قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: gheyurr

تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2713

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15408
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ياسىنجان سادىق (چوغلۇق)  ئەپەندىنىڭ ، بۇ تېمىغا ئۆز پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىقىشىنى ئۆمىت قىلىمىز .

0

تېما

1

دوست

723

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلان بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بەر سە بولاتتى ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2279

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باھادىرنامە ۋە جاللات خېنىم دېگەن رومان ئېلان قىلنىشى بىلەن خەلىق ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ ،رومان ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرىلدى.
مەنمۇ ئوقۇپ بولۇپ ئادەتتىكى بىر رومانغا باھا بەرگەندەك باھا بەردىم.
سىزمۇ بەزى خاتالىقلارنى بىلىپسىز. بۇ رومانلارنى سىز دەپ ئۆتكەندەك...[تارىخى رەشىدى]،[تارىخى ھەمىدى]، [قەشقەر تارىخى] ،[تەزكىرىئى ئەزىزان] قاتارلىق ھەقىقى تارىخى قىممىتى بار ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يازغانلىقى ئىنىق.
ئەمما، ئاپتۇر بۇ رومانلارغا خاتىمە قىسمىنى يېزىپ  كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيىشى كېرەكتى.
بۇنىڭدا بىر ھىسابتا ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىۋالسا ،ئۆزىمۇ ھۆرمەت تاپاتتى.
ئەمدى بىز بۇيەردە ياسىنجان ئەپەندىمنى بىر كۈچۈرمىكەش، ياكى ئەسەر ئوغرىسى دەپ قاراپ قالىمىز . ئاڭلىسام باھادىرنامىنىڭ كىيىنكى نەچچە تومى پات ئارىدا نەشىردىن چىقارمىش شۇڭا ياسىنجان ئەپەندىم يۇقۇرقى ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىز دەپ سەمىمىي تەكلىپ بېرىمەن .
تارىخى رومەن دېگىنىمىز تارىخى چىنلىقنى ئاساس قىلىش كېرەك، بۇ گېپىمدىن قالغانلىرىنى چۈشىنىۋالارسىز......

0

تېما

1

دوست

1813

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26396
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى (1)

توغ را ئېيتىسىز بۇروماندا ئەمەس باھادىرنامىمىدىمۇ  نۇرغۇن ئەسلى تارىخ بۇرمىلانغان
ھازىر قى قەلەم تەۋرەتكۇچىلەر پۇلنى كوزلەم دۇ  ئابروينىمۇ يا مانى يازساڭ تەستىقللىمايمىز
دەپ مەتبۇئاتتىن باسمامدۇ بۇنى بىلمىدىم كىچىككىنە پۇلنى نام ئاتاقنى دەپ شۇ تارىخ
ياراتقان ئە جدادىمىزغا قارا سۇركەشكە ياكى قارىنى ئاقلاشقا ئەرزىمدۇ ئوق رمەن لەر
كوپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ تەھلىل بىلەن ئوقۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
مىسال ؛؛؛مىنىڭ دادام مىنى ئويلەپ قويدى كىلىنى شۇنداق چىۋەر ئوچۇق ئىدى
يېڭى كىرگەندە چوڭلار شۇنداق ماختىغان نىم بولدى بىر قې تىم ياماللاپ كەتتى
شۇندىن كىيىن كەين ىدىن تىللايدىغان قولىدىن تاماق يىمەيدىغان بولىۋېلىپ
بىزنى ئايرىۋەتتى  [ئوخشىتىش ]توقۇلما

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ تارىخى رومانلارنى  رەسمىي تارىخنىڭ نەق ئۆزى دىيىشكە بولمايدۇ ،  تارىخى رومانلارغا ئاپتور  ئەسەر بەدىئىيلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ھېسىياتىنى ، كۆز قارىشىنى قاتىدۇ ... شەخسەن مەن تارىخى رومان ئوقۇپ بولغاندا   شۇ رومانغا دائىر تارىخى ئەسەر ، تەتقىقات ماقالىلىرىنى سېلىشتۇرما  قىلىپ ئوقۇشقا ئامراق ...

