تورداشلارغا سەمىمىي ئەسكەرتمە،
چىكاگو ئەسلىمىسىنىڭ داۋامى بار، ئەمما تولۇق يېزىپ بولۇنمىغان، يەنە كېلىپ پۈتكەن قسىمى قايتىدىن تەھرىرلىنىش ئالدىدا. شۇڭا تورداشلارنى ساقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ چىكاگودىن نىيوركقا كەلگەندىكى ئەسلىمىسى يوللىنىدۇ. سەۋەبى ئاپتور بۇ قىسمىنى ئاۋۋال يېزىپتىكەن ھەم تولۇق تەھرىرلەپ چىقىپتىكەن. يۇقىرىقى ئەسلىمنىڭ داۋامى كېيىن يوللىنىدۇ.
نيويورك ئەسلىمىسى
بىر قارىسا چۈشنى، بىر قارىسا مۆجىزىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ شەھەرگە تۇنجى قېتىم بارغان بىر ئۇيغۇررېئاللىقى بىلەن چۈشى ئارىسىدىكى پەرقنى ئاڭقىرالمايدۇ؛ ھەر ماڭدامدا ھەيرانلىقى ھەم ئەندىكىشى تۈگىمەيدۇ. جۇلاسى، ناز-كەرەشمىسى بىلەن تەڭ تۇغدۇرىدىغان تېشپىماقلىرى ۋە ھەسرەتلىرى بار. پۇرسەت بار، ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئىنساننىڭ ئازابىغا چىن پۈتمەيدۇ. تىپىك كېيىنكى مودرنىزىم جەمئيىتى. ئۇنىڭ رېئاللىقى ۋە مودىسى باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ھەم ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە كلونلانغان رېئاللىق ۋە ئستېمال مەدەنيىتى "ئىمپورت قىلىدۇ". ئۇ تەرەپتە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازاغا ئۇچرىغان 2933 كىشىنىڭ كۆز يېشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قوشماق كۆلچەك،بۇ تەرەپتە مۇسۇلمانلار پائالىيەت مەركىزى سېلىش پىلانلانغان نۆليەر مەركىزى. ئوڭ تەرەپكە قارسىڭىز ئاسمانغا تاقاشقان ئېگىزبىنالارنىڭ ئارىسدا ئۆزىنى نامايىش قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ ئىمپىرىيە كۆلەڭگۈسى، سول تەرەپكە قارىسڭىز سوغۇقتادىر-دىر تىترەپ ياتقان لاماكان، مۇساپىر. بىر يەرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ داشىمىن، جوڭسەنكوچىلىرىنى ئەسلىتىدۇ؛ يەنە بىر يەرلىرى شاڭخەينى. ئالدىراش كېتۋاتقان قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر گۈزەللىرىنى ئەسلتىدىغان سىماھلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇ يەردىكى قەشقەر قەھۋەخانىسدا، ئارزۇ ئاشخانسىدائۇيغۇرنىڭ كاۋاپ، مانتا، لەغمەن قاتارلىق تاماقلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئانگلو ساكسون ئەدەبىياتىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك يازغۇچى-شائىرلاردىنۋولت ۋىتمان("گىياھ ياپراقلىرى"نىڭ ئاپتورى)، ئېدىن ۋارتون ("گۈدەك چاغلار" رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئاللان گنسبېرگ قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ياشىغان ياكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 20-ئەسىرئامېرىكا تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك بۈيۈك مۇتەپپەككۇرلاردىن جون دۇۋېىي(1858-1953) ، ئېدۋارد سايىد(1935-2003)، ئېرۋىڭ گوفمان(1922--1986)، روبېرتمېرتون 1910-2003، چارلىز تىللى(1926-2008) مۇشۇ شەھەردىكىدۇنياغا داڭلىق بىلىم يۇرتى كولۇمبىىيە ئۇنۋېرستىتىدا خىزمەت قىلغان، مۇشۇ شەھەردە ياشىغان.
مانا بۇ مېنىڭ تەسراتىمدىكى نيويورك. ئۇنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇنداق: 1524-يىلى ئىتاليىەلىك ئېكسپدېتىسىيىچى گىئوۋانى ۋېررىزانونيويورك ئارىلىنى بايقىدى. 1609-يىلى ھېنىرى خۇدسون نويورك ئارىلىغا چىقتى ۋە نېۋجېرسېىي ئارىلىنىڭ خەرتىسىنى سىزىپ چىقتى. 1624-يىلى نيويورك گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسگەئايلاندى ۋە بۇ ئارالغا يېڭى ئامستېردام (ئامستېردام گوللاندىيەنىڭ پايتەختى) دەپنام بەردى. 1664-يىلى ئەنگلىيە ئۇرۇش قىلىپ گوللاندىيەنىڭ قولىدىنيېڭى ئامستېردامنى تارتىۋالدى ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئىسمىنى يېڭى يورك( يوركئەنگىليەنىڭ شەھرى) قا ئۆزگەرتتى. 1731-يىلى ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئاتىلىرىدىن بىرى بېنجامىنفرانكېلىن نيويوركقا يېقىن جايدىكى فلادىلفىيە شەھرىدە تۇنجى كۈتۈپخانىنى ئاچتى. 1776-يىلى فلادلفىيەدە مۇستەقىللىق ختابنامىسى جاكارلاندى.ئامېرىكا ئەنگليە مۇستەملكسىىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت بولدى. 1825-يىلى شەھەردە 588 كلومتېرلىق قاتناشقانىلى بارلىققا كەلدى. 1863-يىلى نويۇركتا بولغان ئچىكى ئۇرۇشتا ئىتتپداقداش تەرەپ گېنرالى قارشى تەرەپ نى يەڭدى. 1929-يىلى نويۇوركتىكى پاي بازىرىدا ئېغىر داۋالغۇش يۈزبېرىپ ئامېرىكا ئىقتسىادىي كىرزىسقا پاتتى. 1933-يىلى نيويورك شەھىرىنىڭ باشلىقى فرانكىلىن روزۋېلىېت ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ پرېزدېنتى بولدى. 1978-يىلى قىمارۋازلىق نيويوركنىڭ ئاتلانتىك رايونىداقانۇنللاشتى. 1987-يىلى نويوركتا يەنە بىر قېتىم پاي بازىرىدا داۋالغۇش بولدى. 2001-يىلى نيويوركتىكى قوشماق بىنا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى. بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ئافغانستانغا ۋە ئوتتۇرا شەرققەئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلشىىغا سەۋەب بولدى. 2007-يىلى نيويوركتا ھەمجىنسلارنىڭ نىكاھلىنشى قانۇنلاشتى. 2011-يىلى قوشماق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جاي "11-سىنتەبىر دۆلەتلىك خاتىرە سارىيى" پۈتۈپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. نيويورك قىسقىچە تەبىرلەشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تېزسىزمىسنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن: ئامېرىكانىڭ كۆپ خىل مەدەنيىتگە، ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنيانىڭ سودا، پۇل-مۇئامىلە، مودا، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى. جىمى مودا دۇنياغا مۇشۇ يەردىن تارقىلىدۇ. ھەر خىل مەدەنىيەت، ھەر خىل دىن، ھەر خىل ئىرق ئارىلاشقان تىنىم تاپماس شەھەر. كۆچمەنلەر شەھرى، ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل ئىرقنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيىتى تېپىلىدۇ. شەھەردە خەنزۇبازىرى، كىچىك ئىتاليە رايونى، بروكلىن روس رايونى قاتارلىق ھەر خىل كۆچمەنلەرتوپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تارماق رايونلار بار.شەھەر بروكلىن، كۋېنىس، مانخاتتان،ستەتېن ئايلەند، ئۇزۇن ئارال قاتارلىق بەش رايوندىن تەركىپ تاپقان. ستەتېنئارىلى بىلەن مانخاتتان رايونىنى ئوكيان ئايرىپ تۇرىدۇ. يولۇچىلار، ئاھالىلىلەر پاراخوت ئارقىلىق شەھەر ستەتېن ئارىلى بىلەن مانخاتتان رايونى ئارلىقىدا قاتنايدۇ. نيويورك بىز بىر ئائىلىنى شىۋىرغىنى بىلەن كۈتۈۋالدى. شەھەردەخۇشاللىقلىرىمىز، ئېزىقىشلرىمىز، ھەيرانلىقلىرىمىز ھەم تېپىشماقلىرىمىز قالدى. شەھەردە تۇنجى كۆرۈشكەن قېرىندشىمىزنىڭ ئۇيغۇرغا خاس قىزغىن مۇئامىلسىدىن، مېھماندوسلىقىدىن سۆيۈندۇق. ئەمما، يامغۇر قارغا ئايلانغان بىر كۈنى شىۋرغان قاينىمىدا قالدۇق؛ ئۇيغۇر بۇرادەىرىمىزنىڭ ئۆيىگەبارىدىغان جىمى كوچىلارنىڭ نومۇر تاختلىرىنى قارا توسۇۋالغان بولغاچقا، ئۆزىمىز كەلگەنيولنى تاپالماي ئېزىقىپ ھەسرەتلەندۇق. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شۇنچە قېلىن كيىنىپمۇ بەدەنلىرىمۇزلاپ كەتكەن بەش ياشلىق ئوغلۇم "قاچان ئۆيگە كېتىمىز؟ مەن نيويوركقا ئۆچ بولدۇم" دەپ يىغلىۋەتتى. خېلىدىن بېرى نيويورك چۈشىنى كۆرۈپ كەلگەن ئايالىم شىۋرغان كۈنلۈكىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندە "ئېست، كەلمىگەن بولساق بوپتىكەن" دەپ پۇشايمانمۇ قىلدى. ئەر ھەم دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نيويوركقا كەلگۈچەئارلىقتا قىلغان تەييارلىقىمنىڭ پۇختابولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆكۈندۈم. ئاۋۋال نيويورك بىزنى ناز-كەرەشمىسىبىلەن جەلپ قىلدى. ھەر قاتلام، ھەر خىل ئېرىق، ھەر خىل دىن، ھەر خىل مىللەتكە تەۋە ئادەملەرنى ئوخشاش سىغدۇرۇپ رىزق بېرىپ، تەلپۈندۈرۈپ كېلىۋاتقان زامانىۋىي، خەلقئارالق شەھەرنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن، دېموكراتيسىدىن سۆيۈندۇق؛ ئەمما، ھايال ئۆتمەي بۈگۈنكى دۇنيا كاپىتالىزىمىنىڭ رەھىسمزلىكىدىن، نۆۋەتتە كۈندىن كۈنگە كۈچىنى كۆرستىۋاتقان ئىقتسادىي كىرزىستىن دالالەت بەرگەن ھالدا سوغۇق كوچىدا يوتقانغا چۈمكۈلۈپ ياتقانلاماكانلارنى كۆرگىنىمىزدە يۈرىكىمىز ئېچىشتى. شەھەرلىك زامانۋىي سەنئەت گالېريسىىدە يېرىم كۈن ئايلاندۇق. پىكاسسو، ۋانگوك قاتارلىق مودرنست رەسساملارنىڭ ئەسرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئېستېتك تۇيغۇغا چۆمدۇق، ئەمما ئۇ يەردىن چىقىپ كوچىلاردىكى كېيىنكى مودىنىرنىزىم جەمئيىتى ئالامەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان زىت بەلگىلەردىن، ئىماگلاردىن ھەر ماڭدامدا مەدەنيەت ئەندىكىشى ھېس قىلدۇق.مەسىلەن،يۆتكەلمە دۇكانلاردا ھالال دېگەن نام بىلەن سېتلۋاتقان يېمەكلەرنىڭ ھارام يېمەكلىكلەربىلەن بىر يەردە قويۇلىدىغانلىقى بىزنى ئوبدانلا چۆچۈتتى. ئاپەت تۈپەيلى بروكلىن راويونىغابارىدىغان قاتناش توختاپ كەتكەچكە، داڭقىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئاڭلاپ كەلگەن قەشقەر قەھۋەخانىسىدا غىزالىنىپ قايتىش چۈشىمىز بەربات بولدى. ئادەم دېگەن تەسەۋۋۇردىكى ئوبراز ۋە مەنزىل ئۈچۈن چۈش كۆرۈپ ياشايدىغان ، ئەممائۇنىڭغا ئېرشكەندە پېتىرىغا يانىدىغان مەخلۇق ئىكەن: ۋال سىترىت كوچىسى، ئىمپىريەبىناسى، دەۋر مەيدانى ھەققىدىكى غايىۋانە ئەسلىمىلىرىمىز شۇ يەرگە بېرىپ كۆرگەندەئوبدانلا پەسكويغا چۈشتى. نيويوركتا تۇرۇپ قەشقەرنى، ئۈرۈمچىنى سېىندۇق. بىربۇرادەر ماڭا :"نيويوركنىڭ بەزى كوچىلىرى ئۈرۈمچىنىڭكىگە ئوخشايدۇ" دېگەنىدى. راستكەن. ھەيران بولماي تۇرالمىدۇق. نيويوركتا مېنىڭ لەغمەنۋە كاۋاپ خۇمارىم تۇتتى.
سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋايدا تۇرۇپ نيويوركنىڭ ئېغىر شۋىرغان ئاپتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق. ساياھەت پىلانىمىزدا بۇ شەھەردە بىر نەچچە كۈن توختاپ ئۆتۈش ئويىمىز بولغاچقا، بېرىلۋاتقان خەۋەر ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. "نيويوركتارىختا كۆرۈلمىگەن ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ قېتىم توختىماي بوستونغا كەتسەڭلاربولارمىكىن" دېدى ھاۋايدىكى ئۇيغۇر قىزى مۇنىرەنىڭ يولدىشى جون(ئامېرىكىلىق، ئۇيغۇرچە ئسىمى جەسۇر). نيويوركقا بېرىشتىن بۇرۇن ئىندىئانا، چىكاگو، بالتىمور، ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە توختاپ ئۆتۈشنى پىلانلىغاچقا، بىر مەزگىل قاراپ بېقىشنى ئويلاپ پلانىمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئەمما،ئىدنئانا ئۇنىۋېرستىېتى مېھمانخانىسسدا تېلېۋوزرنى ئېچىپ ھەيران قالدىم: ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سۈيى تېشىپ نيويورك شەھرىنىڭ خېلىبىر يەرلىرىگىچە ئېقىپ كىرگەن؛ مېترولارنى، ئۆيلەرنى خېلىلا زور دەرىجىىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى پېرزدېنتلىق سايلىمى بولىدىغان بولغاچقا، پرېزدېنت ئوباما ۋە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى رومنىي ئاپەت رايونىغاكېلىپ ھال سوراشنى باشلىۋەتكەنىدى. ئىندىئانادا تۇرۇپ نىيوركتا كۆرۈشمەكچى بولغان تەتقىقاتچى ئۇيغۇر ئاكىمىزغاتېلېفون قىلدىم."پىلاندا بولغاندىكىن كېلىۋىرىڭلار، سىلەر كەلگۈچەئەسلىگە كېلىپ قېلشىمۇ مۇمكىن"دېدى ئۇ.يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. -- نيويوركقا بارماي ئۆتۈپكەتسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ،--دېدىم تېېلفوننى قويۇپ ئايالىمغا. -بىز بارغۇچە ئوڭشايدىغان يېرىنى ئوڭشاپمۇ بولار، ئاتايىن پلانلىغاندىكىن بارايلى ئەمدى،-- دېدى ئايالىم. --ياق، بارمىسان بولمايدۇ. مەن ساۋاقداشلىرىمغانيويوركقا بارىدىغىنمنى جاكارلاپ بولغان، -دېدى ئوغلۇم. ئەنسىرىشىمدە يەنە بىر سەۋەبمۇ بار ئىدى. قىش بولمايدىغان ھاۋايدىن قېلىنراق كيىملەرنى ئېلىۋالغان بولساقمۇ، ئۇ كىيىملەر نيۇيوركنىڭ سوغۇقىدا دالدا بولالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئاپتوبوس نيويورك شەھرىگە كىرىش ئالدىدا چۈشكۆرۈۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا قالدىم. سىرتتىن كىرگەن ئاپتوموبىللار دۆڭدىن ئويمانغا چۈشۈپكېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بالام ھېلىدىن ھېلىغا ھور قاپلاپ كېتۋاتقان دېرزىنىسۈرتكەچ ئەتراپنى تاماشا قىلىۋاتاتتى. نېرىدا ئامېرىىكىدىكى داڭلىق ئەدەبىي ژۇرنال "نىيوركىلىقلار" نىڭ يوغان ئېلانى كۆزۈمگە چېلىقتى. بالتىمورشەھىردىن ئاپتوبوستا يولغا چىققىنىمىزغا تۆت سائەتمۇ بولمىغاچقا، نيويوركقا كەلگنىمىزگەتازا ئشىنىپ كېتەلمەي ئارقامدا ئولتۇرغان نېگىر ئايالدىن سورىدۇم: نېرىدا پاراخوتلار، كېمىلەر توختاپكەتكەن بىر دەريا لۆمشۈپ ئاقاتتى. بۇ قايسى دەريا بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ گۇگۇلدىن ئاختۇردۇم. خايدېنىس دەرياسى ئىكەن.سانجاق-سانجاق بىنالار ئادەمگە ئىمارەتلەردىن پۈتكەن ئورماننى ئەسلىتەتتى، بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالشىۋاتقاندەك، ھەيۋىتى بىلەن بىر-بىرگە خىرس قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. بىنالاردىكى ئېلان تېلۋېزورلارداھېلىدىن ھېىلىغا شەرەنداز، نازىنىن چوكانلارنىڭ رەسىملىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھەربىر بىنادا دېگۈدەك يوغان ئېلان. بىر چاغدا بىر بىنادىكى چوڭ ئېكراندا2003-يىلدىكى ئىراق ئۇرۇشىنى جەڭ مەيدانىدا خەۋەر قىلغان، نۇرغۇن قېتىملاپ پرېزدېنت مۇنازىرىلىرىگە رىياسەتچلىك قىلغان داڭلىق رىياسەتچى ئاندېرسون كۇپپېرنىڭ سۈرىتى پەيدا بولۇپ قالدى. قاش قارايغان مەھەل بىلەن ئاپتوبوس ئاخىرقى مەنزىل دەۋر مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. بىز مۇشۇ يەردىن 42-كوچىغابېرىپ مېترو ئارقىلىق كۋېنىس رايونىغا بېرىپ ئاندىن يەنە 7-يول مېتروسىغائالماشماقچى ئىدۇق. ئاپتوبوستىن چۈشۈشۈمگە ئاچچىق سوغۇق يۈزۈمگە ئۇرۇلدى. تەليىمىزگەبېكەتتىن مېتروغا بېكىتىگە بارىدىغان ئارىلىق يىراق ئەمەسكەن. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتۋاتقان ئادەملەر كشىگە شەھەردەتۇرمۇش رېتىمىنىڭ قانچلىك تېز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئوغلۇم بىنالارغا، كوچىلارغاقاراپ توختىماي سوئال سوراپ ماڭاتتى. بىرەريۈز قەدەم ماڭا ماڭمايلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان مەنزىرىگە دۇچ كەلدۇق. بىرئادەم يەردىلا يۈكۈنۈپ يۇم-يۇم يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئالدىدىكى تاختىغاقارىدىم. "ئۆيدىكىلەرنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم" دېگەن خەت يېزىقلىق. ئۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئايالىم ھېلىلا ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى. رەسمىگە چۈشمەكچى ئىدۇق، بايىقى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ يالتايدۇق. نيويوركنىڭ مېترولىرى نەچچە قەۋەت ئىكەن. 2005-يىلدىكى تېرورلۇق تەھدىتىدىن كېيىن مېتوردا تېلېفون ئىشلىمەس قىلىپ قويۇپتۇ. بىزكۆرۈشمەكچى بولغان تەتقىقاتچى ئاكىمىز "تېپشىلمايمىز، بىردىنبىر ئامال 7-يول مېترو بېكىتگە بارىدىغان باش بېكەتتە كۆرۈشۈش" دەپ قايتا-قايتاجېىكلىگەنىدى. شۇندىلا نېمشىقا شۇنداق دېگىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.
ئەنسىرىگىنىمىزنىڭ ئەكسىچە، 7-يول مېتروسىنىڭ باش بېكىتىگە ئوڭۇشلۇق بېرۋالدۇق. ئۇيغۇر ئاكىمىز بىز بېرىپ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن كەلدى. كۆڭۈل تونۇيدۇ دېگىنى شۇمكىن، تۇنجى كۆرۈشكىنىمىزگە قارىماي ئۇ ئاكىمىز بىلەن شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر-بىرىمىزنى تونۇپ كۈلۈمسىرەشتۇق. ئاكىمىز بىر ئۇنۋېرستتېتا تەتقىقاتچى ياردەمچىسى بولۇپ ئشلەيدىكەن.
-جاپا تارتمىغانسىلەر، دەپ سورىدى ئاكىمىز كۈلۈمسىرەپ.
-ياق، سىز قسىقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن يول خەرتىىسى ئوبدانلا ئەسقاتتى.
ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەيدىغان نيويورك شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاكىنىڭ بىزنى كۈتۈۋالغىنى ۋە ئۆيىدە نەچچە كۈن قوندۇرماقچى بولۇشى ئادەمگە ھەم قېرىنداشلىق رىشىتىنى ھېس قىلدۇراتتى ھەم يەڭگللىك بېغىشلايتتى. بۇرۇن تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ يات زېمىندا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا قىزغىن پاراڭلشىپ كېتىشى ئېھتىمال ئۇيغۇر مەدەنيتىدىكى جامائەتچلىك ئېڭى ۋە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولسا كېرەك.
نيويوركنىڭ مېترولىرى ئىسسىق، راھەت، قولايلىق ئىدى. كېۋېنىس رايونىغا بارىدىغان مېترودا يول توختماي پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئەتراپىمىزدا ئۆز تىلىدا سۆزلشىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا، بىزمۇ ئۇيغۇرتىلىدا پاراڭلىششتىن قىسىنىپ ئولتۇرمىدۇق. ئوڭ تەرىپىمدىن كورىيانچە، سول تەرىپمدىن خەنزۇچە پاراڭ ئاڭلاندى.
ئۇيغۇر ئاكىمىز قاشلىرى قويۇق، ئاۋازى جاراڭلىق چقىدىغان خۇشخۇي، بەستلىك كىشى ئىدى. بۇ شەھەردە ياشاپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغىنىغا 16يىل بوپتۇ. بىر ئوغلى، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيشىچە، بۇ شەھەردە ئونغا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى باركەن. پاراڭ ئارلىقىدا ئاكىمىز يەنە بۇ متېروغا 100 يىلدىن ئاشقانلىقىنى، 24 سائەت قاتنايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا ئۈلگۈردى.ئۆيى يوق مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە كېچىچە مېترودا تۈنەپ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران بولدۇم.
ئاكىمىزنىڭ ئايالى بىزنى پولو ئېتىپ ساقلاپ تۇرغانىكەن. تاماقنى يەپ، قىزىق چاينى ئىچىپ ھارغىنلىقلىىرىمىز ئوبدانلا بېسقىپ قالدى.ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىمىزنى قويدۇق. ئويۇنغا قانمايدىغان ئوغلۇم تۇنجى كۆرۈشكىنگە قارىماي ئاكىمىزنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالىسى بىلەن چىقىشپ كەتتى. ئاكىمىز بىلەن ئەتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزندېت سايلىمى، نيويورك شەھىرى ئۇچىرىغان شۋىرغان ئاپىتى قاتارلق تېمىلاردا خېلغىچە پاراڭلشىپ ۋاقچە ئۇخلاپ قالدۇق.
(3)
__بۈگۈن ئامېرىكىدا سايلام كۈنى، ئەتىگەندە ئوغلۇم ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپتە پرېزدنېت سايلىمىغا بېلەت تاشلايمىز. مەن بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟_دەپ قالدى ساھىبخان ئاكىمىز ئەتىگەنلىك ناشتىدا.
بالىلار قالدى. چاينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن 10 مىنۇتتەك مېڭىپ سايلام بېلىتى تاشلىنىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدۇق. زال ئىچىگە مېنى كىىرگۈزگىلى قويماسمكىن دەپ ئويلاپ سىرتتا تۇرۇپ قالدىم.ئاكىمىز ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا چىقىپ كىرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە مېنى زال ئىچىگە باشلاپ كىردى.
ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ پرېزدېنتىنى قانداق سايلايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سايلام كۈنىدىن بۇرۇن بېلەت تاشلاشقا قاتنشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىزىلمىغان ھەر بىرپۇقرا نۆۋەت بويىچە بېرىپ، ئايرىم –ئايرىم قويۇلغان شىرەلەردە بېلەت تاشلايدىكەن؛ ھېچكىم ھېچكىمگە كۆرسەتمە بەرمەيدىكەن. كىمنىڭ كىمگە ئاۋاز بېرشى ئۈچۈن خاس ھوقۇق دەپ قارالغىنى ئۈچۈنمۇ، سايلام جەدۋىلىنى تولدۇرۇدىغان شىرەلەرنىڭ ئەتراپى ھەر بىر ئادەمنىڭ بېشى پاتقۇدەك، يېنىدىكى ئادەم نبېمە يېزىۋاتقانلىقنى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە توسۇۋېتىلگەنىدى.
زال ئىچىنى ئون مىنۇت ئەتراپىدا كۆزىتىپ تۇردۇم. ھېچكىم مېنى "نويويوركلىق ئەمەسكەنسەن، ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەسكەنسەن" دەپ قوغلىمىدى. ئاتلانتىك ئوكيانغا بىر كېلومتېرمۇ كەلمەيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىناسىىنىڭ سىرتىدا خاتىرە رەسىمىگە چۈشكەچ ئاكىمىزدىن سورىدۇم:
-كىمگە بېلەت تاشلدىڭىز؟
-ئوباماغا، دېدى ئاكىمىز،--رومنىيىنىڭ بەچچىۋازلارنى چەكلەش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلىرى ماڭا ياقىدۇ.ئەمما، مەن يەنىلا ئوبامانى ياقتۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئشىقا ئاشۇرۇشىغا كۆپرەك ۋاقىت كېرەك.
-بۇرۇن ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىغا قىزقاتتىم، -دېدىم مەن جاۋابەن، -ئۈچ يىل بولدى، ئۇنىڭ ، نېمە دېگەنلىرىگە، نېمە قىلغانلىقىغا قىزىقماس بولۇپ قالدىم. ئوبامانىڭ دەۋاتقانلىرى ساپلا يالغانچلىقتەك بىلىنىدۇ. بىر ئاقىل : "سىياسئىونلارنىڭ ئالدىكى داستخاندىن بوۋاقلارنىڭ زاكىسى پاكىزراق بولىدۇ" دېگەنىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا چىنپتۈتۈپ قېلىۋاتىمەن.
كېچىچە قار ياغقان بولغاچقا، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈستىنى قېلىن قار قاپلىغانىدى. ئارىلاپ-ئارىلاپ دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن قار دانچلىرى توكۇرلاپ چۈشەتتى. بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا بوينۇمغا قار دانچىلىرى چۈشۈپ ئىچىمنى ھۆل قىلىۋەتتى.
ئۆيگە قايتش ئارلىقىدا ئاكىمىز بۈگۈن بىكار ئىكەنلىكىنى، مېنى نيويوركنىڭ سايەھەت رايونلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقنى بىلدۈردى. رەھمەت ئېيتتىم. نويۇوركتا 80 ياشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر بوۋايمۇ باركەن.ئەتە كەچتە بېرىپ كۆرۈشىدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ ئەتىگەن سائەت ئوندا كولۇمبىيە ئۇنۋېېرسىتىتى بېكىتىگە چۈشكەنچە جىددىي، ئەمما مەنلىك ساياھەتنى باشلىۋەتتۇق. ئېھتىمال ئاكىمىز يول باشلمىغان بولسا، ساھايتىمىز ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولار ئىدى. بۇ يەردە ھەر بىر ساياھەت ئورنىنى بىرمۇ-بىر يېزىپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە يازمىنى ئاقما ھېساباتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.شۇڭا ساياھەت رايونلىرى بىلەن تېلگراممىلىق ئۇچۇر شەكلىدە تونۇشۇپ چىقىساقلا كۇپايە. |