- تىزىملاتقان
- 2014-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 193
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  64.33%
|
alturki يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 18:11 
‹‹مېنىڭچە بىر قىزنىڭ قىممىتى بىئولوگىيىلىك پەردە بىل ...
گىپىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز. مەنمۇ گەپنى سەل مۇجىمەل قىلىپ قالغان ئوخشايمەن.
مەن ھەرگىزمۇ «پەردە»نى قىممىتى يوق، دېمەكچى ئەمەس. پەقەت بىر قىزنىڭ قىممىتىنى پەقەتلا «پەردە» بىلەنلا كۆرۈش بىر تەرەپلىمىلىك دېمەكچى. چۈنكى، تۇرمۇشىمىزدا مەن تېمىدا دېگەندەك «پەردە»نى قانۇنلۇق نىكاھتا يوق قىلغان، ئەمما ئۆزى ھايانى بىلىدىغان قىزلار كۆپ. بۇنداق قىزلارنىڭ قىممىتى كۆپىنچە ھاللاردا كوچىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان «پەردە»سى بار قىزلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، كەمسىتىلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ نوقتىنى خاتا دېمەكچى.
بىز ئوغۇللار مەيلى نەچچە توي قىلغان بولايلى، قايتا نىكاھلانساق توي قىلمىغان «پەردە»لىك قىزنى ئالالايدىكەنمىز. قىزلار بولسا ئۆزىگە ئوخشاش ئاجرىشىش تارىخى بار ئەرلەرگە تەگمەي ئامالى يوقكەن. مېنىڭچە بۇ بىزدىكى بىر ئادالەتسىزلىك... |
|