بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 18:22
خاۋكىڭ: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇقۇم تەسۋىرى (مەنبە:ئامرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى) قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ بەرپاچىسى سىتېفىن خاۋكىڭ قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دېدى قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس ؟ چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز . بىراق بۇ گەپنى دېگۈچىنىڭ قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنىڭ بەرپاچىسى سىتېفىن خاۋكىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ، ئەستايىدىل ئاڭلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى خاۋكىڭنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
ئەگەر خاۋكىڭنىڭ نەزەرىيىسى توغرا دېيىلسە ، قارا ئۆڭكۈر يادروسىدىكى سىنگۇليار نۇقتا ئەسلا مەۋجۇت بولمايدۇ . ھەتتا «بارلىق شەيئىلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن قارا ئۆڭكۈردىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ» دېگەن بۇ قاراشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ چەتكە قېقىلمايدۇ . خاۋكىڭ :« كىلاسسىك نەزىرىيەدە ، قارا ئۆڭكۈر ھىچقانداق نەرسىنى قويۇپ بەرمەيدۇ بىراق كۋانت نەزەرىيىسى ئىنىرگىيە ۋە ئۇچۇرنى قارا ئۆڭكۈردىن قاچالايدۇ دەپ قارايدۇ .» دېدى . ئۇ يەنە ئالىملارنىڭ ئىغىرلىق كۈچى ۋە باشقا تەبئىي كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر نەزەرىيە بەرپا قىلغاندا ئاندىن بۇ جەرياننى چۈشەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە ، ئىنىرگىيە ۋە ماددا قارا ئۆڭكۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ، ئاۋۋال قارا ئۆڭكۈرگە يېقىنلىشىدۇ ، لېكىن قارا ئۆڭكۈر مەركىزىگە بارالمايدۇ ، ئەڭ ئاخرىدا يەنە قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ . بىراق ،ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى قارا ئۆڭكۈردە ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ ، لېكىن پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ . قارا ئۆڭكۈردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەچكە ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىگە كىلەلمەيدۇ .
خاۋكىڭ 1. ئاينىڭ 22. كۈنى توردا «قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئۇچۇر ساقلىشى ۋە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات» ناملىق ئىلمى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ماقالىدە :« نۇرنىڭمۇ قىچىپ قۇتۇلالماسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ بولماسلىقى قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . » دەپ كۆرسىتىلگەن . ئەمەلىيەتتە ، خاۋكىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا بىر قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، مۇشۇنىڭ ئاساسىدا ئىلمى ماقالىنى يازغان .
‹‹ئوت توساق››نىڭ سىرى
ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار بىر نەس باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بەختكە قارشى قار ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىشىدەك بىر ئەھۋالنى پەرەز قىلىشقان . ئۇزۇندىن بىرى ، فىزىكا ئالىملىرى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى شەك شۈبھىسىز قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە قارا ئۆڭكۈر مەركىزىدىكى سىنگۇليار نۇقتىدا كۈل بولۇپ كېتىدۇ . كىيىن يەنە بىر قىسىم ئالىملار كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، يەنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى «ئوت توساق» قا ئوخشاش بىر خىل يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك رايون بولۇپ ، چۈشۈپ كەتكەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنى بىۋاستە كۆيدۈرىۋىتىدۇ .
خاۋكىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولسا كۋانت قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا شىددەتلىك بىر ۋاقت بوشلۇق دولقۇنى ھاسىل قىلىدۇ ، شۇڭا «ئوت توساق» قا ئوخشاش چىگرا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
|