
David Spergel: «ئالەمنىڭ تۇيۇقسىز كېڭىيىشى»نى تەتقىق قىلغۇچى
ئاسترونوم مەلۇم خىل ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزدىن پايدىلىنىپ يىراق ئالەمنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا ئالەمنىڭ تۇيۇقسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. Ia تىپىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز بولسا ئۈزۈل-كېسىل گۇمران بولغان ئاق مىتتەدۇر. مۇشۇ تۈردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتىلغان چاغدا ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىشى ئوخشاش بولغانلىقتىن، ئاسترونوم بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق كۈچىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇ خۇددى سىزنىڭ چىراغنىڭ قۇۋۋىتىنى ئالدىن بىلگىنىڭىزگە ئوخشايدۇ. ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئىشتاتى پرېنستون ئونۋېرسىتېتىدىكى ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى David Spergel چۈشەندۈرۈپ: «ئەگەر سىز چىراغنىڭ قانچىلىك يورۇق ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، ئۇنىڭ سىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايسىز» دېگەن. يىراقتىكى Ia تىپىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز قارىماققا يېقىنراق بولغان ئوخشاش تۈردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۇتۇق، شۇڭا ئالدىدىكىسى بىزدىن تېخىمۇ يىراق.
http://www.okyan.com/html/news/Tech/2014/1220/7484.html |