قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: gheyurr

تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

461

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   80.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27875
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 16:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى(6)
ــــ «جاللات خېنىم» رومانىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۈزىتىش ۋە تولۇقلىما

بەشىنچى، روماندىكى خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقى تەختىگە چىققان ۋاقتى، سەلتەنەت سۈرگەن دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۈزىتىش ۋە تولۇقلىما
خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يەكەن خانلىقىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ سەلتەنەت يۈرگۈزۈشى ۋە كېيىن قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىشى، ئۇيغۇر سىياسىي-ئىدىئولوگىيە تارىخىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن يەنە بىر مۇھىم ۋەقەلەردىن بولۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ تارىخنىڭ ئەسلى يۈزىنى ئېچىپ بېرىشمۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى-ئەلۋەتتە.
روماندا بۇ ھەقتىكى تارىخىي بايانلار: «خوجا ھىدايىتۇللا مىلادىيە1678-يىلى قوغۇن پىششقى (629-بەت) دا غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغارلارنىڭ 120مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنىغا يول باشلاپ ئاقسۇنى بېسىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادىيە1678 -يىلى كۈزدە قەشقەر، يەكەننى بېسىۋېلىپ، تارىختا 180 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى قورچاق خان بولىدۇ (676-بەت). ھەمدە، ئۇنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا غالدان ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ (673-بەت).» دەپ يېزىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلار يەنە، يەكەن خانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەخت ئىگىسى «مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان مىلادىيە1680- يىلى ئۈجمە پىششىقى (734-بەت) دا ئۈچتۇرپان بىلەن ئاقسۇ لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەينى چاغدا يەكەندىكى خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان خوجا ھىدايىتۇللاغا قارشى ئاتلىنىدۇ. مىلادىيە1680-يىلى ئۈرۈك مەي بولۇپ پىشقان مەزگىلدە ئاستانە (يەكەن) سېپىلىنى مۇئاسىرىگە ئالىدۇ (736-بەت). ئارىلىقتا،خوجا ھىدايىتۇللاغا ھەمدەم بولۇشقا كېلىۋاتقان جۇڭغارلارنىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرىنى، ئاقسۇ بىلەن كۇچانىڭ ئارىلىقىدىكى مۇز داۋان ئۈستىدىكى يانتاققۇدۇق چۆللىكىدە يوقۇتىدۇ (767-بەت). ھەمدەمگە كېلىدىغان قوشۇندىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن خوجا ھىدايىتۇللا سۈلھى يولىنى تۇتۇپ، مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان بىلەن شېرىك پادىشاھلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. يەنى ھەر جۈمە كۈنى خوجا ھىدايىتۇللا سەلتەنەت پاسىبانى بولۇپ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، باشقا كۈنلەردە مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان سەلتەنەت تىزگىنىنى تۇتىدىغان بولىدۇ» (781-بەت) دېگەن بايانلار ۋە «مىلادىيە1681-يىلى كۈز (795-بەت) نىڭ مەلۇم بىر كۈنى كېچىسى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان، خوجا ھىدايىتۇللا ئەۋەتكەن قاتىللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (804-بەت) » دىن كېيىن قايتا تەختكە چىقىپ، «مىلادىيە 1694-يىلى باھارغىچە ئون نەچچە يىل تەختتە ئولتۇرۇپ (852-بەت)»، قەشقەردىكى ھەزرەتتە دادىسىغا ئاتاپ ياسىلىۋاتقان مەقبەرە قۇرۇلىشىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەندە، چوڭ سودىگەر سىياقىدىكى قارا تاغلىقلار (ئىسھاقىيەچىلەر) مۇرتى تەرىپىدىن، «ھەزرەت قەسىرىدىن ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن چېدىردا (872-بەت) زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ (874-بەت).» دېگەن بايانلار بار،
يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، تارىخنامىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالدان مىلادىيە1680-يىلى 10-ئاي (ھىجرىيە1091-يىلى رامىزان ئېيى) دا ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن زور قوشۇننى باشلاپ  يەكەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان تۇرپان، قۇمۇلدىكى نائىبلىرى ئابدۇرەشىد ۋە مۇھەممەد ئىمىنلەرنى بىللە ئېلىپ، بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي مەركىزى (پايتەختى) يەكەننى ئىگىلىگەن. ھەمدە، شۇ ۋاقىتتا يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدىكى پادىشاھى ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئالغان. ئاندىن كېيىن ھەر يىلى جۇڭغار خانلىقىغا مەلۇم مىقداردا سېلىق تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللانى ئەمەس، بەلكى يەكەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن (چاغاتاي ئەۋلادىدىن) بولغان تۇرپان نائىبى ئابدۇرەشىدنى يەكەن خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقارغان. كېيىن، ئابدۇرەشىدخاننىڭ بەزى ئىش-ھەركەتلىرى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئوردىسى يول قويالايدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن (خانلىقنىڭ ئەسلىدىكى مۇستەقىل ھالىتىگە قايتىشقا تىرىشقان) لىكى سەۋەبدىن، 1682-يىلى غالدان تەرىپىدىن ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىلىپ نەزەربەنت قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا «كاشغەر تارىخى» دا مۇنداق يېزىلغان: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇرپان ۋە قاراشەھەردە نائىب بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇھەممەدئىمىن خان قوشۇن تارتىپ كۇچاغا كەلگەن. كۇچا خەلقىنى ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئاقسۇغا كەلگەن. ئاقسۇ خەلقى ئىستىقبالغا چىقىپ مۇھەممەدئىمىن خاننى شەھەرگە ئورۇنلاشتۇغان. ئاندىن مۇھەممەدئىمىن خان يەكەنگە كەلگەن. يەكەندىكى بارلىق ئەمىرلەر قۇرۇلتاي چاقىرىپ مۇھەممەدئىمىن خاننى يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىگە چىقارغان.».
بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش، مىلادىيە1682-يىلى ئابدۇرەشىدخان غالدان تەرىپىدىن ئىلىغا ئالداپ ئېلىپ چىقىلىپ نەزەربەنت قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇرپاندىكى ئىنىسى مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان كۇچا ۋە ئاقسۇنى بەيئەت قىلدۇرۇپ يەكەنگە كەلگىچە، ئاقتاغلىقلار (ئىشقىيەچىلەر) داھىيىسى خوجا ھىدايىتۇللا يەكەن خانلىقى تەختىگە چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ «تەزكىرەئى خوجىگان» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، «ئافاق خوجا تەخت بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بايقاپ، مۇھەممەد ئىمىننىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى خانىم پادىشاھقا ئۆيلەنگەن» (26) دېيىلگەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ بۇ قىلمىشى ئاددىيلا « تەخت بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بايقاپ» قالغانلىقى بولماستىن، ئۆزىنىڭ بۇ زېمىنغا، مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان چاغاتاي ئەۋلادلىرىدەك ھۆكۈمرانلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئىجتىمائىي ئاساسىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ، تەختكە چىقىشقا جۈئەت قىلالمىغان. ھەمدە، «مۇھەممەد ئىمىننىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى خانىم پادىشاھقا (مەلىكە مۈھتىرەم خېنىمغا) ئۆيلەنگەن». بۇ ئارقىلىق خانزادە (خان جەمەتىنىڭ ئايال ئەزاسى بىلەن قېرىنداشلىقى بارلار خانزادە، خان جەمەتىنىڭ ئەر ئەزاسى بىلەن قېرىنداشلىقى بارلار شاھزادە دېيىلگىنىدەك) ياكى خان جەمەتى ئەزاسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋالغان. كېيىن، خوجا ھىدايىتۇللا بىلەن مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان ئوتتۇرىسىغا ئاقسۇدىكى بىر قېتىملىق توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا سوغوقچىلىق چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن مىلادىيە1692-يىلى مۇھەممەدئىمىن باھادىرخان خوجا ھىدايىتۇللانىڭ پىلانلىشى بىلەن ئاقتاغلىقلار تەرىپىدىن يەكەن دەرياسى بويىدا قەتلى قىلىنغان، ئاندىن خوجا ھىدايىتۇللا خان جەمەتى ئەزاسى، خاننىڭ كۈيئوغلى سالاھىيىتى بىلەن ئوغلى يەھيا خوجىنىڭ ھىمايىسىدە يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققان. ئەمما، «خوجا ھىدايىتۇللانىڭ تەختتىكى سەلتەنەت دەۋرى پەقەت بىر يېرىم يىللا داۋاملاشقان بولۇپ، ھىجرىيە1105  -يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ باشلىرى (مىلادىيە1694-يىلى 3-ئاي) دا يەكەندە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن».(27) ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىدى كاشغەرگە يۆتكەپ كېلىنىپ ھەزرەتتىكى دادىسىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىنغان.
دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللا روماندا بايان قىلىنغىنىدەك، مىلادىيە1678-يىلى جۇڭغار خانى غالداننىڭ يۆلىشى بىلەن يەكەن خانلىقى تەختىگە چىققان بولماستىن، بەلكى مىلادىيە1692-يىلى مۇھەممەدئىمىن باھادىرخاننى يەكەن دەرياسى بويىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئوغلى يەھيا خوجىنىڭ ھىمايىسىدە تەختكە چىققان. شۇنداقلا، تەختتە روماندا يېزىلغىنىدەك ئون نەچچە يىل ئولتۇرغان بولماستىن، پەقەت بىر يېرىم يىللا ئولتۇرغان بولۇپ، ھىجرىيە1105 -يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ باشلىرى (مىلادىيە1694-يىلى 3-ئاي) دا يەكەندە (روماندا يېزىلغىنىدەك قەشقەردە ئەمەس) زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاپتۇر روماندىكى بۇ تارىخىي بايانلاردا ئوخشاشلا ناھايىتى زور خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇپ. ئەينى تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن نامايەن قىلىپ بېرىلمىگەن.
ئالتىنچى، روماندا تىلغا ئېلىنغان جۇغراپىيىۋى يۇرت-جاي ناملىرى«قەشقەر»، «ئۈچتۇرپان» ۋە «مارالبېشى» توغرىسىدا تۈزىتىش ۋە تولۇقلىما.
دىيارىمىزدىكى ھازىر «قەشقەر»، «ئۈچتۇرپان» ۋە «مارالبېشى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان يۇرت-جايلار، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلاردىن بولۇپ، تارىختا دۇنياغا مەشھۇر خەلقئارا سودا-دېپلوماتىيە يولى بولغان ـــ «يىپەك يولى» نىڭ دىيارىمىزدىن ئۆتىدىغان غول لېنىيىسى بويلىرىغا ۋە ئىستىراتېگىيىتلىك مۇھىم جايلارغا ئورۇنلاشقانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، تارىختىن بۇيانقى نۇرغۇن قېتىملىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەر،سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەينى دەۋرلەردە ھازىرقىدەك «قەشقەر»، «ئۈچتۇرپان» ۋە «مارالبېشى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنگەن ئەمەس. بۇ تارىخشۇناسلىق ساھەسىگە ئۇزۇندىن بويان ئايدىڭ بولۇپ كەلگەن مەسىلە. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، تارىخىي پىروزا ئەسەرلىرى تارىخنىڭ ئەسلى يۈزىگە بەدىئىلىك جەھەتتىن ئىش قوشۇش ئارقىلىق، ئۇنى سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، شۇنداقلا تارىخنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىپ تۇرۇپ ئىجاد قىلىنىدىغان ژانىر بولغاچقا، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن تارىخ ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە مۇناسىپ ھالدا، يۇرت-جاي ناملىرىمۇ ئەينى زامانلاردىكى ئاتىلىشى بويىچە ئېلىنىشى كېرەك. بۇ بىر جەھەتتىن تارىخقا ۋە ئەشۇ يۇرت-جايلىرىمىزنى بەرپا قىلغان،گۈللەندۈرگەن ئابا-ئەجدادلىرىمىزغا بولغان ھۆرمەت بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن كەلگۈسى ئەلادلىرىمىزغا بولغان بىر خىل مەسئۇلىيەتتۇر.
17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن، 18-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان دەۋرلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ تارىخىي روماندا، ھازىر «قەشقەر»، «ئۈچتۇرپان» ۋە «مارالبېشى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان بۇ جايلار، پۈتۈنلەي ھازىرقى ئاتىلىشى بويىچە ئېلىنغان.
بۇ ھەقتە ئىزدەنگىنىمىزدە، ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدىن «خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە»، «ۋېينامە»، «سۈينامە»، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» ۋە «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» قاتارلىق كىتابلاردا بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرى سۇلې دەپ خاتىرىگە ئېلىنغان. «تاڭنامە-جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دە كاشا ((佳沙دەپ يېزىلغان.«ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دە كاشىلې((迦舍罗دەپ يېزىلغان. «شۈەنزاڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دە دۆلەت نامى كاشلې بولۇپ، خانلىق قەلئەسى سۇلې دېيىلگەن (28). «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا كېشىخار(可失哈尔)، «يۈەن سۇلالىسى مەخپى تارىخى» دا چىسىخائېر (乞思哈尔)، «مىڭ سۇلالىسى تارىخدا» دا خاشىخائېر(哈失哈尔)دەپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، كاشگار (喀什噶尔)دەپ خاتىرىلەنگەن (29). ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كاشغەر ئىبارىسىنىڭ خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرچە ۋە پارىسچە مەنبەلەردىن 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن پارىس تىلىدا يېزىلغان «ھۇدۇدۇلئالەم» (دۇنيانىڭ چېگرا-پاسىللىرى) ناملىق ئەسەردىن تارتىپ، 11-، 12- ۋە 13- ئەسىرلەردە يېزىلغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، جامال قارشىنىڭ «سۇراھ لوغىتىگە ئىزاھ»، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، موللا ھاجىنىڭ «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلەردە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي»، شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ «تاۋارىخ»، نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «كاشغەر تارىخى»، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» (بۇ ئەسەرلەر، روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە يېزىلغان) دىن تارتىپ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئەينى دەۋر تارىخىي رىئالىقىغا ئۇيغۇن ھالدا ھازىرقى قەشقەر شەھىرى «كاشغەر» دەپ ئاتالغان. ھەتتا، خوجا ھىدايىتۇلاغا بىر مەزگىل مۇلازىم بولغان مەشھۇر شائىر مۇھەممەدئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى (گۇمنام) نىڭ «كاشىغەر»ناملىق مەشھۇر غەزىلىنىڭ بارلىقىنى كۆپسانلىق كىشىلىرىمىز بىلسە كېرەك.
«ئۈچتۇرپان» نامىغا كەلسەك، تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشچە ئۇچتۇرپان 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرت بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-4-ئەسىردە ۋېنسۇ (ئونسۇ) دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆك تۈرك خانلىقى (552ـــ745) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (605ـــ846) دە خەنزۇچە ئونسۇ ئايمىقى (温肃州)، چوڭ تاشبالىق(大石城) ياكى ئۇچ (于祝) دەپمۇ ئاتالغان. قاراخانىيلار دەۋرىدە (850ـــ1212) ئۇچ مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان. پەقەت جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئارابتان ھۆكۇمرانلىقى قىلۋاتقان مەزگىلدە (1698ـــ1727) ئاندىن «ئۇچتۇرپان» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇھەقتە ياپۇنىيىلىك تارىخچى ـــ سۇگۇجى تۇرۇ: «شىنجاڭنىڭ 18-، 19-ئەسىردىكى جەمئيەت تەرەقىياتى توغرىسىدا تەتقىقات» دېگەن ئەسىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئىنسانشۇناسلىق تارىخ مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە (13135MSNR) نۇمۇرلۇق بىر پارچە ھۆججەتنى پاكىت كەلتۇرۇدۇ، ئۇنىڭدا 1720-يىللردىكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى خاتىرلەنگەن. بۇ ھۆججەتنى تۈركىيىلىك ئالىم ئەھمەت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ يېشىپ چۈشەندۈرىشىچە: «تۇرپاندا 10مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولغان. ئات يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 1135-يىلى، مىلادىيە1722-، 1723-يىللىرى)  تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار جۇڭغارلارنىڭ بېسىمى بىلەن غەربىي جەنۇپ تەرەپتىكى قارا شەھەرگە (ئېزىز خوجا باشچىلىقىدا) كۆچكەن»، ئارقىدىنلا ئۇچقا كۆچۈپ بارغان. مانا بۇ ئۇيغۇرچە پاكىتقا ئاساسلانغاندا، «ئۇچتۇرپان» دېگەن نام 1722-،1723-يىللىرى ئارلىقتا كېلىپ چىققان (30). يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، سىۋان ئارابتان ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان «تاۋارىخ» ۋە «كاشغەر تارىخى» دىمۇ ھازىرقى ئۈچتۇرپاننى «ئۈچ» دەپ خاتىرىگە ئالغانلىقى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىشىمىزغا ئاساس بولالايدۇ.
      ئەمدى «مارالبېشى» دېگەن نامغا كەلسەك، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى ئارخىئولوگىيىلىك تېپىندىلاردىن ۋە تارىخىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «مارالبېشى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرت، 2500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206-يىلىدىن مىلادى 25-يىلىغىچە) دەۋرىدە غەربىي رايۇندىكى 36شەھەر بەگلىكىنىڭ بىرى بولغان سەپەرباي بەگلىكىنىڭ دائىرىسىدە بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق (200-265) ۋە ۋېي سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئاۋات، گۈللەنگەن شەھەرلەردىن بولۇپ، كۈسەن ئايمىقىغا تەۋە بولغان. سۈي سۇلالىسى (581-618) دەۋرىدە كاشغەر دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى (616-907) دەۋرىگە كەلگەندە ئەنشى (غەربنى تىنجىتقۇچى) قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان ئۇتۇ ئايمىقى (尉头州) تۇرۇشلۇق جويسىد شەھىرى (据史得城) دەپ ئاتالغان. 9-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا غەربىي رايوندا قۇرۇلغان مەشھۇر يەرلىك ھاكىمىيەت ـــ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بولسا «بارچۇق شەھىرى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان(31). 