- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 527
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
  5.4%
|
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەن ئالدىن بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتەي :
دىنىمىزدا توي قىلمىغان يىگىتنىڭ قىز ئىلىشى بەكرەك تەكىتلىنىدۇ ، بۇنىڭدا ئاجايىپ ھىكمەتلەر بار ئەلۋەتتە. ئويلاپ باقايلى بۇ تەكىتلەش جەمئىيەت خاراكتىرىنى ئالمىغاندا، قىزلىق ئىپپەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئەھمىيىتى يىمىرىلىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە زىناخورلۇق ئەۋج ئالىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىنكى كىشىلىك مەسىلىلىرىمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇشۇ سەۋەپلەردىن ئىسلام دىنى ئۇ قىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئازار بىرىلىشىدىن چەكلەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىدا سەزگۇر تۇرغىنى ناھايىتى توغرا.
ئەمما ئىسلام دىنى توي قىلمىغان بالىنىڭ توي قىلغان بىر قىزنى ئىلىشىغا قارشى ئەمەس. بۇ ھوقۇقنى ،ئەركىنلىكنى چەكلىمىگەن . پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىلىپ ئىيتساق ئاياللىرى ئىچىدە پەقەت ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھالا توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئەگەر سىز ئۇ نۇقتىدا ئۇ قىزنىڭ ئۆتمۈشىنى كولاپ ئازار بەرمەسلىككە ياكى تۆۋەن كۆرۈش مۇئامىلىسىدە بولماسلىققا ئىشەنچىڭىز بولسا توي قىلسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ( بەزىدە توي قىلغاندىن بۇرۇنقى تۇيغۇ بىلەن توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇيغۇ ئوخشىمايدۇ، ئاتا-ئانىلار مۇشۇ نۇقتىدىن ئەنسىرەيدۇ) . ئۇ قىزنىمۇ دىيانەتلىك دەيسىز ، دىيانەتسىز توي قىلمىغان قىزدىن دىيانەتلىك بىر توي قىلغان قىز مىڭ ئەۋزەلدۇر. ئىشەنچىڭىزلا بولسا سىزنى قوللايمەن .
مىسال : مەن بولسام غۇلجىلىق ، بىزنىڭ غۇلجا شەھەردە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ( ئىسمىنى تىلغا ئالماي ) بولۇپ بەك تەقۋا ئۆتكەن ئادەم ئىدى ، يۇرت -مەھەللىدىكى ھەممەيلەن شۇنچىلىك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى . بىر يىلىغا كەلگەندە بۇرۇن پاھىشۋازلىق قىلىپ جىنىنى باققان بىر قىزنى ئەمرىگە ئىلىپ ئىسلامنى ئۆگىتىپ شۇنچىلىك چوڭ ساۋاپ ئىش قىلغان ئىدى . بۇ كىشى بىر نەچچە يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتتى (ياتقان يەرى جەننەت بولسۇن ) ، ئۆلۈمىگە ئاڭلىسام شۇنچىلىك كۆپ جامائەت كەلگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن ئارتۇق مىسال بولماس دەيمەن . تىخى سىزنىڭ ئالىدىغىنىڭىز دىيانەتلىك قىز ئىكەن . |
|