تىزىملاتقان 2014-4-28 ئاخىرقى قېتىم 2015-3-17 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 4018 نادىر 6 يازما 116
ئۆسۈش
67.27%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 28327
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 14:23
ئاپتۇرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۇمىت قىلىمەن، «يەجۇجى-مەجۇجىيلەر» تۇغرىسىدا رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» سىدا يەنىمۇ تەپسىلىي بايانلار بار، مەھمۇد قەشقىرىينىڭ سىزغان يەر شارى خەرىتىسىدىكى ئورنىدىن قارىغان « يەجۇجى-مەجۇجى »لەرنىڭ ئورنى ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىغا تۇغرا كىلىدۇ، بۇ مىنىڭچە پىنھان تۇتۇلغان بولغاندىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ قولىدىن بۇلارنىڭ ئورنىنى تىپىش مۇمكىن ئەمەسمىكىن.
سىزگىمۇ رەخمەت، مەن «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دىكى مۇشۇنىڭغا دائىر بايانلارنى قايتا ئوقۇپ چىقاي، ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، يەنە قايسى كىلاسسىك ئەسەرلەردە بۇ توغرىدا توختالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتسىڭىز تولىمۇ مەمنۇن بولاتتىم.
مەنمۇ «يۇمىلاق خەرىتە»دىكى «يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ ئورنىغا كۆپ دىققەت قىلدىم، ھەتتا بىر كۈن دېگۈدەك شۇ خەرىتىگە تىكىلىپ قاراپ، ھەرخىل تەرەپ يۆنىلىشلىرىدىن «يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ ئورنىنى پەرەز قىلىپ باقتىم ھەم «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى ، خەنزۇچە نۇسخىسدىكى شۇ خەرىتە بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتىم، شۇنىڭ بىلەن مەن خەرىتىدىكى شەرىقتىكى«جابىرقا»(ياپونىيە)، ئوتتۇرىدىكى «ياركەند»، «كاشىغەر» قاتارلىق قاراخانىيلار زېمىنى ۋە جەنۇبتىكى «ھىند» دىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ ئۇرۇننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، دەسلىپىدە سىزدەك «يەجۈج-مەجۈجلەر»نىڭ ئورنى شەرقىي جەنۇپ تەرەپتە، يەنى ھىمالايا تاغلىرىغا توغرا كېلىدىكەن دەپ ئويلىدىم، ئەمما يەنە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ -دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن » دېگەن بايانىدىكى «چوڭ سېپىل » دېگەن سۆز دىققىتىمنى تارتىپ، يەنە كېلىپ مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇمىلاق خەرىتىدە قاراخانىيلار زېمىنىنى دەل ئوتتۇرىغا ئېلىپ سىزغانلىقىدىن قارىغاندا ھازىرقى تەرەپ يۆنىلىشى بۇيىچە بۇ خەرىتىگە قارىغاندا پەرىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ شۇ خەرىتىدىكى «يەجۈج-مەجۈجلەر يېرى » دەپ كۆرسىتىلگەن جاينىڭ شەرىق تەرەپ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنمۇ ئويلىشىپ ، «يەجۈج-مەجۈجلەر يېرى »نىڭ خېشى كارىدۇرىغا توغرا كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەلۋەتتە بۇ بىر پەرەز، يەكۈن ئەمەس.
ئەمما مېنىڭچە، ئاشۇ سالامنىڭ خەلىپىنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ ھېچ تەمتىرىمەيلا شەرىققە ئاتلىنىپ شۇ سېپىلنى تاپالىشى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭمۇ خەرىتىدە يەجۈج-مەجۈجلەر ۋە سېپىلنىڭ ئورنىنى كۆرۈنەرلىك قىلىپ يازغىنىدىن قارىغاندا، بۇ جاي ئەينى زامانلاردا ئانچە پىنھان تۇتۇلمىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ئەمما كۇنكىرىت ئورنىنى بەلكىم ھېچكىم بىلمىسە كېرەك. ئىنسان پەقەت ئىزدەنگۈچى، ھەممىنى بىلگۈچى قادىر اللاھتۇر.