بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 23:01
ziya يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:28
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
ۋېنىرانىڭ تەتۇر ئايلىنىشىنىمۇ مىسال سۈپىتىدە قىستۇرۇپ قويسام بولغىدەك.
بەزى يازمىلاردا ۋېنېرا قاتارلىقلارنىڭ بۇنداق تەتۆر ئايلىنىشى ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان قىيىن مەسىلە،دەپ يېزىلسا، بەزىلىرىدەھازىر بۇنداق نورمال بولمىغان تەتۆر ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان ئادەم يوق،دەپ يېزىلغان.ئاستىرولۇگلار ۋېنېرادىن بېشارەتچىلىك،پالچىلىققا ئالاقىدار تېمىلارنى ئويلاپ تېپىشقان.
ھازىر مەلۈم بولدىكى،ۋېنېرا ئاللىقانداقتۇر سىرلىق پىلانىت ئەمەس.ۋېنېرانى مەنبە قىلغان ئاستىرولۇگىيىلىك سىرلىقلاشتۇرۇشلارنىڭمۇ قىلچە ئاساسى يوق.ھازىرقى زامان ئاستىرۇ فىزىكلىرىنىڭ ۋېنرانىڭ ھەركەت شەكلىدىن بېشى قېتىپ كېتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ۋېنىرا ئادەتتىكى،فىزىكىنىڭ تۆپ قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بىر پىلانىت.چاتاق بىزنىڭ فىزىكا قانۇنلىرىنى بىلىشىمىزنىڭ چەكلىمىلىكلىگى،بىرتەرەپلىمىلىكنىڭ ئۇزىدە!.بىز قوياش سولغا ئايلىنىدۇ،تارتىش كۈچى قاتارلىقلارۋەجىدىن مۇتلەق كۆپ پىلانىتلار سولغا-سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشىتە سولغا ئايلىنىدۇ ۋە سولغا ئايلىنىشى كېرەك،دەپ قارىۋالغان ئىدۇق.ۋېنېرانى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئاز بولمىغان ئاسمان جىسىملىرى بۇنداق قاراشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئوڭ ياكى سولغا ئايلىنىشنىڭ پەقەت ئايلانغۇچى جىسىمنىڭ ئۇزىدىكى خاسلىق ئىكەنلىكى،تەبىئەت ئوڭغا ئايلىنىشنى ئۆگەيلىمەيدىغانلىغىنى كۇرۆپ تۇرۇپتۇق. نۇرغۇن ئاستىرۇ فىزىكلارنىڭ ۋېنېرانىڭ تەتۆر ئايلىنىشى ۋەجىدىن كېلىپ چىققان باش قېتىنچىلىغىغا 29-تىئورمنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ۋە تەسەللىسى مۇشۇ!. ۋېنېرا نىڭ تەتۆر ئايلىنىشى 29-تىئورما نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىر مۇقەررەلىك!.
لىكىن،ئەپسۇسلىنارلىق يېرى 29-تىئورما نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى،ئېنىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى،كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى قاتارلىقلار بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېغىشمايدۇ.ئەلۋەتتە قايسىنىڭ پاكىت ئاساسى،مەنتىقى،نەزەريىۋى ئاساسى كۈچلۈك بولسا شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەك!.
ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئففىكىتى دېيىلىدىغان بۇ ئۇقۇم ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.قوياش سېستىمىسىدىكى تەتۆر ئايلىنىدىغان ۋېنېرا قاتارلىق پىلانىتلار بۇ ئۇقۇمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى،چەكلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلىدى.
|