بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 18:38
azmas2 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 18:02 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، زىيا ئەپەندى. تاشپولات روزى ئ ...
ۋە ئەلەيكۆم ئەسسالام!
مەن شۇ تېمىنىڭ ئاستىغا 11-قەۋەتكە ئىنكاس يېزىپ قويدۇم .خاۋكىڭ «قارا ئۇڭكۆر“نىڭ ئىنىقلىمىسىنى قايتا يىزىش كىرەك دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ.بۇ ناھايتى ئورۇنلۇق تەكلىپ.ئاتالغۇنى ئۇزگەرتىش -ئۇزگەرىتمەسلىك چوڭ گەپ ئەمەس.ھەممىدىن موھىمى ئىنىقلىما .سىز تاشپۇلاتنىڭ تېمىسىدىكى مىنىڭ ئىنكاسىمنى كۇرۇپ بېقىڭ.
بۇندىن باشقا تۆۋەندىكى ئىككى ئابزاسنى سېلىشتۇرۇپ كۇرۇڭلار
مانا بۇ مىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۆنى "باغداش"قا يوللىغان بۇ تېمدا دىگەن گېپىم:
ئۇنداقتا قارا ئۇڭكۆر بەزىلەر ئېيىقاندەك ھەقىقەتەن مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.ياق ،ئۇ مەۋجۈت،لىكىن ئۇنىڭ چۈشەندۆرلىشى بىلەن رىياللىغى ئوتتۇرىسدا پەرىق بار.قارا ئۇڭكۆرنى باشقىدىن چۈشەندۆرۆش كىرەك.لىكىن شۇسى ئىنىق،فىزىكىنى قارا ئۇڭكۆر دىشۋارچىلىغىدىن قۇتقۇزۇشتا بەزى يېڭىچە قاراشلارنى تىكلىگەندىن باشقا مۇقەررەر ھالدا "تارتىش كۈچى"دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولىمىز.تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەيۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
مانا بۇ خاۋكىڭنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۆنى ئىلان قىلغان تەكلىپى:
*
قارا ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟ قارا ئۆڭكۈر دېگىنىمىز ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ھەم زور ماسسىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەرقانداق ماددا ھەم نۇرمۇ ئۇنۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىسىمدىن ئىبارەت. بۇ يەردە دېيىلگەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دېگەنلىك كلاسسىك تېئورېمىدا ئورۇنلۇق بولغان بولسىمۇ بىراق كۋانت تېئورېمىسىغا ئاساسلانغاندا ئېنېرگىيە ھەم ئۇچۇر قېچىپ چىقىدىكەن. ئۇنۇڭ بۇ قېتىم تەكلىپ بەرگىنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قايتا يېزىش. قارىغاندا قارا ئۆڭكۈر توغرىلىق مۇنازىرە ئەمدى قايتا يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلىدىغاندەك قىلىدۇ.
مەنبە:
./thread-22455-1-1.html
|