى مۇمكىن ئەمەس، بەزىلەر توردىكى تەنقىد يازغۇچىلىرنى غاجاش دەپ چۈشنىۋالغاندەك،بەزى ئىنكار قىلىش تىپتىكى ئىنكاس يازغۇچىلارنى ئاپتور لۈكچەك دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇنداقتا لۈكچەك دېگەن نېمە؟ زىيا ئەپەندى مېنىڭ بۇ سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن :
تور لۇكچىكى دېيىشتە، ئېغىزى بىزەپ،قەستەن جىدەل تىرىيدىغان،تېما مەزمۇنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاق-كۇك دەپ مەمەدانىلىق قىلىدىغان،باشقىلارغا ئاساسسىز زەربە بېرىدىغان ،ئەنئەنىۋى ئەخلاققا،دېنى مىزانلىرىمىزغا،قانۇنغا،سىياسەتكە ئۇيغۇن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان،پىتنە-پاسات تېرىيدىغان،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئاساسىسىز ياكى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ سېسىتىدىغان...مۇشۇنداقلارنى دېسەك بولار؟ بۇنىڭدىن كۆرنىپ تۇرۇپتىكى ئاپتور شەخسى تور تۇرمۇشدىكى يولۇققان مەسىلىلەرگە ئاساسلىنىپ بۇ مارشىنى يېزىپ چىققان.
تور ھەقىقەتەن كۆپ خىل مۇنازىرىگە تولغان، بەزىدە ئۇ جىددى بىر تۈستە مەيدانغا كېلىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا سالقىن مۇئامىلە قىلىشمىز،توردىكى ھەممە ئىنكاسلارنى كىشلەرنى رەسىمى تۈردە يازغان دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك،مېنڭچە مۇنبەر كەسپى مۇنبەر بولمسىلا ئۇنىڭدا ھەرخىل ئادەملەرنىڭ تىزىملىتىپ كېرىشى، ۋە ئورۇنسىز گەپلەرنى قىلىشى تەبئىي ئەھۋال، مىسرانىم مۇنبىرىدە ،ئۇيغۇرنى ئەمدى تىللىما دەپ بىر سەبئىي تېما پەيدا بولۇپتۇ،،،ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئومومى نامى ،ئەگەر مەلۇم شەخسنى تىللىسا ياكى ھاقارەت كەلتۇرسە ئۇ شۇ شەخسكە قارىتلغان بەتنام بولۇشى ياكى بىر ئۆچ ئاداۋەت بولۇشى مۇمكىن،ئوخشاشلا بىراۋنى تەنقىد قىلىش ئۇنىڭ مىللى سالاھىيتى بىلەن بىرگە قوشۇۋىلىش تولىمۇ سەبىليلىكتىن كىچىك بالىلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز تاپا تەنسىگە يولۇققان بولساق،بۇ بىزنىڭ ئىلگرىلەش يولىمىزدىكى شەخسى مەسىلە ،ئەگەر ئىككى ئۇيغۇر كوچىدا سوقشۋاتقان بولسا بىز ھەرگىزمۇ :<<ئىككىڭلىڭلار ئۇيغۇر تۇرۇپ نېمشقا سوقۇشتىڭلار ؟>>دېمەيمىز،بۇ قانۇن تەرىپدىنىمۇ سوت كوللىگيسى تەرىپدىىنمۇ سورالمايدىغان سوئال، ئۇنداقتا نېمشقا مۇنبەردە بۇ ئىش رويقاپقا چىقالمىدى؟ ئەلىنى تەنىقد قىلغانلارنى بەزىلەر كۆرەلمەسلەردېسە بىرلىرى غەزەبلىنىپ<<:زادى ئۇيغۇردىن بىرسى چىقسلا كۆرەلمەيمىز،ھەسەتخورلۇق >>دېيشتى، مەلۇمبىر تورداش:زوردن سابىر ئۆز ۋاقتىدا :<<ئۇيغۇرلاردىن ئالىم چىقىقىلى قويمايمىز شۇڭلاشقا چىقمايدۇ >>دەپتىكەن،،دېگەن سۆزنى دەستەك قىلىپ يېزىپ يۈرۈپتۇ، دېمەك ئىنكاس دېگەن كۇنۇپكا تاختسنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان،بۇنىڭغا رەنجشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا بولۇپ قالماقتا. ئۇ ھېچبىر يازمىسدا بۇنداق دېمىگەن،كوچا پاراڭلىرى بولسا قانداق ئىكەن بۇنىسىنى بىلمەيمەن،لىكىن زوردىن سابىر دېگەن بۇ سۆز راسىت بولغان بولسىمۇ رەھمەتلىك ئۇ داڭلىق يازغۇچىمىز خاتا سۆزلەپتۇ ديېشىكە توغرا كېلىدۇ. مېنڭچە زودرىدن سابىرنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتىدا ئۇدۇل كەلگەن تەنقىدى پىكىرلەرمۇ بولغان،شۇڭلاشقا ھاياجانلىنپ كېتىپ بىرەرسنىڭ دېگەن گېپىگە مۇنداقلا دېگەن گەپ بولۇشى مۇمكىن،بىز ئادەمنىڭ شەخسى ھاياتىدا مۇنداقلا دېگەن سۆزلىرنى ئەڭگۈشتەر بىلىەىپ ئۇنى كۆرگەنلا يەردە نەقىل قىلىپ قالقان قىلۋالساق بولمايدۇ.مۇنبەر لۈكچەكلىرىگە مارىش يېزىپ بېرىش ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا ئېلھام بەرگەندەك ئىش بولۇپ قېلىشى شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قارشلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.نادانغا بېرلگەن جاۋاب سۈكۈت بولسىمۇ لىكىن بۇ مارىشنىڭ كۆپچىلككە ئىلىم ئىگلىرىگە بولغان ھۆرمەت ۋە چۈشىنشىمىزنى بىرقەدەم ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
قىسقسى مۇنبەر لۈكچەكلىرى ئۆزلىرنىڭ يولىدا ماڭىۋەرسۇن ئۇلار مارىشنى ئېيتىپ ماڭامدۇ ياكى بىر كۈنلىرى ئۆزگىرىپ ئارىمىزغا قايتىپ كېلەمدۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،
مېنڭچە يول ئۇزاق ،كارۋان كۆپ ھەممىمىز مۇشۇ يولدىكى كارۋانلار ئورتاق نىشانىمىز بولمسامۇ ئورتاق نىيەت ئىقبالنى كۆزلەپ ماڭالايمىز، قېنى ئۇنداقتا ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ مارشىمىز بولسۇن، بۇ مارشلارنىمۇ زىيا ئەپەندىنىڭ يازالايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
|
|