- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2169
- نادىر
- 3
- يازما
- 61
ئۆسۈش
5.63%
|
زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش سەۋەبىڭىزنى مەن ئانچە چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى ۋەتەن سۆيگۇسى، مىللەتكە تۆھپە قوشۇش دېگەندەك ئابستراكىت باھانىلەرنى سىزدەك بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ تۇتقا قىلىۋېلىشى مېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.
سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چەتئەلدە تۇرۇپ ۋەتەن. مىللەتنىڭ ئوتۇدا كۆيۈش ئەڭ يارىشىدۇ. قايتقاندىن كېيىن قىلالايدىغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىز چەتئەلدە تۇرۇپ قىلغان ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. چەتئەلدە تۇرۇپ يازغان ماقالىلىرىڭىز بىلەن قايتقاندىن كېيىن يازغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتى مانا ھازىرلا ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.
شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ 2014 - يىللىق 1 - سانىغا بېسىلغان ماقالىڭىز، ئىلگىرى يازغان ھەرقانداق ماقالىڭىزدىن تۆۋەن ساپادا يېزىلىپتۇ. شەخسەن مېنىڭ قارىشىمدا سىز ئۇنداق ماقالىلەرنى يازسىڭىز بولمايتتى، چۈنكى مەن بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ ۋەزىپىسىنى نۇقۇل مەسىلىنى بايقاشلا دەپ قارىمايمەن، مەيلى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى شۇنداق بولسىمۇ. سىزنىڭ باشقىلار بايقاپ بولغان ئوخشاش مەسىلىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە قايتا بايقاپ چىقىشىڭىز نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەھمىيىتى نېمە؟ مەسىلەن ، سىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاققا، دىنغا مۇخالىپ يېڭى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى قايتا تارتىپ چىقتىڭىز، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى دېدىڭىز، ئەمما كونكرېت دېمىدىڭىز ياكى دېيەلمىدىڭىز. دېدىڭىزمۇ دەيلى، ھەل قىلىش تەدبىرى، ئېنىق يول كۆرسىتىلمىگەن باياننىىڭ بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزدە «بىز ئۇيغۇرلارزە» دېگەن ئىبارىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا نېمە رولى بولسۇن؟
مەن سىزنى قاتتىق ھۆرمات قىلىمەن، ئەمما ماختىمايمەن، بولۇپمۇ سىز ئاڭلىيالايدىغان سورۇنلاردا تېخىمۇ شۇنداق. سىز مەدھىيەگە ئەمدى مۇتاج ئەمەستۇرسىز، چۈنكى سىز ئۇ باسقۇچتىن ئۆتەپ كەتتىڭىز. مەدھىيە ۋە رىغبەتكە ياشلار، قىززىققان ياشلار مۇھتاج، خۇددى ئىلىم چىيىغا قاتنىشىۋاتقان ياشلاردەك. سىزدە تەنقىت ئوبيېكتى بولۇش سالاھىيىتى بار.
ئەمدى سىزگە دېيدىغىنىم زۇلپىقار مۇئەللىم، ماقالە يازسىڭىز بايقىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىمۇ نۇقتىلىق توختالغان بولسىڭىز. ھالبۇكى بۇ خىل تەلەپنى ھازىر سىزدىن باشقا ھېچقانداق بىرىگە قويغىلى بولمايدۇ. سىز ياشلارنى جىق ئۈمىدلەندۈردىڭىز، بۇ سىزگە ھەم رىغبەت ھەم بېسىم بولسۇن.
ئاخىرىدا دېيدىغىنىم، تورلارغىمۇ يېڭى يازمىلىرىڭىزنى يېزىپ تۇرسىڭىز، يەنى مەتپۇئاتقا بېرىلمىگەنلىرىنى دېيمەن. مېنىڭچە بۇ خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن. |
|