- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3255
- نادىر
- 1
- يازما
- 135
ئۆسۈش
  41.83%
|
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 19:39 
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ماكىدون مىللىتىدىن .تارىخىي ما ...
ئۇكام، مەن دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىپ چىققان، لېكىن نەشرىياتلار باسقىلى ئۇنىماي، يېنىمدا بېسىلىپ ياتىدۇ.
ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ گېرىك مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئايدەك ئايدىڭ بولدى. بۇنى تالىشىشنىڭ ئورنى يوق.
ھازىرقى ماكىدونىيە دۆلىتىدىكىلەر سلاۋىيان مىللىتى، سلاۋىيانلار ھازىرقى ماكىدونىيەگە كېيىن كەلگەن مىللەت. ھازىرقى نيويوركنى ئەسلىدە داچلار (گوللاندىيەلىك)لەر قۇرغان، كېيىن ئىسپاننىڭ، ئاخىرىدا ئېنگلىزلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، شۇنداقتىمۇ ئىسمى يەنىلا بۇرۇنقىدەك نيويورك. سلاۋىيانلار ھازىرقى ماكىدونىيە دۆلىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ماكىدون سلاۋىيانى بولۇپ قالمايدۇ. ئۇ يەنىلا بىر گرېك. مىلادى 4- ئەسىرلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ گرېك شەھەرلىرى بارلىققا كەلگەن، ھەرگىز سلاۋىيان دۆلەتلىرى بارلىققا كەلمىگەن. |
|