0

تېما

1

دوست

253

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2529
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 13:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ يەكشەنبە (11-يانۋار) ئۈرۈمچى بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىدا مۇشۇ يازغۇچى (ياسىنجان سادىق چوغلان) ئەپەندىنىڭ لېكسىيىسى بار، قاتنىشىپ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئۆزىدىن سوراپ كۆرسەڭلار بولىدۇ شارائىتى بارلار. لېكسىيە ھەققى يۈز يۈەن، ئوقۇغۇچىلار 50 يۈەن بېكىتىلىپتۇ.

0

تېما

1

دوست

253

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2529
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 14:06:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hechkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 14:09  

مۇنبەرداشلاردىن baran@ بۇرادەر مۇشۇ لېكسىيىگە قاتنىشىدۇ بىلىشىمچە، تىنچلىق بولسا لېكسىيىدىن قايتىپ كېلىپ مۇنبەردە بىر تەسىرات تېمىسى يېزىپ بەرسە دەپ ئۈمىدىمىز بار. قاتنىشىدىغان باشقا ئاغىينىلەرمۇ قايتىپ كېلىپ ھېس قىلغانلىرىنى، بولۇنغان گەپ-سۆز ۋە سوئال-جاۋابلارنى ئورتاقلىشىپ بەرسە چوك گۈزەل بولاتتى.

4

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27875
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 14:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى(3)

ـــ «جاللات خېنىم»رومانىدىكى  تارىخىي بايانلارغا تۈزىتىش ۋەتولۇقلىما

ئىككىنچى، روماندىكى خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋاقتى، قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ياردەم سوراپ تىبەتكە بارغىچە بولغان سەپەر لىنىيىسى ۋە كېيىنكى ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۇزىتىش ۋە تولۇقلىما.
خوجا ھىدايىتۇللا 17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر سىياسىي ۋە ئېدىئولوگىيە تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخس. ئۇ، ئاقتاغلىقلارنىڭ 1-ئەۋلاد سەردارى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادىيە 1625-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. ئاتىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ دىنىي گوروھنىڭ داھىيسى بولغان. يەكەن خانلىقىنىڭ ئابدۇللاخان پادىشاھلىقى دەۋرى (1638ـــ1668) گە كەلگەندە، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزۈكسىز زورايغان، ھەتتا بەزىدە خانلىقنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن. بولۇپمۇ، ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى،كاشغەرنىڭ نائىب ئەمىرى شاھزادە يولۋاسخاننى ئۆز ئاتىسىدىن تەخت تالىشىشقا كۈشكۇرتۈپ، نۇرغۇن قېتىملىق سىياسىي ماجراغا سەۋەپ بولغان. كېيىن ئىسمائىلخان قارا تاغلىقلار (ئىسھاقىيەچىلەر) نىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىققاندا، بىرىنچى بولۇپ ئۇنى خانلىق زېمىن دائىرىسىدىن قوغلاپ چىقارغان. خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئېنىق ۋاقتى. قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن،ياردەم سوراپ تىبەتكە بارغىچە بولغان سەپەر لىنىيىسى ۋە كېيىنكى ئىش-پائالىيەتلىرى، كېيىنكى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ۋەقەلەر بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەسلى يۈزى بويىچە يەتكۇزۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسئۇلىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايمىز.
روماننىڭ سەككىزىنچى باب «ئەمەلگە ئاشمىغان سۇيىقەست» ۋە توققۇزىنچى باب «داغ» دا، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋاقتى. قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن،ياردەم سوراپ تىبەتكە بارغىچە بولغان سەپەر لىنىيىسى ۋە كېيىنكى ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا: «ئىسمائىلخان مىلادىيە1670-يىلى ياز (ئەسلى ئەتىياز، 4-ئاي) دا قارا تاغلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەكەن خانلىقى تەختىگە چىقىدۇ. ئاقتاغلىقلارنىڭ داھىيسى بولغان خوجا ھىدايىتۇللا، ئۆزى يۆلەپ تەختكە چىقارغان يولۋاسخاننىڭ ئىسمائىلخان تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىشى بىلەن (روماندا يولۋاسخاندىن كېيىن قىسقا مۇددەت بولسىمۇ تەختكە چىققان ئابدۇلېتىپخانغا ئورۇن بېرىلمىگەن) يەكەندىن قېچىپ چىقىپ، قەشقەرگە بىر مەزگىل يوشۇرنىۋالىدۇ. مىلادىيە1671- يىلى باھاردىن باشلاپ سۈلۈك تەرغىباتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ (532-بەت)، جەمئيەتتە يەنە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىسمائىلخاننىڭ قىسمەن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالىدۇ. كېيىن، يەنى1672-يىلى يازدا ئىسمائىلخاننى قەستلەش پىلانى بىتجىت بولۇپ، خان يارلىقىغا بىنائەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن يەكەن زېمىنىغا مەڭگۈ ئاياغ باسماسلىق شەرتى بىلەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.(575- بەت). ئاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى سىياسىي كۈچلەردىن ياردەم ئېلىپ، ئىسمائىلخاندىن ئۆچ ئېلىش ۋە يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىش مەقسىدىدە، سەرگەردانلىق سەپەر ھاياتىنى باشلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ بەدەخشانغا بارىدۇ.(578- بەت) ئۇ يەردىن ئاستىراخانلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئابدۇلئەزىزخاننىڭ ئوردىسىغا (بەلىخ ياكى بۇخاراغا) بارىدۇ.(582-بەت) شۇنداقلا، بەش يىل ئەتراپىدا بەدەخشان، كابۇل، ھىرات، بۇخارا، ئەنجان، سەمەرقەنت قاتارلىق شەھەرلەر ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈيدۇ.(584-بەت) ئۇ يەرلەردىن كەشمىر پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى سىرىناگارغا بېرىپ پادىشاھ مەھەممەد راجاخان بىلەن كۆرۈشىدۇ.(586- بەت) ھەمدە، پادىشاھ مەھەممەد راجاخاننىڭ تەۋسىيىسى بىلەن تىبەتتىكى بۇددا دىنىنىڭ روھانىسى دالاي بىلەن كۆرۈشمەك بولىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ شەرتى ـــ بىراخمان (بۇددا) ئەقىدىسىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىراخمان ئەقىدىسى ۋە مۇراسىم-يوسۇنلىرىنى ئۈگىنىدۇ.(593-بەت) ھەتتا، مىلادىيە 1678-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى (594-بەت) تىبەتتىكى لخاسا شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، بۇددالار سارىيىدىكى ساڭرامغا كىرىپ، ئۇچىسىغا بۇددىستلارنىڭ كىيىمى كاسايانى كىيىپ، ئەۋلىيالارنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا كېچە-كۈندۈز ئىبادەتكە مەشغۇل بولۇپ، دالاي لامانىڭ قۇبۇل قىلىشىنى كۈتىدۇ.(598-بەت) ئۆزىنىڭ بۇددا ئەقىدىسىگە بولغان چەكسىز ساداقىتى بىلەن دالاينى تەسىرلەندۈرۈپ، شۇ يىلى باھاردا (598-بەت) دالاينىڭ قۇبۇلىغا ئېرىشىدۇ ۋە دالاينىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ھەققىدە جۇڭغار خانى غالدانغا قارىتىپ يېزىپ بەرگەن مەكتۇبىنى ئېلىپ جۇڭغار خانلىقى تامان قايتىدۇ» دېگەن بايانلار بار.
ئەينى دەۋر ۋەقەلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە بۇ ۋەقەلەرگە بىۋاستە ئىشتىراك قىلغانلاردىن ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا خاتىرىگە ئېلىنغان، ئىشەنچلىك تارىخنامىلەردىن «تاۋارىخ»، «كاشغەر تارىخى» دا، شۇنداقلا سەل كېيىنرەك يېزىلغان «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «تەزكىرەئى خوجىگان» ۋە «تەزكىرەئى خوجا ئافاق» تىكى مەزمۇنلارنى، كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشىمىزچە: «مىلادىيە1670-يىلى 4-ئايدا (ھىجرىيە1080-يىلى زۇلھەججە ئېيىدا) ئاقسۇنىڭ نائىبى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىسمائىلخان، قاراتاغلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەكەنگە باستۇرۇپ كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا يەكەن خانلىقى تەختىدىكى ئابدۇلېتىپ سۇلتان (ئاق تاغلىقلارنىڭ يۆلىشى بىلەن تەختكە چىققان يوۋاسخاننىڭ ئوغلى) نى تەختتىن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئابدۇلېتىپ سۇلتان ئاپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا)، موللا قارا خوجا ۋە ئىنىسى ئەبۇ سەئىد بىلەن كاشغەرگە چېكىنگەندە، ئىسمائىلخان غىياسبەگنى ئەۋەتىپ يولۋاسخاننىڭ بۇ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن(7). بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، دەل ئىسمائىلخاننىڭ تەختكە چىقىپ غىياسبەگنى ئەۋەتىپ كاشغەرگە چېكىنگەن يولۋاسخاننىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەندىن كېيىنلا، يەنى مىلادى 1670-يىلى 4-،5-ئايلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنى بىرى، تارىخنامىلەردە ئابدۇلېتىپ سۇلتان ئىسمائىلخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ تاكى غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپ يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىغا باستۇرۇپ كەلگۈچە، بۇ خانلىق زېمىنىدا ئىش–پائالىيەتتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ پەقەتلا يوقلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشساق؛ يەنە بىرى، ماقالىمىزنىڭ داۋامىدا خوجا ھىدايىتۇللانىڭ سەرگەردانلىق سەپەر لېنىيىسىنى ئېنىقلاش جەريانىدىكى ۋاستىلىق يىلنامە ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز.
ئەمدى، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ سەرگەردانلىق سەپەر لېنىيىسىگە كەلسەك، تارىخنامىلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، «تەزكىرەئى ئەزىزان» دا: «ئىسمائىلخان ئاپاق خاجەمنى كاشىغەردىن ھەيدەپ چىقارغاندا، خىراج قىلىپ شەھەر بىشەھەر يۈرۈپ كەشمىر ۋىلايەتلىرى بىلەن كۆزلەرى چىن مەملىكىتىگە چۈشۈپ، ئاندىن يۈرۈپ ‹جۇ› دېگەن كافىرلەرنىڭ بۇتخانىسىگە چۈشتىلەر. ئاندا چىن كافىرلەرىدىن بەرەھمەنلەر بار ئىدى» دەپ. يەنە، خوجا ھىدايىتۇللا ئۆزىنىڭ «كەشپ- كارامەتلىرى» بىلەن ئۇلارنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ، كۆڭلىنى ئۇتقاندىن كېيىن، ئۇلار خوجا ھىدايىتۇللانى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ، دالاي لاما خوجا ھىدايىتۇللاغا «سوئال قىلدىكى: ‹كىمدۇرسىز؟ قايسى تەرەپتىن كىلۇرسىز؟› ھەزرەت (خوجا ھىدايىتۇللا) ئەيدىلەر: ‹مەن مۇسۇلمان فىرقەلەرىنىڭ ئالىم، سەيدزادىسىدۇرمەن، خۇسۇسەن ياركەند، كاشىغەر خەلقى مۇرىت-مۇخلىسىم ئەردى. ھالا بۇ شەھەرلەرنى بىراۋ مەندىن سويۇپ ئالدى ۋە مېنى قوغلاپ چىقاردى. سىزدىن ئىلتىماس قىلادۇرمەنكى،كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئالىپ بەرگەيسىز› » دەپ. ئاندىن، دالاي لاما خوجا ھىدايىتۇللانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانى غالدان بۆشۇكتۇغا خەت يېزىپ بېرىدۇ، خوجا ھىدايىتۇللا ئۇ يېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالداننىڭ قېشىغا بارىدۇ. بۇ ھەقتە: «بەرەھمەن ئەيدى: ‹بۇ يەردىن ئۇ يەرگە لەشكەر بارماغى دىشۋار › دەپ قالماققا خەت پۈتتى ». «ئى بىشەۋكەتى خان، ئافاق بىسيار ئۇلۇغ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇئەككەل كىشىدۇر. كاشىغەرنىڭ، ياركەندنىڭ خاجەسى ئىكەن. ئىسمائىلخان دېگەن مۇنىڭ يۇرتىنى سويۇپ ئالىپتۇ. كېرەككى لەشكەر ئىبەرىپ، يۇرتىنى قولىغە ئالىپ بەرگەيسەن ۋە ئەگەر سەۋەپ قىلماسەڭ مۈشكۈل بولغۇسىدۇر »، « خاجە ئافاق بۇ خەتنى ئالىپ، قالماق تۆرەسىگە يەتكۈزدى. تۆرە كامال تەۋازۇئ بىرلە خەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز لەشكەرى بىرلە كاشىغەرغە يۈزلەندى» (8) دەپ خاتىرە قالدۇغان بولسا، 19–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغان «ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى ــــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىىسى » دە: «جانابى ئاپاق خوجام بۇ نۆۋەت جاھاننى 10 يىل ساياھەت قىلدى. ئاخىرى خىتاي مەملىكىتىگە باردى، لەنجۇ شەھىرىگە يەتتى. لەنجۇ خەلقىنىڭ ئىنتايىن تولالىقى بىلەن ئاۋات ئىدى،...(ئۇ يەردىن) سالا دېگەن شەھەرگە كەلدى. بۇ شەھەرنىڭ خەلقى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئىدى. ئاپاق خوجام بۇ شەھەردە ئالتە ئاي تۇردى. خانىقا بىنا قىلدى. سالا شەھرىنىڭ پۈتۈن خەلقى ھەزرىتى خوجامغا قول بەردى. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇقايەتۇللا ئىسىملىك،لەقىمى ئالتۇن باش ئاخۇن ناملىق ئىبادەت ۋە ئىستىقامىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كىشىنى ئۆز ئورنىدا خەلىپە قىلىپ تەيىنلەپ، سالادىن چىقىپ سىچۇئەن (سىچۈەن) گە كەلدى. بۇ ئۆلكىدە خىتاي،قالماق ۋە تىبەت كاپىرلىرى بار ئىدى. تىبەت خەلقى چىراغچى ۋە رەمباللارغا ئېتىقاد قىلاتتى. تىبەت دېگەن جايدا دالاي لاما ناملىق بىر چىراغچى بولغان. ئاپاق خوجام تىبەتكە يېتىپ كەلگەننى دالاي لاماغا شېپى قىلدى. بىزنىڭ تەرەپىمىزگە ئاق دەستار كىشى كەلدى. بۇ كىشى ئۇلۇغ زاتتۇر دەپ.ئاپاق خوجامنى قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى... ئاندىن دالاي لاما ئاپاق خوجامنى ئۆزىنىڭ جايىغا تەكلىپ قېلىپ ئۈچ كۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى...»(9) دېيىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» دىمۇ «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» دىكىگە ئوخشاش مەلۇمات قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئىسمائىلخان تەرىپىدىن ھەيدەلگەن خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان ۋە ئۇنىڭ «ئىشقىيە» گۇرۇھىدىكىلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، كۈچ توپلاپ قايتا باش كۆتۈرۈش كويىغا چۈشكەنلىكى، ھەم ئاشۇ رەزىل سىياسىي قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بېرىش»، «جاھان كېزىش» نامى بىلەن «سىرتتىن ياردەمچى ئىزدەش» سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى، شۇ قېتىمقى سەپەردە گەنسۇ، چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىپ دالاي لاماⅤتىن ياردەم تىلىگەنلىكى، كېيىن ئۇ دالاي لاماⅤ يېزىپ بەرگەن خەتنى كۆتۈرۈپ جۇڭغار خانى غالدان باشلاپ ماڭغان قوشۇنغا يول باشلىغۇچى بولۇپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان (10).  «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «چوڭ خوجىلار تەزكىرىسى» ۋە «ئىخلاسمەنلەر سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» نى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، خوجا ھىدايەتۇللانىڭ شىزاڭغا قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەيلەر ئارقىلىق بارغانلىقىنىڭ تارىخىي رېئاللىققا بىرقەدەر ئۇيغۇنلۇقىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ.
  يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغان ۋاقتى ۋە ئۇ بارغان جايلار توغرىسىدا، گەنسۇ،چىڭخەيلەردە ساقلانغان خوجا ھىدايىتۇللاغا دائىر ماتېرىياللار ۋە غەربىي شىمالدىكى سوپىزم تەرىقەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللاردا، ئۇنىڭ قۇمۇل، خېشى كارىدورى، لەنجۇ ئارقىلىق جەنۇبقا مېڭىپ،خېجۇ ۋە شىنىڭ قاتارلىق جايلاردا 1671–يىلىدىن 1674– يىلىغىچە تەرىقەت تارقىتىپ شىزاڭ لخاساغا بارغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇ ۋەجىدىن گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە– ئاپتونوم رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەلگەن» (11) دېگەن گەپ تارقالغان.
    خوجا ھىدايىتۇللانىڭ گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقانلىقى ھەققىدە، خۇاسى (گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ لىنشيا شەھىرىگە جايلاشقان) سۈلۈكىدىكىلەر مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «...كاڭشىنىڭ 10–يىلى (مىلادىيە 1671–يىلى) مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 25– ئەۋلادى ھىدايەتۇللا چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ سوپىزم تەلىماتىنى تارقىتىپ، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.» (12)
   يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خوجا ھىدايىتۇللا كاڭشىنىڭ 10–يىلى (مىلادىيە1671 –يىلى) دىن 12–يىلى (مىلادىيە1673–يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقتا گەنسۇ، چىڭخەيلەردە تەرىقەت تارقاتقان. بۇ، ئۇنىڭ سەرگەردانلىق سەپەر لېنىيىسىنىڭ ئەسلى يۆنۈلىشىدۇر.
يەنە، ئۇنىڭ قۇمۇل ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ئاندىن تىبەتكە بارغانلىقى ھەققىدىكى: «ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشتا قۇمۇلدىن ئۆتكەن بولۇپ، سۇباشى دېگەن جايدا تۇرغان ۋە شۇ يەردە مۇسۇلمانلارغا تەرىقەتتىن تەلىم بەرگەن. ئۇ جايدا بىر ياغاچ ئۆي بولۇپ... كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئورنىغا بىر مەسچىت سالغان ۋە ئۇنى ‹ئاپپاق خوجا مەسچىتى› دەپ ئاتىغان. بۇ جاي ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپ ۋە قۇمۇل مېھمانخانىسىنىڭ يېنىغا توغرا كېلىدۇ» (13) دېگەن مەلۇماتمۇ خوجا ھىدايىتۇللانىڭ قۇمۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئارقىلىق تىبەتكە بارغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى ئىگىرى سۈرىدۇ.
ئەمدى، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ سەرگەردانلىق سەپەرلىرى جەريانىدا ۋە تىبەتكە بارغاندىن كېيىنكى ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا، يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئارقىلىق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، خوجا ھىدايىتۇللا تىبەتكە بارغىچە بولغان سەپەر جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان سۈلۈك تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھەمدە، مىلادىيە1678-يىلى تىبەتكە بارغاندىن كېيىنمۇ لخاسادىكى بىراخمان (بۇددا روھانىيسى) بىلەن، ئىسلام دىنىنىڭ يەكەن خانلىقىدىكى داھىيىسى سالاھىيىتى بىلەن كۆرۈشكەن. شۇنداقلا، ئۇ بىراخمانغا ئۆزىنى يەكەن خانلىقىدىكى بارلىق مۇسۇلمان خەلقنىڭ خوجىسى (دىنىي داھىيىسى) ئىكەنلىكىگە ۋە تەختنىڭ ئىگىسى بولۇشقا تېگىشلىك كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەن. «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «تارىخىي نادىرىيە» ۋە «تەزكىرەئى خوجا ئافاق» دىكى خوجا ھىدايىتۇللانىڭ بىراخمانغا قىلغان: «مەن مۇسۇلمان فىرقەلەرىنىڭ ئالىم، سەيدزادىسىدۇرمەن، خۇسۇسەن ياركەند، كاشىغەر خەلقى مۇرىت- مۇخلىسىم ئەردى» دېگەن سۆزى بىلەن،بىراخماننىڭ جۇڭغار خانى غالدانغا يازغان مەكتۇبىدا دېگەن: «ئافاق بىسيار ئۇلۇغ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇئەككەل كىشىدۇر. كاشىغەرنىڭ، ياركەندنىڭ خاجەسى ئىكەن.» دېگەن سۆزلىرى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، خوجا ھىدايىتۇللا ئۆلۈپ 50، 60 يىلدىن كىيىن خاتىرىگە ئېلىنغان «تەزكىرەئى ئەزىزان» ياكى «تەزكىرەئى خوجىگان» بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان تارىخنامىلەر بولسۇن ھېچقايسى كىتابچىدە خوجا ھىدايىتۇللانىڭ بۇددا دىنى ئەقىدىسىنى ئۈگەنگەنلىكى ۋە بۇدقا باش قويغانلىقى بايان قىلىنمىغان. پەقەت «ئاپاق (خوجا ھىدايىتۇللا) بىراخمان بىلەن كۆرۈشتى» دەپلا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوجا ھىدايىتۇللادەك يەكەن خانلىقىدىكى ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى بۇ خانلىقتىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن بىر سۈلۈكىنىڭ پىر ئۇستازى بولغان كىشىنىڭ، شۇنداق ئوڭايلا بۇدداھ دىنىي ئەقىدىسىنى ئۈگىنىشى ۋە بۇتقا باش قويىشى، ئەينى دەۋر تارىخىي رىئاللىقى تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرقى لخاسادىكى ئۈچ مەسجىتنىڭ بىرىنى خوجا ھىدايىتۇللا سالدۇرغان، ياكى خوجا ھىدايىتۇللا لخاساغا بارغان زاماندا سېلىنغان دەپ قارىلىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللانى بۇدقا باش قويدى دېگەن قاراشنى تۇنجى بولۇپ، ئۇ ئۆلۈپ 160 يىلدىن كىيىنكى روس ساياھەتچىسى چوقان ۋەلىخانوۋ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ھېچقانداق ئاساسسىزلا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ (14)،كېيىنچە كىشىلەر بۇ باياننى تارىخىي چىنلىق، پاكىت دەپ قارىۋالغان.
دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللا روماندا يېزىلغىنىدەك يەكەن خانلىقى زېمىنىدىن مىلادى1672-يىلى يازدا ئەمەس، بەلكى مىلادى 1670-يىلى 4-،5-ئايلاردا قوغلاپ چىقىرىلغان، ئۇنىڭ سەرگەردانلىق سەپەر لىنىيىسى يەكەن خانلىقىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى بەدەخشان، كابۇل، ھىرات، بۇخارا، ئەنجان، سەمەرقەنت ۋە كەشمىر قاتارلىق يۇرت-ئۇلۇسلار ئارقىلىق تىبەتكە بېرىش بولماستىن، بەلكى يەكەن خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇل، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەيلەردە مىلادىيە1671-يىلىدىن 1674-يىلىغىچە تەرىقەت تارقىتىپ، ئاندىن سىچۈەن ئارقىلىق مىلادىيە1678-يىلى تىبەتكە بېرىش بولغان، شۇنداقلا، تىبەتكە بارغىچە ۋە بارغاندىن كېيىن، ھېچقاچان بۇددا دىنى ئەقىدىسىنى ئۈگەنگەن ۋە بۇدداھلار ساڭرامىدا بۇدقا باش قويغان بولماستىن، سەپەر جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان سۈلۈك تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھەمدە، تىبەتكە بارغاندىن كېيىنمۇ لخاسادىكى بىراخمان (بۇددا روھانىيسى) بىلەن، ئىسلام دىنىنىڭ يەكەن خانلىقىدىكى داھىيىسى سالاھىيىتى بىلەن كۆرۈشكەن. شۇنداقلا، ئۇ بىراخمانغا ئۆزىنى يەكەن خانلىقىدىكى بارلىق مۇسۇلمان خەلقنىڭ خوجىسى (دىنىي داھىيىسى) ئىكەنلىكىگە ۋە تەختنىڭ ئىگىسى بولۇشقا تېگىشلىك كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەن. ئاپتۇر روماندىكى بۇ تارىخىي بايانلارنى يازغاندا، ئەينى دەۋر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا كۆپرەك مۇراجىئەت قىلماي، خوجا ھىدايىتۇللانىىڭ تارىختىكى سەلبىي ئوبرازىنى تېخىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيمەن دەپ، ئەينى دەۋر تارىخىي رىئاللىقىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتكەن.
(داۋامى بار)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )