- تىزىملاتقان
- 2014-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  4.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-26 10:29
سىزگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى بىربىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم، كىشى ھەرنىمە دەيدۇ، بېشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ، مېنىڭ ئىنىممۇ خۇددى سىزدەك بىر ئىشقا دۈچ كەلگەن، ئايالى بىر توي قىپ ئاجراشقان چوكان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا مەندىن باشقا ھەممەيلەن قارشى تۇرغان، كېيىن مەنمۇ ئاتا ئانام تەرەپكە ئۆتۈپ ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلساقمۇ پەقەت ئۈنىمى بولمىغان، بۇ ئىشنى چىرايلىقچە ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، ئىنىم پەقەت جاھىللىق بىلەن تۇرىۋېلىپ، ئاخىرى شۇ ئىشنىڭ دەستىدىن ئۇرۇقلاپ يىقىلىپ قالغىلى تاس قالغان، بىچارە ئانام ئوغلىغا چىدىماي دادامنى يامان تەستە قايىل قىلىپ(ئەمەلىيەتتە چىن دىلىدىن قايىل بولمىدى، خېلىغىچە قاپىقىنى ئاچمىدى)تويىنى قىپ قويدۇق، كېلىن سىز دىگەندەك ئىمان-ھايالىق بالا ئىدى، مانا ھازىر ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر ئوبدان خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ئۆيدىكىلەرمۇ ئەمدى رازى بولۇشتى. ئاللا خالىسا كۆزى يورۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا سىزگە مەسلىھەتىم،ئەگەر ئۇياقنىڭ كېيىن ئاتا ئانىڭىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىغا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇياققا كۆڭلىڭىزنى ئاشكارىلاپ، قوشۇلسا، سىزنىڭمۇ قەتئى نىيىتىڭىز بولسا، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئوچۇق قارشىلاشماي سۈكۈت بىلەن ساقلاڭ، ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلىسىز(ئىنىمغا ئوخشاش)، بەزىدە قىز ئالغان كېلىندىن، چوكان كېلىن ياخشى چىقىدىكەن، ئاكامىنىڭ قىز ئالغان ئايالى 11يىلدىن بېرى ئاتا ئانامنىڭ بىر تال پايپىقىنى يۇيۇپ بەرمىگەن، مۇنۇ كېلىن توي قىلغاندىن بۇيان ئانامنىڭ قولىنى ئازاتلا قىلىۋەتتى. ئۆزىمۇ شۇنداق ئەدەپلىك، ھەممىمىز ئىلگىرى قارشى تۇرغىنىمىزغا خىجىل بوپمۇ قالىمىز بەزىدە. قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىڭ ئىنىم. |
|