- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
koktash يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:28 
ئول يەجۈج- مەجۈجلەر بەلكىم يەندى بىلەن خۇاڭدىنىڭ ئەۋلا ...
بۇ گېپىڭىزنىڭمۇ خېلى جانلىق ئاساسى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچ بويىچە ئېيتقاندا ، چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئالساقمۇ دەل مۇشۇنداق ، چۈنكى بۇ يەجۈجى-مەجۈجى دېگەن ئۇقۇم تارىختىن بۇيان ھەر قايسى مىللەت تائىپىلەر ئۆزى ئۇچراتقان ئىش -ۋەقە تۈرلۈك قىسمەتلەرگە قارىتا بۇ خىلدىكى سۆز-چۆچەكلەر بولۇنغان . لېكىن بىر ئورتاق قاراش خۇددى كۈن ئەڭ ئالدىدا چىققاندەك بۇ ياۋايى بەتبەشىرە يەجۈجى-مەجۈجىلەرنىڭ قىيامەتتىن بۇرۇن ئوخشاشلا شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق بىر پاكىت ، ھەق كىتاب كالان قۇرئانىي كەرىمدىمۇ بۇنىڭغا دەلىل باركەنغۇ مانا ....... ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ رىۋايىتىدە تەسۋىرلەنگىنى مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئوغۇزلارنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك ، چۈنكى ئۇ شەرققە زور كۆلەملىك يۈرۈش قىلىپ ئاخىرىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالغان . بۇ مەزمۇن مەھمۇد قەشقىرى بىزگە قالدۇرغان ‹‹ ئۇلار ئەڭ ماھىر ئوۋچىلاردۇ ›› دېگەن مەنبەدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىمىز بىلىمىز بۇ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيا تارىختا خېلى ئۇزۇنغىچە ئوق مەركىزى بولغان ، يەنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا يېيىلىپ كۈچلۈك ئىمپېرىيىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئاتلىقلار يەنى چەۋەنداز تائىپىلەر ياشىغان . بويى پاكار ئېگىز دېگەنگە قارىتا كۈننى تا ھازىرغىچە ئۆزگەرتمەي دۆلەت بايرىقى قىلىۋاتقان ئەڭ شەرققە جايلاشقان كۈن ئەڭ بالدۇر چىقىدىغان ياپونىيە يادىمغا كەلدى ، چۈنكى بۇلارنىڭ دۆلەت نامىنىڭ مەنىسى -كۈن ئەڭ بالدۇر چىقىدىغان جاي . يەنە بىرسى ئىلگىرى بۇلارنىڭ بويى جۇغى ئاساسەن كىچىك بولۇپ ياپۇن پاكارلىرى دەپ ئاتىلاتتى ..... |
|