10-، 11-ئەسىرلەردە كاشغەر، بالاساغۇن، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق ئەينى دەۋرلەردىكى ئاۋاتلاشقان، چوڭ شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان (32)، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي مەشھۇر ئەسىرى «تۇركىي تىللار دىۋانى» دا تۇنجى بولۇپ «بارچۇق» نامى بىلەن خاتىرىگە ئالغان (33) بۇ قەدىمىي يۇرت، يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ھاكىملىرى خان تەرىپىدىن بىكىتىلىپ تۇرغان مۇھىم جايلاردىن بولۇپ، بۇ ھەقتە تارىخشۇناس شاھ مەھمۇد جۇراس مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاخان ۋاقتى (1638ـــ1668) دا مىرزا فازىل جۇراس بارچۇقنىڭ ھاكىمى ئىدى».(34) ئۇنىڭدىن كېيىن،يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى، خوجىلار ھاكىمىيىتى دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى بىر قاتار سىياسى-ھەربىي ھەركەتلەر داۋامىدا، بۇ جاي مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇن بولۇپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، داۋگۇاڭنىڭ 12-يىلى (مىلادىيە1832-يىلى) «مارالبېشى قەلئەسى» ھازىرقى مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان(35). 1883-يىلى بىۋاستە قاراشلىق مارالبېشى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ ،1902-يىلى ئايماققا ئۆزگەرتىلىپ، ئورنى بارچۇققا كۆچۈرۈلگەن ۋە بارچۇق ئايمىقى دەپ ئاتالغان(36). مىنگونىڭ 2-يىلى (مىلادىيە1913-يىلى) بۇ جايدا ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، ئىسمى «مارالبېشى» دەپ ئاتالغان ۋە شۇندىن كېيىن «بارچۇق» دېگەن نام بارا-بارا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىستىمالدىن قالغان. ئەمما، بارچۇقنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان «巴尔楚克» نىڭ قىسقارتىلمىسى «巴楚» ھېلىھەم بۇ جاينىڭ خەنزۇچە نامى بولۇپ ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.
دېمەك، روماندا «قەشقەر» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنغان تارىخىي يۇرت، روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي دەۋرلەردە «كاشغەر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «قەشقەر» دەپ ئاتاشنىڭ پەقەت 20-ئەسىردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، روماندا«ئۈچتۇرپان»نامى بىلەن ئاتالغان جاي ئەسلى، ئەينى ۋاقىتلاردا «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «ئۈچتۇرپان» دەپ ئاتىلىشنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ،مىلادىيە1722-1723-يىللىرى ئارلىقتا كېلىپ چىققانلىقىنى، روماندا «مارالبېشى» نامى بىلەن ئاتالغان يۇرتنىڭ ئەينى زاماندا «بارچۇق» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا «مارالبېشى» نامىنىڭ داۋگۇاڭنىڭ 12-يىلى (مىلادىيە1832يىلى) ھازىرقى مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئۆتەڭ كەنتىگە بەرپا قىلىنغان يۇرت نامىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، بۇ يەردە بىز ئاپتۇرنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ «تارىخىي» رومان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
گەرچە، يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم» ناملىق تارىخىي رومانى، ھەجمىنىڭ چوڭلىقى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، پىرسۇناژلارنىڭ كۆپلىكى، ئەكىس ئەتتۈرگەن دەۋرنىڭ بىرقەدەر قەدىمىيلىكى جەھەتلەردە، شۇنداقلا، بەدىئىي ئۇسلۇب، سيۇژىتلىق قۇرۇلما، ئوبراز يارىتىش، تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر پەللە ياراتقاندەك قىلسىمۇ، «جاللات خېنىم» ئوبرازىنى يىپ ئۇچى قىلىپ تۇرۇپ، ئەينى دەۋر جەمئيەت ئەھۋالىنى، كىشىلەر ئىدىئولوگىيىسىنى، ھايات ۋە قىممەت قارىشىنى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ. روماندىكى تارىخىي بايانلارغا كەلگەندە ئاپتۇرنىڭ تازا كۈچ ئېلىشالماي قالغانلىقىنى ئاشكارىلىماي تۇرالمايمىز.
ئەمەلىيەتتە، تارىخ ـــ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەر خىل-ھەر قىسما ھايات كەچمىشلىرىنىڭ  ھەقىقىي خاتىرىسى بولۇپ، تارىخىي پىروزا ئەسەرلىرى ئەنە شۇ خاتىرىلەرگە ئاددىيلا رەڭ-سىن بېرىش ھادىسىسى بولماستىن، بەلكى تارىخنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلىدۇر، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى، كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار تارىخنى مەخسۇسلاشغان تەتقىقات خاراكتېرلىق ئەسەرلەردىن كۆرە، تارىخىي پىروزا ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىلىشكە، ئۈگىنىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا، تارىخنىڭ زامانىمىز كىشىلىرى ۋە ئەۋلادلار قەلبىدە ئەسلى يۈزى بويىچە نۇرلىنىشى ئۈچۈن، تارىخىي پىروزا يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدىبلىرىمىز، مول يېزىقچىلىق بىلىمى ۋە بەدىئىي دىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە، چوڭقۇر تارىخ بىلىمى جۇغلانمىسى ھازىرلىشى، شۇنداقلا تارىخقا، ئەنە شۇ تارىخنى ياراتقان ئەجدادلارغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن قەلەم تەۋرىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
    (1) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «ئىز».شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى نەشرى،«مۇقەددىمە» 6-بەت
(2) ھاجى نۇر ھاجى: «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 199-بەت.
(3) (5) (6) (7) (34) شاھ مەھمۇد جۇراس: « سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 185-، 193-، 203-، 147-بەتلەر.
   (4) شاھ مەھمۇد جۇراس: « سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»،  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 189-بەت. موللا مېرسالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر
    (5) (19) (22) موللا مېرسالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985-يىلى نەشرى، 167-، 175-، 174-بەتلەر.
    (8) (25) مۇھەممەد سادىق كاشغەرى: «تەزكىرەئى ئەزىزان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 48-، 68-بەتلەر.
(9) (10) «ئىخلاسمەنلەرنىڭ سىرى ـــ مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى» قول يازما. ئەخمەتجان ھەسەننىڭ «ئاپپاق خوجىنىڭ ‹جاھان كېزىش› نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە»ناملىق ماقالىدىكى نەقىل. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2011-يىلى 2-سان.
    (11) ما توڭ: «جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى 2-نەشرى،148-بەت؛ «جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ مەنبەسى»، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى 2-نەشرى. ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 350-بەتتىكى نەقىل.
    (12) ما توڭ: «جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى 2-نەشرى،153-بەت؛   
    (13) جاۋ ئېنرۇي: «قۇمۇل ۋاڭى،ئىسلام دىنى ۋە قۇمۇل تارىخى ھەققىدىكى تەكشۇرۇش». ئەخمەتجان ھەسەننىڭ «ئاپپاق خوجىنىڭ ‹جاھان كېزىش› نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە»ناملىق ماقالىدىكى نەقىل. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2011-يىلى 2-سان.
    (14) چوقان ۋەلىخانۇف: «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2001-يىلى 2-سان.
    (15) (16) (17) (20) (21) (23) (26) ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 352-، 353-،355-، 359-، 360-، 368-، 363-بەتلەردىكى نەقىللەر.
    (18) ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 355-بەتتىكى نەقىل؛ موللا مېرسالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985-يىلى نەشرى، 174-بەت.
    (25) ئەنۋەر بايتۇر خەيرىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىلى نەشرى، 990-بەت؛
    (27) ئەنۋەر بايتۇر خەيرىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىلى نەشرى، 991-بەت؛ ئىبراھىم نىياز: «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 243-بەت؛ ۋېي لياڭتاۋ : «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 226-بەت؛ ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 363-بەتتىكى نەقىل.
    (28) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى،258-بەت.
    (29) ھاجى ئابدۇراخمان باقى: «‹قەشقەر› ۋە ‹سۇلى› نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى،2012-يىلى 6-سان.
    (30) ئادىل مۇھەممەد تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلمىسى ۋە يەر-جاي ناملىرى»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى،2011-يىلى نەشرى،173-بەت؛ خوجا نىياز: ئەجداد تارىخ تورىدىكى «‹ئۈچتۇرپان› دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە.
    (31) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى نەشرى، 261-بەت. «مارالبېشى تارىخىي ماتېرىياللىرى»(1)، مارالبېشى ناھىيەلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چىقارغان (ئىچكىي ماتېرىيال)، 3-بەت.
    (32) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇ بىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشرى، «مۇقەددىمە» 2-بەتكە قاراڭ.
    (33) مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى نەشرى، 1-توم 608-بەت.
    (35) «قەشقەر يەر ناملىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،2010-يىلى نەشرى،32-بەت؛ ئابدۇغېنى مامۇت: «تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى»،«قەشقەر» ژورنىلى 2013-يىلى 3-سان.
    (36) ئابدۇغېنى مامۇت: «تارىختىكى بارچۇق ۋە مارالبېشى»،«قەشقەر» ژورنىلى 2013-يىلى 3-سان.
(تۈگىدى)

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 17:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 17:40  

   ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ئەسلى بۇ ماقالە مۇشۇ رومان يېڭى نەشىردىن چىققاندىلا ئېلان قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، قارىغاندا ئاۋال رەسمىي مەتبۇئات يۈزىدە ___ ژورنالدا ئېلان قىلىپ ئاندىن توردا ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئوخشايسىز. بۇمۇ ياخشى بوپتۇ. بۇ ماقالىنىڭ ھېلىھەم مۇشۇ توردا ئېلان قىلىنغىنىمۇ زور ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش. ئەمەلىيەتتە، ئۇزاقتىن بۇيان تارىخىي رومانلارغا تارىخىي چىنلىق نۇقتىسىدىن باھا بەرگەن مۇشۇ تۈردىكى ماقالىلار تۇلىمۇ ئاز بولۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر تارىخىي روماندىكى ۋەقەلىكلەرنى ھەقىقىي تارىخ دەپ قاراپ قېلىپ، خېلى زور تارىخىي پاكىتلاردا، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە  خاتا يېتەكلىنىپ قالغان. مۇشۇنداق ماقالىلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخنى مۇمكىنقەدەر چىن چۈشىنىشىگە زور ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ماقالىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

67

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1710
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2958
تۆھپە : 2101
توردىكى ۋاقتى: 927
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 19:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەجىربىلەن يېزىلغان ماقالە ئىكەن بۇ، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۇر.

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 20:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلامۇئەلەيكۇم تىما ئىگىسى قېرىندىشىم ۆوڭلىمدىكى بىر تۇگۇنى يېشىلدى تارخىقا قىزىقۇچىلار نامدىن كوپ رەخمەت سىزگە ،مۇمىكىن بولسا ھەمىنى بىر توپ قىلىپ ھەر قايسى چۇڭ مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسىڭىز ھەممەيلەن ئورتاق چۇشەنچە ھاسىل قىلسا
مەنمۇ بۇ رومانى قايتا قايتا نەچچا قېىتىم .ئوقۇپ  بەزى يەرلىرنى زورلاپ كوپتۇرۋەتكەندەك،تۇيلغان چۇنكى ئاپپاق خوجىنى قانچىكى قارلاش چىڭىنى قۇتقۇزغۇچى قاياپەتتە ئوتتىرغا چىقىرشقا كۇچەۋەتقاندەك تۇيغۇ بىردىكەن

0

تېما

1

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12833
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 21:20:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى ئۇ رومان بولسۇن ياكى ھىكايە چۆچەك،ھەممىسى تارىخقا ئۇيغۇن كەلسە دەيمەن،چۈنكى ھازىر بىز تارىخقا ماس كەلمەيدىغان رومانلىرمىزنى كىتاپ ئىشكاپلىرىدا ساقلاپ قۇيساق ئۇنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلىرىمىز-نەۋرىلىرىمىز ئوقۇپ قالسا،ئۇلار ھەقىقىي تارىخنى بىلگىچە نىمىمۇ بوپ كىتەر؟
كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدىم،بىراق ھازىرىقى كىتابلىرىمىزدىكى ئويدۇرۇپ چىقىلغان پاجىئەلەرنىڭ كۆپلىكىدىن كىتابنى قولغا ئېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدىم،بەلكىم مەندەك قېرىنداشلىرىممۇ كۆپمىكىن دىيمەن...
30#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

222

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19702
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 22:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشكە تېگشلىك مەزمۇنلار ئىكەن .ئەلۋەتتە تارىخىي رۇمان ھەق تارىخدەك ئوخشاش چىقشى ناتايىن ،لېكىن ئەڭ چوڭ دەرىجىدە خاتالىقتىن ساقلىنىش كىرەك دەپ ئويلايمەن .بولىسا مۇشۇ يەكەن خاندانلىقى ۋە ئۇنىڭ كەيىندىكى بولغان ۋەقەلىك بار ئەسەرلەرنى كۆپىرەك بولسىا ،تارىخنى تېخمۇ مۇكەممەل بىلىسەك دىگەن ئۈمىدتە

0

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 00:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدا پايدىلانغان بەزى كىتاپلار ئاق تاغلىق سوپىلار تەرىپىدىن يىزىلغاچقا بەلكىم شۇلارغا بىر قەدەر يان باسقان ئاساستا يىزىلغان بولۇشى مۇمكىن،لىكىن بىزنىڭ قولىمىزغا بۇنىڭدىن بەكرەك چەك باسقان تارىخ بولمىغاچقا مۇشۇنىڭغا تايانماي ئامال يوق،(جاللات خىنىمنى ئەمەس بۇ تىمىنى يازغۇچى پايدىلانغان بەزى كىتاپلارنى)،ئىشقىلىپ ئاپپاق غوجا يات كافىرلاردىن ياردەم سوراپ بىرىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىزىپ كىتىشى بولۇپتۇ،بۇ بىر خاتالىق نىمىلا دىگەن بىلەن سەئىدىيە جەمەتى پۇتۇنلەي موڭغۇل جەمەتى .ئەمەس مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆزنى موڭغۇل دىمەيدىغان بولغان يەنە كىلىپ خەلىقمۇ شۇ جۇڭغارلارنى ئەمەس سەئىدىيە جەمەتىنى قوللايدۇ. لىكىن روماندا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنچىۋالا مۇنافىق بولمىسا بۇنداق يازماسلىقى كىرەك ئىدى ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ توغىرسىدا مۇنبەر مۇنەرلەردە تولا مۇنازىرە بولۇپ تورداشلارمۇ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇپ كەتتى،تارىخ رومان 100 پىرسەنىت راس بولمايدۇ بەلكى شۇ زاماندىكى تارىخنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ئاساستا بەدئىيلەشتۇرۇپ يىزىلىدۇ،بەزى خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە،لىكىن بۇنداق چوڭ ئىغىپ كەتسە بەك يىنىكلىك بولۇپ قالمدۇ نىمە؟مەنمۇ پەقەت چۈشىنەلمىدىم مۇشۇ رومانچىلىرىمز نىمىشقا بەزى يەرلەردە بەك ئىغىپ كىتىدىغاندۇ؟بۇ دىگەن ھەقىقى ۋەقە بولغاچقا راسنى يىزىش كىرەك ئىدى.ئەڭ ياخشىسى يازغۇچى مۇشۇنىڭغا بىرە چۈشەنچە بىرىپ مۇنبەردە بولامدۇ ياكى بىرە داڭلىق تور بەتلەردە بولامدۇ،مۇشۇنىڭغا بىر ئىزاھات بىرىپ قويسا بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )