قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1865|ئىنكاس: 42

زۇلپىقار بارات ئۆزباش: چىكاگو ئەسلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                      چىكاگو ئەسلىمىسى

                                           زۇلپىقار بارات ئۆزباش


    چىكاگوغا يېرىم كېچدە چۈشۈپ قالدۇق. ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قسىمىغا جايلاشقان بۇ خەلقئارالىق شەھەر تېخى ئۆكتەبىر ئېيى تولۇق چىقمغىنىغا قارىماي  مەڭزىمىزگە نەشتەردەك ئۇرۇلىدىغان ئاچچىق شامىلى بىلەن بىزنى كۈتۈۋالدى.بۇ 2012-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرى ئىدى. تېخى ئەمدىلا كۈز باشلانغىنىغا قارىماي شەھەرنىڭ ئاچچىق شامىلى يۈزنى ۋىژ-ۋىژ چاقاتتى؛ گەجگىنى قورۇيتتى.  نېمە ئۈچۈن چىكاگونىڭ شاماللىق شەھەر دەپ ئاتلىدىغانلىقىغا شۇندىلا چىن پۈتتۈم.
         يېڭى بىر يەرگە بارسام چاتما ئەسلىمىلىرىم قوزغىلاتتى، يېڭى مەنزىلەر، يېڭى چىرايلار مېنى ئىختىيارىسىز زەنجىرسىمان خىياللار قاينمىغا غەرق قىلاتتى. بۈگۈنمۇشۇنداق بولدى. چىكاگونىڭ شامىلى ماڭا نېمشقدۇر ئانا يۇرتۇم ئۇچتۇرپاننىڭ كەچكۈز مەزگىلىدە چىقىدىغان ئاچچىق شامىلىنى ئەسلەتتى. 20 يىللاربۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئۆيىمىز بىلەن ئۇچتۇرپان ناھيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئارىلىقىدىكى ئىككى كلومتېر ئارىلىقتا چىكاگونىڭكىدەك ئاچچىق شامالنىڭ يۈزۈمنى چاققانلىقى ئېسىمدىن كەچتى.  چىكاگونىڭ شامىلىنى كۆرۈپ نېمشىقا ئۇچتۇرپاننىڭ شاملىنى ئەسكە ئېلىپ قالغىنىمنى، مېڭەمدە قانداقسىگە مۇناسىۋەتىسزئىككى يەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا زاھىر بولغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدىم. يوشۇرۇن ئاڭدا بېسلغان ئەسلىمىلەر كۈچىنى كۆرستىۋاتقان بولسا كېرەك.
     ھاۋايداقارا تەنلىك ئادەملەرنى ئانچە جىق كۆرۈپ باقمىغانىدىم. چىكاگوغا كەلگۈچەچۈشكەن ئاپتوبوستا قارا تەنلىك كۆپ ئىدى، ئاپتوبوس شوپۇرىمۇ قارا تەنلىك ئىدى. ئايالىم بىلەن مەن ئىندئانا شىتاتىنىڭ ئىىندئانا پولىس دېگەن شەھىردىن  چىكاگوغا بارغۇچە ئارلىقتا كېتىدىغان ۋاقىتنى خاتا ھېسابلاپ كەچ ئون يېرىمنىڭ بېلىتننى ئېلىۋاپتۇق. ئويلىمىغاندائاپتوبۇس بىزنى ئەتىگەن سائەت تۆتتە چىكاگوغا تاشلاپ قويدى.  ئاپتوبوسنىڭ قارا تەنلىك شوپۇرى سۈرلۈك، كەسكىن ئادەم ئىدى. ماسشىنا قوزغلشىتىن ئاۋۋال چەكلەنگەن ئشىلارنى تىلغا ئېلىپ، تاماكا چېكىشكە، ئىېسپرتلىق ئچىمىلىكلەرنى ئچىشىكە، ئۈنلۈك ئاۋازداگەپ قلشىقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتتى. "ھەرنېمە بولسا تاماكا چەككىلى قويمايدىكەن" دەپ خۇش بولدى ئايالىم. ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولسىمۇ ئوغلۇمنىڭ سوئاللىرى تۈگىمەيتتى. ئۇ سىنپىدىن رۇخسەت سوراپ چىىقىش ئالدىدا ساياھەت قىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ قاتارىدا چىكاگونىمۇ تىلغا ئاپتىكەن.
-چىكاگوغا ماڭدۇق. كەچ بولدى. بىردەم ئۇخلىۋال، بالام،-دېدىم ئوغلۇمغا.
    ئوغلۇم ئۇخلايدىغاندەك ئەمەس. ئەسلىدە ئىندئانا بىلەن چىكاگو ئارىلىقىدىكى يوللارنى كۆرۈپ ماڭارمەن دەپ ئويلغانىدىم.ئويلمىغاندا كېچە بولغىنى ئۈچۈن سىرتتىن قارا-قۇرا ھالاتتە كۆزگە كۆرۈنىدىغان دالادىن ھېچنىمنى پەرق ئەتكلى بولمىدى. قارىغاندا مېڭۋاتقان يولىمىز شەھەرلەر ئارسىدىكى يېزىلار بولسا كېرەك. ئارقامدىكى قارا تەنلىك بىر جۈپ ئەر-ئايال خورەكنى باشلىۋەتتى. بىزنىڭ چىققىنىمىزئامېرىكا چوڭ قوۇرۇقلۇقىدا قاتنايدىغان يىلپىىز ماركىلىق ئاپتوبوسلاردىن ئىكەن. تېز،سىلىق ماڭاتتى.
-كۇچادىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان تېز سۈرئەتلىك ئاپتوبوسلارچلىك ئەمەسكەن، ئامېركىنىڭ ئاپتوبوسى دېسە قانچلىك ھەشىمەتلىككىن دەپتىمەن،-دېدى ئايالىم .
  -ھەممە نەرسە تەسەۋۋۇردا تۇرغاندا گۈزەل،-دېدىم ئاۋازىمنى ئۈنلۈك چىقارماسلىققا تىرىشىپ.
   تېلېفونومنى ئېچىپ توردىن چىكاگوغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىدىم:
ئامېرىكىدىكى نيويوركتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ،زامانىۋي شەھەر.
  پۇل-مۇئامىلە ، سودا مەركىزى. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىزبىنالانىڭ كۆپى چىكاگودا.
  مىچىگان كۆلى دۇنياغا داڭلىق مەنزىرلىككۆللەرنىڭ بىرى.
     مېنىڭ چىكاگوغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىملىرىم ئۆزۈم كۆرگەن ئامېرىكا فلىملىرىدىن كەلگەنىدى. ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن «چىكاگو» دەپ داڭلىق بىر كىنو بولىدىغان.كىنودا نىقابلىق ياسانغان ئىككى ئوغرى چىكاگوشەھرىدىكى بىر بانكىدىن بىر مۇنچە پۇلنى بۇلاپ قاچىدۇ. مەن كۆرگەن كىنولاردا چىكاگو جىنايەت، ئېتىشىش جىق يۈز بېرىدىغان شەھەر ئىدى. شۇڭىمۇ كېلشتىن بۇرۇن شەھەرنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇلارنى توردىن ئاختۇرغانىدىم. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەن ئويلغاندەك ئەمەس بولۇپ چىقتى.  چىكاگودا ئشىلەنگەن كىنولاردىن باشقا ئۆزۈم ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان جون دۇۋېي، خېبربېرت مىد قاتارلىق ئامېرىكا مۇتەپپەككۇرلىرىمۇ مېنىچىكاگوغا تەلپۈندۈرۈپ كەلگەنىدى.  بۈيۈك ئامېرىكا پەيلاسوپى جون دۇۋېىي  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بۈگۈنكى زامانىۋي مائارىپ نەزەريىسىگە ئۇل سالغان"ئويۇن ئىچىدە، ئېستېتىك تۇيغۇ ئىچدە ئۆگىتىش" مەزمۇنىدىكى بىر يۈرۈش مائارىپ نەزەريىسىنى چىكاگو ئۇنىۋېرتىستىدىكى جوندۇۋېي مەكىتپىدە سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى. يەنە  ئامېرىكا جەمئيتشۇناسلىقىنىڭ،  توغرىراقى جەمئيەتشۇناسلىقتىكى ئۈچ غول نەزەرىيىنىڭ بىرى بولغان سىمۋولۇق ئالاقە نەزەريسىنىڭ پېشۋاسى خېبېرت مېد دۇنياغا داڭلىق چىكاگو ئۇنۋېرستىېتدا ئۆزىنىڭ نەزەريىۋېي مودىلىنى تىكلىگەنىدى. ئادەتتە چىكاگو ئۇنىۋېرستىېتى دۇنياجەميەتشۇناسلىقىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلاتتى.20 -ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم جەميتشۇناسلاردىن ئېرۋىڭ گوفمان، خېبېرت بلۇمېر مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم ئوقۇتقۇچىلىق بىلە شۇغۇللانغان ئىدى. ئاشۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش داۋامىدا چىكاگوئۇنىۋېرسىېتىغا مۇناسىۋەتلىك غايىۋانە تەلپۈنۈش ھېسسياتى قەلبىمدە لەڭ ئۇرۇپ ئۈلگۈرگەنىدى.
   ئابتوبوستىن چۈشۈشىمىزگە بېكەت تاختىسىدىكى "چىكاگوغاكەلگىنڭىزنى قارشى ئالىمىز" دېگەن خەت كۆزۈمگە چېلىقتى. بالام ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ "نەگە كەلدۇق" دەپ سورىدى.
    يۈك تاقلىرىمىزنى ئېلىپ بېكەت كۈتۈش زالى ئىچىگە كىردۇق. زال ئىچى ئادەتتكىچە بولۇپ،ئۈرۈمچىدىكى ئۈچتاش بېكىتىنىڭ كۈتۈش زالىدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئاپتوبوس ساقلاۋاتامدۇ ياكى  ئۆيى بولمىغاچقا، كېچىنى مۇشۇ يەردەئۆتكۈزۈۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر زالنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە بىر نەچچە قارا تەنلىك كىشى غەرق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. "قارا تەنلىكلەر ئەجەپ كۆپكىنا" دېدى ئايالىم ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي. ھاۋايدا قاراتەنلىكلەر ئاساسەن يوق بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى چۈشىنشىكە بولاتتى. زالنىڭ نېرى بۈرجىكىدە تاماقخانا بولۇپ، ئۇ تەرەپتىن كېلۋاتقان كۈچلۈك تاماق پۇرىقى ئەتىگەندە ماڭا ئانچە خۇش يېقىپ كەتمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟چىكاگوغا ئەتىگەن سائەت يەتتىدە چۈشەرمەنمكىن دەپ ئويلغانىدىم. كۈتمىگەندە سائەت تۆتتە چۈشۈپ قالدۇق. بۇچاغدا بىرەر يەردىن مېھمانخانا ئىزدەيلى دېسەك، بىر دەمدە تاڭ ئاتاتتى. يەنەكېلىپ بۈگۈن كەچتە ۋاقىت جەدۋىلىمىز زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈن كەچ ئوندا چىكاگودىن ۋاشىنگونغا قاراپ يولغا چىقىشمىز كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتىېتىنى ساياھەت قىلىشىنى پىلانلىغان بولۇپ،ئەمدى ياتاق ئېلىپ بىر-ئىككى سائەت ئۇخلاپ چىقىساق باشقا ئشىلارغا ۋاقىت يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.
     ئاڭغىچەئوغلۇمنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق يېشىلدى. ئايالىم بىلەن مەسلھەتلىشىپ  سىرتتا بىرەر قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچكەچ بىرەرسائەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى مەسىلھەتلەشتۇق. بېكەت ئېشىكىدىن چىقىپ ئارقامغا قارىسام، بېكەت فورمىسى كيىۋالغان، يۈك-تاق چۈشۈرۈشكە مەسئۇل ئىككى قارا تەنلىك بالابىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. كۆزىمىز ئۇچراشتى. مەن نېمشققىدۇر تازاخاتىرجەم بولالمىدىم،ئۇ بالىلارنىڭ كۆزلىرى ئادەمگە جىددىي تىكىلەتتى. "چىقماي تۇرامدۇق يا" دېدى ئايالىم ئۇ بالىلارنىڭ قاراشلىردىن خاتىرجەم بولالمىغاندەك. تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەن بولۇپ كوچىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئالدىمغامېڭىپ بولۇپ، ئۇ بالىلار سالاملاشقاچ كاللامدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىشىش قارارىغاكەلدىم:
-يىگىتلەر، بۇ ئەتراپتا قەھۋەخانا تېپىلامدۇ؟
ئارىدا بايىدىن بېرى بىزدىن كۆزىىنى ئۈزمىگەن، شەپكىسىنى تەتۈر كىيۋالغان ياغاق يۈز، قارا تەنلىك بالا ئېغىز ئاچتى:
-يولغا چىقىپ ئوڭ تەرەپكەبۇرۇلۇپ ئازراق ماڭساڭلار ئۈچ دوقمۇشتىن كېيىن 24 سائەت ئېچلىدىغان تاللا بازىرىنى ئۇچرىتىسلەر. شۇ يەردە قەھۋە، بولكا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ.
  بەدەن تىلى ئادەمنى ئەنسىز قىلغىنى بىلەن بۇ بالىنىڭ ئاھاڭىدىن ناچار ئادەم ئەمەسلىكى چىقىپتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاچ قوشۇپ قويدۇم:
-سىلەرمۇ سوغۇقتا توڭغانسىلەر. بىزبىر دەم تۇرۇپ بۇ يەرگە قايتىپ كېلىمىز. سىلەرگە ئىسسىق قەھۋە ئالغاچ كېلەيلىمۇ؟
شۇ گېپىم بىلەن تەڭ ئۇ يىگىتنىڭ چىرايىدا بىردىنلاكۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى:
  -مەيلى، سىلەر ئاۋارەبولمايدىغان ئىش بولسا.
قارا تەنلىك يىگىت چوڭ يولغىچە يول باشلاپ مېڭىپ بىزگە يۆنلىشىنى كۆرستىپ قويدى. بۇبالا ماڭا 20-ئەسىر ئامېرىكا ئەدەبياتىدا زىلىلە قوزغىىغان قاراتەنلىك يازغۇچى رالف ئاللىسون(RalphAllison, 1918-1991) نىڭداڭلىق رومانى "كۆرۈنمەس ئادەم" دىكى باش پېرسوناژنى،ئاق تەنلىكلەردىن ئۆچ ئېلشىنى كەسپ قىلغان قارا تەنلىك بالىنى ئەسلەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ بۇ ئويۇمنى ئايالىمغا ئېيتتىم.
-نېمە كىتاب ئۇ؟ -دېدى ئايالىم.
    كۆرۈنمەس ئادەم(Invisible Man) ناملىق روماننىڭ ئېنگلىزچىسى 2000-يىللارنىڭ بېشىدابېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرىستى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېنگلىزچە نەشر قىلىنغان ئىدى،مەن ئۈرۈمچىدە  سەرخۇش ئېنگلىزتىلى  تەربيىلەش مەكتىپى ئېچىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا  بۇ ئەسەرنىڭ ئېنگلىزچەنۇسخىسىنى 100 بەت ئوقۇغانىدىم. "مەۋجۇدىيەتچلىك پەلسەپىسىنىڭ ئدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەر" دەپ تەرپلىنىدىغان ئۇ روماندا ، جەميەت تەرىپىدىن يەكلەنگەن، ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن كەمستىلگەن،ئىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن،  ئۆزىنى تاشلاندۇق ئادەم ھېس قىلىدىغان بىر نېگىر بالىنىڭ كەچۈرمشىلىرى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغان كشىىدە ئىختيارىسىز قارا تەنلىكلەرنىڭ تەقدىرىگەنىسبەتەن ھېسداشلىق قوزغىلاتتى. ئەسەر 1950-يىللاردىكى چىكاگو شەھرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغلاردا  قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەر بىلەن ھەتتا بىر ئاشخانىدا تاماق يېيىش سالاھيىتگىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. "كۆرۈنمەس ئادەم" رومانىدىكى قارا تەنلىك بالا شۇنچە ئىزدەپ ھېچيەردىن ئىش پۇرسىتى تاپالمايتتى؛ ھېچكىمگە ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايتتى. سسىتملاشقان،قانۇنلاشقان كەمسىتىش مىخانىزمى ئاخىرى ئۇنى يەر ئاستى ئۆيلىرىدە يېتى-قوپۇپ ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە جەمئىەيتتىن ئۆچ ئېلشقا مەجبۇر قىلاتتى. قاراتەنلىك بالىنى كۆزەتكۈچى ئورنىدا قويۇپ بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان روماننىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئايانچلىق بىر تۇيغۇچىقىپ تۇراتتى. تېخى 1950-يىللاردا ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىر ئاشخانىدا تاماق يېيىشكىمۇ پېتنالمايدىغان قارا تەنلىكلەر مارتىن لۇتېركىڭ، مالكوم ئېكىس قاتارلىق نېگىرھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن كۈرەش قىلىشى نەتجىسىدە مانا ئەمدى سىياسىي ئورنى ئۆسكەن، ھەتتا قارا تەنلىكلەردىن پرېزدېنت سايلىنىدىغان كۈنلەرگىمۇئۇلاشتى. ئەمما، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن بولۇشى بىر پرېزدېنتىڭ سايلىنىشى بىلەن ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئامېركىلىق داڭلىق مەدەنىيەت نەزەريىچىسى  كورنېل ۋېست(Cornel West) ئۆزىنىڭ "ھازىرقى زامان ئىرقچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى" ناملىق داڭلىق ماقالىسىسدە بۇ خىل مەسلىنىڭ يىلىتزىنى يوشۇرۇن ئاڭدا يىلتىزتارتقان ئۆچمەنلىككە ھەم شۇ ئۆچمەنلىكنى سىستېملىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي مىخانىزمغا باغلاپ چۈشەندۈرەتتى.
    بايىقى چىكاگو بكېتىدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرقاتارىدا بىرمۇ ئاق تەنلىكنى كۆرمدىم؛ يولۇچىلار ئارسىدىمۇ ئاق تەنلىكلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. قارىغاندا قاپلان ئاپتوبوس شېركىتى ئاسەسەن  قارا تەنلىكلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغاندەك قىلاتتى.
  -ئەنە تاللا بازىرى.
      بالامنى يېتىلەپ ماڭغان ئايالىمنىڭ شۇنداق دېيىشى بىلەن خىيالىم ئۈزۈلدى. تاقالغان دۇكانلار قاتارىدا بىر تاللا بازىرىنىڭ ۋىۋسكىسى كۈچلۈك چىراغ نۇرىدائالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. بۇ ئوتتۇرىھال تاللا بازىرى بولۇپ، يېرىم كېچدىمۇئادەم ئۈزۈلىدىغاندەك قىلمايتتى. تەليىمىزگە تاللا بازىرى ئىچىدە مەخسۇس قەھۋەئىچىپ ئولتۇرىدىغان رايون تەىسس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردە سىمىز، قورال ئاسقان ئىككى ساقچى قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغانىكەن.پۇل ئېلىش ئورنىدا مېكسىلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چولاق ئادەم ئشىلەۋاتاتتى.  قەھۋە، چاي ئېلىپ بايىقى ساقچىلار ئولتۇرغان يەردىكى بوش ئۈستەلگە كېلىپ جايلاشتۇق.
   ئۆزى تولا كۆرىدىغان كارتون فىلىملىرىدىكىڧ ساقچىلارنى ئەسلىدىمۇ ئەيتاۋۇر، قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغان ساقچىلارنى كۆرۈپ ئوغلۇمنىڭ ئاغزى ئېچلىدى.
-سىلەر ساقچىمۇ؟-دېدى ئوغلۇم راۋان ئېنگلىزتىلىدا قورۇنماي.
    ئوغلۇم مەكتەپتە شۇنداق ئەركىن تەربيىلەنگەچكىمۇ، تاللا بازارلىرىدا، ئابتوبوسلاردائۇچرىغان كشىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز باشلاپ، پاراڭلىشىپ كېتەتتى. ئەمما،مەن بالامنىڭ ئۆزى تۇنجى قېتىم كەلگەن چىكاگو شەھىرىگە كېلىپلا ساقچىلاردىن گەپ سوراشنى باشلۋېتىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىكەنمەن.
-ئوغلۇم ساقچى تاغاڭنى ئاۋارەقىلما، -دېدىم ۋە ساقچىلارغا قاراپ قوشۇپ قويدۇم:
-كەچۈرۈڭلار، بالام سىلەرنى مالال قىلدى.
-ھېچقىسى يوق، بالىلارنىڭ مۇشۇنداق ئەركىن چوڭ بولغىنى ياخشى، -دېدى ئارىدا ئاق پشماق كەلگەن، ئىسسىق چىراي ئاق تەنلىك ساقچى.
شۇنداق قىلىپ ئوغلۇم ساقچىلار بىلەن تارتىنماي، قورۇنماي پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ساقچىلار ئۇنىڭدىن نەچچە ياشقا كىرگىنىنى،چىكاگوغا قاچان، نەدىن  كەلگىنىنى سورىدى،ھاۋايدىن كەلگىنىمىزنى ئۇققان چېغىدا ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ چىرايىدا ھەيرانلىق ئالامىتى ئەكىس ئەتتى:
-ۋاھ، شۇنچە يىراقتىن كەپسىلەر. ھاۋايداقىش بولمايدۇ. بۇ يەرنىڭ سوغۇقىغا كۆنەلىدىڭلارمۇ؟-  ئوغلۇم بىلەن قىزغىن پاراڭلاشقان بايىقى ساقچى مەندىن سورىدى.
-شۇ توڭلاپ كېتىپ، ئىسسىنىش ئۈچۈن قەھۋە ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قېلىن كيىملەرنىغۇ ئالغان. لېكىن، بۇ يەر بىزئويلغاندىن سوغۇقكەن.
   ئارىدا بۇشەھەرنىڭ ئامانلىقى، ساياھەت نۇقتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قسىقا ئۇچۇرلارنى سورىدۇم.ئاقتەنلىك ساقچى ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن سوئاللىرىمغا جاۋاب بەردى؛ ھەتتا چىكاگو ئۇنۋېرستىدىغا قايسى يول ئاپتوبوسلىرىغا چىقىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىىنىمۇ ئىنچىكەدەپ بەردى.
-مىچىگان كۆلىنى ۋە ڧلىش مۇنارىنى ساياھەت قىلشىنى ئۇنتۇماڭلار،- دېدى بايىقى ساقچى قەھۋەسىنى ئىچىپ بولۇپ ئشىكتىن چىققاچ.
ئوغلۇم ساقچى بىلەن قول پۇلاڭشىتىپ قىزغىنلىق بىلەن خوشلاشتى.
-بالام، ناتونۇش ئادەمگە ئۇنداق تولا گەپ قىلىپ ۋاقتىنى ئالساڭ بولمايدۇ.-دېدىىم ئارىدا بالامغا.
-بۇ ساقچىلار ئارتۇرنىڭ كارتون فىلىمىدە چىقىدىغان ساقچىلاردىن ياخشى ھەم دوستانە ئىكەن،-دېدى بالام. ئارتۇر دېگىنى بالام ئۆيىدە تولا كۆرىدىغان كارتون فىلىمىدىكى ئەقللىق، باتۇر بالائىدى.
  بايىقى ئىككى قارا تەنلىك بالىغا ئىككى قەغەز ئستاكاندا ئىسسىق قەھۋە ئېلىپ تاللا بازىرىدىن ئايرىلدۇق.

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 3169
توردىكى ۋاقتى: 1077
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار مۇئەللىم ھاۋايدىكى ۋاقىتتا خېلى كۆپ  تور يازمىلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى . دىيارىمىزغا قايتىپ كېلىپ بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ تورغا يازما يوللىماس بۇلۇپ كەتتى.چۈنكى بىز زۇلپىقار مۇئەللىم يازمىلىرىغا شەيدا ئىدۇق.بۇ يازمىمۇ ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

1

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alsuyer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 19:40  

يازمىنىڭ داۋامى بار. ئككىنچى بۆلىكىدە فارابى پەلسەپىسى چىكاگو ئۇنىۋېرستىېىتدا، باي قەھۋەسىدە ئۇيغۇر شورپىسى ئىچىش قاتارلىق تارماق مەزمۇنلار بار. بۇ يازما بىرىنچى نۇسخا بولۇپ تېخى تولۇق تەھرىرلەشتىن ئۆتمىگەن. توغرا چۈشىنشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازما مۇئەللىمنىڭ «ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىنقى« ناملىق ئەسلىمسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كۈچلۈك تەلەپكە بىنائەن تۇنجى قېتىم باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنۋاتىدۇ. بۇرۇن باشقا يەردە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان.

3

تېما

1

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alsuyer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 19:51  

7-قېتىملىق ئىلىم چېيىدا 20-ئەسىر پەلسەپە تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر «زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ؟» مۇھاكىمە قىلىنغانىدى.بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىنى تەڭرىتاغ مۇنبىرى سۈرەتكە ئېلشىقا مەسئۇل بولدى.

زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ   بۇ مۇھىم ئەسەر ھەققىدىكى شەرھىنى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى تۆۋەندىكى ئۇلىنشتىن كۆرۈڭ.

http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=15830

5

تېما

0

دوست

1093

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15091
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 301
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنىڭ داۋامنى يىزشىڭىزغا تەشنامەن.

8

0

تېما

3

دوست

1250

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.

2

تېما

0

دوست

2667

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

7

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   39.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4012
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنابىز ...قارىغاندا داۋامى خېلى قىزىمدۇ قانداق..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )