- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3658
- نادىر
- 0
- يازما
- 442
ئۆسۈش
  55.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 10:48
dostjan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 05:04 
شۇنداق قىلىپ ئاپاق خۇجا ئەسكى بولدىمۇ ياكى ياخشى بولدى ...
ئاپتۇر بۇ تېمىدا سەئىدىيە خانلىقىنى ھىچقاچاندا موڭغۇل خانلىقى ،دېگىنى يوق.ئۇ تىپىك ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى!بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ،ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەت! مېنىڭچە، ھەتتاھىچبولمىغاندا تۇغلۇق تەمۈرخاندىن باشلانغان،بېشبالىغنى پايتەخت قىلغان كېيىنكىي چاغاتاي خانلىقىنىمۇ ئۇيغۇر خانلىقى دېيىش تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.چۈنكىي چاغاتاي خىانلىقىنىڭ خان جەمەتى ۋە تەۋەلىكتىكى موڭغۇل قەبىلە -جەمەتلىرى ئاخىرقىي ھېساپتا ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ ئۇيغۇرلىشىپ(تۈركلىشىپ) كەتتى.چاغاتاي خانلىقى سىياسىيسى ئاخىرقىي ھېساپتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.مەزكۇر ھاكىمىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قويۇق ئىتنىك،كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تامغىسى بار.چاغاتاي خانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلارخانلىقىدىن تارتىپ، سەئىدىيە خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ،ئىقتىسادىي،كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى بىر-بىرىگە ئۇلىغان موھىم ھاكىمىيەت. شۇڭا ،چاغاتاي خانلىقى- تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى قاتارىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك! |
|