- تىزىملاتقان
- 2014-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 193
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  64.33%
|
مېنىڭ ھازىر بېشىم قىتىۋاتقىنى ئۇ قىزنى ئېلىش ئالماسلىقتا ئەمەس، چوڭلارنى قانداق قىلىپ بەك قاخشاتمىغان ئاساستا قايىل قىلىش. ماڭا ھازىر مەن تېمىدا ئۆتۈنگىنىمدەك مەسلىھەت كېرەك ئىدى.
ئەمدى تورداشلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىمغا يارىشا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلار بولسا ئايىمىساڭلار. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئاۋۋال ئۇ قىزغا كۆڭلۈمدىكى ئويۇمنى ئىيتىپ، ئۇ قىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى دەسلەپتە ئويلىغاندەك دېمەي تۇرغىنىم ياخشىمۇ. قانداق قىلسام چوڭلارنى بەك خاپا قىلىپ قاخشاتمىغان ئاساستا قايىل قىلغىلى بولىدۇ؟
تۇرۇپلا كاللامغا بىر خىيال كەلدى، مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن قېرىنداشلار: ئەتىراپىڭلاردا ياكى تونۇش بىلىشڭلار ئارىسىدا توي قىلمىغان يىگىتنىڭ بۇرۇن ئاجراشقان تارىخى بار قىزنى نىكاھىغا ئالغانلىق ئەمىلىي مىساللار بولسا ماڭا يەتكۈزگەن بولساڭلار. قەشقەردىكى بولسا تېخى ياخشى، باشقا جايدىكى مىساللار بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىم، كىملىكىنى ئاشكارلاش ھاجەتسىز، پالانى شەھەردىكى كادىرمۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ ياكى تىجارەتچىمۇ شۇنداق قىزنى نىكاھىغا ئالغانلىقى، نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشى... دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرنى يەتكۈزسەڭلار، مەن مۇشۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق چوڭلارنى قايىل قىلسام، بەزى ئىشلار كاللىسىدىن ئاسانراق ئۆتۈپ قىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان تورداشلار ئېغىر كۆرمەي ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار. |
|