قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 15477|ئىنكاس: 172
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاسىم سىدىق: نەزىرىمدىكى قارا ئۇڭكۆر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 10:50:36 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 11:55  

مىنىڭ  نەزىرىمدىكى "قارا ئۇڭكۆر"

__ كائىناتتىكى ئاجايىپ"تۆگمەن"لەر

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:

فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار ھەرقانداق سىستىمىلىق نەزەريە "قارا ئۇڭكۆر"دىن ئىبارەت بۇ نەزەريىۋى رىياللىققا ئۇز پۇزىتسىيىسىنى بىلدۆرۆشكە مەجبۇر بولىدۇ.مەن شەكىل نەزەريىسى بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلدىم.مۇبادا شەكىل نەزەريىسى "قارا ئۇڭكۆر"دىن ئۇزىنى قاچۇرسا ۋە بۇ ھەقتە خاس قاراشقا ئىگە بولمىسا مۇكەممەل  ۋە سىستىمىلىق نەزەريە بولالماي قالىدۇ.نەزەريىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشى ئايرىم بىر مەسىلە بولسا ،ئۇنىڭ لوگىكىلىق زىدىيەتلەردىن خالى سىستىما بولىشى يەنە بىر زۇرۇرى تەلەپ ۋە يەنە بىر ئايرىم مەسىلە.مەقسەت نەزەريىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى بولسىمۇ لوگىكىلىق زىدىيەتلەردىن خالى بولۇش نەزەريىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان كونكىرىت قەدەم باسقۇچ ۋە تەپەككۆر شەكلىدىن ئىبارەت.
مەن يۇقۇرقى زۇرۇرىيەت ۋە نىشانلار تۆپەيلى "قارا ئۇڭكۆر"ھەققىدە خېلى ئەستايىدىل ئىزدەندىم."قارا ئۆڭكۆرنىڭ تۆزۆلىشى ھەققىدە"دىگەن يازمام توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بەزى تورداشلار مەندىن "قارا ئۇڭكۆر"نىڭ زادى قانداق رىياللىق ئىكەنلىگى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى.يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان زۇرۇرىيەت ۋە بۇ تەلەپلەر قوشۇلۇپ مىنىڭ سىز كۇرىۋاتقان بۇ تېمىنى يېزىشىمغا تۆرىتكە بولدى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۆپ،مۇلاھىزە قىلىپ كۇرىشىنى،مەسىلە بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.



1

قارا ئۇڭكۆر ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى  1783-يىلى ئەنگىلىيە تەبىئەت پەيلاسۇپى ۋە گىئوگىراپى جون مىچېل (John Michell) كاۋىندىشقا يازغان بىر پارچە خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ ،مۇبادا قوياش ماسسىسىدەك ماسسىغا ئىگە بولغان بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ رادىيوسى 3 كىلومىتىر بولسىلا بۇنداق جىسىم كۇرۇنمەيدۇ دەپ قارىغان.1796-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى لاپلاس "ماسسىسى 250 قوياش ماسسىسىغا ئىگە ،دىيامىتىرى يەر شارى دىيامىتىرىچىلىك بولغان نۇر چاچقۇچى تۇرغۇن يۇلتۇز،ئۇزىدىكى تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن يورۇقلۇقنىڭ ئۇزىدىن يىراقلىشىشىغا يول قويمايدۇ"دەپ ئالدىن پەرەز قىلغان."قارا ئۇڭكۆر"(black hole)دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى 1968-يىلى ئامىرىكا ئاسمان جىسىملىرى فىزىكى جۇن ۋېئلېر(John Archibald Wheeler,1911年7月9日—2008年4月13日)ئوتتۇرىغا قويغان.

1915-يىلى 12-ئايدا _ ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئېلان قىلىپ 1ئايدىن كىيىن،گىرمانىيە ئاستىرونۇمى كارىل شىۋارزېسچىلد ئېينىشتېيىن مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ توغرا يېشىمىنى تېپىپ،نۇقتىۋى ماسسا ۋە شارسىمان ماسسا پەيدا قىلغان تارتىش كۈچىنى تەسۋىرلىگىلى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.بۇ ئەمگەك شىۋارزېسچىلد ئەگرىلىگى ۋە شىۋارزېسچىلد رادىيوسى قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنچىكە ھېساپلاش ئارقىلىق قولغا كەلتۆرۆلگەن نەتىجە شۇبولدىكى ،مۇبادا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بارلىق ماسسىسى پىرىسلىنىپ ئىنتايىن كىچىك بولغان"تارتىش كۈچى رادىيوسى"غا يىغىلسا بۇ دائىرىگە بارلىق ماددىلار،بارلىق ئىنىرگىيە(يورۇقلۇقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بەنىت قىلىنىدۇ.سىرتىدىن قارىغاندا،بۇ ئاسمان جىسىمى مۇتلەق قاراڭغۇ -زۇلمەت بولۇپ،"قارا ئۇڭكۆر" مانا مۇشۇ رىياللىقتىن ئىبارەت.

ئېينىشتېيىن ۋە شىۋارزېسچىلددىن كىيىن تاكى خاۋكىڭغىچە "قارا ئۇڭكۆر"نىڭ يۇقۇرقىچە سالاھىيىتى ئۇزگەرمەي كەلدى،يەنى،قارا ئوڭكۆر ھەممىنى يۇتىدىغان ،لىكىن ھېچنىمىنى قويۇپ بەرمەيدىغان رىياللىق سۈپىتىدە تونۇلدى.

2



1973-يىلى ستېفېن خاۋكىڭ  (Stephen William Hawking)"ئىشلارنىڭ كۆرۆش دائىرىسى"دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەلپازىنىڭ بۇرۇنقىدەك بەكمۇ زۇلمەتلىك ئەمەسلىكىنى دەسلەپ تەشەببۇس قىلدى.



"ئىشلارنىڭ كۇرۇش دائىرىسى"دىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە بۇيىچە بولغاندا زامان -ماكان ئەگرىلىكىنىڭ بىر چىگرا سىزىقى بولۇپ ئىچىدىكىلىرى ھەرقانداق قىلىپمۇ سىرتىدىكى كۇزەتكۆچىگە كۇرۇنمەيدىكەن.پەقەت بۇ كۇرۇش دائىرىسى سىزىغى سىرتىدىكى ھادىسلەرنىلا كۇزەتكىلى بولىدىكەن.مۇشۇ ھادىسلەرنىڭ ھالىتى ،قىزىلغا سىلجىش قاتارلىق ھادىسىلەر مەركەزدە قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈتلىكىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.سىزىقنىڭ ئىچىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىدىنمۇ يۇقۇرى بولغاچقا قارا ئۇڭكۆرگە چۈشۈپ كەتكەن يورۇقلۇق ھەرگىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىكەن.

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۇڭكۆر تەتقىقاتىدىكى تۆھپىسى يالغۇز ئۇنىڭ 1973-يىلى "ئىشلارنىڭ كۇرۇش دائىرىسى"نى ئوتتۇرىغا قويغىنىدىلا ئەمەس.ئۇ 1974-يىلى تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىۋانىت ئىففىكىتىنى تەھلىل قىلىپ قارا جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق رادىياتسىيىسى قويۇپ بېرىدىغانلىغىنى يەكۈنلەپ چىقتى ۋە يەكۈننىڭ نەتىجىسى "خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"دەپ ئاتالدى.خاۋكىڭ رادىياتسىيىسىنىڭ بىزگە دەپ بېرىدىغىنى شۇكى،قارا ئوڭكۆرنىڭ ماسسىسىنىڭ كېمىيىپ كىتىش ھادىسىسى ئۇنىڭ پارلىنىدىغانلىغىنى كۇرسىتىدۇ.قارا ئۇڭكۆرنىڭ مۇشۇنداق پارلىنىشى سەۋەبىدىن ماسسىسى خورايدۇ.
"خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"ئۇقۇمى نەزەريىۋى جەھەتتىن فىزىكىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى دەپ قارالدى.چۈنكى ئېينىشتېيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىدىن شىۋارزېسچىلد قەلىمى ئارقىلىق چاچراپ چىققان "قارا ئۇڭكۆر" فىزىكا قانونلىرىنى پۆتۆنلەي كارغا كەلمەس قىلىپ قويغان ئىدى.خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"ھە"دىگەندىلا نەزەريىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ فىزىكىنى ۋە فىزىكلارنى بۇنداق مەشئۇم تەقدىردىن قۇتۇلدۇردى.

گەرچە 2010-يىلى ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىلار خاۋكىڭ رادىياتسىيىنى بايقىدۇق دەپ ئېلان قىلىشقان بولسىمۇ ،لىكىن بۇ بايقاش ئورتاق ئىتراپ قىلىنمىدى.لىكىن «خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۇزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئەسلا يوقاتمىدى.چۈنكى ئۇ فىزىكىنى ئالاقىدار قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزاتتى.ئېينىشتېيىن مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قارا ئۇڭكۆر ئۇزىدە فىزىكىغا لەھەت تەييارلىغان ئىدى.شۇ تۆپەيلى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار خاۋكىڭ رادىياتسىيىنى كۆزۆتۈش مەقسىدىدە ئىزدەنمەكتە.تەجىربىخانىلاردا "قارا ئۇڭكۆر"لەرنى بەرپا قىلماقتا.

3

ھازىر «قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈت ئەمەس»دەپ تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۇنىڭ فىزىكا قانونلىرىغا خىلاپ رىياللىق ئىكەنلىگىنى ھەر تەرەپتىن تەكىتلەشتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە «مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ»كە خىلاپلىق قىلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتمۇ بار.مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ بولسا ناھايتى كەڭ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە ئۇقۇم.

1984-يىلى تۇغۇلغان شىۋىتسىيىلىك سەنئەتكارفابىئان ئوئېفنېر ئۇزىنىڭ «قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى ئارقىلىق كىشىنى تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ.
فابىئان ئوئېفنېر نىڭ«قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق سىزىلغان سىزما رەسىملەر بولماي،بەلكى مىتال كالتەككە ھەرخىل رەڭلىك سىرلارنى سۆركىگەندىن كىيىن مىتال كالتەكنى يۇقۇرى تىزلىكتە پىقىراتقاندا يۇز بەرگەن ھادىسىنى 40مىڭدەن بىر سىكونىتتا فۇتۇ ئاپاراتتا تارىتقان نەتىجىكەن.تېمىدا سىر چاچراندىلىرىنىڭ بۇ خىل كۇرۇنىشىنى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.


Black Hole: Photographs of Paint Flung by Centrifugal Force by Fabian OefnerM
黑洞:照片油漆甩下离心力的费边oefnerm


http://www.thisiscolossal.com/2013/03/black-hole-photographs-of-paint-flung-by-centrifugal-force-by-fabian-oefner
/
دەرۋەقە،قارا ئۇڭكۆرنىڭ بىز بۇرۇن پەرەز قىلىۋالغان مۇدىھىش ئەلپازى مۇشۇ مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.


قارا ئۇڭكۆر مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن باشقا "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىنىدۇ.ھەرقانداق تىزلىك 300كىلومىتىر سىكونىتتىن ئاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا گىراۋىتوننىڭ فۇتۇنغا تەسىر كۇرسىتەلىشى مۆمكىن ئەمەس.گىراۋىتون تىزلىكى فۇتون تىزلىكى بىلەن تەڭ بولغان تەقدىردىمۇ نەتىجە ئوخشاش.

بۇنىڭدىن باشقا قارا ئۇڭكۆر ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونىنىڭ كونتىرۇللىغىدا بولىدۇ.

ئۇنداقتا قارا ئۇڭكۆر بەزىلەر ئېيىقاندەك ھەقىقەتەن مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.ياق ،ئۇ مەۋجۈت،لىكىن ئۇنىڭ چۈشەندۆرلىشى بىلەن رىياللىغى ئوتتۇرىسدا پەرىق بار.قارا ئۇڭكۆرنى باشقىدىن چۈشەندۆرۆش كىرەك.لىكىن شۇسى ئىنىق،فىزىكىنى قارا ئۇڭكۆر دىشۋارچىلىغىدىن قۇتقۇزۇشتا بەزى يېڭىچە قاراشلارنى تىكلىگەندىن باشقا مۇقەررەر ھالدا "تارتىش كۈچى"دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولىمىز.تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەيۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

4


نۇۋەتتىكى يېڭى ئۇچۇرلار قارا ئۇڭكۇرنىڭ ئاللىقانداقتۇر سىرلىق مەخلوق بولماي ،ئادەتتىكى فىزىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە بولىدىغان ئاددى رىياللىق ئىكەنلىگىنى بارغانسىرى ئىسپاتلىماقتا.ئوبرازلىق ئىتساق قارا ئۇڭكۇر گۇيا ئالەمدىكى"تۆگمەن"لەربولۇپ ئۇلار ھەرخىل جىسىملاردىن ئىبارەت"دان"لارنى زەررىچە،گامما "ئۇن"لىرىغا ئايلاندۇرۇپ تارتىپ چىقىرىدۇ."ئالەملىك تارتىش كۈچى"مۇ ھەممىنى بەلگىلەيدىغان قازى - قۇززاتلىق مەرتىۋىسىدىن سەل پەسكە چۈشكەندەك قىلىدۇ.

قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ئىنتايىن يۇقۇرى،مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ،مەركەزگە ئىنتىلگۆچى كۈچ قاتارلىق ئالاقىدار ئۇقۇملار نۇقتىسىدىن قارىغاندا قارا ئۇڭكۆرنى چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.قارا ئۇڭكۆرنى پەقەت ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولغان زەررىچىلەر جەمگاھى دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەركىزىدە ئاللىقانداقتۇر ماددىنىڭ زىچلىغى غايەت زور بولغان"غەيرى نۇقتا"مەۋجۈت ئەمەس.بەلكى ئارتۇق زەررىچىلەرنى رادىياتىسىيە سۆپىتىدە قويۇپ بېرىدىغان تونىل مەۋجۈت.بۇنداق رادىياتسىيە زەررىچىلەرنىڭ ئۇز ئاراسۇقۇلۇپ يۆنىلىشىنى ئۇزگەرتىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.قارا ئۇڭكۆر نى شۇ تۇپەيلى دان قوبۇل قىلىپ ئۇن چىقىرىدىغان تۆگمەنگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ."خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى" مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ بۇ تۈگمەن تېشىنىڭ چىگرا يۆزىدىن چىقىۋاتقان زەررىچىلەر  _"ئۇن"تۇزاندىلىرىدىن ئىبارەت.

مۇئەييەن تىزلىكتە ئايلىنىۋاتقان دىسكا ئۆستىگە بىردانە نورنى پىقىراتماي تاشلىساق مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دسكىدىن ئىرغىتىپ تاشلىنىدۇ.لىكىن،نۇرنىڭ ئايلىنىش يۇنىلىشىنى دىسكا مەركىزىگە قارىتىپ يىتەرلىك تىزلىكتە ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ سېرىلدۇرۇپ تاشلىساق نۇر مەركەزدىن قاچقۇچى كۇچنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ دىسكا يۇزىدە ئايلانما ھەركەت قىلىدۇ،تىزلىك يىتەرلىك بولسا ھەتتا دىسكا مەركىزىگە قاراپ سىلجىيدۇ.
قارا ئۇڭكۆرگە چۈشۈپ كەتكەن ماددىلار ئاساسەن زەررىچە ھالىتىدە بولغاچقا ئۇلارنىڭ سىپىن تىزلىكى ۋە سىزىقلىق تىزلىكىمۇ غايەت زور بولغاچقا (مەسىلەن،فۇتون)مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ تەسىرىنى يېڭىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.مەن بۇ يەردىمۇ «تازلا بولسا مىنىڭ دادام »دىيىشكە مەجبۇرمەن.يەنى بۇ جەريانلاردىكى ھەركەت شەكىللىرىنى 29-تىئورما ئارقىلىق ياخشى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدۇ.

بىر زامانلاردا تولىمۇ سىرلىق ھېساپلىنىدىغان قارا ئۇڭكۆر ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزلۆكسىز تىرىشچانلىغى نەتىجىسىدە ئانچە سىرلىق نەرسە بولماي قالدى.بىز قارائۇڭكۆرنىڭ ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە تويمىغۇر بولىدىغانلىغىدىن،تويۇنغان قارا ئۇڭكۆرلەرنىڭ ھەتتا «غىزالىنىش»تىن توختاپ ئۈچەككە كىرىدىغانلىغىدىن،بەك تويۇپ كەتكەنلىرىنىڭ زەررىچىلەرنى پۇركۆپ چىقىرىۋىتىدىغانلىغىدىن خەۋەر تاپتۇق.
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ھادىسىلەر بىزگە يەنەنىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟.بۇ پەقەت ماكاننىڭ خۇددى شەكىل نەزەريىسىدە ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك ئومۇمىلىقتا چەكسىز،ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگىدىن بشارەت بىرىدۇ.يەنى زىچلىغى تۆۋەن ،ماسسى كىچىك قارا ئۇڭكۆرلەرلا يەنە ماددا قوبۇل قىلىشنىڭ ماكان شەرتىگە ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈن "تويمىغۇر"بولىدۇ."ئاشقازىنى"توشۇپ كەتكەنلىرى،تويغانلىرى "غىزالىنىش"تىن توختاپ تاماقتىن كىيىنكى ئۇيقۇغا ،ئۈچەككە كىرىدۇ.ئاشقازىنىغا بەك كۇپ نەرسە قاچىلىۋالغانلىرى سىڭدۆرۆپ بولالماي "ياندۇرۇپ"تاشلايدۇ.دىمەك چەكلىك ماكان چەكسىز زىچلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە سۆر -ھەيۋىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى "چەكسىز زىچلىق"قا يول قويمايدۇ.

يۇقۇرقى مەنزىرىدە ئېينىشتېيىننىڭ"ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى"دىگەن ئىدىيىسى مىسىلسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.يەنى،ماكان ئېينىشتېيىن ئېيىتقاندەك سوزۇلۇشچان مىقدارمۇ ،ماددىمۇ ئەمەس،ئۇ سوزۇلۇپ"چەكسىز زىچلىق"نى ئۇزىگە سىغدۇرالمايدۇ."غەيرى نۇقتا"پەقەت ماتىماتىكىلىق ئىدىيە بولۇپ ،فىزىكىلىق رىياللىق ئەمەس.بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرقى قارا ئۇڭكۆر تەتقىقاتنىڭ نوپۇزلۇق نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

مىنىڭ قارا ئۇڭكۆر ھەققىدە ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىمدىن چىقارغان دەسلەپكى يەكۈنىم شۇكى:
قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈت.ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە تارتىش كۈچى ئاساسى ئامىل ئەمەس.قارا ئۇڭكۆرنى تارتىش كۈچىنى ئىشلەتمەي تۇرغاندىلا زىدىيەتسىز شەرىھلەپ بەرگىلى بولىدۇ ،ئۇ،ئوخشاش ھەركەت شەكلىگە ئىگە ،زىچلىغى نىسبەتەن يۇقۇرى بولغان زەررىچىلەر جەمگاھى.ئۇنى فىزىكا قانونلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.پەقەت بەزى ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بىرىش ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۆزۈش  كېرەك خالاس!.

مىنىڭ قارائۇڭكۆرنىڭ نىمىلىگى،ئۇنىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ دەسلەپكى يەكۈنى مۇشۇ .مەن قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەپتىنى ئۇزەمنىڭ "كۇزۇم" بىلەن كۇرۇشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.خاتا كۇرىۋالغان بولۇشۇممۇ مۆمكىن،نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئەمدى بۇ"كۇرگەن"لىرىمنى مەخسۇس تېما قىلىپ يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى نەزىرىگە ۋە ئورتاقلىشىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلايمەن.

پايدىلىنىڭ:

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش
./thread-22109-1-1.html

2014.1،13

bagdax

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 19:42:19 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 19:55  

قارا ئۇڭكۇرنىڭ ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە«تويمىغۇر»بولىدۇ
揭露黑洞"成长"过程 质量越小越"贪吃"鲜为人知

http://www.kexue.com 2013-12-02 09:23:13 腾讯科学  发表评论

قارائۇڭكۆر ئەتراپىدىكى ئاقار جىسىملار ئېقىمى
Turbulence around a Black Hole
在黑洞周围湍流


苏联的格林等人,物理。Rev。X(2014
重力的湍流侧全息路径
史蒂芬。格林,费德里克Carrasco,和路易斯·莱纳
物理。Rev。×4,011001(2014
发表于2014年1月9日



ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2446
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 01:03:45 |ئايرىم كۆرۈش
زىيا ئەپەندىم:
‹‹مەركىزىدە ئاللىقانداقتۇر ماددىنىڭ زىچلىغى غايەت زور بولغان"غەيرى نۇقتا"مەۋجۈت ئەمەس.بەلكى ئارتۇق زەررىچىلەرنى رادىياتىسىيە سۆپىتىدە قويۇپ بېرىدىغان تونىل مەۋجۈت››.
بۇ تونىلنى قانداق چۇشىنىشكە بولىدۇ؟
تونىلنى شەكىللەندۇرگەن كۇچ نەدىن كەلگەن بۇ ھەقتە ئازراق چۇشەنچە بەرسىڭىز؟

0

تېما

0

دوست

507

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20063
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 01:53:38 |ئايرىم كۆرۈش
قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا تولۇمۇ قىزىقىمەن ، يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،..قىزىق تۇيۇلغىنى يېقىندىن بويان كاللامغا مۇشۇ قارا ئۆڭكۈر كىرىۋېلىپ ،ئۇ زادى قانداق نەرسىدۇ دەپ تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .

مېنىڭ نەزىرىمدىكى قارا ئۆڭكۈر ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇيۇن تاز .. ئۇ توختىماي ئايلىنىدۇ ، ئۇچۇرىغانلا نەرسىنى سۈمۈرىدۇ ، ئايلاندۇرۇپ بىر قىسمىنى چۆرۈپمۇ تۇرىدۇ ، قۇيۇن تازنىڭ مەزكىزىدە قانداقتۇر بىر جىسىم بولمايدۇ ،قۇرۇق بولىدۇ ....
  يەر شارىدىكى قۇيۇن ياز ھاۋا بېسىمى ۋە تېمپىراتۇرا پەرقى سەۋەبىدىن شەكىللىنىدۇ ، ئەمما چۈشەنمىگىنىم ئالەمدىكى قۇيۇن تاز قانداق شەكىللەنگەندۇ ؟؟
bagdax

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:04:14 |ئايرىم كۆرۈش
kokturuk يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 01:03
زىيا ئەپەندىم:
‹‹مەركىزىدە ئاللىقانداقتۇر ماددىنىڭ زى ...

ماددا بولمىغان ياكى ماددىنىڭ زىچلىغى تۆۋەن بولغان بوشلۇق،دىسەك بولىدۇ.

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:05:03 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 02:06  
xaparang يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 01:53
قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا تولۇمۇ قىزىقىمە ...

«قۇيۇن»غا ئوخشايدۇ،دىگىنىڭىز توغرا.زەررىچىلەرنىڭ قۇيۇنىسىمان ھەركەت قىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ.

30

تېما

86

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 4050
توردىكى ۋاقتى: 867
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا

7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:02:18 |ئايرىم كۆرۈش
ۋاقىت تونىلى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتسىڭىز بولۇپتىكەن،رىئاللىققا ئايلىنىشتا ئۈمۈد بارمۇ،قانداق تەتقىقات نەتىجىلىرى بار

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 13:05:47 |ئايرىم كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 13:02
ۋاقىت تونىلى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتسىڭىز بولۇپت ...

مەن ئۇنىڭغا ھازىرچە ئاساس يوق دەپ ئويلايمەن،پەقەت يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك بار دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )