قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق:ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئورتاقلىقلىقلارۋە دەۋرى ئالەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 01:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 02:04  



通货膨胀的引力波产生的宇宙微波背景辐射的偏振的一个微弱但独特的扭转模式(CMB),称为“卷曲”或B型模式。的密度波动产生的CMB的极化,这部分的原始模式是完全为零。这里显示的是实际的B型模式与bicep2望远镜观察,用线段表示的偏振不同的点在天空。红色和蓝色的阴影显示了一定程度的顺时针和逆时针扭转的B型模式

http://www.astronomy.com/news/20 ... of-cosmic-inflation

  يۇقۇردىكىسى بۇلتۇر 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان ،تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى تېپىلغانلىغى ھەققىدىكى ماقالىنىڭ قىستۇرما رەسىمى.


______________

تارتىش كۈچى دولقۇنى دىگەن نىمە؟..ئالىملار ئۇنى تاپالامدۇ؟

What are gravitational waves, and what do they have to do with the Big Bang? Can scientists detect them
引力波是什么,他们要怎么做的大爆炸?科学家能发现它们



引力波是由群众运动引起的时空波动。大爆炸的通胀模型(短暂的过度膨胀)预测,宇宙膨胀的动力产生的原始引力波。幸运的是,科学家们检测几个前景
تارتىش كۈچى دولقۇنى كوللىكتىپ ھەركەت پەيدا قىلغان زامان-ماكان تەۋرىنىشى......

http://www.astronomy.com/magazin ... entists-detect-them

_____________

فىلىم بار

Episode 22: Gravitational waves


http://www.astronomy.com/videos/cosmic-adventures/2013/12/episode-22-gravitational-waves

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 02:24  



由两个黑洞围绕着另一个产生的引力波的例子

http://www.astronomy.com/news/20 ... -waves-in-the-stars

بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنى دىگەن ئۇقۇم بىر قانچە لوگىكىلىق مۇجىمەللىكلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ ئۇقۇمنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىنى ھېس قىلدىم.زامان -ماكاننىڭ تەۋرىنىشى دىگەن بۇ گەپ پەقەت زامان -ماكاننى ئۆزلۈكسىز ماددى مۇھىت دەپ قارىغاندىلا ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.ھالبۇكى،بۇنداق قاراش بىلەن كۋانىت مىخانىكىسى ئەسلا كېلىشەلمەيدۇ.بۇ بىر چاتاق ئۇقۇم ئىكەن.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 02:45  


ئەگرىلىكنى تالىشىش: _ ماكان ئەگرىمۇ ياكى ھەركەت ئۇزى ئەگرىمۇ؟
_ “تارتىش كۈچى دولقۇنى”قىسمەتلىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار



قاسىم سىدىق


ئاساسى مەزمۇنى:

تارتىش كۈچى دولقۇنى،ماكان ئەگرىلىگى  ۋە گىراۋىتۇن قاتارلىقلارسىزمۇ  شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىسى ئارقىلىق ھەركەت ئەگرىلىگىنى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى،ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.دولقۇن _ پەقەت زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركەت شەكلى.


1.تارتىش كۈچى دولقۇنى





线性偏振引力波



قىسقىچە جەريانلار:
1.تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىنى ئېينىشتېيىن 1916-يىلى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تۇرغۇزغاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە تەسۋىرلىنىشىچە،تارتىش كۈچى زامان-ماكان ئەگرىلگىنىڭ نەتىجىسى.ماسسا بۇنداق ئەگرىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ماددا زامان-ماكاندا ھەركەت قىلغاندا،ئەگرىلىككە بېقىپ ھەركىتىنى ئۇزگەرتىدۇ.چوڭ ماسسىلىق جىسىملارھەركەت قىلغاندا كېلىپ چىققان ئەگرىلىك،خۇددى رېزىنكىغا ئوخشاش يورۇقلۇق تېزلىكىدىكى دولقۇن شەكلىدە ئەتراپقا تارقىلىدۇ.مانا مۇشۇنداق تارقىلىش ھادىسىسى تارتىش كۈچى دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ.

تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ “ۋاستىلىق ئىسپات”ى

2.  1975-يىلى ئامرىكا پىرىنىستون ئونۋېرىستېتى (Princeton University ) نىڭ ئىككى پىروفېىسۇرى (Russell Hulse)رۇسسل ھولسى ۋە (Joseph Hooton Taylor)جوسىف خوتتۇن تەيلورلار بۇ دولقۇننىڭ مەۋجۈتلىكىنىڭ ۋاستىلىق ئىسپاتىغا ئىرىشىپتۇ .1993-يىلى بۇ ئىككۆيلەن مۇشۇ تۆھپىسى ۋەجىدىن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىپتۇ.
بۇ ئىككۈيلەننىڭ بايقىغىنى  ھۇلىس - تەيلور قوش پولسارى   (  Hulse–Taylor binary pulsar  ) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بىر جۈپ نېتىرۇن (ئىمپولىس)يۇلتۇزنىڭ ھەركەت شەكلى ۋە ئالاقىدار ھادىسىلەر بولۇپ،بۇ قوشماق يۇلتۇزدا ئىككۇيلەننىڭ بايقىغانلىرى ئېينىشتېيىننىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا بەكمۇ ماس كەلگەن.يەنى،ئورتاق مەركەزنى ئايلىنىۋاتقان بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتا رادىئوسى بارغانسىرى قىسقىراپ،بۇ ئىككى يۇلتۇز بىر-بىرىگە بارغانسىرى يېقىنلاشقان.




قوش يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشىنىڭ كۆرسەتمىلىك رەسىمى.نىيوتۇن مىخانىكىسىدا بۇ خىل ئوربىتا تۇرغۇن بولىدۇ.لىكىن،نىسبىلىك نەزەريىسى مىخانىكىسىدا تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى ئوربىتىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.

“بېۋاستە ئىسپات”نىڭ مەيدانغا چىقىشى

3.  2014- يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى  تېپىلدى دەپ جاكارلىنىپتۇ.

2014年3月17日,科学家们曾宣布他们发现了原初引力波的证据
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالىملار ئىپتىدائى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ تېپلغانلىغىنى جاكالىدى.

بۇ قېتىم بايقالدى دېيىلگەن بۇئىپتىدائى تارتىش كۈچى دولقۇنى ،ئېيتىلىشىچە ،ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىكەن.ئالاقىدار ماتىرياللاردا چۈشەندۆرىلىشىچە ئالەم پارتىلىغان ناھايتى قىسقا بىر پەيىتتە ،پۈتكۈل ئالەمدىكى ماددىنىڭ زىچلىغى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ،زەررىچىلەر ئارىسىدىكى سوقۇلۇشتىن پەيدا بولغان تارتىش كۈچى دولقۇنى،دەرھال باشقا بىر قىسىم زەررىچىلەر تەرىپىدىن سۆمۆرۆۋىلىنغان.ئالەمنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ،ئالەمدىكى ماددىنىڭ زىچلىغى تۇيۇقسىز تۇۋەنلەشكە باشلىغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنلىرى قايتا سۆمۆرۆپ ئېلىنمىغان.شۇ زامانلانلاردىن باشلاپ بۇ ئىپتىدائى تارتىش كۈچى دولقۇنلىرى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا تەۋرىنىپ تۇرغان.

تەنتەنە



ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە،تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى بايقالغانلىغى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى خاۋارىت- سمتىسۇن ئاستىرۇ فىزىكا رەسەتخانىسى ئالىملىرى ئېلان قىلغان.سۆرەتتە: شۇ رەسەتخانىدىن بىر كۆرۆنۈش
Smithsonian Astrophysical Observatory
史密松天体物理台 - 维基百科,自由的百科全书

بۇلتۇر بۇنداق بايقاش ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن دۇنيادىكى داڭلىق فىزىكا ئالىملىرى يۆكسەك باھا بەرگەن،مەسىلەن:

«بۇھەقىقەتەنمۇ قالتىس كارامەت ئىش بولدى،بىلىشىمىز كېرەككى،نۇرغۇنلىغان مۇشۇنىڭغائوخشىغان ھۆكۈم،پەرەز ۋە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىم –ئۆلۈمالار بۇنداق ئۇلۇغ بايقاشلا بولغان دەقىقىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالماي ئالەمدىن كېتىپ قالغانىدى.تەلىيىمگە مەن بۇكەمگىچە ھاياتكەنمەن،بۇنداق تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگىنالىنى كۈزۈتەلىدىم.ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ،‹تەڭرىنى دۇلدۇلى›غائولتۇرۇپ ئەرىشنى ساياھەت قىلغاندەك لەرزان ئولتۇرۇپ خىيال كەپتىرىمنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرماقتىمەن.ناۋادا مەنمۇ بۇ كەمگىچە ياشىيالمىغان بولسام ئىدى،ئۇنداقتا  كۆز ئالدىمدىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولالمىغان بولاتتىم.»
ــــــــــــ  ئاندرې لىندې ، ئامېرىكىلىق رۇس ئالەمشۇناسلىق ئالىمى،سىتەمفورت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پرۇفېسسورى.

«شۈبھىسىزكى بۇبىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈدەك كاتتا بايقاش،ئۇ ھەم ھەركۈنى سەھەردەئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئۇچرايدىغان ئالەمنى چۈشىنىش ھەققىدىكى ئادەتتىكىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇچۇر –ئاخپارات خەۋەرلىرى بولماستىن،بۇ خۇددى ئالەمنىڭ دەسلەپكى پەيدابولۇش-باشلىنىش پەيتىدىكى ئىنتايىن قىسقىغىنە ۋاقىتتا يۈز بەرگەن چاقماق چاققان ۋەياكى بىرتال تىلىگىراف سىگىنالىدەكلا ئىش.بۇ شۇنداقلا تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ماددىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈزىتىلىشى:بۇ ئۇلۇغ ئابىدەخاراكتىرلىك مۇۋەپپىقىيەت دەل ئېينىشتىيېن نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە بىركەم بىرئەسىر بولغان پەيتتە بايقالغان ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتتۇر.»
ــــــــــــ ماركس كامىئونكوۋىسكى (Marc Kamionkowski)يوھانىس ھوپكىنىس ئۇنۋېرسىتېتى(Johns Hopkins University)نىڭ پرۇفېسسورى

«ئوخشىمىغان نۇقتا(كۈزتىش بۇلۇڭى)دىن كۈزۈتىلگەن ئىپتىدائىBمودېلنىڭ كۈزۈتىش دائىرىسى بويىچەياكى پۇختىلىق دەرىجىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى،ئالەم پارتىلاۋاتقان ۋاقىتتىكى كەڭېيىش كويفىنسىنتىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئالەمنىڭ پارتىلاش ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى چۈشىنىش دەل بۇ پارتىلاشنى قوزغۇتىۋاتقان ۋە ئەڭ دەسلەپكى قوزغاتقۇچى (كۈچ)نى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدارئۇچۇرلارنى بىلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم يىپ ئۇچىدۇر.
ـــــــ ماسساچاستوس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئېنستېتوتىنىڭ پرۇفېسسورى

تولۇقىنى بۇ يەردىن كۆرۆڭ:
http://whb.news365.com.cn/kjwz/201403/t20140326_922763.html

شۇم خەۋەر

4.ھازىر 2014-يىلى بايقىلىپ تارتىش كۈچى دولقۇنى دەپ ئاتالغان نەرسىنىڭ  دولقۇن بولماي، چاڭ-توزاڭ ئىكەنلىگى ئاشكارە بولۇپتۇ. بۇ ھەقتە خەلق تورىنىڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بەرگەن خەۋىرىنىڭ ئۇلىنىشى مانا:

ياۋروپا بوشلۇق مەركىزى ئىپتىدائى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بايقالغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلگىنى مۇقىملاشتۇردى

ماتىرياللاردىن مەلۈم بولىشىچە، بۇ خىل بايقاشنى قىزغىن تەنتەنە قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئالەمنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىش نەزەريىسىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان لېندىېنىڭ  پۇزىتسىيىسى قىزغىنراق بولغان.ھالبۇكى بۇ بايقاش ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قارشى سادالار مەيدانغا كەلگەن.بۇ ھال ،لېندىېنى بىر ئاز پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.


宇宙暴胀理论的创立者之一、美国斯坦福大学的物理学家安德烈·林德。图片来源:斯坦福大学
ئالەمنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىش نەزەريىسىنى  تىكلىگۆچىلەرنىڭ بىرى،ئامرىكا سىتانفورىت ئونىۋېرىستېتىنىڭ پىرۇفېسۇرى ئاندىرى.لېندې .بەزى خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە  ئاندىرې.لىندې تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى تېپىلدى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆيىدە بىر بوتۇلكا شامپان بىلەن تەبرىكلىگەنكەن.


لېندېنىڭ بۇ بايقاشقا نىسبەتەن شۇنچە سەزگۇر بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپ، تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۈتلىكى ئىسپاتلانسا،ئۇلارنىڭ ئالەمنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىش نەزەريىسىمۇ ئىسپاتقا ئىرىشىدۇ،دەپ قارىغانلىغىدىن بولسا كىرەك.

باشقا ئوخشىمىغان قاراشلار

يەنە قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر قانچە ئۇچۇرلار بار،ئۇلار:ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئالاقىدار تەڭلىمىسى توغرا ئەمەس.قوشماق يۇلتۇزلارنىڭ قويۇپ بېرىدىغىنى ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى بولۇپ،تارتىش كۈچى دولقۇنى ئەمەس. ئالەمدە چوڭ پارتىلاشنىڭ يۆز بەرگەن ،لىكىن،تارتىش كۈچى دولقۇنى مەۋجۈت ئەمەس،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ھازىرغىچە كۆرگەن قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ.مەن تۆۋەندە 1975-يىلى بايقالغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ“ۋاستىلىق ئىسپات”تى ۋە 2014-يىلى بايقالدى دېيىلگەن “بېۋاستە ئىسپات”لار ھەققىدە قىسقىچە توختۇلىمەن.يۇقۇرقى ھەرئىككى «ئىسپات»تا بايقالغان فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى،تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ ئىشتىراكىسىزمۇ،شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-29-تىئورمىلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرۆپ بېرىشكە بولىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئاساسلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.



波可视为简谐运动

دولقۇننىڭ ئاددى ھەركەت سىماسى

مەن «دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر ماۋزۇلۇق يازمامدا،دولقۇن ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازغان ئىدىم:


‹‹دولقۇن››-‹‹ دولقۇن ئۇزۇنلىقى››،‹‹دولقۇن چوققىسى››،‹‹چاستوتا(تەۋرىنىش)››،‹‹سىنۇس ئەگرى سىزىقى›› قاتارلىق ئۇقۇملارئۈستىگە قۇرۇلغان .ھالبۇكى يوقۇرىقى ئۇقۇملار ماكان(مۇساپە)نىڭ مۇئەييەن مىقدارلىرى ۋە ھەرىكەتنىڭ گىئومېتىرىيلىك شەكىللىرىدىن ئىبارەت.يەنى ئۇلارنى پەقەت زەررىچىنىڭ مۇساپىسى ۋە ھەرىكەت شەكلى(سىنۇس ئەگرى سىزىقى ،دەۋر،چاستوتا)دەپ چۈشۈنىشكەبولىدۇ،ماددا دەپ چۈشۈنىشكە بولمايدۇ.

مىنىڭ دولقۇن ھەققىدىكى يۇقۇرقىچە قاراشلىرىمدا ھازىرمۇ پىرىنسپال ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.ئەكسىچە بۇنداق قاراشلار تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى،دولقۇننىڭ ماھىيەتلىك خارەكتىرى دەۋرىلىك بولۇپ،بۇ پەقەت ھەركەت دەۋرىلىكىدىن ئىبارەتكى،ماددى دەۋرىلىك ئەمەس.ھازىر بىز ئىلىكتىروننىڭ شارشەكىللىك زەررىچە ئىكەنلىگىنى بىلدۇق.بۇ يەردە دەۋرى قىلىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ ھەركەت شەكلى بولۇپ،بۇ شارشەكىللىك زەررىچە ئۇزى دەۋرى قىلمايدۇ.بۇ تەشەببۇس،دەۋرى ھەركەت قىلىدىغان بارلىق زەررىچىلەرگە بارلىق زەررىچىلەرگە ئوخشاشلا ئورۇنلۇق.
دولقۇن شەكلىدە دەۋرى ھەركەت قىلىش يالغۇز مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ پاتىنتى ئەمەس.پىلانىتلار ۋە ھەممە ئاسمان جىسىملىرى دىگۆدەك مانا مۇشۇنداق دەۋرى ھەركەت قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەركتىنى دولقۇنغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.پەقەت مىكرۇ دۇنيا بىلەن ماكرۇ دۇنيا  دولقۇن ئۇزۇنلىغى ،ئامپىلىتۇدا قاتارلىقلاردا مىقدار پەرقىگىلا ئىگىكى،ھەركەت شەكلى پەرقىگە ئىگە ئەمەس.ئۆتكەندە ماھىرجان مىنىڭ ئۆتۆنىشىم بىلەن ئىشلىگەن يەرشارىنىڭ دولقۇن گىراپىكى (16-قەۋەت) بۇ تەشەببۇسلارنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

پىرۇفېسۇر تاشپۇلات رۇزىنىڭ بۇلتۇريوللىغان تارتىش كۈچ دولقۇن كۆرۈنۈشى تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىۋېلىندى سەرلەۋھەلىك تېمىسىدا، تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ تەبىئەت تورىدا ئېلان قىلىنغان گىراپىكىمۇ بېرىلگەن.



تەبىئەت تورىدا ئېلان قىلىنغان تارتىش كۈچى دولقۇنى گىراپىكى


ماھىرجان ئىشلىگەن يەر شارىنىڭ دولقۇن گىراپىكى


يۇقۇرقى گىراپىكتىكى سىنۇس ئەگرى سىزىقىنى،ماھىرجان ئىشلىگەن يەر شارىنىڭ دولقۇن گىراپىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۇرسىڭىز مىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىمنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلالايسىز.

يورۇقلۇق تىزلىگىگە يېقىن تىزلىكتە ھەركەت قىلىۋاتقان بىر كۈزەتكۈچى بار دەپ پەرەز قىلايلى ،ئۇ  كۈزەتكۈچى  بىر دانەفۇتۇننىڭ ھەركەت جەريانىنى كۈزەتسۇن.ئۇ پەقەت مۇئەييەن ھەركەت شەكلىدە ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچىنىلا كۈزىتەلەيدۇ.بەلكىم بۇ ھەركەت شەكلى سىلىنىدىر سىفرالى ياكى كونۇس سىفرالى بولۇشى مۈمكىنكى ھازىرقى چۈشەنچىمىزدىكى«دولقۇن»بولۇشى ناتايىن.مۇبادا بىز مانا مۇشۇنداق بىر ھەركەت شەكلىنى «دولقۇن»دەپ ئاتىساق بۇ يەردە تالاشقىدەك ھىچ گەپ قالمايدۇ.مەلۈم مەنىدىن ئىتقاندا بۇ ئىھتىمال شۈنچە ئاددى مەسىلە بولىشىمۇ مۈمكىن.بونداق دىيىشتىكى سەۋەپ ؛بىز«زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن مەيداندا تۇرۇپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقمىدۇق.فىزىكا«دولقۇن - زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن ئىدىيەنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۈرۈشى كىرەك.بۇنداق پەرەز ئۇرۇنسىز دەپ قارالسا ئۇھالدا يەنە بۇ فىزىكا يۇقۇرى تىزلىكتىكى زەررىچىلەرنىڭ ھەركەت شەكلى ھەققىدە تىخى ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىگىنى ئىتراپ قىلىشى كىرەك.بۇ يەردىكى ئىككى خىل تاللاش بىزگە سالمىغى پەرىقلىق بولغان ئىككى ۋەزىپە يۈكلەيدۇ.
دولقۇن - ھەركەت شەكلى،ھەركەت قىلغۇچى جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ ئۆز شەكلى ئەمەس.دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ،سۇ دولقۇنلىرىغا نەزەر تاشلىساقمۇ يەنىلا زىدىيەت كېلىپ چىقمايدۇ.چۈنكى سۇ دولقۇنلىرى مالىكۇلا قاتارلىق يەككە زەررىچىلەردىن تۆزۆلگەن بولىدۇ.مانا مۇشۇ نۇرغۇنلىغان مالىكولىلارنىڭ دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىشىنىڭ توپلىمى سۇ دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت.دولقۇن شەكلىدە تارقىلىۋاتقان بارلىق ئاقار جىسىملار ۋە زەررىچىلەرگىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق دېيىش مۆمكىن.بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى،ئالەم بوشلۇغىدا،ئالەم كېمىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەجىربىدە بىر سۇ تامچىسىنىڭ سېلىنىدىر سىفرالى شەكلىدە دەۋرى ھەركەت قىلغانلىغى ئىسپاتلايدۇ،دەپ قارايمەن.
مەيلى يورۇقلۇق دولقۇنلىرى ۋە ياكى ئاقار جىسىملار دولقۇنلىرى بولسۇن،ئورتاق ھەركەت شەكلىگە ئىگە بولغان يېتەرلىك زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەت.ھەرقانداق سىتاتىكىلىق نەتىجە ماھىيەتتە مۇئەييەن ئورتاقلىققا ئىگە يەككىلىكلەرنىڭ،ئىلىمىنتار رىياللىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن ئىبارەت.بىز فۇتوندىن ئايرىلغان يورۇقلۇق دەستىسىنى،سو مالىكولىسىدىن مۇستەسنا سۇ دولقۇنىنى تەساۋۋۇر قىلالمايمىز.ئوخشاشلا گىراۋىتۇندىن ئايرىلغان تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۈت بولىشىمۇ مۆمكىن ئەمەس.
ھازىر ئايان بولدىكى،ئالدىنقى يىلى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى سۈپىتىدە بايقالدى دىېيىلگىنى،چاڭ-تۇزاڭ بولۇپ چىقتى.مۇبادا ئۇلار گىراۋىتون بولۇپ چىقسا ئىدى،بۇ ھالدا تارتىش كۈچى دولقۇنى مەۋجۈت،ئۇنىڭ توشۇغۇچىسى مانا دېيەلىگەن بولاتتۇق.لىكىن بۇنداق بايقاش يۆز بەرگەن تەقدىردىمۇ،مەسىلىنىڭ ئۆزۆل-كېسىل ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن.چۈنكى،بۇ يەردە بىز يەنىلا يەككە گىراۋىتۇننىڭ ھەركەت شەكلى مەسىلىسىگە دۇچ كىلىمىز.قەتئى مەنىدە ئېيتىشقا بولىدۇكى،بۇنداق زەررىچە _ مۇبادا ئۇ ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولغان تەقدىردە _ يەنىلا دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدىغان بىر زەررىچە بولۇپ چىقىدۇكى،ئۇنىڭ ھەركەت شەكلى بىلەن باشقا زەررىچىلەرنىڭ،مەسىلەن فۇتوننىڭ ھەركەت شەكلى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق ياكى خاسلىق بولمىغان بولىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنىڭ بارلىغىنى تەساۋۋۇر قىلماق قىيىن.


3.ئېينىشتېيىننىڭ ئۈزلۆكسىز كۈچ مەيدانى ۋە ئېينىشتېيىننىڭ ئېفىرى

"لورنتىسنىڭ ئىختىراسى تۈپەيلى بۇگۇن شۇنداق ئېيتىش مۈمكىنكى، فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئېفىر بىرلا خىل نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپلا قالماي، مەيدان بوشلۇقىنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىدۇر(7)".
"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئېفىرى شۇنداق بىر مۇھىتتىكى، ئۇنىڭ ئۆزىدە پۈتۈنلەي مىخانىكىلىق ۋە كىنېماتىكىلىق خۇسۇسىيەت يوق. بىراق، ئۇ مىخانىكىلىق ھادىسىلەرنى بەلگۇلەشكە قاتنىشىدۇ(8)".

_______ ئالبىرىت.ئېينىشتېيىن



ئېينىشتېيىن تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تۇرغۇزغاندا ئېفىرغا مۇھتاج بولمايدۇ،لىكىن كەڭ مەنلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تۇرغۇزغاندا ئېفىر بولمىسا قەتئى بولمايدۇ،دەپ قاراپ ئېفىرنى قايتا تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئېفىر قارىشى بىلەن تارتىش كۈچى مەيدانى ئىدىيىسى ئوتتۇرىسىدا ھەمنەپەسلىك بار.ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى مەيدانى بىر ئۆزلۆكسىز مەيدان بولۇپ،بۇنداق ئۆزلۆكسىزلىكنى پەقەت ئەشۇنداق ئۈزلۆكسىز ئېفىر مۇھىتى ئارقىلىقلا كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۆمكىن.

مۇئەييەن يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان سۇ دولقۇنىلىرى ئۈستىگە ياغاچ پۇرۇپكلارنى تاشلىساق،بۇ ياغاچ پۇرۇپكىلار سۇ دولقۇنلىرىغا تەقلىت قىلىپ،دولقۇنسمان ھەركەت قىلىدۇ.ماھىيەتتە،شۇ سۇ دولقۇنلىرىنىڭ مالىكولىلىرىمۇ ياغاچ پۇرۇپكىلارغا ئوخشاش ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ.بۇنداق تەسەۋۋۇرنى ھەققى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر مۇھىتىغىچە كېڭەيتىشكە بولىدۇ.پاكىتلارنى ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىنى كۇزدە تۇتقاندا ماددى ئۈزلۆكسىزلىك ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس.ئېفىر پەرىزى _ ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر ۋە كىۋانىت مۇھىتىغا نىسبەتەن بىر ئەھمىيەتسىز پەرەز.بۇ يەردە پەقەت مىقدار پەرىقلىرىلا باركى،كىۋانىت ئۇقۇمى ئاستىدا ماھىيەتلىك پەرىق مەۋجۈت ئەمەس.دىمەك،ئېينىشتېيىننىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچ مەيدانى پەقەت نەزەريىۋى رىياللىق بولۇپ،تەجىربىۋى ئاساسقا ئىگە ئەمەس.بىز يۆكسەك مىكرۇ ئېنىقلىقا ئېينىشتېيىنچە ئۈزلۆكسىزلىكلەرگە نەزەر تاشلىساق بۇ نۇقتا ئاشكارە بولىدۇ.مەن ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئالغان فۇتون تېزلىكىدە كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ فۇتۇننى كۆزىتىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە بۇ تەشەببۇسلارنى چۈشۈنۈشتە ئەھمىيەتكە ئىگە.ھازىرغىچە ،كىۋانىت مىخانىكىسى بىلەن تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى بىرلەشتۇرگىلى بولماسلىغىدىكى سەۋەپ،مىنىڭچە ئەسلى زادىلا ئۈزلۆكسىز بولمىغان ۋە زادىلا مەۋجۈت بولمىغان بىر رىياللىقنى ئۈزلۆكسىز ۋە مەۋجۈت دەپ قارىۋالغانلىمىزدا.ھېلىغۇ ھازىرغىچە 100يىلچە بولۇپتۇ،يەنە نەچچە يۆز يىل ئۆتسىمۇ بۇنداق ئۈزلۆكسىز كۈچ مەيدانى ئىدىيىسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرگىلى بولمايدۇ!.

نىيوتۇنمۇ،ئېنىشتېيىنمۇ ھەركەت ئەگرى دەپ قارايدۇ.لىكىن،ھەركەت ئەگرىلىكىنى چۈشەندۆرۈش ئوسۇلى ئوخشىمايدۇ.نىيوتۇن بۇنداق ئەرىلىكنى ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بىر تاشقى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان،شۇڭا ئاسمان جىسىملىرى ئەگرى ئوربىتىدا ھەركەت قىلىدۇ،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن بولسا،ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا ماكان ئەگرىلىگى دىگەن بىر ئۇقۇمنى دەسسىتىپ،ئاسمان جىسىملىرى ئەگرى ماكاندا ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ،دەپ قارايدۇ.ھەر ئىككىسىنىڭ نەزەريىسى تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى دىگەن بىر نەزەريىۋى ئۇقۇمغا تاينىدۇ ۋە گاللى ئىشلىگەن پېسا قېيسىق مۇنارى تەجىربىسىنى تەجىربە ئىسپاتى قىلىشىدۇ.ئېينىشتېيىندە تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى بەزى خاس مەزمۇنلارغا ئىگە بولسىمۇ،ماھىيەتتە يەنىلا گالىلى تەجىربىسىنى مەنبە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە گېئورگى گامۇف شۇنداق يازىدۇ:


ئېينىشتېيىننىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنى،گالىلىنىڭ تەكشى تىزلىك بىلەن ئۆزۆۋاتقان بىر كېمە ئىچىدەمىخانىكا تەجىربىلىرىنى ئىشلىگەن چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان ھېلىقى تەجىربە -ئىسپاتلىرىنىڭ پارلاق چوققىسى دەپ قاراش مۇمكىن.بۇ نەزەريىنى تەكشى بولمىغان ھەركەتكە كېڭەيىتكەندە ئادەتتە ئۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى دېيىلىدۇ.ئەمما ئۇنى نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرىدىكى تارتىش كۈچى نەزەريىسى دەپ ئاتاش كېرەك.ئۇنىڭ ئېغىر - يېنىك جىسىملارنى پىسا قىيپاش مۇنارىسىدىن تاشلاشتىن ئىبارەت گاللى تەجىرىلىرىدىمۇ يىلتىزى بار.

   ___ گېئورگى گاموف _"فىزىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى"،337-بەت.


ئېينىشتېيىن كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى ئۈستىدە توختۇلۇپ شۇنداق يازىدۇ:
"تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى بارلىق جىسىملارئوخشاش تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىدۇ.بۇ قانۇن ئۇزنۇۋىتىدە يەنە ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسىنىڭ تەڭ ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەيدۇ."«ئىنىرتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسىنىڭ تەڭ ئۈنۈملۆكىنى ھازىر ناھايتى رۇشەن ھالدا تۆۋەندىكىچە بايان قىلىشقا بولىدۇ:تەكشى تارتىش كۈچى مەيدانىدا بارلىق ھەركەتلەر خۇددى تارتىش كۈچى بولمىغان تەكشى تىزلىنىشچان كوئوردىنات سېستىمىسىدىكىدەك بولىدۇ»

_ ئالبىرىت.ئېينىشتېيىن "كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەنبەسى"،"ئېينىشتېيىن ئەسەرلىرى"،شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى،1977-يىلى نەشىرى،1-توم،320-321-بەتلەرگە قاراڭ.

ئەمدى مەن مۇشۇ كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىنىڭ 29-تىئورمىچە ئېغىش ۋەجىدىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغى ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلىمەن.


4.ئەگرىلىكنى تالىشىش:شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھەركەت ئەگرىلىكى ھەققىدىكى مەۋقەسى




29-تىئورما تەجىربىلىرى كۆرسەتتىكى،كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى خۇددى رەسىمدىكىدەك ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شارلاردا قۇرۇلمايدۇ.ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ ئەركىن تاشلانغان جىسملار ئايلاندۇرالماي تاشلانغان جىسىملارغا قارىغاندا يەرگە كېچىكىپ چۈشىدۇ ۋە ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ چۈشىدۇ.بۇ پاكىت نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى دولقۇنى،ماكان ئەگرى ئىدىيىلىرى قاتارلىق ئالاقىدار كىلاسسىك قاراشلارنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە بىر تەرەپلىمىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

بىز ئادەتتە ئېغىرلىق كۈچى مەيدانى،دەپ ئاتايدىغان مەيداننىڭ كۈچ يۆنىلىشى بىلەن،ئايلىنىش ئوقى بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئايلىنىش ئوقى تەرەپكە ئېغىپ ۋە كېچىكىپ چۈشۈش بىلەنلا قالماي،ئىككى يۆنىلىش بىر سىزىق ئۈستىدە ياتىدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارمۇ كېچىكىپ چۈشىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى تارتىش كۈچى ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىلىرىگە پايدىسىز پاكىتلاردىن ئىبارەت.
ئالدىنقى يىلى بەزى تەتقىقاتچىلار تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭمۇ ئاقار جىسىملار خارەكتىرى ۋە  بۇنداق مەيداندا قاينامسىمان تۈزۈلۆشىنىڭ مەۋجۈت بولۇشى مۆمكىنلىگى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشتى.ماھىيەتتە بۇ قاينام سىفرال ھەركەت قىلىدىغان زەررىچە ۋە جىسىملاردىن كېلىپ چىققىدىغان مۇقەررەر مەنزىرىدىن ئىبارەت.قوياش سېستىمىسىنى كۈزەتسەك،ئۇنىڭ ھەركىتىنى ماكرۇ ھالەتتىكى قاينامسىمان ھالەت دېيىش مۆمكىن.سامان يولى سېستىمىسى باياملا شۇنداق ھالەتتە ھەركەت قىلىدۇ.بۇنداق ئومۇمى ھەركەت شەكلى مەنزىرىسى كۇنكىرىت يەككىلىكلەرنىڭ سىفرال ھەركەت قىلىش شەرتى ئاستىدىلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.بىز بىر پۈتۈن قوياش سېستىمىسىنىڭ دولقۇن گىراپىكىنى ئىشلىسەك،ئۇنىڭ شەكلى بىردانە ئىلىكتىروننىڭ دۇلقۇن گىراپىكى بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشۇشۇپ كېتىشى مۆمكىن.پەرىق پەقەت قىممەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىدىلا ئىپادىلىنىدۇ.

بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،نۇرغۇنلىغان زەررىچىلەردە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادىسىلەر بايقىلىپتۇ.
بۇنداق خىلاپلىق 29-تىئورما تەجىربىلىرىدە ماكرۇ جىسىملاردىمۇ كۆرۆلدى.بۇلارنىڭ ھەممىسى شەكىل نەزەريىسىدىكى ھەركەت ئۆزىنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،بۇنداق ئەگرىلىكنى ئاللىقانداقتۇر بىر تاشقى كۈچ كەلتۆرۈپ چىقارمايدۇ،دىگەن ئىدىيەنى قوللاۋاتىدۇ.

5.خۇلاسە:ھەركەت ئۆزى ئەگرى

سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن سىپىن ئۇقى-ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان،ئۈسىتمۇ-ئۈسىت چۈشمەيدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا سىپىن-ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرى بار.ئۇلار 29-تىئورما ماياتنىك تەجىربىسى،دېسكا،چاق ۋە نۇرلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئانتى ئېغىرلىق كۈچى -پېرېتسىيە تەجىربىلىرى،ئىلىكتىروننىڭ ۋالىس تىرايىكتۇرىيىسى تەجىربىسى،غەيرى خالىل ئففىكىتى تەجىربىسى قاتارلىقلاردا كۆرۆلىدۇ.بۇنداق ئەگرىلىك ۋە ئېغىش تاشقى كۈچ بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئىنىرىتسىيىلىك ئېغىش.نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى،ئېينىشتېيىن ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئففىكىتى تەتۆر ئايلىنىدىغان پىلانىتلار ۋە ئىللىپىسىمان ئوربىتا تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسى بىر ئەسىردىن بۇيان شۇنچە زور تىرىشچانلىقلار كۇرسىتىلگەن بولسىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئىسپاتلانغىنى يوق.ھالبۇكى،قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارھەركىتى ۋە يۇقۇردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەجىربىلەر 29-تىئورمىنىڭ ماكرۇ ۋە مىكرۇ دۇنيادا ئورۇنلۇقلىغىنى،شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،دىگەن تەشەببۇسىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ئىسپاتلىماقتا.
ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان،ئەسلا پارچىلانمايدىغان،ئۆمرى چەكسىزھەقىقى مەنىدىكى ئېلىمىنتار زەررىچىلەر(شەكىل نەزەريىسىدىكى ئېن) مەۋجۈت،دەپ قارايدىغان تەپەككۆر مۇقەررەرھالدا ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،دىگەن ئىدىيەگە ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ يەردە ئەسلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئۇچۇرشۇكى،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىدىن ئىككى قېتىم ۋاز كېچىپ،تارتىش كۈچى دولقۇنى مەۋجۈت ئەمەس دەپ جاكالىغان ۋە ئىككى قېتىم قارارىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشەببۇس قىلغان.ماكان ئەگرى تەشەببۇسى ماھىيەتتە تارتىش كۈچى دولقۇنىغا بەك مۇھتاج بولۇپمۇ كەتمەيتى. بۇيەردە ئېينىشتېيىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دىلىغۇللىقلىرىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.قارىغاندا ئېينىشتېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدا نۇرغۇن ئارىسالدى بولغاندەك قىلىدۇ.



گەپنىڭ نەق يېرىنى ئېيىتساق، ھۇلىس - تەيلور قوش پولسارى   (Hulse–Taylor binary pulsar)دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قوشماق يولتۇزنىڭ ئوربىتا رادىئوسىنىڭ بارغانسىرى قىسقىراپ،قوشماقلارنىڭ بىر-بىرىگە بارغانسىرى يېقىنلىشىشىنى 29-41-تىئورمىلار ئارقىلىق كەلتۆرۆپ چىقارغىلى بولۇپلا قالماي،بۇنداق يېقىنلىشىشنى بۇ ئىككى تىئورمىنىڭ ئاسمان جىسىملىرىدىكى ئىسپاتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

ئاندېرى.لېندى ئەپەندىگە تەسەللىلەر بولسۇنكى،29-41-تىئورمىلارئالەمنىڭ كېڭىيىش ئىدىيىسىگە يول قويۇدۇ.بۇ تىئورمىلارنىڭ بولسا يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرى بار.شەكىل نەزەريىسىنىڭ  دەۋرى ئالەم ئىدىيىسى ئاللىقانداقتۇر “تارتىش كۈچى دولقۇنى“غا مۇھتاج ئەمەس.


    ھازىر كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىنىڭ 29-تىئورمىچە ئېغىش ۋەجىدىن چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىگى ئاشكارە بولدى.بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،نۇرغۇنلىغان زەررىچىلەردە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىكى تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادىسىلەر بايقىلىپتۇ.تەڭ ئۈنۈم پىرىنىسپى ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
مەن يۇقۇرقى ئاساسلار مەۋقەسىدە تۇرۇپ،تۆۋەندىكىلەرنى تەشەببۇس قىلىمەن:
1.كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش.
2.تارتىش كۈچى دولقۇنى،قاراڭغۇ ئىنىرگىيە،زامان-ماكان ئەگرىلىگى قاتارلىقلارنى كىرگۆزمەي تۇرۇپمۇ ئالەمنىڭ كېڭىيىپ تارىيىپ دەۋرى قىلىشىنى،ئاسمان جىسىملىرى ۋە پىلانىتلارنىڭ دەۋرى ھەركەتلىرىنى شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدۇ.بۇ ئىككى تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرىنى قاتتىق تەپتىش قىلىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.


پايدىلانمىلار:

قاسىم سىدىق:“فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى”-جۇڭگۇ پەنلەرئاكادىمىيىسى شىنجاڭ ئېكۇلوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشىرئەپكارى “قۇرغاق رايۇن جۇغراپىيىسى” يورنىلى 2011-يىلى 3-سان.
“ئېينىشتېيىن ئەسەرلىرى” سودا نەشىرياتى نەشىرى.
گېئورگى گامۇف: “فىزىكىنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى”.
传播,以思想的速度——爱因斯坦与引力波        丹尼尔·肯尼菲克
ئالاقىدار تور يازمىلىرى.



(داۋامى بار،تەھرىرلىنىدۇ)


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:43:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




网站:观察有额外的碰撞——黑孔
科学家用计算机模拟来探索如何空间时的反应有黑色的碰撞——别有洞天
丽兹:kruesi | published by Monday,六月23日,2014年
相关专题:引力波|黑孔
低频引力波
根据爱因斯坦的一般理论relativity(the best of the引力理论,我们有力量),任何对象with mass of the纤维经空间-时间。所以如果这身体是移动的,它会创建的空间-时间的涟漪,像如何在船穿过水、波。astronomers are actively Searching for these“引力波。”at the same time,科学家创造了计算机模拟是基于数学formulae relativity - to study the and一般大小和引力波的产生有不同的长处of objects移动通过空间-时间


http://www.astronomy.com/magazin ... black-holes-collide

يەنە شۇ گەپ،زامان-ماكان تەۋرىنىدۇ....

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 12:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 12:51  

1.نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇق ئېلىپ كىرىلسە دولقۇن-زەررىچىلىك تەلىماتى قۇرۇلمايدۇ.تارتىش كۈچى دولقۇنى ھەم ئەھمىيەتسىز ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ.
2.كۋانىتلىق پەقەت نىيوتۇن بوشلۇغى ئۆستىگىلا قۇرۇلىدۇ.ئېينىشتېيىن بوشلۇغىدا قۇرۇلمايدۇ.
بۇنىڭدىن بىز نىمە ئۈچۈن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى بىلەن كۋانىت مىخانىكىسىنى بىرلەشتۆرگىلى بولمايۋاتقانلىغىدىكى سەۋەپنى ھېس قىلالايمىز.
دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدىغان زەررىچە - مانا مۇشۇنداق ئاتالما ۋە قاراش بىزنى بەزى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشى مۆمكىن.

中,引力波时空曲率中以的形式从射源向外传播的扰动,这种波会以引力辐射的形式传递能量
فىزىكىدا،تارتىش كۈچى دولقۇنى زامان-ماكان ئەگرىلىگى موھىتىدا دولقۇن شەكلىدە رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن ئەتراپقا تارقىلىدىغان تەۋرىنىشنى كۆرسىتىدۇ،بۇنداق دولقۇن تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى شەكلىدە ئىنىرگىيە ئۇزۇتىدۇ.


引力辐射_百度百科
رادىئاتسىيە مەنبەسى ھىساپلانمىش ئاسمان جىسىمى رادىئاتسىيە قويۇپ بەرگەنچە ئوربىتا رادىئوىسى قىسقىراپ بارىدۇ،دېيىش پەقەت بۇنداق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوربىتا رادىئوسى نىمە ئۈچۈن قىسقىرايدۇ؟دىگەن سوئالنىڭ بىر جاۋابى بولۇپ كەلدى.ئەمما بۇ جاۋاپنىڭ بىردىنبىر جاۋاپ ۋە توغرا جاۋاپ بولىشى ناتايىن.29-41-تىئورمىچە ئېغىش ئوخشاشلا ئوربىتا رادىئوسىنىڭ بۇنداق قىسقىرىشىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇنداق قىسقىراشنى ئاددى تەجىربىلەر بىلەن ئۆستەل ئۆستىدىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 18:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارستا تۇرۇپ تارتىلغان سۈرەت: يەرشارى، يۇپىتىر ۋە ۋېنىرانىڭ بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىشى

http://www.nur.cn/news/2015/02/210725.shtml

ھەي بۇ ۋېنىرا،ئادەمنى بەك ئاۋارە قىلدى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )