- تىزىملاتقان
- 2014-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 461
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
80.5%
|
تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى (4)
ـــــ «جاللات خېنىم» رومانىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۇزىتىش ۋە تولۇقلىما
ئۈچىنچى، روماندىكى جۇڭغار خانى غالداننىڭ خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن زور قوشۇن تەشكىللەپ، يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتى ۋە غالداننىڭ يۆلىشى بىلەن خوجا ھىدايىتۇللانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققانلىقى توغرىسىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۇزىتىش ۋە تولۇقلىما.
يەكەن خانلىقى تەختىنى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەدەت ۋە ياردەم سوراپ تىبەتكە بارغان خوجا ھىدايىتۇللا، لخاسادىكى بىراخماننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن جۇڭغار خانى غالداننىڭ زور قوشۇنىغا يول باشلاپ، يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرىشى ۋە بۇ خانلىقنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى. شۇنداقلا،غالداننىڭ كۆرسىتىشى ۋە يۆلىشى بىلەن تەخت ئىگىلىرىنىڭ ئالمىشىشى، ئۇيغۇر سىياسىي-ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقەلەردىن بولۇپ، تارىخنىڭ بۇ يۈزىنى ئوقۇرمەنلەرگە، ئەۋلادلارغا ئەينى بويىچە يەتكۈزۈشمۇ، ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى-ئەلۋەتتە.
بۇ ھەقتە، روماننىڭ توققۇزىنچى باب «داغ» دا مۇنداق يېزىلغان: «مىلادىيە1678-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ھەمراھلىرى بىلەن تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن خوجا ھىدايىتۇللا (594-بەت)، مىلادىيە1678-يىلى باھار پەسلىدە بۇددالار سارىيىدىكى دالاي لامانىڭ قۇبۇلىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا دالاي لامانىڭ جۇڭغار خانى غالدانغا يېزىپ بەرگەن مەكتۇبىنى ئېلىپ (598-بەت) جۇڭغارىيە تامان يۈرۈپ كېتىدۇ. ئاندىن، مىلادىيە1678-يىلى قوغۇن پىششقى(629- بەت) دا غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغارلارنىڭ 120مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىغا يول باشلاپ ئاقسۇنى بېسىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادىيە1678-يىلى كۈزدە قەشقەر، يەكەننى بېسىۋېلىپ، تارىختا 180يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى قورچاق خان بولىدۇ.(676-بەت) ھەمدە،ئۇنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا غالدان ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ (673-بەت) ».
تارىخىي مەنبەلەردىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ۋە يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئىلمىيلىكى يۇقۇرى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ غالدان باشچىلىقىدىكى ئويرات مۇڭغۇللىرىنىڭ 120مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىغا يول باشلاپ، يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتى، مىلادىيە1680-يىلى كۇز بولۇپ، بۇنىڭغا بىز: مىلادىيە1690-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يېزىلغان «زايانباندىدانىڭ تەرجىمىھالى» دىكى «مايمۇن يىلى (مىلادىنىڭ 1680-يىلى) ئەتىيازدا بوشۇقتۇخان كۆچتى، كۆكخۇيادا يازلىغاندىن كېيىن خان يەكەننى ھوجۇم بىلەن ئالدى. شۇ يىلى قىشتا بوشۇقتۇخاننىڭ بارىگاھى بورتالادا قىشنى ئۆتكۈزدى.»(15) دېگەن ئۇچۇر بىلەن، يەكەن خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدا، خۇددى خوجا ھىدايىتۇللاغا ئوخشاشلا مۇھىم ۋاستىچىلىك رولىنى ئۆتىگەن دالاي لاماⅤ ئۆز قولى بىلەن يازغان «بەشىنچى ئەۋلاد دالاي لامانىڭ تەرجىمىھالى» دىكى: «تۆمۈر توخۇ يىلى (مىلادىيە1681- يىلى) يېڭى يىل (2-كۈنى)...كۈنىدە غالدان دانزېڭ بوشۇقتۇخان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغاندىن كېيىن، يەكەننى ئاساس قىلغان 1500 شەھەر-قەلئە ۋە 2مىليۇن تۈتۈننى ماڭا ھەدىيە قىلدى.»(16) دېگەن ئۇچۇرنى تولۇق ئاساس بولالايدۇ دەپ قارايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، «ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى ــــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىىسى» دىكى، مىلادىيە1670-يىلى يەكەن خانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خوجا ھىدايىتۇللانى «جانابى ئاپاق خوجام بۇ نۆۋەت جاھاننى 10يىل ساياھەت قىلدى.» دېگەن ئۇچۇرمۇ، بىزنىڭ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىشىمىزغا ۋاستىلىق ئاساس بولالايدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، مىلادىيە 1678-يىلى باھاردا تىبەتتىكى لخاسادا بەشىنچى ئەۋلاد دالاي لامانىڭ قۇبۇلىغا ئېرىشكەن خۇجا ھىدايىتۇللانىڭ، دالاينىڭ جۇڭغار خانى غالدانغا يېزىپ بەرگەن مەكتۇبىنى ئېلىپ، تىبەتتىكى لخاسادىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا كۆچمەن ھالەتتىكى جۇڭغارلارنىڭ خانى غالداننى ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ بېرىشقا ماقۇل كەلتۈرۈپ، 120مىڭ كىشىلىك سەرۋاز-لەشكەر، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 120مىڭ تۇياق ئات-ئۇلاغ ۋە شۇلارغا يېتەرلىك ئاش-ئوزۇق، يەم-خەشەك، قورال- جابدۇق تەييارلاتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ يول باشلىشى بىلەن يەنە شۇ يىلى قوغۇن پىششىغىدا ئاقسۇغا باستۇرۇپ بېرىپ بولالىشى، يەنە شۇ يىلى كۈزدە يەكەننى ئىشغال قىلىشى، ئەينى زاماننىڭ قاتناش-ئالاقە ۋە ئىش ئۈنۈم سۈرئىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەقىلگە سىغمايدىغان تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي ۋەقەلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىدە مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ: «جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالدان ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن زور قوشۇننى باشلاپ يەكەن خانلىقىنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي مەركىزى (پايتەختى) يەكەننى ئىگىلىگەن. ھەمدە شۇ ۋاقىتتا يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدىكى پادىشاھى ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئالغان. ئاندىن كېيىن يەكەن خانلىقىغا، بۇ رايۇنغا باستۇرۇپ كىرىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە كۆرسەتكەن خوجا ھىدايىتۇللانى ئەمەس، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن چاغاتاي ئەۋلادىدىن سەئىدخاننىڭ 4-ئەۋلاد نەۋرىسى ئابدۇرەشىدنى «خان» قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭغا ۋەتىنىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئولپان سۈپىتىدە جۇڭغار خانلىقىغا يۈز مىڭ تەڭگە تاپشۇرۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان .(17)
روماندىكى تارىخىي بايانلاردا بەلگىلىك ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە چۈشۈپ قالغان يەكەن خانلىقىنىڭ ئىسمائىلخاندىن كېيىن تەختكە چىققان پادىشاھى ئابدۇرەشىدخان، يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ـــ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ 12-ئوغلى، تۇرپان، قۇمۇل، چالىشقا 40 يىل نائىبلىق قىلغان ئابدۇرەھىمخاننىڭ بەشىنچى ئوغلى سۇلتان سەئىد باباقخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا (تاغىسى ئىسمائىلخان تەختتىكى ۋاقىتتا) ئۇ ئىنىلىرى مۇھەممەد ئىمىنخان ۋە مۇھەممەد مۆئمىنخان (ئاقباشخان) لار بىلەن تۇرپان، قۇمۇل ۋە چالىش (قاراشەھەر) نىڭ نائىبلىرى ئىدى. غالدان خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن جۇڭغار خانلىقىنىڭ 120مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئېلىپ يەكەنگە يۈرۈش قىلغاندا، ئالدى بىلەن تۇرپان، قۇمۇل ۋە چالىش (قاراشەھەر) نى ئىگىلەپ، ئۇ جايلاردىكى نائىب ئابدۇرەشىدخان بىلەن مۇھەممەد ئىمىنخاننى ئۆزىگە بەيئەت قىلدۇرغان. ھەمدە داۋاملىق يەكەنگە قاراپ ئىلگىرىلەپ ماڭغاندا ئۇلارنى بىللە ئېلىپ ماڭغان.(18) غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى قوشۇنلىرى مىلادىيە1680-يىلى كۈزدە (ھىجرىيە1091-يىلى رامىزان ئېيىدا) پايتەخت يەكەننى ئىگىلەپ، ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئالغان. ھەمدە، ئۇنىڭ جىيەنى ئابدۇرەشىدنى خانلىق تەختىگە چىقارغان. تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشچە، ئابدۇرەشىدخان تەختتە ئىككى يىل ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە: «ئابدۇرەشىد تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قولىدىكى ھەربىي كۈچكە تايىنىپ، ئافاق خوجا (خوجا ھىدايىتىللا) نىڭ پائالىيىتىنى خېلى زور چەكلىمىگە ئۇچراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئافاق خوجا بىر مەھەل يەكەندىن ئايرىلىپ تاغقا كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بىراق، ئافاق خوجا ئۆز مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەچكە ۋە يەكەن ھاكىمى ئىۋەز بەگنىڭ ئافاق خوجا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي، ئابدۇرەشىدمۇ تەختتىن ئايرىلىپ، تاغقا كەتكەنىدى» (19) دېيىلگەن بولسا، خەنزۇچە مەنبەلەردىن «باياۋاندا ئاسىيلارنى تىنچىتىش تەدبىرلىرى» نىڭ 28-جىلد كاڭشىنىڭ 35-يىلى (مىلادىيە1696-يىلى) 8-ئايدىكى خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇيغۇر دۆلىتى (يەكەن خانلىقىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئاتىلىشى) پادىشاھى ئابدۇرەشىدنى بېيجىڭغا ئاپىرىشغا يارلىق قىلىندى. بۇنىڭدىن مۇقەددەم كەپتاۋۇل مەندۇ مەخپى مەلۇمات سۇنۇپ ئۇيغۇر دۆلىتى پادىشاھى ئابدۇرەشىدنىڭ ئوغلى ئەركا سۇلتاننى ئېلىپ ئويرات (ئاقساقىلى) غالداننىڭ قېشىدىن ئەل بولۇشقا كەلگەنلىكىنى، ئابدۇرەشىدخاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دوكلات قىلغان: ‹كاڭشىنىڭ21-يىلى (مىلادىيە1682-يىلى) غالدان ماڭا ئادەم ئەۋەتىپ كېڭەش قىلىمىز، دېگەن باھانە بىلەن مېنى ئالداپ ئىلىغا ئاپاردى. غالدان مېنى، ئاتا-بالا ئىككىمىزنى ۋە مۇلازىم-مەھرەملىرىمنى بارغان ھامان نەزەربەندكە ئېلىپ مېنى ھەر جايدا سەرسان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە خان ئالىيلىرىنىڭ شەۋكەتلىك قوشۇنى غالداننى تارمار كەلتۈرگەنلىكتىن مەھكۇملىقتىن قۇتۇلۇپ ئوردىغا تاۋاپ تەزىم قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. يېقىندا ئويراتلاردىن خەۋەر تېپىشىمچە غالدان 2000دىن كۆپرەك كىشى بىلەن قۇربان تامىر-تىقۇل دېگەن جايدا تۇرۇۋېتىپتۇ، قارارگاھىدا كېرەكلىك لاۋازىملىرى تۈگەپ قالغان ئوخشايدۇ، غالداننىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكى تۈگىگەن ئىكەن تامىردا ئۇزۇن تۇرمايدىغانلىقى بەرھەق. ئۇ جەزمەن چىڭخەي تەرەپكە بارىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىدە قۇمۇل، تۇرپان ۋە يەركەن قاتارلىق ئۈچ يولدىن باشقا يول يوق. ناۋادا قۇمۇل ئارقىلىق ماڭسا قۇمۇل بىلەن جيايۈگۈەن بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن، يەنە كېلىپ جيايۈگۈەندە خان ئالىيلىرىنىڭ زور قوشۇنى تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا جەزمەن ئۇ يولدىن ماڭمايدۇ، ئېھتىمال تۇرپان تەرەپ بىلەن مېڭىشى مۇمكىن. يەركەن تەرەپتىن ماڭسا مېنىڭ 20مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنۇم بۇ جايدا تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، تۇرپاندا 5000كىشىلىك قوشۇن بار، قۇمۇلدىمۇ 500چە نەۋكەر بار. يەنە ئاڭلىسام سېۋان ئارابتان بورتالادا بارگاھ قۇرۇپتۇ. ئاتا-بالا ئىككەيلەن غالداننىڭ يېنىدا نەزەربەندنىڭ ئازابىنى 14يىل تارتتۇق. ئەمدىلىكتە پېقىر قېرىپ قالدى، چىنغا كەلگىنىم بىلەن تۆت كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغاندا شاپائەتكە جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىم ئېنىق. غالداندا مېنىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىق ئۆچۈملا ئەمەس يەنە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆچى بار. ئەمدىلىكتە غالدان تۇمشۇقىغا يەپ سوكۇلداپ قالدى، كەمىنە جەددى-جەمەتىم بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى خالايمەن. يېنىمدىكى خانىمىم چىمەنبەگنى تۇرپانغا ماڭدۇردۇم، شەۋكەتلىك ئالىيلىرى ئىلتىپات قىلىپ قويغايلا، ماڭا تەئەللۇق مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بەرگەيلا. سېۋان ئارابتان تۇرۇۋاتقان بورتالا تۇرپانغا يېقىن، شۇڭا بورتالاغا بېرىپ سېۋان ئارابتان بىلەن بىرلىشىش تولىمۇ زۆرۈر. ناۋادا غالدان ئازغىنە ئادەم بىلەن كېلىپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ 14يىل خارلانغان قىساسىمىزنى ئالغايمىز!›» (20). ئۇنىڭدىن باشقا «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تەزكىرىلەر» نىڭ 355-جىلد «يەكەن» ماۋزۇسىدا ۋە «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» نىڭ 18-جىلد «چېگرا-ھۇدۇدلار» دىكى «يەكەن» ماۋزۇسىدىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ئۇچۇرلار بېرىلگەن (21). بۇ يەردە نامى زىكىر قىلىنىۋاتقان ئابدۇرەشىد دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرچە تارىخىي مەنبەلەردىكى يەركەن خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىد ئىدى، چىڭ سۇلالىسىمۇ ئۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.
يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇرەشىدخان مىلادىيە1680-يىلىدىن 1682-يىلىغىچە يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. ھەمدە، مىلادىيە1682-يىلى (ھىجرىيە1093-يىلى) ئۇنىڭ بىر قىسىم سىياسىي- ھەربىي ھەركەتلىرى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئوردىسى يول قويالايدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن (خانلىقنىڭ ئەسلىدىكى مۇستەقىل ھالىتىگە قايتىشقا تىرىشقان) لىك سەۋەبىدىن، غالدان تەرىپىدىن «مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار» دەپ ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىلىپ نەزەربەنت قىلىنغان. مىلادىيە1696-يىلى غالدان چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەندە، چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان.
دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن جۇڭغار خانى غالداننىڭ زور قوشۇن تەشكىللەپ، يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتى، روماندا يېزىلغىنىدەك مىلادىيە1678-يىلى كۈز بولماستىن،بەلكى مىلادىيە1680-يىلى كۈز بولۇپ، ئاپتۇر بۇ يەردە ئەينى دەۋرگە تەئەللۇق 1-قول مەنبەلەرگە ۋە زامانىمىزدىكى ئىلمىيلىكى يۇقۇرى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە كۆپرەك مۇراجىئەت قىلماي، يەڭگىلتەكلىك بىلەن خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەكەن خانلىقى غالدان باشچىلىقىدىكى ئويرات مۇڭغۇللىرى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسمائىلخاننىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان ئابدۇرەشىدخاننى چۈشۈرۈپ قويۇپ، خوجا ھىدايىتۇللانى تەختكە چىقتى دەپ، ناھايىتى زور تارىخىي خاتالىققا يول قويغان.
(داۋامى بار) |
|