قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 14464|ئىنكاس: 242

مۇسۇلمانلىق دەۋاسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان

9

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8579
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2254
تۆھپە : 1806
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 22:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 09:13  

بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم
لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللا



     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
        بارلىق ماختاش ۋە بارچە ھۆرمەت ئىگىمىز ئاللاھۇ سۇبھانە ۋەتائا، يولباشچىمىز موھەممەت سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن....
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم،سىلەرگە،ئىگىمىز ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.
بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىر تەكىبىي قىسمى،شۇنداقلا بۈيۈك جۈڭخو ئىلىنىڭ پۇخرالىرى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز ۋە نۆۋەتتە يۈز بىرىۋاتقان،تەخىرسىز رىيال مەسىللىرىمىز ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئىلىپ بىرىشقا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ھەقلىقمىز...

ئۇشبۇ يازمامنى تۆۋەندىكىچە داۋاملاشتۇرماقچىمەن؛

كىرىش قىسىم
1-بۆلۈم دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمىيتى ۋە  ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىڭى
2-بۆلۈم ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە ئۇسۇللار
3-بۈلۈم خۇلاسە


كىرىش قىسىم

      نۆۋەتتە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر تەرەپكە بۆلىنىپ كىتىش،ئىدىيە،قىممەت قاراش ۋە ئاڭدىكى بۆلىنىش،يىمىرلىش،نادانلىق  ۋە بۆلۈنمىچىلىك،بىرلىك،ئورتاقلىق بولماسلىق جەھەتتىكى مەسىلىسىدۇر...
بۇ مەسىللىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ يامىنى ئەمما تىخىچە تىلغا ئالغۇدەك گەپ سۆزلەر ۋە ھەركەت بولونمىغان ياكى بىزلەر ئاڭلىمىغان،بىز ئەڭ ئالدى بىلەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ساھە.
ھازىرغىچە تۇرمىشىمىزدا ھەممەيلەن ئورتاق دۇچ كىلىۋاتقان ياغلىق،ساقال تىل ۋە باراۋەرلىك مەسللىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىللەردە ھەل بولسۇن بولمىسۇن پىكىرلەر،ئىزدىنىشلەر بولوندى.مەنمۇ ئىزدىنىۋاتقان،قەدىمىم يەتكۈچە قەدەم بىسىۋاتقان بىرى بولوش سۈپىتىم بىلەن ئىنشائاللا بۇ ئىشلارنىڭ ھامان ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن ھىچ شۈبھەم يوق.بۇ مەسىللەر ئىنشائاللا ھامان ھەل بولغۇسى...
ھازىرقى ۋاقىتتا مىنىڭ كۆڭلىمنى ئەڭ غەش قىلىدىغان بىر تەرەپ،دىنى بىر، تىلى بىر،ئىگىسى بىر ،دەردى ۋە ئازابى ۋە يىغىسى بىر بولغان ۋە شۇنداق قارىلىۋاتقان بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ بىرلىكتە مەسىللەرگە ئورتاق يۈزلەنمەستىن ئىدىيەدە  بۆلىنىش مەسىلىسىدۇر .
مىنىڭچە بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ موھىم تەرىپى دەپ قارايمەن.شۇڭا بۇ يازمامدا جەمىيتىمىزدە ۋە ئىڭىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان مەسىللەر ۋە ئۆزۈم ئويلىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى قىسقىچە ئوتتورغا قويوپ باقماقچىمەن.


     



1-بۆلۈم
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيتى ۋە ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىڭى

1-قىسىم
جەمىيتىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىغا قىسقىچە بىر نەزەر



       مەن ئادەتتە ئۈزۈمنىڭ خىزمەت،تىل ئۈگىنىش،كىتاب ئوقوش ۋە باشقا ئىشلىرىم بىلەن بوشىنالمايۋاتقان پەيتلەردە ئەتراپىمدىكەر مىنى سورونغا باشلاپ بولالماي ئاۋارە.ئۇلار ھەر كۈندىكى بولىشىغا ئىچىشتىن،ئىچىۋىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشتىن،ئۆزىنى دۇرۇس قىلىپ ئىپادىلەشتىن، قۇرۇق گەپ سۆز ۋە ھاياتىنى ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشتىن زىرىكمەيتتى،زىرىكسە يەنە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىش پۇشىغىنى چىقارماقچى بولغاندەك قىلىشاتتى.ئۇلار دايىم نىمانداق كۈرىۋىرىسەن ئۇ كىتابنى،زىرىكمەمسەن،دەپ مىنى چاقىرشاتتى ئەمما مەن دەل  شۇنداقلاردىن ۋە شۇنداق سورونلاردىن ئەڭ زىرىككەنلىكىمنى دەي دەيتىميۇ لىكىن ئۇلارغا قوپال كەلمەسلىكى،ئۈزۈمگە دۈشمەن،كۆز قۇلاق كۆپەيتىۋالماسلىقىم ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇلدا رەت قىلاتتىم.ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كىتەتتىم ئەمما كۆپىنچە ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىغا ئۆزۈم ئىگە بولالماي،بەزىدە جەمىيتىمىزنىڭ ئومومىيلىقىغا ئايلانغان شۇ ئازغۇنلۇق،بۇزۇقچىلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇراتتىم.
        شۇ خىلدىكى ئەرلەر،ئوغوللار ئۆز ئىشنى تۈگەتكەن ھامان بىر خىزمەتداش ياكى تونىشى بىلەن ئۆز سورونلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى.ئۇلار پاراڭلىرىدا كۆپىنچە قايسى بىر سوروندا قانداق ئىچكەنلىكى،قايسىدۇر بىرسى بىلەن قانداق سوقوشقانلىقى،قايسىدۇر بىر قىزنى قانداق كەلتۈرگەنلىكى،بىلىدىن قانداق تۇتۇپ قايسى سوروندا قانداق تانسا ئوينىغانلىقى،ئاخشىمى قايسى ياتاق ياكى ئۆيگە قانداق باشلاپ كارۋاتقا قانداق تاشلىغانلىقى،كىيىملىرىنى قانداق سالدۇرغانلىقى،ئايالىنى قانداق ئالدىغانلىقى ياكى جىمىقتۇرغانلىق پاراڭلىرىنى خىجىل بولوش ئەمەس پەخىرلىنىش ھىسىياتى بىلەن بەس-بەس بىلەن سۆزلىشەتتى.ئەمما ئۇلار دائىم ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ سۈپەتلەيتتى،ئۆزىنىڭ شۇ پەس قىلىقلىرىنى بولسا ھەي ئىنسانچىلىق دىگەندەك سۆزلەر ياكى قانداقتۇر بانا سەۋەبلەر بىلەن يەنە ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشاتتى،قەدەمدە بىر مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلاتتى،بەزىدە شۇ سىسىق،نىجىس ھاراقنى بىسمىللا دەپ ئچشەتتى،ئىچىۋىتىپ ئايەت ۋە ھەدىسنى بەس بەس سۆزلىشىپ يەنە ئىچىۋىرەتتى،ئۆزىنى ئاقلاۋىرەتتى.ئۇلارنىڭ ئىش ھەركىتىدىن،قىلىقلىرىدىن ھىچ مۇسۇلماننىڭ ئىزناسى بولمىسىمۇ ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ ئىپادىلەشكە تىرىشاتتى،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشنى ھىچ ئۇنتىمايىتتى ۋە توختاپ قالمايىتتى...
       ئەتراپىمىزدىكى كۆپۈنچە ئاياللار بولسا قايسى رستۇراندا قانداق چاي ياكى زىياپەت ئۆتكۈزگەنلىكى،گوپپا گوپپاڭ مۇزىكىغا كىم بىلەن قانداق ئۇسۇل ئوينىغانلىقى،بۇ ئاي ياكى پەسىلدە قانداق كىيىمنىڭ مودا بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلىشەتتى.بالىلىرىنىڭ،يولدىشىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويوپ،ئۇلار بىلەن كارى بولماستىن سوقوشۇپ بولسىمۇ ئۆز سورونلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋىرەتتى...ھەتتا ئەرلىرى بىلەن سوقوشوپ ،شۇ ئوماق سەبىي باللىرىنى تاشلاپ،ئائىلىسىنى بۇزۇپ بولسىمۇ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى نەچچە مىڭ يۈەن قەرز ئىلىپ كىيىشەتتى...
      بۇ يىللىق قىشلىق پەسىلدە ئەتراپىمدىكى كۆپىنچىلەر ئىيىقنىڭ تىرىسگە ئوخشاش نۇركا ئاتلىق كىيىملەرنى كىيىشتى.دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن كىيىن ئۇ چاپانلارنىڭ ئالدى نەچچە ئونمىڭ سوم كەينىنىڭ نەچچەمىڭ سوم ئىكەنلىكىنى،بىر بىرى بەسلىشىپ كىيىۋاتقانلىقىنى،نەچچىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلگىنىمدە تولىمۇ ئىچىندىم.
       ئۇلار يۇقارقى قىلىقلىرى بىلەن ھەم ئۆتىگى يوتىسىغا تاقاشقان بىلەن ئەۋرىتىنى يۆگىيەلمىگەن بىر غىرىغ يوپكىسىنى كىيىپ بەزى كىيمەي،ئۇستىخىنىنى يۆگىيەلمىگەن كىيىملىرى،سالۋا،ئالۋاستىدەك چاچلىرى،ۋە ئالا بۇلىماچ گىرىملىرىنى قىلىپ  دىگەندەك بەزىدە ئولتوروپ پاراڭلاشقانلىرىدا ئۆزىنى شۇنچىلىك مەسۇم ،ئاقكۈڭۈل ،كامىل مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلەيتتىكى سىز دۇنيادا بۇنداق كامىل مۇسلىمە يوق دەپ قالاتتىڭىز...
       ئۇلار دائىم مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشنى ئۇنتىمايتتى ۋە ئىغىزا ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلەشكە شۈنچىلىك تىرىشاتتى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنچىلىك ئۇستا گەپتانلاردىن بولوپ قالاتتى...
      مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ ھاراقلىرى،سورونلىرى،بۇزۇقچىلىقلىرى،غەيۋەتلىرى بىلەن ئالدىراش،ئۇلارنىڭ ئوغول-قىزلىرى بولسا ئاستا-ئاستا موھەببەت نامى بىلەن ئاتالغان بۇزۇقچىلىق كوچىسىغا،ئاندىن قاۋاقخانا،دىسكوخانا،ك ت ۋ لاردا بەزىلىرى تورخانىلاردا ....
ئۇلار ھەممىسى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشاتتى...
        مانا بۇلار ئەتراپىمىزدىكى ئاسالىق خىزمەتچى مۇسۇلمانلار توپى ئىدى،بۇخىل ئەھۋاللار ئاقسۇ،خوتەندىلا ئەمەس،قەشقەر ئاتۇشلاردىمۇ بۇ خىل كىشىلەر ئارىسىدا ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەت ۋە جەمىيەت ئالدىدا بۇ خىل كىشىلەر توپى ئارىسىدا بۇنىڭدىن ئۆزگە ئىنسانلارنىڭ بولىشى تولىمۇ قىيىن بولغاننىڭ ئەكىسچە بۇ خىل ئازغۇن موھىتنىڭ تارتىشچانلىقى زىيادە كۈچلۈك بولوپ خىلى مەنمەن دىگەن نوچاملارنىمۇ تارتىپ كىرىپ كىتەتتى.ئاندىن ئۇلارمۇ يۇقارقىلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلەشكە،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشقا ئاتلىناتتى...
       بىر شوپور ماشىنىسىغا چىققان شۇ قىزغا ئىگىز پەس چاقچاق قىلغۇدەك پۇرسەتنى ھىچ ئۆتكۈزىۋەتمەيتتى،ئۇنىڭ تىلىفۇن نومورلىرىنى قالدۇرۋالاتتى،ئۆزىنىڭ ئوماق باللىرى،ئائىلىسىدىكى جاپاكەش،مىھرىبان ئايالىنى ئۇنتۇپ شەھۋەت نەپسىنىڭ بۇيۇنتۇرقىغا چۈشەتتى،كەچلىرى بولوشىغا ئىچىپ ئۆيىگە قايتىپ خوتون باللىرىنى ھايۋانلارچە دەسسەپ ئۇراتتى ئەمما ئۇ ھىچقاچان مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلشنى ئۇنتۇمايىتتى،ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلەيىتتى سۈپەتلەيىتتى ...
        ئۇ بىر ئاشپەز،ناۋاي،تىجارەتچى،ھارۋىكەش ئاددى بىر ئىنسان ئىدى.ئۇمۇ پاراڭلىرىدا مۇسۇلمانلىقنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى ئەمما ئۇ قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدىن شۇ بۇزۇقچىلىق ۋە ئازغۇنلۇقلارغا ئىنتىلەتتى،ئەتراپتىكى شۇنداق بىر تۈركۈم ئادەم سىياقتىكى ئازغۇنلارغا ھەۋەس قىلاتتى،ئەمما ئۇنداق قىلىشقا ،شۇ ئازغۇنلۇق قەدەملىرىنى بىسىشقا ئۇ ئىمكانسىز ئىدى،قۇربىي يەتمەيتتى ئەمما ئىمكانىيتى يار بەرگەن ھامان ئۇنى قىلاتتى،كۈندۈزى 50 يۈەنگە كىرا قىلىپ ياكى 100 يۈەنگە قۇرلۇشتا كىچىك ئىشچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئىلىپ تەيتەيلەر يىغىلغان شۇ پاھىشخانىلارغا خۇددى كاتتا مىليادىر مىھمانخانىلارغا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن چامدىغاندەك راۋان قەدەملىرى بىلەن كىرىپ ئىچىپ،شۇ بىر توپ تەيتەيلەر بىلەن بۇزۇقچىلىقىنى قىلىپ كۈندىلىك پۇلىنى تامامەن يوقۇتۇپ،بەزىدە ئۇرۇشۇپ،بەزىدە كاللا قاپاقلىرىنى يىرىپ،كىيىم كىچەكلىرى سالدۇرلۇپ ئۆيىگە قايىتقىنىدا ئايالى گۆش سالغان ئەمەس چامغۇر ياكى بىر تال بەسەينىڭ كۆكلىرى كۆرۈنمىگىدەك سوۋۇپ قالغان ئاشنى ئىستىشقا ئۆيدە سەرەڭگە يوق،ئالاي دىسە پۇل يوق،ئامالسىز شۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سەرەڭگە سوراپ شۇ ئاشنى پۈتۈن مىھرى بىلەن ئىستىپ ئەكىلەتتى،ئايالى بىشىدىكى قان يۇقىلىرى ۋە ئىششىقلىرىنى بەدىنىدىن كىلىۋاتقان ئىشەكنىڭ سۈدىكىدىنمۇ بەتتەر شۇ سىسىق پۇراقتىن يىرگىنمەستىن ئاستا-ئاستا سۈرتەتتى،بالىسى مەكتەپتىن تاپىلىغان،نەچچەك كۈندىن بىرى دادىسىغا دەپ ئالالمىغان شۇ نەچچە سوم پۇلنى ئالالماي دادىسىنىڭ قىشىدا بويون قىسىپ،كۆز ياشلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى...
       ئەمما بۇ بىچارە يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن ھىلىقى پاھىشخانىغا چاپاتتى،بۇنداق كىشىلەر ھەتتا پاھىشخانىغا پاتماي ئۆچراتتە تۇرىشاتتى،ئۆچراتنى بۇزۇشۇپ ماڭغاندا تىلىنى چۈشەنمەيدىغان شۇ تەيتەيلەرنىڭ ئىنسان ئىغىزغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن تىللاشلىرىغا ،سەت تەلەتىگە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ يالۋۇرۇپ دىگەندەك نەچچە رومكا ھاراق ئىچىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىرىشەتتى.ئۇلارنىڭ ئۇنىلا ئەمەس سىزنى،مىنى،ئۇنى، پۈتۈن ئۇيغۇرنى،پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى چىشلەپ تارتىپ قىلغان ئەڭ سەت تىللارنى ئاڭلاپ لىكىن بىزەڭلىك بىلەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ ئۇنىڭ بەدىننى يۆگىيەلمىگەن ئىشتىنىغا قول ئۇزۇتۇپ  يانچۇقىدا قىپ قالغان ئاخىرقى پۇللىرىنى بىرىپ ئاران قۇتۇلۇپ چىقاتتى...
        بۇنداق پاھىشخانىلاردىن تاشقىرى ئىلىكتورونلوق ئويونچوق تۈسىنى ئالغان ئويونچوقخانا  ۋە ھەر خىل نامدىكى قىمارخانىلارمۇ خىلى خىلى نوچاملارنى ۋەيران قىلدى...
       ئەمما بۇ كىشىلەر بۇ سورونلاردا ئۆچرەت بىلەن قەدەمدە بىر كىلىپ تۇرغان،كەتكىنىدە كەلمەيمەن دەيدۇيۇ ئەمما بۇ خىل سورونلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي داۋاملاشتۇرغان،ئەمما ئۇلارمۇ پۇرسەت چىقسىلا يامات ئاتلىق بولوپ قالماسلىق ئۈچۈن،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشتىكى دەسمايىسى ئۈچۈن بولسىمۇ نامازخان بولىۋالغان ،مەسچىتنى ئارلاشنى تاشلىمىغان...
        بەلكىم سىز بۇ قۇرلارنى ئوقوۋاتقىنىڭىزدا نەدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بولسۇن،بولسىمۇ ئۈنچىلىك ئىغىر ياكى يىرگىنىشلىك ئەمەس.بىزنىڭ يۇرتتا بۇنداق ئورونلار يوق دىيىشىڭىز مومكىن.قاغلىقتىكى لىنگۇڭلى،گۇما ناھىىيلىك كىنوخانا بىلەن كادىرلار ئىدارىسى ئارىسىدىكى دوقىلارغا جايلاشقان ساتراچخانا ،قاۋاقخانا نامىدىكى پاھىشىخانا،ئىشرەتخانا ۋە شۇنداق سورونلاردىكى كىشىلەر ھازىر ئەمەس بۇندىن نەچچە يىل ئىلگىرىمۇ بار ئىدى.توكلوق ھارۋىدا كىرا كەشلىك قىلىدىغان،قۇرلۇشتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي رەت-رەت ئىدى.قەشقەر يىڭى شەھەر ۋە كونا شەھەر ناھىلىرى،كونا شەھەر ناھىسىنىڭ مىڭدى باشلانغۇچ بىلەن قوراللىق قىسىم ئارلىقىدىكى كوچا ،ئاشلىق ئىدارىسى ئالدىغا جايلاشقان ھاراقخانىلاردا ھەر كۈنى شۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىلىشقا پۇلى يوق، رومكىسىنى  بىر ئىككى سومدىن پارچە ساتىدىغان ھاراقتىن بىر نەچچە رومكا ئىچىۋىلىپ يول بويىدا يىتىپ قالغانلىقلىرىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆرەلەيسىز...
        خوتەن ۋىلايەتلىك بىكەت بىلەن قىزىل يۇلتۇز سودا سارىينىڭ ئارلىقىدىكى مىھمانخانا نامىدىكىدىكى(ھەممىسى ئەمەس پاھىشخانا،قىمارخانىلارنى ئەجىبا سىز يوق دىيەلەمسىز؟
قەشقەردىكى روكىس،مارىس،خانتاجى قاتارلىق كۇلۇپ ۋە ملودىيە،لوڭجىيەنفىڭ ۋە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان دىسكوخانا،قاۋاقخا،ھاراقخانا ۋە يەنە بىر نىمىخانىلارنى سىز يوق دىيەلەمسىز؟
شەھەر-شەھەرلەردىكى،ناھىيە-ناھىيەلەردىكى قىمارخانىلارنى يوق دىيەلەمسىز ؟
بۇنداق ئازغۇنلۇقلارنى ئەتراپىڭىزدا يوق دىيەلەمسىز ؟...
       ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشتىن،ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلەشتىن ،ئۆزىنى ئاق،پاكپاكىز قىلىپ كۆرسىتىشتىن ھىچ توختاپ قالمايدۇ....
ھەتتا ھەر قايسى مەسچىت ئالدىلىرىدىكى ناماز ئوقوشنى نازارەت قىلىۋاتقان نازارەتچى قاراۋۇللارمۇ شۇنداق مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشتىن ھىچ توختاپ قالمسا كىرەك...
مۇسۇلمانلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن،بۇ جەھەتتىن بىر نەچچە پارچە كىتاب ئوقوپ ۋە ئەمەل قىلىپ مۇسۇلمانلىق شەرتلىرىنى ئادا قىلالمىغان، مۇسۇلمانلىقنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق چۈشەنچىسى بويىچە ئەمەل قىلىۋاتقان ئەمما   كاپىرلىق سۈپەتتىكى ۋە ئۇ سۈپىتىنى تەرك ئەتمىگەن بىر ئىنسانمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشتىن ھىچ توختاپ قالمىسا كىرەك.
مۇسۇلمانلىق داۋا قىلىش ئەمەس بويسۇنۇش،يەنى بۇ سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى بويسۇنۇش،ئىتائەت قىلىش.ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلىرىمىز نىمىگە بويسىنىدىغانلىقى ۋە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ تولىمۇ ئەپسۇس.



      
2-قىسىم

      زىيالى ئاتلىقلىرىمز،ئۆلىمالىرىمىز،ئۆزىچە ئۆزىنى ئويغاق دەپ تۇرۇپ شىرىن چۈش كۆرىۋاتقان،ئۆزىنى مەسئۇلىيەتچان دەپ تۇرۇپ مەسئۇلىيتنىڭ نىملىكىنى بىلمەيۋاتقان شۇ بىر توپ كىشىلىرىمىزگە،ئارىمىزدىكى مەشھۇرلىرىمىزغا قىسقىچە نەزەر





     بىز بىرىنجى قىسىمدا جەمىيتىمىزدە،خەلقىمىز ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان،ئومومىيلىققا ئايلىنىۋاتقان ،بارغانچە يامراۋاتقان بەزى مەسىللەرنى قىسقىچە بىر قاتار ئەسلەپ ئۆتتۇق.ئەمدى بىز ئەسلى مۇشۇ ئاددى خەلىقنىڭ يول باشچىلىرى بولمىش يازغۇچى،ئالىملىرىمىز،پەيغەنبەر ۋارىسلىرى بولمىش ئۆلىمالىرىمىزغا،مەشھۇرلىرمىزغا قاراپ باقايلى.
        ئەسلىدە خەلىقنىڭ يول باشچىسى ۋە ساھىبى بولوشقا تىگىشلىك زىيالىيلىرىمىز ۋە بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەر خىل ئىختىلاپلار ،توقونۇشلار ،ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك،ئۇلاردىكى داغۋازلىق،ئۇلاردىكى شۆھرەتپەرەسلىك،ئۇلاردىكى نام مەنپەئەت قوغلىشىش ئىستىگى ۋە ئۇلاردىكى بۆلۈنمىچىلىك خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئىدىيە بۆلۈنمىچىكى ۋە ئاڭ،قىممەت قاراش يىمىرلىش بۆھرانىغا كاتالىزاتۇرلۇق ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئوينىماقتا.بۇ كىشىلىرىمىز ئارىسىدىكى سەرخللىرىمىزنىڭ ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلارنىڭ ئىپلاسلارچە ھەسەت قىلغۇچىلىرى ۋە كۈشەندىلىرى پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقان پەيىتتە،ئارىمىزدىكى نۇمۇسسىز خىرىستىيان بۆلگۈنچىلىرى،دىن تارقاتقۇچى قاتارلىق يات ئىقىم ۋە ئۆزگە نىيەتتىكى بىر ئۇچۇم مەخسەتلىك كىشىلەر توپىنىڭ قەستەنلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركەتلىرى ئەۋجىگە چىقىپ ،شۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلكىدىكى ئىنتايىن چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان خالىس ئەمگەكلىرىنىمۇ يوق قىلىپ ،خەلقىمىزنى گاڭگىرتىپ ئاق قارىنى پەرق قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ،بىچارەخەلقىمىزنى تىخىمۇ چوڭقۇر نادانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك دوزاخلىرىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلماقتا.
    ئارىمىزدىكى بۇ يازغۇچى ۋە باشقا سەرخللار توپى ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان نام مەنپەئەت،ھەسەت،كۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئىچكى توقونۇشلار  ۋە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغورلاۋاتقان سىرتىقى كۈچلەرنىڭ بىر قەدەر سىستىمىلىق ،پىلانلىق ھەركەتلىرى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان،خەلقىمىز توقونوش ئىچىدە قالغان بۇ دەقىقىلەردە ئارىمىزدىكى جانباقتى ئاتالمىش موللىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
    بىر قىسىم خىزىر سۈپەت موللىلىرىمىزنىڭ ۋە تالىپلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى ئاللا ئىگىمىز  زىيادە قىلسۇن.ئەمما موللىلىرىمىز ئىچىدىمۇ يۇقارقىدەك تۆرە تالىشىش،كۆرەلمەسلىك،ھەسەتتىن پەيدا بولغان قىزىل كۆزلۈك،ئىختىلاپ ۋە  بۆلگۈنچىلىك ئىنتايىن ئىغىر بولوپ بۇلار خەلىقنى ھىدايەتكە باشلاش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمانلىق سۈپەتلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئۇنۇتماقتا.
      ئەڭ ئىچىنىشلىق ۋە ئەڭ ئىغىر بولغىنى مەيلى زىيالىي ئاتلىق سەرخىللار توپىدىكى توقونوشلار ۋە ياكى دىني ئۆلىمالىرىمىز ئارىسىدىكى توقونوشتىكىلەر بولسۇن ھەممىسى بىز بىرىنجى قىسىمدا دەپ ئۆتكەندەك مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشتىش، رەزىل مەخستىگە مۇسۇلمانلىقنى دەستەك قىلىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش،ئۆزىنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئاقلاش، پاكپاكىز قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق ئىش ھەركەتلەردىن ھىچ توختاپ قالمىدى.
       بۇ ۋاقىتتا خەلقىمىز نىمە بولدى؟
       خەلقىمىز بىز بىرىنجى قىسىمدا دەپ ئۆتكەندەك ئازغۇنلۇققا مەھكۇم بولدى ،ئازغۇنلۇققا مەھكۇم بولمىغانلىرى ،شۇنداق بولمىدۇم دەپ ئويلىغۇچىلار ،شۇنداق ئىشلارغا نسبەتەن ئۆزىنى قارشى تۇرغۇچى دەپ قارىغۇچى بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز ئەسلىدە ئارىمىزدىكى ئۈمىدلىك قوشون ئىدى،ئەپسۇس بۇلار زىيالى ۋە سەرخللار توپى،دىنىي ئۆلىمالار توپى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىچكى توقونوش ،ئىختىلاپ ۋە تاشقى توقونوشلار ئارىسىدا ئاق قارىنى پەرق قىلالماي گاڭگىرىدى،بەزىدە بىلىپ بىلمەي شۇ ئىشلار ئۈچۈن كاتالىزاتۇرلۇق ۋە پىدائىلىق رولىنىمۇ ئوينىدى.مانا بۇلار شۇ چوڭلىرىمىز ئارىسىدىكى ئۆز ئارا بۆلۈنىشتە ئازغۇنلۇققا مەھكۇم بولمىدىم دەپ قارىغۇچى ۋە ئۆزىنى ئازغۇنلۇققا قارشى كۆرەش قىلغۇچى دەپ قارىغۇچىلار توپى...
     مەيلى بىرىنجى قىسىمدا سۆزلەپ ئۆتكە كىشىلەر توپى بولسۇن ياكى كىيىنكى سەرخىللار توپى بولسۇن ئۇلاردىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدىكى خۇداسى،پەيغەنبىرىىڭ ئىسمى بىر ئەمما ئۇلار،ئاللاھ ۋە پەيغەنبىرىمىزنى،ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى چىن مەنىدىن تونىمايدۇ،تونىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۆزى ھەقىقىي كىتاب ماتىرىياللاردىن ئوقوغان،بۇ توغرىسىدا كۆڭۈل قويوپ ئىزدەنگەن بولماستىن شۇ خۇدا  ۋە پەيغەنبەرتوغرىسىدا باشقىلاردىن ئاڭلىۋىلىۋىلىش ئاساسىدا  ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىگە نەپ بىرىدىغان قىسمىنى ئىلىپ قىلىپ ،دەماللىققا ئۆز مەنپەئىتى ۋە ھوزورىنى چەكلەپ قويىدىغان قىسمىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزىگە خاس ۋە ئۆز مەنپەتىگە ئۇيغۇن دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋىلىپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىدا دىننىي ،مۇسۇلمانلىقنى دەستەك قىلىپ ئۆز مەنپەئىتىگە ئىنتىلگۈچى ،بىلىمگە،ئوقوشقا ئىنتىلمەيدىغان،مۇسۇلمانلىقنىڭ نىمىىكىنى بىلمەيدىغان ئاتالمىش مۇسۇلمانلا توپىدۇر.
بۇلار مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇ ئەمما مۇسۇلمانلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.بۇلار ئىيمان توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ ئەمما ئىيمان كەلىمىسىنى ئۇقمايدۇ،ئەڭ ئاددىيسى بىر بىسمىللا كەلىمىسىنى توغرا دىيەلمەيدۇ ،بۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ مۇقەددەس ئايەتلىرىدىن ئوقويدۇ ئەمما بىر سۈرە پاتىھەنىمۇ ئوڭلاپ توغرا ئوقويالماي بەش ۋاق ناماز ئوقويدۇ،خاتالىقىنى دەپ بەرسسىڭىز خۇددى ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىمەن دىگەندەك سىزگە ئۆلگۈچە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. بەزىلىرى بولسا ئوقومىغاندىن خاتا بولسىمۇ ئوقوغان ياخشى دەيدۇيۇ ئەمما ھىچقاچان بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى،بۇ دىگەن مۇقەددەس ئايەت ،بۇنى قەتئى خاتا ئوقوشقا بولمايدۇ ،مەن ئىزدىنىپ توغرا ئوقاي دەپ ھەرگىز دىمەيدۇ ۋە ئويلىمايدۇ....
         ئەئۇزۇبىللا ھەممەيلەننىڭ بىلىپ بىلمەي قىلان گۇناھلىرىنى رەھمەتلىڭ ۋە رەھىمدىل بولغان ئىگىمىز ئاللاھۇ سۈبھانە ۋەتائالا ئەپۇ قىلسۇن.
      مەن ئۆتكەن يىلى 3-ئاي مەزگىللىرىدە 15 چە ئادەم يىغىلىپ قالغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا بىرەيلەننىڭ بىسمىللا كەلىمىسىنى خاتا دىيىشى بىلەن قايتا-قايتا دىگۈزدۈم دىيەلمىدى،مەن ئۈزۈم دەپ بىرىپ دىگۈزدۈم ئەمما يەنىلا ئىغىزى كەلمىدى،توغرا دىيەلمىدى.كىيىن مەن چۈچۈپ كەتتىم ۋە شۇ سوروندىكى ھەممەيلەندىن بىسمىللا كەلىمىسىنى رەت بىلەن سورىدۇم ئەمما تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىن ئۇلاردىن  پەقەت بىرەيلەن توغرا دىيەلىدى باشقا ھەممەيلەننىڭ توغرا بولمىدى...
      بۇ ئىشلار ئۆتۈپ بۇ يىل 2-ئاي مەزگىللىرىدە 10 چە ئادەملەر ئىيمان توغرىسدا پاراڭلىشىۋاتقان سوروندا بولوپ قالدىم،ئەمما ئۇلارنىڭ ئازغۇن گەپ سۆزلىرىگە ئىچىم قايناپ بىرەيلەندىن ئىيمان كەلىمىسى قايسى دەپ سورىدۇم،بايا قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ ئىيمان توغرىسىدا گەپ ساتقان بۇ مۇسۇلمانلىرىمىز ئىيمان كەلىمىسىدە  رازى قىلارلىق جاۋاب بىرەلمەيۋاتاتتى،مەن ئالتەيلەندىن سورىغان ئىدىم،ئۇلاردىن ئىككەيلەن  ئىيمان كەلىمىسىنىڭ نە ئۇيغۇرچىسىنى نە ئەرەپچىسى دىيەلمىدى.ئۈچەيلەن ئەرەپچىسىنى دىيەلىدى ئەمما ئۇيغۇرچە نىمە مەنادا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن،پەقەت بىرەيلەن بىر ئاز يۈزەكى بولسىمۇ ھەر ھالدا جاۋاب بىرەلىدى...
       مانا بۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئاتالمىش مۇسۇلمانلار،مۇسۇلمانلىقنىڭ نىمىلكىنى بىلمەي مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلغۇچىلار، ئىيمان كەلىمىسىنى ئۇقماي ئىيمان ئئىتقۇچىلار...
سىز مۇشۇ پەيىتتە ئۆزىڭىز بۇ توغورلوق ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
سىز بۇلارنى بىلەمسىز ؟
        ئۇنداقتا ئەتراپىڭىزدىكەرچۇ ؟ئاتا-ئانىڭىز،ئاكا-ئاچىلىرىڭىزچۇ ،دوسلىرىڭىز،خىزمەتداشلىرىڭىزچۇ ؟ئۇلار بىلەمدۇ ؟
مەن سىزدىن ئەگەر ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان چاغلىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل بولىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىز بىلمىسىىڭىز دەرھال ئىزدىنىپ بىلىڭ ۋە بىلمەيدىغانلارغا دەرھال ئۈگىتىڭ بولمىسا سىز زادى قانداق مۇسۇلمان ؟
      مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ۋە ئىماملارنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلغىنىمدا ئەتراپىمدىكەر مۈگىدەپ قالىدۇ،بەزىدە مەن شۇنچە تىرىشپمۇ مەن يەنىلا مۈگىدەپ قالىمەن.بۇنداق چاغلاردا بۇنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىنى دەپ قايناپ كىتىدۇيۇ ئەمما بىزنىمىشقا بەزى ئىماملىرىمىزنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلىغنىمىزدا ئازراقمۇ مۈگىدىمەيمىز ؟
    بۇ يەردە شۇنداق موھىم مەسىلە تۇرۇپتۇكى بۇ ئاتالمىش ئىمام ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان،كىچىككىنە بىر نەرسىنى بىلىپ ياكى بىلمەي ،ياكى قورساق غىمىدە ئالدىغا ئۆتىۋالغان ،خەلىقنىڭ نىمە بولىشى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىپلاسلاردۇر.بۇلار مۇقەددەرس گەپلەرنى ،ئۇلۇق گەپلەرنى تولا دەيدۇيۇ ئەمما ئۇنى خەلقىگە توغرا ،ئۆزلايىقىدا ،شۇ خەلىق،چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان شەكىل بىلەن،مۇسۇلمانغا خاس سۈپىتى ۋە مىھرى بىلەن يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدۇ ؟
      خەلىق،ھىچ بولمىغاندا مۇسۇلمانلىقنى بىلمىسىمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلۋاتىدۇ،ئىيمان كەلىمىسىنى ئۇقمىسىمۇ ئىيمان ئىيتىۋاتىدۇ.ئەمما ئارىمىزدىكى ئاتالمىش جانباقتى موللىلار مەسچىتىگە ۋە ئەتراپىغا يىغىلغان،ئۆزىنى موللام دەپ بىلگەن ،ھۆرمەتلىگەن شۇ كىشىلەرگە ئەڭ ئاددى مۇسۇلمانلىق ۋە ئىيماننىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلدۈرەلمەيۋاتىدۇ...
     ئارىمىزدىكى زىيالى ئاتلىق بەزى ئىپلاسلىرىمىزنىڭ نىمىسىگە نىمە يەتمىگەنكى ئەمما ئۇلار ئۆزى يا خەلىق كۈتكىدەك بىر ئىش قىلمىدى ياكى خەلقىمىز ئۈمىد كۈتكەنلەرنى ئارامىدا ئۆز يولىدا ماڭغىلى قويمىدى.كۆرەلمەسلىك،ھەسەت،ئىپلاسلىق ،شۆھرەت تاماسى بىلەن ھەمىشە ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك،تەبرىقىچىلىك سىلىپ خەلقىمىزنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلدى.
        ھەممىمىزگە تونوشلوق بولغان دىنىي ئالمىمىز موھەممەت سالىھ مىڭ بىر جاپا مۇشەقەت بىلەن قۇرئاننى تەرجىمە قىلدۇيۇ ئەمما تەرەپ -تەرەپتىن،مەسچىت مەسچىتتىن جۈمە نامازلىرىدا خەلىقنى يىغىپ قويوپ مۇھەممەت سالىھ قۇرئاننى تەرجىمە قىلىپ قويوپ،قۇرئاننىڭ ئىناۋىتى بولمىدى دىگەندەك جۆيلۈپ يۇردىغۇ بىزنىڭ ئىماملىرىمىز ،بۇ زادى قانداق ئىماملار ؟
       بۇلار زادى قانداق كىشىلەر ؟سەنلەرنىڭ مەسئۇلىيتى ئارىمىزغا شۇنداق تەپرىقىچىلىك، بۆلگۈنچىلىك ،زىددىيەت ئۇرۇقلىرىنى تىرىشمۇ  ياكى خەلىقنى ھىدايەتكە باشلاشمۇ ؟ئىسىت سەندەك ئىماملار ،داموللىلار ،ئىسىت سەندەك بىر نەچچىسى بىر يەرگە كەلسە قوڭى قوپاپ كىتىدىغان ،بىر ئاللا ۋە بىر پەيغەنبەرنىڭ ئاۋانگارتلىرى تۇرۇقلۇق ھەممىسى بولمىسىمۇ بىر نەچچسى بىرلىككە كىلەلمەيدىغان،ئىتتىپاقلىشالمايدىغان،بىرىنىڭ پىكىرى يەنە بىرسىگە قارشى چىقىۋاتقان ئازغۇنلار،لەنەت سەنلەرگە...
ئارىمزدىكى ئا.جالالىدىن.ئا.ئابلىز ۋە باشقىلارنى توختىماي چىشلەپ تارتىۋاتقان ،ئاچ قالغان لالمىدەك قاۋايدىغانلارنىڭ نىمىسىگە زادى نىمە يەتمەيدۇ ؟ياكى ئۇلار غاجاپ،قاۋاپ ھارمايدۇ،ياكى ھىچ خەلقىمىزنىڭ ئارامىنى قويمايدۇ .
       ئىغىزى لاۋزىنىڭ ئىغىزىغا ھەممە نەرسە لاۋزا تىتىغاندەك مۇھەممەت سالىھ تىخى تىتىمىدى، ئا.جالالىدىن تىخى تىتىمىدى،ئا.ئابلىز تىخى تىتىمىدى،ئابدۇللا ئابرۇرىھىم تىخى تىتىمىدى،دىنىي ئۆلىمالىرىمىز ياكى زىيالىيلىرىمىز تخى تىتىمىدى.بۇلار بىر يولدىكىلەرمۇ بىر بىرىگە پەقەت تىتىماستىن ئۆز جىدەللىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى...
      
       ئارىمىزدىكى مۇسۇلمانىلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان  شۇ كىشىلىرىمىزگە مۇشۇ يەردە مۇنداقلا دىگۈم كىلىدۇ،تەپسىلاتىدا كىيىن توختىلىمەن.سىلەر مۇسۇلمان بولساڭلار ،باشقىلاردىن ،بولوپمۇ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىمىزدىن تىرىق ئىزدىمەڭلار.پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ <<ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ خاتا ۋە كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈڭلار ،چوڭ گۇناھلار بۇنىڭىن مۇستەسنادۇر >>دىگەن ھەدىسى ۋە باشقا ھەدىس ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىڭلار .ئۇلارنىڭ كەينىدىن قالايمىقان بىلجىرلىماڭلار،ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن خاتا قىلغان بولسا شۇ كىشىلەرگە ئەگەشكەنلەر توپى بىلەن  ئۇلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك،شۆبھىلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچماستىن ھەقىقىي بىر مۇسۇلمانغا لايىق خاس سۈپىتىڭلار  بىلەن ئۇلارغا يۈز تۇرانە ياكى ئۇلارغا خەت يىزىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىيتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۆزۈڭلارنىڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگە مەقسەتتىكى،ھەرخىل غەرەزدىكى شۇ كىشىلەرنىڭ  تىل ئاھانەت قىلىشىغا پۇرسەت يارتىپ بەرمەڭلار،ئۇلارنىڭ بوزك قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭلار،ئۇلارنىڭ شۇ تارتقان دىل ئازارلىرىنىڭ ئۇۋالىغا سىلەر ئاددى خەلىق بىلىپ بىلمەي ھەسسىلەپ قالىسىلەر...شۇ كىشىلەر سىلەر ئۈچۈن تەر تۆكىۋاتىدۇ ئەمما سىلەچۇ ؟سىلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر ؟
        سىلەرنىڭ شۇ ئەزىزلىرىڭلار ئازاپ چەكسە،باشقىلار ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرسە قاراپ تۇرماڭلار،ئۈزۈڭلارنىڭ ئۇستازى،ئاتىسى كەبىي شۇ ئىنسانلارنى بىر توپ لالما ئىتلارنىڭ بۇلاڭ ،تالاڭلىرىغا تاشلاپ بىرىپ قاراپ تۇرماڭلار...
       ئويلاپ بىقىڭلار ئەزىز قىرىنداشلار،ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ بىر زىيالىيسى،بىر موللىسى چىكىۋاتقان ئازاپ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئازابى،سىلەرچە نۆۋەتتىكىدەك جەمىيەتتە بىزنىڭ ئارىمىزدىن تۆرىلىپ ۋە ياشاپ،ئەقلى ۋە زىھنىنى، ئۆزى ۋە ئاخرەتلىگىنى بىز ئۈچۈن ئۈچۈن ئاتاۋاتقان شۇ ئەزىزلىرىمىزنىڭ نىمە گۇناھى بار ؟
      ئۇلارنىڭ گۇناھى زادى نىمە  ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئارىمىزدىن چىقىپ قالغىنى،بىزدەك بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ زىيالىيسى،ئۆلىماسى بولوپ قالغىنى گۇنامۇ ؟
       ئۇلارنى بىر توپ لالما ئىتلار،بۇلاڭ تالاڭ قىلماقتا، ئەمما سىلەر ئەڭ ئاددىيسى ئۇلارغا ساھىب چىقىشتىن كۆرە ئويون كۆردۈڭلار ياكى سىلەرمۇ تالىشىپ بەردىڭلار ؟سىلەرچە سىلەرنىڭ بۇ قىلىقلارنىڭ ئاخرەتتە سورىقى بولماسمۇ ؟
      ئەي ،ئەزىزلىرىمز،سىلەرمۇ بوشىشىپ قالماڭلار .سىلەرگە ئىگىمىز ئاللاھتىن چەكسىز ئەجىر،ئاسانلىق ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز.ئىنشائاللا ئارىمىزدىن ھامان پەيغەنبىرىمىز دەۋرىدىكى باھادىرلاردەك باھادىر ئەزىمەتلىرىمىز چىقىپ سىلەر خەلىق ئۈچۈن مىڭىۋاتقان بۇ تىكەنلىق ۋە قاقاسلىق ئەسكى يولدىكى ئەسكى تۈسكىلەرنى ھامان تازلايدۇ.سىلەرنىڭ رىيا ۋە باشقا ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇپ قەدىمىڭلارنى داۋاملاشتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن...
      بۆلىنىپ پارچە پارچە بولوپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر ۋە  مۇسۇلمان جامائىتى ھامان بىرلىككە كىلىدۇ.چۈنكى بۇنداق بۆلىنىش بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتىلا دۇچ كەلگەن كۈنلەر بولوپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن تۈرك قەۋمى،پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئىچكى ۋە تاشقى ،دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل ھىلە نەيرەڭلىرى دۇچ كەلگەن مەسىللەردۇر.بۇ بۆلىنىش سەۋەبلىك پۈتۈن تۈرك ۋە مۇسۇلمان جامائىتى بىر مەھەل خانىۋەيران بولدى ،بۇنىڭ سەۋەبى دەل تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەر خىل ۋاستىسى ۋە ئىدىيە،ئاڭ جەتتە بۆلۈنىش ۋە ئازغۇنلارنىڭ ،دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قەستەن ئازدۇرۇشىدىن بولغان .يىغىپ ئىيتقاندا بۆلىنىش سەۋەبىدىن بولغان .دۈشمەن كۈچلەر ۋە شۇ ئازغۇنلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشى ۋە قىلدۇرىشى قاتالىقلارلىق ئامىللارنى ئامال بار يۇشۇرۇپ ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن پەردازلاپ ،خەلىق ھىس قىلىشقا باشلىغانداا خەلىقنىڭ كاللىسىنى بۆلۈپ ،زىھنىنى چىچىپ كەلدى .  ئەتراپىمىزدىكى شۇ سەرخىللىرىمىزنىڭ  ۋە ئەمما ئارىمىزدىن ھامان بۇنداق ھىلىگەر چۈپرەندىلەرنىڭ ھىلە نەيراڭلرىنى گومران قىلىۋىتەلەيدىغان باھادىر مۇسۇلمانلرىمىز،سىلەردەك زىيالى ۋە ئۆلىمالىرىمىزغا ساھىب چىقالايدىغان ئەزىمەتلىرىمىز ھامان چىقىدۇ ۋە بۇ قىرىنداشلىرمىزغا ئىگىمىز ئاللا ھەر ئىككىلى ئالەمدە رەھمىتىنى،ئەجرىنى زىيادە قىلغاي...
         دائىم بەزى ئۆلىمالىرىمىزنى ھەر خىل مەقسەت ياكى قەستەنلىك بىلەن تارقىتىلغان پىتنىلەر ياكى مەلۇم كۈچلەرنىڭ ئۇلارنى قەستەن يامان كۆرسىتىشى بىلەن خەلىقنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرىشىغا،بەزىدە نوروز ۋە باشقا ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز،مۇراسىملىرىمىز توغرىسىدىكى بەزى مەخسەتلىك ۋە قەستەنلىك ئارلاشقان پىكىرلەر ۋە بىلىپ بىلمەي شۇ ئىشلارنىڭ جاكارچىلىقىنى قىلىۋاتقانلارنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇردۇق.بەزى قىرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى توغرا دەپ قارايدۇ ئەمما ئۇلار بەلكىم بىزنى بىردىن بىر تۇتۇپ تۇرىۋاتقان نەرسىنىڭ دىن ۋە ئۆرۈپ ئادەت ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۇلار چۈشەنمىسە كىرەك.خاتا بولسا ئۇنى چوقوم تۈزىتىش كىرەك بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق.ئەمما شۇ ئىشلار نىمە مەقسەت بىلەن ئوتتورغا چىقىۋاتىدۇ،شۇنداق بولسا بۇنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ بۇنى ئويلىشىش كىرەك ئىدى.
ئەڭ ئاددىيسى نوروز بايرىمى ۋاقتىدا نوروز بىدئەت دىيىلگەن بىر ۋىدىئۇنى تارقىتىپ نوروزنى بىدئەتكە چىقاردى ۋە بىر توپ كىشىلەر بەس بەس بىلەن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى.ئەمەلىيتتە بۇنىڭ جاكارچىلىرى ئۆز قىرىنداشلىرىمىز بۇ قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۆزلىرىچە توغرا دەپ قارايدۇ.ئۇلارنىڭ دەلىلى شۇ ۋىدىئو ۋە باشقىلار.ئەمما بۇلار قىلغانلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ قانداق بولىشىنى ئويلاپ كەتمىگەن بولىشى مومكىن...تىما شاخلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ نوقتىدا جىق توختالمايمەن .ئىنشائاللا ،ئاللاھ ئىگىمىز نىسىپ قىلسا ئايرىم مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى توغرا ئەمەس.ئۇندىن باشقا ئۆرۈپ ئادەت ۋە باشقا ئىشلىرىمىزدىمۇ شۇنداق ئىغۋالار كۆرۈلۈپ تۇردى...

ھازىر يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ كەينىدىن تىرىلىۋاتقان پىتنىلەرگە ساھىب بولوپ ئولتوروپتوق.ئەگەر ئۇلارنىڭ دىگەنلىرى توغرا بولسا ھەقىقەت بولسا چىرايلىق،ئىلمىي دىسە بولمىدىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىۋاتقان گەپلەرنى ئىنسان ئىغىزىدىن چىقىرىش ئەمەس خىيالىغىمۇ كەلتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ..
./thread-18508-1-1.html  مانا بۇ ئادرىستىكى ئىنكاسلاردىن كۈرۈڭ.ئۆزىلا ئەمەس ئاتا-ئانىسى ھەتتا تاس قالىدۇ جەددى جەمەتىمۇ قالمىغىلى.بۇلارنىڭ قايسى بىرى مۇسۇلماننىڭ قىلىقى ؟ئەمما ئۇلارنى يانغا تارتىپ سەن مۇسۇلمانمۇ دىسىڭىز كاللا قاپاقلىرىڭىزنى يىرىپ بولسىمۇ مەن مۇسۇلمان دەيدۇ...
مۇنازىرىلەر .ئۆز-ئارا پىكىرلەر بولسۇن ئەمما جىدەل- ماجرا ۋە ئىختىلاپ ئۆز ئارا دۈشمەنلىك ئەمەس.
      

       ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ  ئۇيغۇرزادە ۋە ئە.ئوسمان، ھىچنىمىزىمدىن ئىبارەت تىمىدا ئۇيغۇرزادە دەسلەپ ئۇ ئە.ئوسمانغا قانچىلىك ھۆرمىتىنىڭ بارلىقى لىكىن ئۇنىڭ يولىنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى،ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى دىگەندە ،ئارىغا ئە.ئوسمان ئەمەس باشقىلار ۋە ئۆزگە مەقسەتتىكىلەر كىرىپ تىمىدىن قەستەن چاتاق چىقاردى ۋە سەن نىمىشقا ئۇنى كاپىر دەيسەن،سىنىڭ باشقىلارنى كاپىر دىيىشكە نىمە ھەددىڭ دىگەندەك  سۆزلەر بىلەن تىما تامامەن قارشىسىغا ،ئەكسىگە،تەتۈرىيچە گەپ سۆزلەر بىلەن جىدەل قاينىدى.ئەمەلىيتتە ئۇيغۇرزادە ئە.ئوسماننى كاپىر دىگەن ئىش يوق،پەقەت ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ دۇرۇس ئەمەس، كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بولغان ئىدى...
      ئۇ تىمىدا ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى ھەممىدىن رۇشەن بولدى ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب 1-يالقۇن روزى ۋە ئۇيغۇرزادە بۇ ئىككى شەخىس بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىيالىيسى بولوش سۈپىتى بىلەن قىرىنداشلىرىنىڭ ئازغۇنلۇق خىرىستىيان يولىغا مىڭىشتىن ئاگاھلاندۇرغا ۋە يۈز تۇرانە ئىپادىلىگەن زىيالىلاردۇر.شۇڭا بۇ ئىككى كىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇش ئوبىكتى .ئىككىنجىدىن ئۇ تىمىدا ئۇيغۇرزادىنى كۆرەلمەيدىغانلار،ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ بۇ ھەسەت ئۆچمەنلىككە ئايلانغانلار ۋە ئۇيغۇرزادىنىڭ بالىلارچە ھەممىسنىڭ پىكىرىگە رەدىيە بىرىپ ماڭمەن دەيدىغان شۇ چاغدىكى خاراكتىرى بىلەن تىپىۋالغان كۈشەندىلىرىمۇ ئاۋانگارتلىق رول ئوينىدى ...
      مەيلى كىم نىمە دىسۇن نۆۋەتتىكى
./thread-18838-1-1.htmlبۇ  كەبىي ئۇيغۇرنىڭ رىيال ئەمەلىي تەخرسىز مەسىللىرى مەسىلە پىتى تاشلىنىپ قىلىپ ،ئەڭ ئىغىر ۋە ئەجەللىك مەسىلىلەر بۇ قەۋم ئارىسىدىكى بۆلىنىش،بىرلىككە كىلەلمەسلىك،ئۆز- ئارا ئىختىلاپ ،ئۆز- ئارا جىدەللەر بارغانچە چوڭقورلاپ ماڭدى ...
بارا بارا بۇ مەسىللەر مەسىلە ھىساپلانمايدىغان ،ھىچكىم بۇ مەسىللەرگە قاقشاپ قويسىمۇ ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدىغان ھالەت مەيدانغا كەلدى ...



2-بۆلۈم
ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە ئۇسۇللار
  

1- قىسىم


       بۆلۈنگەن ئۇيغۇر جەمىيتىنى  قىسمەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مەسىللەرنى ئىنشائاللا ھەل قىلىش تامامەن مومكىن. ھەممەيللەننىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ . ھەر ئادەمنىڭ نىيتى ئوپمۇ ئوخشاش بولوپ قالىدىغان ئىش يوق ،ھەم ئۇ بىزنىڭ كۈتكىنىمىز ئەمەس، بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز بولسا ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئەڭ موھىم مەسىللەرگە يۈزلىنىشنىڭ ئورنىغا ئىدىيەدە بۆلىنىپ كىتىش ۋە ئۆز ئارا ئىختىلاپ قىلىشش مەسىلىسىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت.بۇ مەسىلە ھەل بولمايدىكەن باشقا مەسىللىرىمىزنىڭ ھەل بولىشى ناتايىن ...
       مىنىڭچە بۇ بىرلىكنى ئشىقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى پەقەت ۋە پەقەت لائىلاھە ئىللاللا مۇھەممەدەررەسۇلىللا كەلىمىسىگە زىچ ئۇيۇشماقتۇر ۋە ئىسلام دىنىمىزنى ۋە ئەڭگۈشتەر نۇر كىتابىمىزنى ھەقىقىي چىن مەنىسى بىلەن تونوپ ئىتائەت قىلماقتۇر، بويسۇنماقتۇر ،ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن تەرەپلىرىگە ئەمەل قىلىپ ،ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقتتىكى ئىھتىياجىنى چەكلەپ قويىدىغان تەرەپلىگە كەينىنى قىلىۋىلىش ئەمەس ،ھەقىقى چىن مۇئمىن مۇسۇلمانغا خاس ھالدا ،ئۆزىنىڭ زىيىنغا بولسىمۇ ھەقتە چىڭ تۇرماق ۋە بۇ يىپقا مەھكەم ئىسىلماقتۇر.بۇنىڭدىن ئۆزگە بۇ بىرلىكنى،ئۇيۇشۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ھىچنەرسە ياكى مەن بىلەلىگەن يول يوق،ئەگەر سىز بىلسىڭىز دەپ بىقىڭ ئاڭلاپ باقاي ...
       ئارىمىزدىكى ھەر خىل ئاتاق مۇسۇلمانلار توپىغا ئىزاھ بەرمەي تۇرۇپ ،ئىسلامنى،مۇسۇلمانلىقنى بويسۇنۇش،ئىتائەت قىلىش ئەمەس،داۋا قىلىش دەپ چۈشىنىپ قالغان شۇ شۇئارۋاز مۇسۇلمانلار  توپىغا ئىنىقلىما بەرمەي تۇرۇپ ،ئۆزى كاپىر سۈپىتىدە بولسىمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان كىشىلەر توپىغا ئىنىقلىما بەرمەي تۇرۇپ ۋە بىزگە ئاللا بۇرۇن بىرىلىپ بولغان بۇ ئىنىقلىمىلارنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ قەدەمنى ئالغىلى بولمايدۇ.ھازىرقىدەك ناماز ئوقويدىغان مۇسۇلمان،ئوقومايدىغان مۇسۇلمان،پائىشە ۋە پائىشىۋاز مۇسۇلمان ۋە ئۇنداق ئەمەس مۇسۇلمان ،ھاراقكەش مۇسۇلمان ۋە ھاراق ئىچمەيدىغان،چەكمەيدىغان مۇسۇلمان،باشقىلارنى دائىم چىشلەيدىغان،تالايدىغان،قاۋايدىغان مۇسۇلمان ۋە باشقىلارنى سۆيىدىغان مۇسۇلمان ،كاپىر مۇسۇلمان ۋە ھەقىقىي مۇسۇلماندىن ئىبارەت مۇسۇلمانلىقنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرى مەيدانغا كەلگەن دەۋردە بۇ ئىلاھى بۇيرۇق ۋە ئىنىقلىمىنى سۆزلەپ ئۆتمەك تىخىمۇ موھىم.ھىچقانداق يەردە ناماز ئوقومىغان كىشىنى مۇسۇلمان دەيدىغان ئىش يوق.سەن ناماز يەنى بەش ۋاق نامازنى ئوقومىساڭ سەن مۇسۇلمان ئەمەس.سەن تۇنجى قەدىمىڭدە ھەر كۈنلىكى ھىساپ بىرىدىغان شۇ 17 ھەركەت ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي تۇرۇپ مۇسۇلمان ئەمەس .بۇنى قىلىشىڭ ئۈچۈن شۈنچىلىك كەڭرى شارائىتلار بىرىلدى تاھارىتىڭ بولمىسا ياكى ئالالمىساڭ تىيامۇل بىلەن ،ئۆرە تۇرالمىساڭ ئولتوروپ،ئولتورالمىساڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن قىلىشقا يول قويولدى ئەمما سەن قىممايسەن ئەمما مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىسەن؟
        مۇسۇلمانلارنى تونىمايسەن ،ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيسەن بەلكى قەدەمدە بىر چىشلەيسەن ئەمما مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىسەن.مەن ساڭا دەي مۇسۇلماننى سۆيمىگەن مۇسۇلمان ئەمەس.مۇسۇلمان بويسۇنغۇچىدۇر ،يەنى ئۆز ئىگىسى  ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ،پەيغەنبىرىنىڭ سۈننەتلىرىگە ئىتائەت قىلغۇچىدۇر مانا بۇ مۇسۇلماندۇر .سىنىڭ ئىسلامنى بەك قۇبۇل قىلىپ،بەك بويسۇنۇپ كىتەلىگىنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىسلام چىڭىپ ھەممەيلەن شۇنداق قىلشىقا تىگىشلىك بولوپ قالمايدۇ.سىنىڭ بويسۇنالمىغىنىڭ ۋە ئەمەل قىلالمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ بوشاپ قالمايدۇ.ئەمما بۈگۈنكى قەدەر بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز بارىنى بار پىتىچە يەتكۈزۈپ بەرمەستىن كۆپىنچە ئاۋۋال پەرزنىڭ ئۈستىگە سۈننەتنى قويىۋالىدىغان،خەلقىمىزگە دىنىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى دىندىن ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىك تۆھپە قوشودىغانلار ئاز بولمىدى ...خەلقىمىزگە دىنىمىزنى خەلىق چۈشىنەلەيدىغان،قۇبۇل قىلالايدىغان شەكىل بىلەن يەتكۈزۈپ بىرەلمىدى. دىنىمىزنىڭ ھەقىقىي ماھىتى بويىچە يەتكۈزلۈپ بىرەلمىدى.ئەڭ ئاددىيسى دىنىمىزنى بىر يوروتۇپ بىرىلمىدى ياكى دىگىنى باشقا ،قىلغىنى باشقا بولدى.دىنىمىز ئەسلىندە تىنىچلىق دىنى ئىدى ئەمما تىرورچى دىگەن قالپاق كىيدۈرۈلدى.دىنىمىز ئەسلىندە پاكىزلىق دىنى ئىدى ئەمما بارچە بۇزۇقچىلىقلار ۋە مەينەتچىلىكلەر مۇشۇ دىن داۋاگەرلىرى ئارىسىدىن چىقتى ،بۇ دىنىمىز ئەسلىندە بىرلىك،ئىتتىپاقلىق دىنى ئىدى ئەمما خەلىق ھەممىسى تەرەپ تەرەپكە تىرىلىپ ،چىچىلىپ كەتتى ...
          بىز بايا دەۋاتقان ئارىمىزدىكى بىرلىك مەسىلىسى بولسۇن ياكى ھەقىقىي بىر كامىل مۇسۇلمان بولوش ئۈچۈن بولسۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقوماق،بىلىم ئالماق لازىم.ئارىمىزدىكى بۇ ئاتالمىش مۇسۇلمانلار جاماسى ،بۇ دىن داۋاگەرلىرى ئەڭ تۇنجى ئىلاھى بۇيرۇقنىڭ ، قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ئايىتىنىڭ ئوقو سۈرىسى بىلەن تەكرار تەكرار ئىيتىلىپ كەلگەنلىكىنى،تۇنجى تۇنجى بۇيرۇقنىڭ ئوقوش ۋە ئىلىم ئىلىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكى كاشكى...ئەڭ ئاۋۋال ئوقوشۇڭ كىرەك ئىدى ئوقوساڭ بىلەتتىڭ ،بىلگەندىن كىيىن ئىتائەت قىلاتتىڭ،تۇنجى قەدىمىڭ ئوقوش بىلەن باشلىناتتى ،ئەمما سەن ئوقومۇدۇڭ،ئوقومىغاندىن كىيىن بىلمەيسەن،بىلمىگەن نەسەڭگە قانداق بويسىنىسەن،قانداقمۇ ئىتائەت قىلىسەن ؟
      بەزىلىرىڭ قۇرئان ياكى ھەدىسنى ئۆمرۈڭدە بىرەر قىتىم ئوقوپ بىقىش ئەمەس،تۇتۇپ سىيلاپمۇ باقمايسەن ئەمما ئۆزۈڭنى كامىل مۇسۇلمان دەپ قارىشىسەن ،مۇسۇلمانلىق بويسۇنۇشتۇر ئەمما سەن نىمىلەرگە بويسۇنۇشنى،نىمىلەرگە ئەمەل قىلىشنىمۇ بىلمەيسەن ،سىنىڭ بىلىدىغىنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان ياكى ئۆز چۈشەنچەڭ بويىچە ھىس قىلىۋالغان مۇسۇلمانلىق شەرتلىرىدۇر.مەيلى كىم بولمىسۇن ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىسابلايدىكەن ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ياكى ھىس قىلىۋالغىنى بويىچە ئەمەس ئەڭ دەسلىپىدە ئىسلامنىڭ نىمىگە باشلاپ نىمىدىن توسقانلىقىنى ئىنىق بىلىشى لازىم .بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ۋە ھەدىسنى كىمىدە بىر قىتىم چۈشىنىپ ئوقوماي تۇرۇپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىش ئىنتايىن كۈلكىلىك،مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ ھىس تۇيغۇ ياكى چۈشەنچىمىز ئەمەس ئۇ دىگەن ئىلاھى بۇيرۇق.ئالدى بىلەن بۇ بۇيرۇقنى ئۈزۈڭ بىر ئوقو ،ئوقوغانلىرىڭغا بويسۇن ئاندىن بويسۇنغۇچى سەن،مۇسۇلمانسەن بولمىسا مۇسۇلمانلىقنى داۋا قىلىۋاتقان شۇئارۋازسەن.  
    قۇرئان ياكى ھەدىسنى ئۆمرىدە بىرەر قىتىم ئوقوپ بىقىش ئەمەس،تۇتۇپ سىيلاپمۇ باقمىغان،باشقا كىتابلارنى قولدىن چۈشۈرمەي قانماي ئوقويدىغان زىيالى سەنمۇ ئۈزۈڭنى مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلىشىڭ مومكىن ئەمما سەن ئىلاھى بۇيرۇقنى ئوقومىساڭ،ئۇنىڭغا بويسىنمىساڭ سەنمۇ مۇسۇلمان بولالمايسەن.ئاۋۋال بۇلارنى بىر ئوقوپ قويغىن بولمىسا ئۇ بىلىملىرىڭ سىنى قۇتقۇزۇپ قالالماستىن ئازىسەن،ئۆزۈڭگە شەك چۈشۈرىسەن  ياكى رىياكار،شۆھرەتخور  يازغۇچى بولوپ،بۆلگۈنچىلىك قىلىپ خەلقىمىنى دوزاخنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئۇچقۇنلىرىدا كۈل قىلىسەن،خەلقىمىزنى جاھالەت،نادانلىقتا قالدۇرۇش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىسەن.ھەق يولدا ئىزدىنىۋاتقان،نامى،شۆرىتى ياكى مەنسىپى،مال مۈلىكى سەندىن ئازراقلا ئىشىپ كەتسە كەينىدىن قاۋايسەن،غاجايسەن،تالايسەن،باشتىن ئاخر ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولوپ ئۇلارنىڭ ئىشىنى قىلغىلى قويمايسەن...
         خەلقىمىزنى ھىدايەتكە باشلاش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ موللىلىرىمىزغا كەلسەك ئۇلار قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن باش كۆتۈرمەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئىدىيسى بويىچە ئۇندىن ئۆزگە كىتابلار ئەسلا ئوقوشقا ئەرزىمەيدۇ.نە خەلىقنىڭ نىداسى ،نە خەلىقنىڭ ئارزۇسى،نە خەلىقنىڭ كەلگۈسى ۋە تارىخى ئۇلارنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىگە يات.ئۇلارمۇ بىر بىرى بىلەن پىتىشىشىپ بولالماي، نىمىدۇر بىر نىمىلەرنى تالىشىپ قورساق كۆپىگى ئۇرىشى قىلىپ بولالماي ئاۋارە...
       خەلقىمىز خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇيغۇر ئەمەس مۇسۇلمان،مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇرلۇق تالىشىش كۈرەشلىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك يەنە باشلىنىپ كىتىدۇ.ئۇلار مەيلى مۇسۇلمانلىق ياكى ئۇيغۇرلۇق تالاشقۇچىلار بولسۇن ھەمممىسى كاللىسىنىڭ دەردى بارلار.ئۇيغۇرلۇق بىزنىڭ تىنىمىز بولغان بولسا دىنىمىز بىزنىڭ روھىمىزدۇر.روھنى تەندىن،تەننى روھتىن ئايرىماق ئۆلۈم دىمەكتۇر...سەن ئۆز تىنىڭنى قانداق ئاسرىغان بولساڭ ئۇيغۇرلۇققىمۇ شۇنچىلىك ئىنتىل،سەن روھىڭنى قانچىلىك تاۋلىغان،كۈچەيتكەن بولساڭ دىنىڭنىمۇ شۈنچىلىك كۈچلەندۈرگىن ...
          ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز.
         پەيغەنبەر ئەلەيھىسالام  ئىبنى ئابدۇللا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە<< ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسلمانغا پەرز،ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا دىڭىزدىكى بىلىقلارغىچە ھەر بىر شەيئى مەغپىرەت تىلەيدۇ >> دەيدۇ ۋە يەنە دەيلەمى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەنبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:<<ئىلىم تەلەپ قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە نامازدىن روزىدىن ،ھەجىدىن ھەتتا ئاللا يولىدا قىلغان جىھاتتىنمۇ ئەۋزەلرەك>> دىدى.يۇقارقى بۇ ھەدىسلەر ۋە مۇقەددەس كىتابىز قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايىتى بولوپ نازىل قىلنغا ئوقو سۈرىسىنى،مۇسۇلماننىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلار قىنى ئارىمىزدا بارمۇ ؟بۇنى خەلقىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر قىنى ئارىمىزدا شۇ زىيالى ياكى شۇ موللىلىرىمىز ئارىسىدا بارمۇ ؟
...
...
       بىز يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئۇنى ئوقو بۇنى ئوقو،ئا ئىلىمنى ئۈگەن ما ئىلىمنى ئۈگەنمە دىيىلمىدى.پەننىي ئىلىم ياكى دىنىي ئىلىم ،ياكى ئىجتىمائى ئىلىم دەپ ئەسكەرتىش بىرىلمىدى.ئەمما شۇئارۋاز موللىرىمىزنىڭ ئىغىزىدا پەن بىلەن دىن قارمۇ -قارشى ئەمەس،بىر بىرىنى تولوقلايدۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەلىيتى دەپ ئەكىسچە.ئۇنداق بولمىسا خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى،مەدەنىيتىنى بىلىدىغان،ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ۋە بۈگۈنىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان موللىلىرىمىز بارمۇ ئارىمىزدا  ئا.ئۆتكۈز،ز.سابىر،ئا.مۇھەممەتئىمىن،ئا.جالالىدىننىڭ كىتابلىرىنى ئوقوپ باققان ئۆلىمالىرىمىز قىنى ئارىمزدا بارمۇ ؟...
       مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى يەنئەن يولى جىگدىلىك مەسچىتىدە تەبلىغ قىلغان ئۆلىما ۋە شۇ كەبى ئۆلىمالىرىمىزغا ئىگىمىز ئاللا چەكسىز رەھمەتلەنى ئاتا قىلسۇن،ئۇ ئۆلىما مەن ئۆمرۈمدە شۇ دىندارلىرىمىزنىڭ ئىغىزىدىن تۇنجى ئاڭلىغان سۆز،كىتابخانىلارغا كۆپرەك بىرىشنى ،ئارىمىزدىكى ئاياللار ساتراچخانىسى قاتارلىقلار ۋە شۇ كەبىي ئورونلار قۇرۇلسا ئاۋان بولوپ ،ئۇلار باي بولوپ كەتكىنى نىمىشقا بىر كىتابخانا قۇرۇلسا كىتاپلارنى توپا بىسىپ ،ئاچقۇچى قورسىقىنى باقالماي دىۋانە بولوپ كىتىدۇ ،مۇسۇلمان بولساڭلار كۆپ ئوقوڭلار دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدى ،ئاپرىن ئەي ساڭا ئۆلىما،ئاپرىن ساڭا ،پۈتۈن خەلىق ساڭا رەھمەتلەر تىلەيدۇ ئەي ئۆلىما ،پەيغەنبىرىمىزنىڭ ساڭا تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان چىرايى ساڭا مەدەت بولسۇن ئەي ئۆلىىما ،سۆزلە ئۆلىما سۆزلە .سۆزلەڭلار ئەزىزلىرىمىز،تىخىمۇ ئۈنلۈكلرەك سۆزلەڭلار،بۇ بىچارە خەلىق دەل سىلەردەك ئۆلىمالىرىمىزغا ۋە سىلەردەك تىز پۈكمەس جەسۇر مۇسۇلمان زىيالىرىمزغا مۇھتاج.ئەي زىيالى،خەلقىمىزنىڭ نادانلىق ۋە گومراھلىققا يۈزلەنگەن بۈگۈنكى ھالى ،ساڭا تەلمۈرگەن ،سەندىن ئامالسىز ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغان شۇ مەسۇم چىرايلار ،ياشلار يىغىرلاپ تۇرغان شۇ كۆزلەر ساڭا قامچا بولسۇن ،ئەي پەيغەنبەر ۋارىسى زىيالى ۋە ئۆلىمالىرىمىز سۆزلەڭلار ،بۇ خەلىق سىلەرگە مۇھتاج...
        لالما كەبى قەدەمدە بىر سىلەرنى تالاپ،يولوڭلارغا پۇتلىكاشاك بولىۋاتقان بۇ توساقلاردىن قەدىمىڭلار توختاپ قالمىسۇن ،چۈنكى شۆ كۆز،شۇ چىراي ۋە بۇ خەلىق سىلەرگە مۇھتاج.قەدىمىڭلارنى مومكىن بولسا تىخىمۇ تىزراق،تىخمۇ چەبدەسرەك ئىلىڭلار ،لالما ئىتلار سىلەرنىڭ پۇتلىرىڭلارنى چىشلەپ ،ئاقساپ قالساڭلارمۇ تىخىمۇ چەبدەسرەك مىڭىڭلار،بىلىۋاتىمىز بەزىدە شۇ ئاغرىقتىن كۆزلىرىڭلاردىن ئازابلىق ياشلار تۆكۈلدى ،ئەمما بىلىپ قىلىڭلار ئەڭ ئاددىيسى يولدا كىتىۋىتىپ پۇتىمىزغا توساتتىن كىرىپ كەتكەن شۇ تىكەننىڭ ئاغرىقىمۇ بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزغا كاپارەتتۇر.سىلەر بەلكىم بۇ ئاغرىقلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن بىر رەھمەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن چىغىڭلاردا ،شۇ لالمىلارنىڭ سىلەر ئىرىشمەكچى بولغان شۇ ئەجرىڭلارنىڭ سەۋەبكارى ئىكەنلىكىنى بىلگەن چىغىڭلاردا بەلكىم ئۇلاردىن ئاغرىنىپ ھالسىېرىماسلىقىڭلار مومكىن .بىلىۋاتىمىز بەزىدە سىلەر جان جەڭلىڭلار بىلەن پۈتۈن مىھرىڭلارنى ئايىمىغان شۇ بىر توپ كىشىلەر شۇ لالمىلارنىڭ سىلەرنى زەرھەر كەبى ئۆتكۈر چىشلىرى تالاشلىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ.ئازراق ھەق ناھەق تۇيغۇسى ۋە بىر ئىككى ئىغىز ھەق گىپىنىمۇ سىلەردىن ئاياپ سىلەرنىڭ شۇ لالمىلار تالىغان ھالەتتىكى ئاغرىق ئازابىڭلارنىڭ تاماشىسىنى كۆردى.سىلەر بارلىقىڭلارنى ئايىمىغان بۇ خەلىقنىڭ بۇ خىل تاماشىبىنلىق ھالىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىلەندىڭلار ،ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بىر تەن ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتى،ئۇلار سىلەرنىڭمۇ ياكى ئۇ ئىتلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ قىرىندىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭقرالماي بەزىدە سىلەرنى ئۇلارمۇ تالاپ تاشلىدى،سىلەر بۇلاردىن ئۈمىدسىزلەندىڭلار...
        ئۆزىنىڭ ئۆلىماسى ۋە زىيالىسىغا ساھىب چىقالمىغان بۇ بىر توپ تاماشىبىنلارنىڭ ھىسابىنىڭ چوقوم ئىغىر بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا ھەممدىن ھىساب بىرىدىغان شۇ كۈننى ئويلىغان ۋاقتىڭلاردا سىلەر بۇلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا يولوڭلارنى قولوڭلاردىن كىلىشچە داۋام قىلىسىلەر...
      بىلەمسىلەر بۇ كىشىلەر گومراھلىق ۋە نادانلىق كوچىلىرىدا تولا مىڭىپ بۇلارنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ،ئۆزىنى كىملەرنىڭ سۆيىۋاتقانلىقىنى ۋە نىمىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىنى چىشلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە كور،شۇڭا ئۇلارنىڭ سىلەرنى تالىغاندىكى ئاغرىق ئازابىڭلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرىدۇ ۋە سىلەرگە ساھىب چىقىشنىڭ ئورنىغا بىلىپ بىلمەي سىلەرنى چىشلەپ تاشلايدۇ،ئەمما بىلىپ قىلىڭلار سىلەرنىڭ كۆڭلىڭلارنى چۈشەنگۈدەك سەگەك ۋە باھادىر ئەزىمەتلىرىمىز ھامان چىقىدۇ.زالىملىق ۋە قەبىھلىكنىڭ،گومراھلىقنىڭ  غەلبە قىلالمايدىغانلىقى  توغورلوق ئىگىمىزنىڭ ۋەدىسى بار ئەمەسمۇ ...
بۇنىڭغا ئىشەنسەڭلار،روھىڭلارنى چۈشۈرمەي يولوڭلارنى تىخىمۇ چەبدەسلىك بىلەن داۋام قىلىڭلار ...



2-قىسىم  
قىسىم  ئىسلام،ئىيمان،مۇسۇلمان،كاپىر

ئىسلام ۋە ئىسلام دىننىڭ ئاساسى ئىتقادى زادى قايسى نىمە ؟
ئىسلام دىنىنىڭ ئىتقاد مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ بولوپ ماددى،مەنىۋى،ئىتىكا،سىياسى،ئىقتىساد،مەدەنىيەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەرنى ئاللاھ تەرپىدىن نازىل بولغاندىن باشلاپ تاكى قىيامەت كۈنىگە بولغان پۈتۈن زامان،ماكان ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭ ئىتقادى ئاللاغا،ئاللانىڭ پەرىشتىلىرىگە،ئاللانىڭ كىتابلىرىغا،پەيغەنبەرلىرىگە،ئاخىرەت كۈنىگە ئىيمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن مۇشۇ بەش ئىتقادقا چىن دىلىدىن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ ئىشەنگەن كىشى مۇسۇلمان بولالايدۇ.مانا بۇ بەش ئىتقادقا ئىشىنىش ئىيماندۇر،ئىيمان دىگەننىڭ تىلىمىزدىكى سۆز مەنىسى ئىشىنىشتۇر،ئىيمان ئىيتقان كىشى مۇسۇلماندۇر.
بۇ بەش ئىيمان ئىچىدە ئەڭ موھىمى ۋە باشقا ئىيمانلارنىڭ شەرتى،شۇنداقلا ئاساسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىيمان كەلتۈرۈش بولوپ بۇ باشقا ئىيمانلارنىڭ ئاساسىدۇر.يەنى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ‹‹ئاللاھ بىر،مۇھەممەت ھەق ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر،يەنى لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللا ›› دىگەن بۇ جۈملە پۈتۈن ئىيماننىڭ ئاساسىدۇر ۋە شەرتىدۇر.سىز بۇنى دىمەكلىك بىلەن،بۇنىڭغا ئىيمان ئىيتماغلىق بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى ‹‹قۇرئان››غا قەتئى بويسىنىمەن،ئەمەل قىلىمەن ۋە يولباشچىمىز،پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە قەتئى ئەگىشىمەن ۋە قەتئى ئەمەل قىلىمەن دىگەن بولىسىز.بۇنى ھەرگىزمۇ لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللا يەنى ئاللاھ بىر،مۇھەممەت ھەق ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ تىلىمدا دىسەملا ئىيمان ئىيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغان بولىدىكەنمەن دەپلا ئويلاپ قالغان بولسىڭىز ئاداشقان بولىسىز.ئىيمان دىگەن سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى ئىشىنىش دىگەن مەنىدە بولغان بولسا ،مۇسۇلمان دىگەن سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى ئىتائەت قىلىش،بويسۇنۇشتۇر.
ئاللا بىر دىگەننى پەقەت بىزلا دەيدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپ قالماڭ.سىز لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللا دىسىڭىز،مۇسا ئەلەيھىسالام دەۋرىدىكىلەر لائىلاھەئىللەللاھ مۇسا كەلىمۇللا دەيدۇ.ئىبراھىم ئەلەيھىسالام دەۋرىدىكىلەر لائىلاھەئىللەللاھ ئىبراھىم خەلىلۇللا دىگەن بولسا خىرىستىيانلار لائىلاھەئىللەللاھ ئەيسا روھىللا دەيدۇ.شۇڭا سىز لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللا دىسەملا بولىدىكەنغۇ،مۇسۇلمانلىق مانا مۇشۇكەنغۇ دىسىڭىز ئاداشقان بولسىز.سىز لائىلاھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇررەسۇلىللانى دىمەكلىك بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى ‹‹قۇرئان››غا قەتئى بويسىنىمەن،ئەمەل قىلىمەن ۋە يولباشچىمىز،پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە قەتئى ئەگىشىمەن ۋە قەتئى ئەمەل قىلىمەن دىگەن بولىسىز.شۇندىلا سىز مۇسۇلمان بولغان يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان،بويسۇنغان بولىسىز.
ئىيمان دىلىدا ئىشەنمەك ۋە ھەركىتىدە،ئەمەلىيتىدە ئۇنى كۆرسەتمەكتۇر.سىز ئەمەلىيتىڭىزدە كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز ياكى ئىشىنىپ ئەمەلىيتىڭىزدە كۆرسەتمىسىڭىز بۇ ئىيمان ئىتقانلىق بولمايدۇ.ئىيمان ئىيتمىغان مۇسۇلمان بولمايدۇ.شۇڭا مۇسۇلمان مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ياشىمىقى لازىمكى ھەرگىزمۇ كاپىرلىق سۈپىدىكى مۇسۇلمان بولمايدۇ.
سىز كاپىرلىق سۈپىتىدە بولسىڭىز سىز كاپىر.سىز مۇسۇلمان سۈپەتلىرىدە بولسىڭىز سىز مۇسۇلمان.
خۇددى ئەڭ ئاددىيسى بىر ئەر كىشى سىرتلاردا ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرلەرگە خاس كىينسە ئاندىن باشقىلار ئۇنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.ئەمما ئۇ ئايالچە ئەتلەس كۆينەك كىيىۋىلىپ ،بىشىغا ياغلىق ئارتىۋىلىپ سىرتقا چىقسا ئۇنى باشقىلار قانداقمۇ ئەر كىشى دەپ تونىسۇن؟ئۇنى قانداقمۇ بىر نورمال ئەر دىگىلى بولسۇن ؟ئەگەر ئۇ ھازىرقىدەك جەمىيەتتە شۇنداق سىرتقا چىقىپ قالغۇدەك بولسا كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچىرشى مومكىن .
شۇڭا سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان يەنى ئاللاھقا بويسۇنغۇچى دەپ قارىسىڭىز چوقوم مۇسۇلمانغا خاس سۈپەت بىلەن ياشىمىقىڭىز لازىم ۋە زۆرۈر.شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان ئەمما ئازغۇنلۇق سۈپەتلىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىز قەتئى ئۇ سۈپەتلىرىنى تاشلىمىقى ۋە تەرك ئەتمىكى لازىم.بولمىسا سىز شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولغان بولسىزكى بۇنى مەن ياكى ئۇ ئەمەس ئىگىمىز ئاللاھ بىكىتكەن.
مىسال: بىراۋ كاپىرلىق سۈپىتىدە بولسا،ئۇنى تەرك ئەتمىسە بىر مۇسۇلمان ئۇنى كاپىر دىسە،يەنە بىرەيلەن سەكرەپ چىقىپ بۇ مۇسۇلمانغا سەن نىمىشقا ئۇنى كاپىر دەيسەن،سىنىڭ كاپىر دىيىشكە نىمە ھەددىڭ،ئۇنىڭ كاپىر ياكى ئەمەسلىكىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ  دىسە بۇ ۋاقىتتا:
1- شۇنداق دىگۈچى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆلچىمىنى ئىنكار قىلغان بولامدۇ بولمامدۇ؟ئاللاھ سىلەر ئىيمان ئىيتىۋىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىيمان ئىيتقان،ئىيتمىغانلىقىڭلارنى پەقەت مەنلا بىلىمەن دىگەن ئۆلچەمنى بىكىتىپ بەردىمۇ ياكى مۇسۇلمان مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ياشىمىقى لازىم دىگەن ئۆلچەمنى بىكىتىپ بەردىمۇ ؟بىراۋ ئازغۇنلۇق سۈپىتىدە بولسا،ئۇنى تەرك ئەتمىسە ئۇنى ئازغۇن دىمەي نىمە دەيمىز؟بىراۋ كاپىرلىق سۈپىتىدە بولسا،ئۇنى تەرك ئەتمىسە ئۇنى كاپىر دىمەي نىمە دەيمىز ؟ئەگەر ئۇ كاپىر دىگەندىن نۇمۇس قىلسا مۇسۇلمان بولسۇن ۋە مۇسۇلمانلىق سۈپىتىدە ياشىسۇن ئاندىن ھەممىسى  ئۇنى مۇسۇلمان دەيدۇ ۋە بۇ گۈزەل مۇبارەك نامغا،ئىنشائاللا ئاللاھ نىسىپ قىلسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخىت سائادىتىگە ئىرىشكەن بولىدۇ.
بىراۋ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ ئەمما ئۇ كاپىرلىق سۈپەتلىرىدە.باشقىلار ئۇنى ئاگاھلاندۇرسا ئۇ پەرۋا قىلمايدۇ ۋە ئۇ سۈپەتلىرىنى تاشلىمايدۇ.باشقىلار ئۇنىڭ كاپىرلىق سۈپەتلىرىگە ئاساسەن ئۇنى كاپىر دىسە باشقىلار تۇرۇپ سەن نىمىشقا ئۇنى كاپىر دەيسەن دەپ جىدەل قىلىدۇ.مۇسۇلمان دىگەن سۆزنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى،بويسۇنغۇچى دىگەن بولىدۇ دىدوققو بايا،ئەمدى ئۇ بويسۇنمايدۇ ئەمما بىراۋ چىقىپ ئۇنى بويسۇنغۇچى دەيسەن دەپ تۇرىۋالسا بۇ قانداق گەپ؟قىنى دەپ بىقىڭلار بۇ زادى قانداق گەپ ؟ ئۇ كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى بىر ئىنساننى،كاپىرلىق سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن بىر ئىنساننى نىمىشقا كاپىر دەيسەن دەۋاتىدۇ.ئۇ بۇ دىمەگلىك بىلەن ئاللاھۇ سۈبھانە ۋەتائالانىڭ كاپىرلىق سۈپەتلىرىنى بىكىتىپ بەرگەن ئۆلچىمىگە قارشى قوپماقچىمۇ ؟ئاللاھ بىكىتكەن  كاپىرلىق سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچىمۇ يا ؟بەدبەخ،كاپىرنى كاپىر دەيدۇ.كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى ۋە شۇ سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن بىر كىشىنى مۇسۇلمان دەيسەن،كاپىر دىمەيسەن دەپ قايسى بىر ئايەتتە  دىيىلدى،قايسى بىر ھەدىستە دىيىلدى ؟
2- بۇ ئىنسان يەنى بۇ كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى ۋە شۇ سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن بىر كىشىنى مۇسۇلمان دەيسەن ،كاپىر دىمەيسەن دەپ ،بىر مۇسۇلمان بىلەن جىدەل قىلىۋاتقان بۇ ئىنسان ئىككىنجى قىتىمدا نىمە قىلغان بولدى ؟ بۇ بىر مۇسۇلمان بىلەن جىدەل قىلغان بولدى.ئەمەلىيەتتە ئۇ نىيەتتىكىنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ دىيىشى مومكىن،توغرا،نىيەتتىكىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ ئىگىمىز بىكىتىپ ۋە كۆرسىتىپ بەرگەن كاپىرلىق سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ،بۇ بىر.ئىككىنجىدىن ئىيمان دىگەن دىلىدا ،تىلىدا دەپ قويوپ ئەمەلىيەتتە نىمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدىغان نەرسە ئەمەس.
شۇڭا كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى ۋە شۇ سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن بىر كىشىگە مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىپ، مۇسۇلمان بىلەن سوقوشىۋاتقان بۇ ئىنسان،ئەگەر ئۇ كىشىنى كاپىر دىيىشنى خالىمىسا ،ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان بولسا ھىچ بولمىدى دىگەندە مۇسۇلمان بىلەن سوقوشماسلىقى كىرەك ئىدى.بىر مۇسۇلمان ۋە كاپىرلىق سۈپەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا شەك چۈشۈرىۋاتقان بۇ ئىككەيلەندىن قايسىسىنى تاللايسەن دىسە ،مەن ئەلبەتتە ئۆزىگە شەك چۈشۈرمىگەن مۇسۇلماننى تاللايمەن دىيەلىشى كىرەك ئىدى.چۈنكى پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۈبھىنى تەرك قىلىڭلار دىدى.ئەگەر سىلەر قايسىغا ئەگەشسەڭلار شۇلار قاتارىدىن بولوپ كىتىسىلەر دىدى.شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا كاپىرلىق سۈپەتلىرى بىلەن شەك چۈشۈرىۋاتقان بۇ ئىنسانغا بولوشۇپ ،مۇسۇلمان بىلەن سوقوشىۋاتقان بۇ ئىنسان ئالدى بىلەن مۇسۇلمان بىلەن سوقوشقان بولىدۇ ۋە كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى ۋە شۇ سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن كىشىنىڭ قاتارىغا ئۆتىۋىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىيمانىغىمۇ شەك چۈشۈرىۋالغان بولىدۇ.قالدىسىنى بىلگۈچى ئاللا ئىگىمىز ئۆزى.
شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان كىشى .كاپىرلىق سۈپەتلىرىدىكى ۋە شۇ سۈپەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن ئىنساننى كاپىر ئەمەس مۇسۇلمان دەيسەن دەپ مۇسۇلمانلار بىلەن سوقوشماسلىقى،جىدەل قىلماسلىقى كىرەك.مۇسۇلمان مۇسۇلماننى سۆيمىسە ،يەنى ئاللاھقا بويسۇنغۇچى يەنە بىر بويسۇنغۇچىنى سۆيمىسە ئۇ قانداق بويسۇنغۇچى ئۇ قانداق مۇسۇلمان،ئۇ قانداق بويسۇنغۇچى.ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلار خۇددى بىر تەننىڭ ئەزاسىدۇر.يەنى بىردۇر دىدى.مۇسۇلماننى سۆيمەيدىغان مۇسۇلمانمۇ بولامدۇ ؟مۇسۇلمانغا ياردەم قىلمايدىغان،مۇسۇلماننى ئۆچ كۆرىدىغان مۇسۇلمانمۇ بولامدۇ ؟
مۇسۇلمانلىق ۋە كاپىرلىق سۈپەتلىرى قانداقتۇر مۈجمەل،يۈزەكى نەرسە بولماستىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىكتىپ ،كۆرسىتىپ بەرگەن ئىنىق نەرسىدۇر.بىراۋ مۇسۇلمان بولغان بولسا مۇسۇلمان دەيمىز،ئۇ چۇقومكى مۇسۇلمانلىق سۈپىتىدە بولىشى لازىم .ئەگەر كاپىرلىق،ئازغۇنلۇق سۈپىتىدە بولسا ھەم ئۇنى تەرك ئەتمىگەن بولسا ئۇ كاپىر بولغان بولىدۇ بىز ئۇنى كاپىر دەيمىز.بۇنىڭدا تالاش تارتىش يوق.تالاش تارتىش قىلىشقا ھەققىڭىزمۇ يوق.چۈنكى بۇنىڭ ئۆلچىمىنى بارلىق كائىناتنى،بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقۇچى،كۈچ ساھىبى بولغان،رەھمەتلىك،شەپقەتلىك،مىھىرىبان بولغان ئىگىمىز ئاللاھ ،مۇسۇلمانلارغا جەننەتنى،كاپىرلارغا،ئازغۇنلارغا  ئەڭ ئىغىر،ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى  ئازاپ ماكانى بولغان ئەبەدىيلىك،تەڭداشسىز كۈچ ساھىبى بولغان ئاللاھ ئۆزى بىكىتكەن
.




3-قىسىم


ئەمدى ئىككىنجى قىسىمنىڭ داۋامىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال جەمىيتىمىزگە بىر قاراپ ئۆتەيلى.
بۇ قىسىمنى ئوقوشتىن ئاۋۋال
./thread-17069-1-1.html
ئابدۇقادىر جالالىدىن توغورلوق يىزىلغان بۇ تور ئادرىسنى ۋە يالقۇن روزىغا ئوچوق خەت دەپ يىزىلغان ./thread-18508-1-1.html ئۇشبۇ ماقالىنى تولوق بىر قىتىم زىيارەت قىلىپ باققايسىز.

         جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق دائىم كىملەردۇر بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننى غەيۋەت قىلىشلىرى،تىللاشلىرى يەنە بىر نىمىلەرنىدۇر دىيىشلىرى ۋە بۇ توپ كىشىلەر بىلەن ئۇنى ئاقلىغۇچىلار توپىنىڭ جىدەل قىلىشلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايەت بولوپ تۇرۇپتۇ.ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ جىدەللەر ئارىسىدا نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەي،كۆز ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىللەرگە،خىرىسلارغا ئورتاق يۈزلىنىشى،تاقابىل تۇرىشى كىرەك بولغان بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ،بۇ تەخىرسىز مەسىللەر ۋە خىرىسلارنى بىر ياققا چۆرىۋىتىپ،بىر بىرلىرى بىلەن سوقوشقا چۈشۈپ كەتكەنلىكلىرىگە،جىدەللىرىگە قاراپ ئىسىت دەۋەتتى.بۇ خۇددى بىر ئاتا ئۆيدە سەكراتقا چۈشۈپ جان تالىشىۋاتسا،باللىرىنىڭ بۇ ئاتىسىنى تىزراق دوختورخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى،كىسىلىگە داۋا ئىزدىشى كىرەك بولىۋاتقان ئۇشبۇ ۋاقىتلاردا بىر بىرلىرى بىلەن جىدەل قىلىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش،بۇ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئورتاق،تەخىرسىز مەسىللەرنى بىر ياققا قايرىپ قويوپ بىر بىرلىرى بىلەن سوقوشوشلىرى،ئىخىتىلاپ قىلىشلىرى،بۆلۈنۈپ كىتىشلىرى نەقەدەر ئەخمەقلىق...
         ئابدۇقادىر جالالىدىن شۈنچىلىك تار ۋە ئەسكى چىغىر يوللاردا مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئۆز يولىغا كىتىۋاتقاندا يولدىن بىر توپ لالما ئىتلار  ئىتىلىپ چىقىپ بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزنى بۇلاڭ،تالاڭ قىلىشقا،خالىغان يەرلىرىن يۇلۇپ تارتىپ،ئۆتكۈر،زەھەردەك چىشلىرى بىلەن چىشلەشكە باشلىدى.ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئىتلارغا تەسلىم بولوپ ،ھوي ئىتلار ،مەن سىلەرگە نىمە قىلدىم ،مەن سىلەرگە نىمە يامانلىق قىلدىم ،ئەگەر بىلىپ بىلمەي چىشىڭلارغا تىگىپ قويغان بولسام مىنى ئەپۇ قىلىڭلار،مەنمۇ ئەۋلىيا ئەمەس ئىنسان،شۇڭا بىلىپ بىلمەي چىشىڭلارغا تىگىپ قالغان بولوشىممۇ مومكىن ئەمما مىنى ئەپۇ قىلىڭلار مىنىڭ چوقوم قىلمىسام بولمايدىغان بەك جىددى ئىشلىرىم بار دەپ ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تەسلىم بولماقچىمۇ بولدى،ئەمما قولىنى مىدىرلاتقان زامان ئىنساننىڭ خۇيپەيلى ۋە ئۇستازنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنمىگەن بۇ بىر توپ لالمىلارنىڭ قايتىدىن يۇپۇرلۇپ كىلىشدىن ئەنسىرىدىمۇ ياكى مەن دىگەن بىر ئىنسان،مەن ئىىت مىنى چىشلىسە مەنمۇ ئۇلارنى چىشلىيەلمەيمەن.ئەمما مەن دىگەن تەڭرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستىن ياراتقان بەندىسى،مۈجىزىسى شۇڭا ئۈزۈمدىن پەس بۇ چۈپرەندە ئىتلارغا بوي ئەگمەيمەن دەپ ئويلىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنداق قىلمىدى.ئاچچىقى تۇتۇپ بۇ لالمىلارنى تازا بىر دۇمباللاپ ئەدىپىنى بەرمەكچىمۇ بولدىيۇ لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلالمايتتى.چۈنكى ئۇ تۇرۇۋاتقان يول ئىنتايىن خەتەرلىك بولوپ  ئۇ لالما ئىتلارنى دۇمباللىغىدەك بىرەر نەرسىمۇ تىپىلمايتتى ھەم ئۇ مۇشتۇمىنى تازا تۈرۈپ مۇش پەشپالار بىلەن تازا دۇمباللاي دىسە بۇ تۇرۇۋاتقان خەتەرلىك ئوروندا مومكىن بولمايتتى،بۇ بىرىنجى سەۋەبى بولسا ئىككىنجى بىر سەۋەبى قانداق بولسام مەنزىلىمگە تىزراق بارامەن،بۇ ئىتلار بىلەن سوقوشوپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇچە ئامال قىلىپ بىر قەدەم بولسىمۇ يولومغا ماڭاي،ئىشىمنى قىلاي،ئىشلىرىم بەك موھىم ۋە تەخىرسىز  دەپ ئويلايتتى .
ئىتلار ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ھۇجۇم قىلىۋەردى، تالاۋەردى. بەزىدە ئاغرىقلار جىنىدىن ئۆتتى،پۇتلىرىدىن قانلار ئىقىۋاتسىمۇ يەنە شۇ قانلار بىلەن، يارلانغان نىمجان بەدەنلىرى بىلەن،شۇ ئىتلارنىڭ يارا ئىزلىرىدىن ئىقىۋاتقان قان- يىرىڭلار بىلەن يەنىلا يولىنى ماڭالىغىنىچە داۋام قىلدى.ئۇ بولدىلا دەپ توختىۋالماقچىمۇ بولدى،ئەمما شۇئان مىھرىبالىق،ئاقكۈڭۈللۈك ۋە مەسئۇلىيەت ئۇچقۇنلىرى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان شۇ كۆزىدىن مارجاندەك ياشلار ئىقىشقا باشلىدى...بۇ ئىنسان نىمە دەپ شۇ ئەھۋالدا يەنە ماڭىدۇ ؟ بۇ ئىنسان توختىماقچى بولىدۇيۇ نىمىشقا كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار ئىقىشقا باشلايدۇ ؟بۇ ئىنساننىڭ دەردى زادى نىمە ؟بۇ ئىنساننىڭ ئازابى،قىلماقچى بولغىنى،مەقسىدى زادى نىمە ؟
      ئەتراپىدا بەزىلەر بار ئىدىكى ئۇلار ئادەملەرمۇ ياكى ئادەم سىياقتىكى باشقا نەرسىلەرمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايىتتى.ئەمما ئۇلار شۇ بىر توپ ئىتلارنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىنغا شۇ قەدەر ياۋۇزلۇق بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىشىپ تۇراتتى.ئىنساننى ئىت تالىسا قاراپ تۇرغان ئىنساننى ئىنسان دىيىشتىن تىلىم كۆيىدۇ ئەمما ئۇلار بەلكىم ئۆزىنى ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ ياراملىق ئىنسانلار دەپ يۈرىۋىرىشى مومكىن.
          ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دەيدۇكى نىمىشقا مانى دىمەيسەن ، نىمىشقا ئۇنداق قىلمايسەن،نىمىشقا مائىشنى مۇنداق قىلمايسەن،ئەمما ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ بۇلاڭ-تالاڭ ۋە بۇ تار جىلغىدا مەن قىلاي،مەنمۇ دەل شۇنى قىلماقچى ئىدىم ئەمما مىنىڭ نەدە تۇرىۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟مەن ھازىر قىلاي دەپمۇ قىلالمايمەن ،ئەگەر نوچى بولوشساڭ مىنى شۇنداق قىلالايدىغان ماكان ۋە زامان بىلەن تەمىنلەپ،شۇ ماكان ۋە زامانغا ئاپىرىپ قويوپ ئاندىن مەن قىلمىغىنىمدا دىيىشمەمسەن دىيىشكىمۇ بۇ ۋاقىتتا ئىمكانسىز ئىدى...
ئۇندىن باشقا نەچچە يىللاردىن بىرى يۇقىرى قاتلام زىيالى ۋە يازغۇچىلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ جىدەل-ماجرا ۋە ئىختىلاپلار يالقۇن روزى بىلەن پەرھات تۇرسۇن ۋە بىر يىلدىن بىرى توختىماي داۋاملىشىۋاتقان زۇلپىقار بارات بىلەن ئە.ئوسمان جىدىلىدۇر.
يالقۇن روزى بىلەن پەرھات تۇرسۇن ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى مەن تازا ئىنىق بىلمەيمەن.ئەمما مىنىڭ ئاڭلىغىنىمدا يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆلىۋىلىش سەنئىتى رومانىدىكى مەسىھ چۆلى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر نىمىلەر،مىسال ئىلىپ يىزىلغان  ۋە باشقا ئۆزى بايقىغان دەلىللەر بىلەن پەرھات تۇرسۇننى خىرىستىيانغا چىقارغانمىش.شۇنىڭ بىلەن بۇ جىدەل يالقۇن روزى بىلەن پەرھات تۇرسۇن ئارىسىدىلا داۋام قىلماستىن يالقۇن روزى ۋە پولات تۇرسۇن تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ.
./thread-18508-1-1.html بۇ تىمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بۇ جىدەللەرنىڭ بىر قىسمىدىن خەۋەردار بولالايسىز.يالقۇن روزىنى شۇنداق تىللىشىپ تىل ئاھانەت دۆۋىسىگە كۆمىۋەتكەنكى بۇ تىل ئاھانەتنىڭ بەزىلىرىنى نورمال ئەقىلگە ئىگە ،ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك بىر ئىنسان تىلغا ئىلىش ئەمەس ھەتتاكى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.
        ئۆتكەن يىلىنىڭ بىشىدا زۇلپىقار بارات ئە.ئوسمانغا يازغان تىمىدىمۇ شۇنداق تىل ئاھانەتلەر يىغىپ كەتكەندىن تاشقىرى ئۇنىڭ مىڭ بىر جاپا قان تەر بەدىلىگە تىكلىگەن سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى ماركىسىمۇ قالمىدى،بۇ تىمىنىڭ باش ئاخىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىنى كۆرۈپ تۇردۇم .زۇلپىقارنىڭ شەخسىيتىگە ھەممە نەرسىسىگە شۇ قەدەر ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەتراپتىكىلەر زۇلپىقار ئۇلارغا زادى نىمە قىلغان بولغىيتى دەپ قىلىشتى.ئەمما جىدەل زۇلپىقار تەرەپدارلىرى بۇلار ئارىسىدا تا ھازىرغىچە توختىماي داۋام قىلىۋەردى.
مەيلى يالقۇن روزى بولسۇن ياكى زۇلپقار بارات بولسۇن ياكى بۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى بولسۇن پەرھات تۇرسۇن ۋە ئە.ئوسمانغا بۇلار ۋە بۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى تىل ئاھانەت قىلغاننىڭ 100 دىن بىرىنىمۇ قىلمىدى ۋە مەن كۆرمىدىم.
          يالقۇن روزى بىردىن بىكارغا پەرھات تۇرسۇننى خىرىستىيانغا چىقارغىلى ئىلىشىپ قاپتىمۇ ياكى ئۇنىڭ بىر سەۋەبى بارمىكەن ؟ئەگەر پەرھات تۇرسۇنغا ئۇۋال قىلىنغان بولسا پەرھات تۇرسۇن يالقۇن روزىغا دىسۇنكى سەن ماڭا ئۇۋال قىلدىڭ،ماڭا بۆھتان چاپلىدىڭ مەن خىرىستىيان ئەمەس مەن دىگەن مۇسۇلمانلىق سۈپەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان بىر مۇسۇلمان،سەن ئۆزۈڭنىڭ بىر قىرىندىشغا مۇشۇنداق بۆھتان چاپلاپ ئاخىرەتتە ھۆددىسىدىن قانداق چىقىسەن دىسۇن.
       پەرھات تۇرسۇن ھەقىقەتەن شۇنداق خىرىستىيان مەدەنىيتى ياكى يۇرت ناملىرىنى مىسال ئىلىپ يازغان بولسا ئۇنى تۈزەتسۇن،ئۇنىڭ ئورنىغا بىر مۇسۇلمانغا لايىق سۈپەت بىلەن ئىسلام مەدەنىيتى ياكى يۇرت ناملىرىنى مىسال ئىلىپ يازسۇن .ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمانلىق ئوبرازىغا شەك چۈشۈرمىسۇن.
         ئە.ئوسمان ۋە ھىچنىمىزىم توغرىسىدا دەيدىغىنىم يەنىلا ئوخشاش.ئەگەر زۇلپىقار باراتنىڭ ئە.ئوسماننىڭ ھىچنىمزىم توغورلوق دىگەنلىرى يالغان بولسا مەن بۇنداق قىلمىدىم دىسۇن.ئۆزىنى بىر مۇسۇلمانغا لايىق سۈپەت ۋە ئەخلاق بىلەن زۇلپىقار باراتقا رەدىيە بەرسۇن.ئەمما ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ئوبرازىغا شەك چۈشۈرۈپ قويمىسۇن،بىر مۇسۇلمانغا لايىق سۈپىتىنى ساقلىسۇن.
ئەمما چوڭلار ئارىسىدا بولنىۋاتقان بۇ جىدەلنىڭ،بۇ ئىختىلاپنىڭ خەلقىمىزنى بۆلگۈنچىلىككە،ئىتتىپاقسىزلىقا باشلاپ،كۆز ئالدىدىكى رىئال،تەخىرسىز مەسىللەرگە يۈزلىنىشتىن ئاددى خەلىقنى جەڭگە جىدەلگە ،گومراھلىققا ،ئازاپقا باشلايدىغانلىقىنى بۇلار بىلىشى لازىم.
بۇنىڭدىكى ئەڭ موھىم بىر نوقتا بىر مۇسۇلمان چوقوم ئۆزىگە خاس مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ياشىشى ۋە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشى لازىم.
        شۇڭا كىم بولسا بولسۇن،ئارىسىكى جىدەل ماجرا نىمە بولسا بولسۇن،ئەگەر مۇسۇلمانلا بولىدىكەن مۇسۇلمانغا لايىق،مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ياشىمىقى،ئەگەر بىر بىرىدىن ئۆتكەن يىرى بولسا ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلمىقى لازىم .ئەمما مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان ئوتتورسىدا ئىختىلاپ بولمايدۇ بۇنى ھەممەيلەن ئىنىق بىلىۋىلىشىمىز كىرەك...
          شۇڭا سىلەر ئۆزۈڭلارنى مۇسۇلمان دەپ قارىساڭلار ئاراڭلاردىكى بۇ ئىختىلاپنى ئامال بار تىزراق تۈگىتىپ بۇ خەلىقنى بۇنداق جەڭگە جىدەلدىن،ئىتتىپاقسىزلىقتىن تارتىپ ئۆملۈككە،بىرلىككە،ئىتتىپاقلىقا تارتىپ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئال مەسىللەرگە يۈزلىنىشىڭلار كىرەك دەپ قارايمەن.
        ئەمما چوڭلار يەنى زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپلار تۈگىمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ باشقا ھىچقانداق بىر دەردىدىن،ھىچقانداق بىر ئازابىدىن سۆز ئىچىش ئەسلا مومكىن ئەمەس.ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتقان بىر ئادەم ئاخىرقى تىنىقلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاۋۋال كىسىلىنىڭ ياخشىلىنىپ ئورنىدىن تۇرىشى توغرىسىدا ئويلىنىشتىن،ئىزدىنىشتىن، ھەركەت قىلىشتىن قىمىرلىيالماي،تنىقىنىمۇ مىڭ تەستە ئاران ئىلىپ، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى،كۆزۈم كۆرمىدى،تىلىم سۆزلىمىدى،پۇتۇم دەسسىمىدى دەپ ئويلىسا بۇ توغرا بولمايدۇ.ئاۋۋال ئۇ جىنىنى ساقلىسۇن،ھايات قىلىشنىڭ كويىغا چۈشسۇن ۋە ئىزدەنسۇن ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىلى،دىلى،كۆزى،پۇتى،ئۆيىنىڭ غىمىگە چۇشسۇن...
         شۇڭا ئەڭ ئالدى بىلەن ئىتتىپاقلاشماق،بىرلەشمەك،ئىجىل ئىناق،ئۆم بولماق كىرەك.بۇ  جىدەللەردىن،ماجرالاردىن،بۇ ئىتتىپاقسىزلىقلاردىن پايدىلنىغانلغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ نىمە مەقسەتتە ئىكەلىكىنى،زىيان تارتىدىغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش،ئىزدىنىش كىرەك.بۇ خەلىقنىڭ ئاھۇ زارىغا،دەرىتلىرىگە،جاپا مۇشەقەتلىرىگە ساھىب چىقىشى ،ئىگە چىقىشى كىرەك.ھەرگىزمۇ بۇ ئىختىلاپلار بىلەن بۇ خەلىقنى گومراھلىقا،ئازاپقا،مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم قىلماسلىق كىرەك.
          ئارىمىزغا قەستەن زىددىيەت سالغۇچىلارنى،بىزنى بىرلىككە،ئۈملۈككە كەلگىلى قويمايۋاتقۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىشىمىز لازىم.كىملەرنىڭ بىزگە ھەقىقىي خەۋب ئەكىلىۋاتقانلىقىنى ئىنىق تونىۋىلىشىمىز، ھەر خىل يىلە مىكىر،ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئارىمىزغا قەستەن زىددىيەت ئۇرۇقىنى تىرىپ قويوپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغورلاپ ئۆزىنىڭ رەزىل ،قەبىھ مەخسەتلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقۇچىلارنى ۋە بۇ خەلىقكە قارا ساناۋاتقۇچىلارنى تونىشىمىز لازىم.ئۇلارنىڭ دىپىغا بىلىپ بىلمەي ئۇسۇل ئوينىغۇچىلار بۇ توغرىسىدا چوڭقۇرراق ئويلىنىشى لازىم.
        مەيلى يالقۇن روزى ياكى زۇلپىقار جىدەللىرىدە بولسۇن قەستەنلىك بىلەن جىدەل قىلىۋاتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قانداقتۇر مەخسەتسىز،پىلانسىز  قىلىۋاتقىنى يوق ئۇلارنىڭ مەخستى بار.
      نىمە سەۋەپ بىلەن زۇلپىقار باراتنىڭ ئە.ئوسمان تىمىسىدا مەن سىزنى ھۆرمەت قىلاتتىم ئەمما سىز ھىچنىمىزىمدىن ئىبارەت ئازغۇنلۇق يولىغا مىڭىپسىز.بۇ بىر ئازغۇنلۇق دىگەن سۆزلىرى ۋە ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان تەكلىبى ئاستىن ئۈستۈن بولوپ كىتىدۇ.نىمە ئۈچۈن ئاق بىلەن قارىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالىدۇ.ئۇ تىمىدا باشتىن ئاخىر ئارىمىزدىكى ئۇيغۇر خىرىستىيان بۆلگۈنچىلىرى ۋە زۇلپىقارنىڭ بىر قىسىم كۈشەندىلىرى مەخسەتلىك،پىلانلىق ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان بولسا ئاق قارىنى ئىنىق پەرق قىلالمىغان بەزى قاپاقباشلار ئۇلارنىڭ دىپىغا ئۇسل ئوينىدى.
         ئۇيغۇر خىرىستىيان بۆلگۈنچىلىرىنىڭ  ئۇيغۇرنىڭ  نۆۋەتتىكى دەردىلىرى بىلەن كارى يوق،ئۇلار مەيلى نىمە قىلىپ بولمىسۇن،قانداق ئۇسۇللارنى،يىلە مىلىرلەرنى قىلىپ بولمىسۇن ئارىمىزدا خىرىستىيان ئىدىيلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئۆز مەخسەتلىرىگە يىتىشنىلا ئويلايدۇ.ئەپسۇس ئۇلار مەن خىرىستىيان دەپ ئۆزىنى ئاشكارا ئوتتورغا چىقارمىغان بولغاچقا،ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرىنىشى ۋە دەۋاتقانلىرى خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭكىگە بەك ئوخشاپ كەتكەچكە ئۇلارنى ئاسانلىقچە پەرق قىلالمايسز بۇ ئىشلارنىڭ ئازراق چۈشىنەي دىسىڭىز يىقىندا ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلغان ئىنجىل مىنى ئىسلامغا قانداق ئىلىپ كىردى دىگەن تىمىنى تەپسىلى ئوقوسىڭىز دىلارا ئىسىملىك خانىم بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق مۇنازىرىلەرنى ئىلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىڭىز ۋە چۈشەنسىڭىز ئۇلارنى ئارىمىزدىن ئىلغىماق،ئايرىماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى شۇ ۋاقىتتا چۈشىنىسىز. ..
          مەيلى خىرىستىيان بولامدۇ،بۇددىست بولامدۇ،كاپىر بولامدۇ،رۇس ياكى ئىنگىلىز بولامدۇ بۇلار بىلەن مىنىڭ ھىچبىر دەردىم يوق.ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا ئىناق،ئىتتىپاق،ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ،پۈتۈن كائىناتتىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان بۇ زىمىنغا سىغىشىپ ئورتاق تىرىكچىلىق قىلىپ ،ھەممەيلەن ئۆز يولىمىزغا ماڭساق تامامەن بولاتتى.چۈنكى مىنىڭ دىنىم ئىسلامدا ھىچبىر يەردە خىرىستىيانغا،بۇددىستقا،كاپىرغا،رۇسقا ياكى ئىنگىلىزغا تاجاۋۇز قىل دەپ يوق.ئىسلام پاكىزلىق ،بىرلىك ۋە تىنىچلىق دىنى ئىدى .ئۇلار ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇملا قىلمايدىكەن بىزنىڭ ئۇلارغا بىھۆرمەلىك قىلىشمىزغا يول يوق ئىدى.شۇڭا ئارىمىزدىكى خىرىستىيانلارمۇ ئوچوق ئاشكارە بولوپ،مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلمىغان ئاساستا ئۆز يولىغا ماڭسا مىنىڭمۇ ئۇلار بىلەن ھىچبىر دەردىم يوق ئىدى ھەم مەن شۇنداق بولىشىنى تولىمۇ خالايتىم . ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلماستىن بۇ قەدەر يۈزسىزلىك،ئىپلاسلىق قىلىپ،ئۇيغۇرنىڭ گومراھلىقى،مەغلۇبىيتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ رەزىل ئىپلاس مەخسەتلىرىگە يەتمەكچى بولىدىكەن، ھەر خىل ھىلە نەيرەڭ ۋە ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك،زىددىيەت سىلىپ قەدەمدە بىر بىزنىڭ سەرخىللىرىمىزنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىدىكەن مەن ئۇلارغا قاراپ تۇرالمايمەن گەرچە مىنىڭ ھاياتىم تەھدىدكە ئۇچىرغان تەقدىردىمۇ ؟
ئەگەر ئۇلار بۇنداق نۇمۇسسىزلىق قىلىدىكەن،بۇ ئىپلاسلىقلىرىنى داۋام قىلدىكەن ئۇلار مەيلى ئۆزىنى قانداق پەردىلىگەن بولمىسۇن،قانداق ھىلە نەيرەڭ قوللانغان بولمىسۇن،ئارىمىزغا مەيلى قانداق شەكىل بىلەن زىددىيەت ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىك تىرىغان بولمىسۇن ئۇنى ھامان پەرق قىلالايدىغانلار ھامان چىقىدۇ.
       مۇسۇلمانلىق ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۇلارنىڭ جانلىرى بىلەن ئويناشسا قاراپ جىم تۇرۇش ياكى دۈشمەنلىرىگە شەپقەت يەتكۈزۈپ ئۆز مەغلۇبىيتىنى قوش قوللاپ ئىلىش ئەمەس...مۇسۇلمانلىقنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە ئەمەل قىلالايدىغان مۇسۇلمان باھادىر ئەزىمەتلىرىمىز ھامان چىقىدۇ...
       ھەر خىل ھىلە نەيرەڭلەر بىلەن تۈرك دۇنياسىنى پارچىلاپ ئايرىم -ئايرىم قىلىۋەتكەن رۇسلار ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇمدەك پارچىلىۋەتكەن ۋە قەتئى بىرلىككە كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلەرنى ئىلغىماي،تاللىماي ئىشلىتىۋاتقان،تىرىشۋاتقان غەرب دۇنياسى بولسۇن بۇ ئشىلارنىڭ ھامان ئايىغى چىقىدۇ...
       مۇسۇلمانلار قانداقتۇر ئىلىمسىزلىك،نادانلىق ۋە ئىتقادسىزلىقتىن،ئىيمانى سۇسلىقتىن نۆۋەتتىكىدەك مەغلۇبىيەتلىرىگە مۇپتىلا بولمىدى بەلكى بۆلۈنمىچىلىكتىن بۇ كۈنلەرگە قالدى.ئۇلارنىڭ  ئىلىمسىزلىك،نادانلىق ۋە ئىيمانى سۇسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئامىللرى ئۇلارنىڭ بۆلىنىشى ئۈچۈن ئىچكى ئامىل بولدى. مۇسۇلمانلار ئىچىدە نى نى ئالىملىرىمىز،مۇسۇلمانلار ئىچىدە شۇ قەدەر ئىتقادلىق ۋە مۆمىن كىشىلەر بار،شۇڭا مۇسلمانلارنى  قانداقتۇر ئىلىمسىزلىك،نادانلىق ۋە ئىتقادسىزلىقتىن،ئىيمانى سۇسلىقتىن نۆۋەتتىكىدەك مەغلۇبىيەتلىرىگە مۇپتىلا بولدى دىيىش مەسىلىنىڭ نىگىزىنى ئىنىق تونىيالمىغانلىق.مۇسۇلمانلاردا بۇ خىل ئىللەتلەر بار ئەمما ئۇ نىگىزلىك مەسىلە ئەمەس بەلكى شۇ نىگىزلىك مەسىلىنىڭ ئوتتورغا چىقىشى ئۈچۈن دەستەك بولىۋاتقان ئامىللاردۇر. تاشقى ئامىللار بولسا دىن دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ سۈيقەسىت ۋە ھەر خىل ھىيلە نەيرەڭلىرى بىلەن بۇ خەلىقنى نادانلىقتا قالدۇرۇشقا،ئىتتىپاقسىزلىققا قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىشى،مۇسۇلمانلار ئچىدىكى سەركىلەرگە ھەر خىل ناملار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى،خەلىقنىڭ بولسا  ئۆز دۈشمەننىڭ ھىيلە مىكىرلىرىنىمۇ ئاڭقىرالماستىن ،ئۆزىنىڭ كىمگە ئەگىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن بۇلاڭ تالاڭغا قالغان بۇ سەركىلىرىنىڭ ئازابلىنىۋاتقان،قىينىلىنىۋاتقان،كۆز ياشلىرى ئىقىۋاتقان ھالىتىنى تاماشا قىلىش بولدى.مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنىشى نۆۋەتتىكى ۋە ئىلگىركى مەغلۇبىيتنىڭ ئەڭ موھىم ۋە تۈپ سەۋەبىدۇر...
          بۇنىڭ سورىقى يوق ئەمەس،بەلكى ھەممەيلەن ئىگىمىزنىڭ ئالدىدا ھەر بىر ئىغىز سۆزىمىز ۋە ھەركىتمىزدىن،مەسئۇلىيتىمىزدىن بىر بىرلەپ ھىساپ بىرىمىز.سىز بىلگەن ۋە ئىگىمىز ئاللاھ سىزگە بىلىشنى نىسىپ قىلغان شۇ ئىشتا بىر ھىكمەت بار،سىزنىڭ تاپقان شۇ بايلىقىڭىزدا ۋە شۇ بايلىقىڭىزغا ئىرىششىكە قادىر قىلغان ئاللاھنىڭ بۇنداق ئورونلاشتۇرىشىدا بىر ھىكمەت بار،سىزنىڭ تۇتقان شۇ ھوقوقىڭىز ۋە ھوقوق تۇتىشىڭىزنى نىسىپ قىلىشىدا ئەلبەتتە بىر ھىكمەت بار،سىز قىلىۋاتقان شۇ ئىش ۋە شۇ ئىشنى سزگە قىلىشقا نىسىپ قىلىشىدا ھەم چوڭ بىر ھىكمەت بار.سىز بۇ ھىكمەتنى تاپالىدىڭىزمۇ ؟بايقىيالىدىڭىزمۇ ھەم ئۇنى ئورونلىيالىدىڭىزمۇ ؟ئەگەر شۇنداق قىلالمىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ سورىقى سىزگە ھەم بار .شۇڭا سىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى تونوڭ ۋە ئۇنى ئورونداڭ.مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماڭ.بۇنىڭ سورىقىدىن،ئازابىدىن ئالدىراپ قۇتۇلۇپ بولالمايسىز.سىز بۇ قەدەر نەپسانىيەتچى،شەخسىيەتچى،ئىنساپسىز بولوپ كەتمەڭ.ئۆزىڭىزنى مال دۇنياغا،شان شۆھرەتكە،ھوقوق ۋە ئەمەلگە يەنە بىر نىمىگە ئۈنچىۋالا ئۇرۇپ كەتمەڭ.سىز شۇنچىلىك مال دۇنيالىرىڭىزنى يىغىۋالغىنىڭىز بىلەنمۇ ،قورو جايىڭىزنى ئۆيلىرىڭىزنى ھەتتا ئەللىك،ئاتمىش قىلىۋالغىنىڭىز بىلەنمۇ سىزنىڭ ئۆلىكىڭىز ئەللىك،ئاتمىش ئۆيدىن ئەمەس پەقەت بىر ئۆيدىن چىقىدۇ. ھەتتا سىزنى شۇ يەرلىكتە قويىۋاتقىنىدا ئوران ئىچىدىكى ئىمام سىزنىڭ مىيىتىڭىزنى ئىچىگە تارتسا سىرتتىكىلەر ھەتتا شۇ ئەسكى كىگىزگە يۆگەلگەن جەينىمازنىمۇ سىز بىلەن قالدۇرمال ئۇنى سىرتىغا تارتىدۇ.سىز ھەتتا شۇ ئەسكى كىگىزگىمۇ ئىگە بولالمايسىز.مال دۇنيالىرىڭىز،تۇتقان ھوقوقلىرىڭىز،شان شۆھرەتلىرڭىز ھىچقايسىسى سىزگە ئەسقاتمايدۇ.شۇڭا سىز قىسقىغىنە ھاياتى دۇنيارىڭىزدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئەسقاتىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى تىپىۋىلىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەت قىلىڭ.
شۇڭا بىر تەن دەپ قارالغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىشى ۋە سەركىلىرى بۇلاڭ تالاڭغا قىلىۋاتسا قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى نەقەدەر ئەخمەقلىق.جەڭدە دۈشمەنلەر ھىچقاچان گىنرالنى تاشلاپ قويوپ ئاددى ئەسكەرلەرگە قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارمايدۇ،بۇنداق قىلىشنىڭ كىرىگى يوق.پەقەت مەيلى قانداق ئامال قىلىپ بولسىمۇ سەركىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە جايلايدۇ شۇنىڭ بىلەن ھالاك قىلىدۇ.پادىچىنى پادىسىدىن ئايرىۋەتسىلا بولدى شۇئان ئۇ قويلار تەرەپ تەرەپكە چىچىلىشقا باشلايدۇ.شۇڭا ئاللاھ تائالا بىر ئالىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن بىر قەۋمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى ئەۋزەل دىدى ئەمەسمۇ ...
       بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا پىكىر ئىخىتىلاپلار كۆرۈلۈپ كەلگۈسىمىزنىڭ ۋە بۈگۈنىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولىۋاتقان ياشلارنى ئۆز ئارا جەڭگە،جىدەلگە،سوقوشقا سىلىپ قويوش نىمە قىلىق ؟
          بۇ خەلىقكە زىيالىيلىرىمىز ساھىب چىقالمايۋاتقان بۇ ۋاقىتلاردا خەلقىمىزنىڭ دىيانىتى ۋە خەلىقنى ھىدايەتكە باشلاش مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شۇ ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ھالى تىخىمۇ خاراپ ،ئۇلار ئۆز ئارا پىتىشالمايۋاتقان،بىرىنىڭ پىكرىگە بىرى قارشى قوپىۋاتقان ،ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قەدىمى بىر غىرىچ يەرگە يەتمەيۋاتقان ھالەت كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
ئۆلىمالىرىمز مەسچىتلەردە قۇملۇقتا ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىرىغان بىر يولوچى سۇ ئىزدىگەنگە ئوخشاش ئىيمان ۋە ھىدايەت ئىزدەپ مەسچىتكە قەدەم بىسىپ كەلگەن شۇ خەلىقكە سۇنى دەرھال بىرىشنىڭ ئورنىغا قۇرۇق گەپ ساتتى.سۇنى شۇ ھالىدىن كىتىپ جان ئۈزەي دەپ قالغان،ئاخىرقى تىنقىدا جان تالىشىۋاتقان شۇ كىشىگە قانداق ئىچكۈزۈشنىمۇ بىلمىدى،بەزىلىرى ھەتتا چەتتە تۇرۇپ بۇ جان تالىشىۋاتقان قىرىندىشغا قاراپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرۇشتى.ئۇلار مەسچىتلەردە بىزنىڭ مۇقەددەس ئايەتلىرىمىز ۋە ھەدىسلىرىمىزنى خۇددى قۇرۇق شۇئار توۋلىغانغا ئوخشاپ توۋلاپ،قۇرۇق سەپسەتە سۆزلىگەنگە ئوخشاش سۆزلەپ،مۇقەددەس ئايەتلىرىمىزنى ئۇلۇق قۇرۇق گەپكە ئايلاندۇرۇپ قويوشتى .نەتىجىدە بۇ ئاددى خەلىق ئىيماننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئىيمان ئىيتىۋەردى.مۇسۇلمانلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي مۇسۇلمان بولوپ ،ئارىمىزدا مۇسۇلمانلىقنىڭ ھەر خىل ھەر ياڭزا شەكىللىرى بارلىققا كەلدى .گەرچە بۇ خەلىقنى ياراتقان تەڭرى بىر بولسىمۇ ،بۇلارنىڭ تىلىدىكى ،شەكلىدىكى بۇلار داۋا قىلىۋاتقان ياراققۇچىسى،پەيغەنبىرى،كىتابى،ئازابى،دەرت ھەسرىتى بىر بولسىمۇ ئەمما بۇلار ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە ئىسلامنىڭ دەماللىقا ئۆزىگە نەپ تىگىدىغان يەرلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ،دەماللىققا ئۆزىنىڭ نەپسى ۋە خاھىشىنى چەكلەپ قويىدىغان قىسمىنى تەرك قىلىش ۋە چۆرىۋىتىش بىلەن بۇلار ئۆزىگە خاس شەكىل بىلەن ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا  مەبۇد تىكلىۋىلىشتى.ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىسىنىڭ بۇ تەڭرىلىرىنىڭ شەكلى قارىماققا شۇنداق ئوخشاش.شۇنىڭ بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان،ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان ئىككى ئىنسان بىر بىرىنىڭ كۆزىنىڭ تىگىگە قاراپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدا قەسەم ۋە ۋەدىلەرنى بىرىشىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قانداقتۇر بىر پايدا ،مەنپەئەت ياكى خاھىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شۇ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ نامىدا بەرگەن قەسىمىنى چۆرىۋىتىدىغان،ئۆزىنىڭ ئىگىسى نامىدا بەرگەن قەسىمىگىمۇ ئەمەل قىلمايدىغان،بىراۋنىڭ كۆزىنىڭ تىگىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى.نەپنى كۆزلەپ ھەقنى كۆزلىمەيدىغان ،ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بىر مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ نامىدا قەسەم بىرىشنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ،بۇنى بىر ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ،يالغان سۆزلەپ ئۆزىنىڭ شۇ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان،ئىنسان قۇبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدىكى،كەچۈرگۈسىز بۇ ئىپلاسلىق ۋە شەرمەندىچىلىك ئارىمىزدا پەيدا بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاددى خەلىق ئازغۇنلۇق ۋە گومراھلىق،نادانلىق كوچىلىرىدا تولا مىڭىپ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئازغۇنلۇق مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتتى...
         بىر دوختور بىمارنىڭ كىسىلىگە دورا بەرمىسە ياكى كىسىلى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دورا بەرسە بىمارنىڭ كىسىلى ساقىيامدۇ ؟ئەگەر بىماردا نەچچىلىگەن ئاغرىق ئازابى ئىغىر بولغان ۋە ھاياتىنى خەۋىپكە ئۇچۇرتىش ئىھتىماللىقى بولغان كىسەللەر تەڭ پەيدە بولغان بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ بولوپ ئاندىن باشقا كىسەللىرىگە سەۋەب قىلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ ؟
          زىيالىيلىرىمىزمۇ زىيالىيلارنىڭ ئىناۋىتىنى،كۇرسىنى چۈشۈرۈپ نەدىكى ئاقماس بىر نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىۋەردى،يىزىۋەردى.ئۇلار زادى نىمىنى يىزىش،نىمىنى تەتقىق قىلىشى كىرەكلىكىنى ئەسلا بىلىشمىدى.ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىچە ئەڭ ئۇلۇغ تەتقىقات دەپ قارىشىۋالغان شۇ سەپسەتىلىرىنى باشقىلارنىڭ ماختىمىغانلىقىغا خاپا بولوشتى،قىيداشتى.ئۇلار ئۆزلىرىچە ھىرىپ چارچاپ تەتقىق قىلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ زىھنى ۋە ۋاقتىنى زايە قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش شۇ تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق مەنسەپ، شان-شۆھرەت،ئىناۋەت ۋە مەشھۇرلۇق تاماسى قىلىشتى.ھەتتا ئىناۋىتى،شان شۆھرىتى،مەنسىپى ئۆزىدىن سەللا ئىشىپ كەتكەن ياكى شۇنداق ئىھتىمالى بارلارنى قەتئى بوش قويىۋەتمەي زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۆز ئارا جەڭگە جىدەل ۋە ئىختىلاپلارغا كىرىشىپ كەتتى.ئۆزىنىڭ خەلقىنى تاشلاپ قويوپ ئۆز-ئارا پوكان سىقىشىپ ،جەڭگە جىدەلگە كىرىشىپ كەتتى.
ئەي زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار سىلەر خەلىقىمىزگە پادىسىغا ئىگە بولمايۋاتقان پادىچىغا ئوخشاپ قالغىنىڭلاردا ،پادىلىرىڭلارغا ئىگە بولمايۋاتقىنىڭلاردا ،پادىلىرىڭلار بىلەن كارىڭلار يوق ئۆز ئارا-جەڭگە جىدەل قىلىشىۋاتقىنىڭلاردا پادىلىرىڭلارنىڭ نىمە بولوپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر ؟پادىلىرىڭلارغا ئىگە بولماسلىقنىڭ مەسئۇلىيتىن قانداق چىقارمەن دەپ ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ ؟
ئەي ئۆلىما سەن مۇقەددەس ئايەتنى سەپسەتىگە ئوخشاش سۆزلەشتىن ئۇيالمامسەن،مۇقەددەس ئايەتلىرىمىزنى قۇرۇق شۇئارغا ئوخشىتىپ قويوشتىن نۇمۇس قىلمامسەن ؟ئۇنداق ئۇلۇق قۇرۇق گەپلىرىڭنى قاچانغىچە سۆزلىمەكچى سەن ؟
ئەي زىيالى سەن نىمىنى تەتقىق قىلىشنى، نىمىنى يىزىشنى بىلمىگەن بولساڭ بۇ تەتقىقاتىڭنى ۋە بۇ يىزىشلىرىڭنى توختوتوپ يولنى بوشات .ھىچبولمىغاندا باشقا تەتقىقات ۋە يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقۇچىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولمايسەن،بۇ كوچىنى قىستا -قىستاڭ قىلمايسەن .بۇ تەتقىقات ۋە بۇ يىزىقچىلىق كوچىسىنى پايخان قىلىپ،تەتقىقات ۋە يىزىقچىلىقنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالىسەن .



4-قسىم




ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قاراۋاتقان ۋە بۇ يولدا مىڭىۋاتقان ھەر بىر ئىنسان چوقوم مۇسۇلمانلىق سۈپەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ،ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ياشىشى ۋە تۇنجى قەدىمىنى ئوقوشتىن،ئىلىم ئىلىشتىن باشلىشى لازىم.چۈنكى ئوقوش دىگەن بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا خىتاپ قىلغان تۇنجى پەرز ئەمىلى.ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز.
           پەيغەنبەر ئەلەيھىسالام  ئىبنى ئابدۇللا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە<< ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر مۇسلمانغا پەرز،ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا دىڭىزدىكى بىلىقلارغىچە ھەر بىر شەيئى مەغپىرەت تىلەيدۇ >> دەيدۇ ۋە يەنە دەيلەمى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەنبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:<<ئىلىم تەلەپ قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە نامازدىن، روزىدىن ،ھەجىدىن ھەتتا ئاللا يولىدا قىلغان جىھاتتىنمۇ ئەۋزەلرەك>> دىدى.يۇقارقى بۇ ھەدىسلەر ۋە مۇقەددەس كىتابىز قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايىتى بولوپ نازىل قىلنغا ئوقو سۈرىسىنى ئۆز لاياقىتى ۋە چىن مەنىسى بىلەن چۈشەنمىكى ئەمەل قىلمىقى،ئىجرا قىلمىقى لازىم.
مەيلى كىم بولمىسۇن دىنىي ئىتقادىنىڭ سۇس بولىشى،دىنىي ئەسەرلەرگە ئۆز ھىسىياتى ،ئۆز چۈشەنچىسى بىلەن قارىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ئۇنىڭ بىلىمى ساپاسى قانچە يۇقىرى بولوپ كەتسۇن ئۇنى ئازغۇنلۇق،گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالايمايدۇ.شۇڭا ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئىشەنچىلىك ماتىرياللارنى ئوقوپ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىنى،بىلگەنلىرىگە،ئوقوغانلىرىغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئەمەل قىلىشى،ئىسلامنىڭ نىمىگە يىتەكلەپ نىمىدىن توسقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن ھەقىقىي كۆرۈپ بىلمىكى ئەمەل قىلىشى ۋە بۇيسۇنشى لازىم ،ئۆزى ئاڭلىۋالغان ياكى ھىس قىلىۋالغان چۈشەنچىسى بويىچە ئسىلامغا ئۆزىنىڭ شەخسى چۈشەنچىسى ۋە ھىسىياتىنى ئارلاشتۇرۇپ قويوشتىن ساقلىنىشى لازىم .ئۇنداق قىلمىسا ئۇ قانداقمۇ مۇسۇلمان بولسۇن.مۇسۇلمانلىق داۋا قىلماق ئەمەس بويسۇنماقتۇر،ئىتائەت قىلماقتۇر.
ئۆلىمالىرىمىزمۇ مۇقەددەس ئايەت ۋە ھەدىسلىرىمىزنى ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ساتقانغا ئوخشاش سۆزلەۋەرمەي ئالدى بىلەن خەلىقنى چۈشەنمىكى،بۇ خەلىقنىڭ تارىىخىنى،دەردۇ ھالىنى،ئازابلىرىنى بىلمىكى لازىم .بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇمۇ دىنىي ئەسەرلەرنى قۇرۇق يادلاۋەرمەي مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلىرىمىزنىڭ،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تولوق قىتىرقىنىپ ،چۈشىنىپ ئوقوشى لازىم .بولمايدىكەن ئۇلار ھەقنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلغان بىلەن بۇ قەدەمنى باسماي تۇرۇپ ئۆز خەلقىگە نىمىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ ۋە ئۇنى ئۆز خەلقىگە لايىقىدا يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدۇ.
مەيلى كىم بولسۇن،ئۇ مەيلى نىمە كەسىپ ياكى نىمە ئىش پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن ئۇ ئىسلام ۋە مەن مۇسۇلمان دەيدىكەن چوقوم ئەڭ ئالدى ۋە تۇنجى قەدىمىنى ئوقوشتىن باشلىشى دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقوپ ئىسلامنىڭ نىمىگە يىتەلەپ نىمىدىن توسقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن  ھەقىقىي كۆرۈپ،تارىخى ۋە ئىجتىمائى ۋەقەلىكلەر ئەكىس ئەتكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقوپ ئۆزىنى ۋە تارىخىنى بىلىشى،قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەسلى ۋە چىن مەنىسى بويىچە چىڭ يىپىشىپ،ئۆزىنىڭ ئۆلىمالىرى،ئالىملىرى،زىيالىيلىرىنىڭ پىشىگە مەھكەم ئىسىلىشى ،بۇ قەدەر جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ گىپىنى راس دەپ ،ئۆزىنى ئاقلاپ،باشقىلار بىر ئىغىز گەپ قىلىپ بولغىچە رەدىيە بىرىمەن دەپ سەكرەپ چۈشۈپ جاھىللىق قىلماسلىقى كىرەك.چۈنكى ئاللاھ تائالا مىنىڭ بەندىلىرىمنىڭ ياخشىراقى گەپكە ئاسان كىرىدىغانلىرىدۇر.جاھللىق ئازغۇنلۇققا،گۇمراھلىققا باشلايدۇ دىدى .شۇڭا ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ دەرقەمدە بىر باشقىلارغا رەدىيە بىرىمەن دەپ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە جاھىللىق قىلىشغا يول يوق .ئۇ مەيلى كىم بولسۇن جاھىلىق قىلماسلىقى،بويسۇنىشى كىرەك .بولمىسا ئۇ مۇسۇلمانلىق يولىغا قەدەم تاشلىيالمايدۇ.مۇسۇلمانلىق يولىغا قەدەم تاشلىمىغان كىشى مۇسۇلمان بولالمايدۇ.
دىنىي بىلىمىي مول بولغان بىلەنمۇ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا لايىقىدا تەدبىقلىيالمىسا ئۇ ئىنسان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى،قۇرئاننىڭ مۇقەددەس ئايەتلىرىنى خاتا ياكى دۇرۇس بولمىغان ھالەتتە قوللونىش ياكى تەدبىقلاشتىن خالى بولالمايدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىر نۇتۇغىدا ‹‹بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ ئالىملىرىنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىمىدى،زىيالىيلىرىنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىمىدى،ئۆلىمالىرىنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىمىدى ئەگەر مۇشۇنداقلا كىتىۋىرىدىغان بولسا بۇ مىللەت تارىخنىڭ قىغلىرىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ ›› دەيدۇ.
زىيالىلىرىمىزدىن زۇلپىقار.بارات ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدولوگىيسىنى جىددى ئىسلاھ قىلىشى زۈرۈر ››دەيدۇ.بۇ گەپلەرنى ئۇلار نىمە سەۋەب بىلەن،نىمە مەقسەتتە دىگەندۇ؟
  جەمىىيتىمىزگە مەسئۇلىيەتچانلىق كۆزىڭىز بىلەن نەزەر تاشلىسىڭىز،جەمىيتىمىز ھەر قايسى ساھەلىرىدە بىز قۇبۇل قىلالمايدىغان ۋە كۆرۈشنى خالىمايدىغان  ئىشلارنىڭ نەقەدەر ئاۋۇپ كىتىۋاتقانلىقنى ،خەلقىمىزنىڭ قانداق توقونۇش ۋە ئخىتىلاپلار،جەڭگە جىدەللار ئىچىدە گومراھلىق يولىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىسىڭىز ئازاپلانماي تۇرالامسىز...
خەلقىمىزنىڭ زىيالىيسى بىلەن زىيالىسي چىقىشالماي،ئۆلىماسى بىلەن ئۆلىماسى پىتىشالماي،ھوقوقدار بىلەن ھوقوقدارنىڭ چىقىشالماي ،ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ نەقەدەر ئىغىر كىرزىسقا پىتىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ،خەلىقنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدا بۆھران كەبىي توقونىشلارنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ۋە چۈشەنسىڭىز ئازاپلانماي تۇرالامسىز...
مەن ئۇيغۇر جەمىيتىنى ۋە ئىڭىنى مۇشۇ خىل كۆز قاراشتا كۈزەتكەن ۋە ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن بولسام سىز بۇنىڭغا قوشولمىسىڭىز ئۇيغۇر جەمىيتى ۋە ئىڭىنى باشقا تەرپىدىن كۈزەتسىڭىز ،ئىزدەنسىڭىز ۋە مىنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ خاتا كەتكەن ياكى ئۇيغۇن بولمىغان تەرەپلىرىگە ئىلمىي، ئەقىلگە ئۇيغۇن، پاكىتلىق رەدىيە بەرسىڭىزبولىدۇ.
مەن شۇنداق قارايمەنكى ،نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيتى ۋە ئىڭى شۇنداق بىر ھالەتكە كەلدىكى بۇ خەلىقكە مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن بىر نەرسىنىڭ تەسىر قىلمىقى ئىنتايىن تەس بولغان ئىنتايىن پاسسىپ بىر ھالەت مەيدانغا كەلدى.ياخشى ئىشلارنىڭ تەسىر قىلماسىلىقى بۇ خىل ھالەتنىڭ يامان تەرپى بولسا يامان ئىشلارنىڭمۇ ئالدىراپ تەسىر قىلىپ كەتمەسلىكى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنىڭ بىر ئارتۇقچىلىق تەرپىدۇر.

5-قىسىم،ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيتى بار

كىشىلىرىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدا  ئەكىس ئىتىۋاتقان شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك باللىرىنى يىتىم قىلىپ،يۈرەك پارىلىرىنى سەرسانلىق كوچىلىرىغا  چۆرىۋىتىپ،ئىناق بىر ئائىلىسىنى كۆككە سورىۋىتىپ ۋەيران بولىۋاتقان بۇ ئائىلە ۋە ئازابلارغا مۇپتىلا بولىۋاتقان شۇ كىشىلەر ئۈستىدە بۇ جەمىيەت ۋە بۇ جەمىيەتتىكىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى،مەجبۇرىيتى بار.
بۇ ئۆزگىرىۋاتقان ۋە ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا پىتىۋاتقان ھەر خىل سەۋەب ۋە ھەرخىل يوللار،ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر قىلىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ پىچەكلىشىشىگە تەسىر قىلىپ ۋە كاتالىزاتۇرلۇق رول ئويناۋاتقان بۇ جەمىيەتنىڭ شۇ كۈلى كۆككە سورولغان شۇ ئائىلە ۋە ھىچبىر گۇناسىز يىتىم بولوپ ئازاپقا ،قىيىنچىلىققا مەھكۇم بولىۋاتقان شۇ سەبىي بالا ئۈستىدە بۇ جەمىيەتنىڭ مەسئۇلىيتى بار.بۇ جەمىيەتتىكى مەسىللەرگە ۋە شۇ ئازغۇنلۇق كوچىلىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى،بەرپا قىلغۇچىلىرىدىن بولىۋاتقان شۇ ئازغۇن ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيتى بار.
بۇ جەمىيتتىكى ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىقلارغا سەۋەب بولىۋاتقان ۋە قاراپ تۇرىۋاتقان شۇ ئىنسانلارنىڭ،ئۆز پادىلىرىغا ئىگە بولمايۋاتقان ۋە بۇ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمايۋاتقان شۇ ئىنسانلارنىڭ،قانداقتۇر بىر سەۋەب ۋە جىدەللەر بىلەن،قانداقتۇر بىر نىمىلەرنى تالىلىشلار بىلەن سوقوشۇپ،جىدەل قىلىشىپ،ئىختىلاپ قىلىشىپ بۇ جەمىيەت ۋە بۇ خەلىقكە ئىگە بولوشنىڭ ئورنىغا بۇ جەمىيەتنى،بۇ خەلىقنى ئۆزىنىڭ شۇ بىر نىمىلەرنى تالىشىش ياكى شۇ جىدەللىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋاتقان شۇ زىيالىيلىرىمىىزنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيتى بار.
جەمىيىەتنى بۇ قەدەر ئازغۇنلۇق ۋە گومراھلىق يولىغا باشلاۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ،جەمىيەتنىڭ بۇ يولغا مىڭىشىغا قاراپ تۇرىۋاتقان شۇ زىيالى ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بۇ ئاتالمىش مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيتى بار...
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجىرىشىپ كىتىشى سەۋەبلىك چۈشەنگىسىز دەرت- ھەسرەت ،ئازاپ-ئوقوبەت ۋە تالاي جاپا-مۇشاقەت،تالاپەت،قىيىنچىلىققا مەھكۇم بولىۋاتقان بىر بۇردا نانغا زار بولوپ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىدىن،سوغوقلاردا توڭلاپ كىيىمىنىڭ يوقلىقىدىن،كۆزلىرىدىن قان-ياشلار ئىقىپ بىچارە،ئامالسىز قىياپەتتە قاراپ تۇرغان شۇ بىر سەبىي بالىنىڭ ئۈستىدە بۇ جەمىيەتنىڭ،بۇ جىدەلخور،شۆھرەتپەرەس،ئىختىلاپ قىلىشۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ،ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ قىلىۋاتقان شۇ ئۆلىمالىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار.
شۇ بىر ناشايان ھەركەتتىكى ،يامان يولدىكى بىر ئىنساننىڭ،بۇ جەمىيەتنىڭ ۋە بۇ جەمىيەتتىكىلەرنىڭ بۇ قەدەر بۇزۇلىشىغا شاھىد بولىۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ شۇ بىر ئائىلە،شۇ بىر سەبىي بالا ئۈستىدە مەسئۇلىيتى بار.
قانداقتۇر بىر مودا ئىقىم ياكى قانداقتۇر بىر سەۋەبنىڭ كاللىسىغا ئۆزىمۇ بىلمىگەن،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تەسىر قىلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ،ئاخىر ئائىلىسىنى نابۇت قىلىپ ئۆزىنى ۋە باللىرىنى شۇ سەرسانلىق كوچىلىرىغا تاشلاۋاتقان شۇ ئائىلە،شۇ ئايال،شۇ بالا ئۈستىدە بۇلارنىڭ مەسئۇلىيتى بار.
جەمىيەتتىكى ھەر خىل ھەر ياڭزا بۇزۇقچىلىقلارنىڭ،ئازغۇنلۇقلارنىڭ بىلىپ بىلمەي كاللىسىغا تەسىر قىلىشى ۋە شۇ خىل پائالىيەتلەردىكى ئازغۇن ئىنساننىڭ قىزىقتۇرىشى،ئۇلارنىڭ قەلبىدە قىزىقىش،ھەۋەس ۋە ۋەسۋەسە ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ شۇ ئازغۇن كوچىلارغا تارتىپ كىرىپ كىتىۋاتقان شۇ كىشىلەر ۋە بۇ جەمىيەتنىڭ،بۇ جەمىيەتتىكى ھەر بىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيتى بار.
ئۆزىنى ئۇنتۇپ،بىلىپ بىلمەي ئۆزگىرىپ ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپىتى ۋە بەخىتىنى،قەدىر قىممىتىنى دىسكوخانا،قاۋاقخانا،ئاتالمىش مۇھەببەت كوچىلىرىدا ۋە ياكى قانداقتۇر بىر كوچىلاردا نابۇت قىلىۋاتقان شۇ بىچارە ئازغۇن قىز ئۈستىدە بۇلارنىڭ مەسئۇلىيتى بار.
بۇلار كىملەر ؟بۇلار بۇ جەمىيەتكە ئىگە بولالمىغان،ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالمىغان جىدەلخۇر،پىتىشماس شۇ بىر توپ زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار.
بۇلار كىملەر ؟بۇلار ئۆز مەسئۇلىيتىنى تونىمىغان ۋە ئادا قىلمىغان،ئۆز ھەمشىرىلىرىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئىگە بولمىغانلار.بۇلار ئەنە شۇ ئازغۇنلۇق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە شۇ خىل ئىش ھەركەتلەرنىڭ ئىشتىراكچىلىرى .بۇلار ئەنە شۇ ئەتراپىدا كۆزىنى پارقىرتىپ قاراپ تۇرغانلار ۋە مەسئۇلىيتىنى تونىمىغانلاردۇر.
ئەمما شۇ گۇناسىز،كۆزلىرىدىن سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان شۇ بالا ئۆزىنىڭ سەۋەبكارلىرىنىڭ بۇلار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ۋە مەڭگۈ ھىس قىلالمايدۇ.ئازغۇنلۇق كوچىلىرىدا تۈگىمەس ئازابلارغا مۇپتىلا  بولىۋاتقان،ئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىدا جان تالىشىۋاتقان شۇ بىچارە پاھىشە ياكى شۇ قىز ياكى شۇ ئەيدىز،خىرويىن بىلەن شۇغۇللانغۇچى،قىمارۋاز ياكى ھاراقكەش شۇ ئىنسان بۇنىڭ سەۋەبكارلىرىنىڭ  ئەنە شۇ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئەسلا،ئەسلا بىلمەيدۇ ۋە ھىس قىلالمايدۇ.بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىختىلاپلار ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك، جاھالەت قاپلىغان جەمىيەتنىڭ قۇربانلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدۇ ۋە بىلمەيدۇ.
ئەپسۇس نۇرغۇن كىشىلىرىمىز سەرخىللار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ،خەلقىمىز ئارىسىدىكى بۆلىنىشلەرنى ،بۇ خىل ئەھۋالنى كىملەرنىڭ ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئارىغا كىملەرنىڭ ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن قەستەن زىددىيەت ئۇرۇقىنى چىچىپ  بۇلارنى ئۆز ئارا دۈشمەن قىلىپ قويوشقانلىقلىرىنىمۇ بۇلار بىلىشمەيدۇ.بۇلارنىڭ بىلىدىغىنى ۋە كۆرىدىىغىنى كۆز ئالدىدىكى دۈشمەن دەپ قارىۋالغان شۇ كىشى ۋە بۇ جىدەل.ئەمما ئالدىدا ھەر خىل سەۋەبلەربىلەن دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىپ قويولىۋاتقان بۇ ئىنساننىڭ زادى كىم ئىكەنلىىكلىرىنى بۇلار بىلىشمەيدۇ.بۇلارنى ۋە بۇ شەكىلدىكى ئىشلارنى ئاددى خەلىق تىخىمۇ چۈشەنمەيدۇ.ئەگەر چۈشەنچە شۇ بىر سەبى بالا ياكى شۇ بىر پاھىشە،ھاراقكەش بۇلارنىڭ ياقىسىغا ئىسىلغان ۋە ھىساپ سورىغان بولاتتى.ئەمما بۇلارنى بۇ ئاددى خەلىق چۈشەنمىگىنى بىلەن ئىگىمىز چۈشىنىدۇ ۋە ھەممىسىدىن تىگىشلىك ھىساب ئىلىپ ئۆزىگە لايىقىنى بىرىدۇ.
ئازغۇنلۇق كوچىلىرىدا كىتىپ بارغان شۇ ئىنسان ئۆزى تىرىشمىغانلىق ۋە ئازغانلىقتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ ھەركەتلىرىگە،ئەھۋالىغا مەھكۇم بولوشىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىغا،سەۋەبلىرىگە ئۆزى جاۋاب بەرسە،تاشقى سەۋەبى بولمىش بۇ جەمىيەت ۋە بۇ جەمىيتتىكىلەر،بۇ جەمىيەتنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئىنسانلار تاشقى سەۋەب ۋە تاشقى ئامىل بولوپ ھىساپ بىرىدۇ.
ئۆزىڭىز،قىزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى شۇ سۆيگەنلىرىڭىزگە بۇ جەمىيەتنى تەسىر قىلمايدۇ.ئازدۇرۇپ سىزنى دەرت-ئەلەم،ھەسرەت-نادامەتتە قويمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.
بۇ جەمىيەت بىر پۈتۈن ئورتاق بىر گەۋدىكى بۇجەمىيەت جەمىيەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قانداق ئادەم بولوپ چىقىشقا،چىللىسا بۇ جەمىييەتتىكى ئىنسانلار شۇ خىل ئىنسانلار توپىدىن بولوپ چىقىدۇ.شۇڭا ھەر بىر ئىنسان  جەمىيەتتىكى ھەر قانداق بىر مەسىلىنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.جەمىيەتتىكى شۈنچىلىك ئاددى ئىشلارنىڭمۇ بۇ ئىنسانلارغا قانداق قىلىپ ،قايسى خىل شەكىللەر بىلەن تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ۋە قايسى خىل ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىنى ئادەملىرىمىز بۇنى ئاددى كۆزلىرى بىلەن پەرق قىلالمايدۇ ۋە ھىس قىلالمايدۇ.
شۇڭا ھەر بىر ئىنسان ئالدى بىلەن ئوقوش ۋە ئىلىم ئىلىشتىن ئىبارەت بۇ يولغا قەدەم تاشلىغان بولسا ئىككىنجى قەدىمىدە، جەمىيەتتىكى،بىر قەۋم ئالدىدىكى،ئائىلىدىكى،ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئۇستازلىرى ئالدىدىكى ۋە بۇ پۈتۈن جەريانلاردىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونىماغلىقى ۋە ئادا قىلماغلىقى كىرەك.
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىر بىرلىرى ئۈستىدە ھەققى ۋە مەسئۇلىيتى بولغىنىدەك.جەمىيەتتىكى ھەر بىر كىشىدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇئەييەن مەسئۇلىيەت بولىدۇ.

6- قىسىم
ئۆز مەسئۇلىيتىنى تونىغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا ئۆتكەن قىرىنداشلىرىمىز ئەتراپدىكى ئوخشاش مەخسەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان باشقا قىرىنداشلىرىمىزنى ئىمكانىيتىنىڭ بىرىچە قوللىشى،مومكىن بولسا بىرلىككە كىلىپ شۇ ئورتاق مەقسەتلىرى ئۈچۈن پىلانلىق سىستىمىلىق ھەركەت ئىلىپ بىرىشى،ھەرگىزمۇ بىرىنىڭ ھەركىتى ئوخشاش مەخسەتتىكى يەنە بىرەيلەننىڭ ھەركىتىگە توسالغۇ بولىدىغان ياكى ئۇنى چەكلەپ قويوشتىن ئامال بار خالىي تۇرىشى كىرەك.
ئەگەر ئوخشاش مەخسەتتىكىلەر ئۆز ئارا بىر بىرىنى بىلىشمىسە،بايقىيالمىسا ،بۇلار ئارىسىدا ئۆملۈك ئىناقلىق بولمىسا،بۇلارنىڭ ھەركىتى بىلىپ بىلمەي توقونىشىپ قىلىشى،ئورتاق نىشاندا تۇرۇپمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەخسەتلىرىنى قايرىپ قويوپ بىر بىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەخسەت قىلىۋىلىپ ئەسلى مەخسەت نىشانلىرىدىن ئادىشىپ قىلىشى مومكىن.
ئەمەلىيەتتە مەيلى پەرھات تۇرسۇن ياكى يالقۇن روزى ياكى زۇلپىقار.بارات ياكى ئەخمەتچان ئوسمان بولسۇن ئۇلار ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ سەركە زىيالىيلىرىمىز ئىدى.
مەن يازغۇچىمىز پەرھات تۇرسۇننى خىرىستىيان دىگەنگە ئىشەنمەيمەن ھەم ئۇنداق دىمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇنى كۆرمىدىم ،بىلمىدىم.پەقەت مىنىڭ دەيدىغىنىم ئەگەر شۇنداق خىرىستىيانلىق سۈپەتلىرى ياكى باشقىلاردا شۇنداق شۈبھە پەيدا قىلىپ قالغان بولسا بۇ تۈگۈننى چىرايلىق يىشىۋىتىپ ئۆز يوللىرىغا مىڭىشسا،ئەگەردە ئۇۋال قىلىنغان بولسا ئىلمىي، پاكىتلىق ئۇسۇل بىلەن ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى بايان قىلسا  بولىدۇ .ئەمما يالقۇن روزى تىمىلىرىدا جىدەل قىلغۇچىلارنىڭ ھىچقايسىسى يالقۇن روزى يازغان شەكىل بىلەن ياكى ئىلمىي مەنتىقىلىق بايان قىلىپ رەدىيە بەرگەن  بولماستىن ھەممىسى قەستەنلىك بىلەن ئادەم قۇبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە ئىپلاس گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ.ئەمما بۇنى قىلغانلارنى مەن قانداقتۇر يازغۇچىمىز پەرھات تۇرسۇن دەپ قارىماستىن بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئوتنى قەستەن ئۇلغايتىپ، بۇنىڭدىن نەپكە ئىرىشمەكچى بولغانلار،بۇلارنى زىددىيەتكە سىلىپ قويوپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغورلىغۇچىلار دەپ قارايمەن.ئەگەر ناۋادا پەرھات تۇرسۇن خىرىستىيان بولغان تەقدىردىمۇ ھىچقىسى يوق .ئۇنىڭ خىرىستىيان بولىشى يالقۇن روزىنى،يالقۇن روزىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى پەرھات تۇرسۇننىڭ خىرىستىيان بولىشىنى چەتكە قاقمايدۇ.بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى يولى بىلەن ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشسا تامامەن بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئەمما ئەپسۇسلۇق بىر تەرەپ ئارىمىزدىكى خىرىستىيانلار يۈزسىزلىق قىلىپ بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئختىلاپتىن پايدىلىنىپ،يۇشۇرنۇپ تۇرۇپ پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنى داۋام قىلدى.خىرىستىيانلار بولامدۇ ياكى بۇددىست بولامدۇ نىمە بولسا مەيلى ئۇنىڭ بىلەن بىر دەردىمىز يوق،ئەمما يۇشۇرۇنچە ھەر خىل شەكىلدە ئورونوپ زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدىكى توقونوشنى كۈچەيەيتىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغورلاش مەقسىتىدە بولماسلىقى كىرەك.
بەزىلەر دىگەندەك يالقۇن روزى ھەقىقەتەن پەزىلەتسىز،باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بولسا ئۇنى باشقىلار دەللاللىق قىلماي شۇ كىشى ئۆزى كىرىپ دسسە بۈنچە كۆپ تالاش تارتىشمۇ بولمايدۇ ئەمەسمۇ ؟ئەمما يالقۇن روزى ئەسىرىنى تارتىۋالغان كىشى كىرمەي باشقىلار سەن ئانداق قىلدىڭ مانداق قىلدىڭ دىسە ،پاكىتسىز،ھىچقانداق بىر دەلىل ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتمەي بۇنداق دەۋەرسە بولمايدۇدە.
يالقۇن روزى بىلەن بىلەن بۇنداق دەتالاش قىلغۇچىلار شۇ كىشى بولماستىن باشقا بىر كىملىكىنى بىلىپ بولمايدىغان بىر كىشىلەر.
ھەتتا زۇلپىقار بارات بىلەن ئە.ئوسمان جىدىلىدىمۇ ئوخشاش،بۇ يەردە بۇ ئىككىسى سوقوشقان بولماستىن  بەلكى باشقا بىر ئۆزىنى دەللالغا ئوخشىتىپ قويوۋاتقان ئىنسانلار جىدىلى بولىۋاتىدۇ.ئە.ئوسمان بىلەن زۇلپىقارنىڭ مۇنازىرىسى بولماستىن بۇلار ئارىسىغا قەستەن سوقولوپ كىرىپ زۇلپىقار بىلەن جىدەل تىرىۋاتقان ئىشلار بولىۋاتىدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن توغرىسىدىمۇ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر توپلار  جىدەل قىلىۋاتىدۇ.بۇ جىدەللەردە ۋە يۇقارقى ئىككى جىدەللەردىمۇ  پارتىزانلىق ھەركەتلىرى بىلەن مەخسەتلىرىگە يىتىۋاتقان ۋە يەتمەكچى بولوشىۋاتقان، نامەرتلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىمىز يوق دىسە ئىشەنمەيمەن.
مۇسۇلماندارچىلىقتا ئۇلارنى ،كاپىرلارنى ۋە ياكى باشقىلارنى ئىنكار قىلىدىغان قىلىدىغان ئىش يوق.پەقەت دۈشمەنلىق قىلىشمىسىلا...ئۇندىن باشقا يەنە شۇلارغا ئوخشاش ھەركەتتە بولىۋاتقان ،بۇلارنىڭ بىرلىشىپ قىلىشىدىن،بۇلارنىڭ بىرلىشىپ قىلىپ كۆز ئالدىدىكى رىئال مەسىللىرىگە كۆز تىكىۋىلىشىدىن، بۇلارنىڭ يەنى بۇ قەۋمنىڭ،بۇ قەۋمدىكى ئىسلامنىڭ كۈچىيىپ كىتىدىشىدىن ئەنسىرەپ قەستەن شۇنداق قىلىۋاتقان ۋە ھەر خىل يىلە نەيرەڭ،ئۇسۇللار بىلەن بۇلارنى بىرلىككە كەلگىلى قويمايۋاتقان،كۆز ئالدىدىكى مەسىللىرىدىن زىھنىنى چىچىۋىتىپ بارغانلار باردۇر بەلكىم.
مىنىڭ تىمىدا يالقۇن روزى،زۇلپىقار بارات،ئابدۇقادىر جالالىدىننى كۆپرەك توختلىشىم  بۇ جىدەللەر بۇ كىشىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىق ھەر قانداق بىر يەردە دەرھال قۇبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە يامراۋاتىدۇ.شۇڭا بۇلاردا توختالدىم.ئەمما يازغۇچىمىز پەرھات تۇسۇن بىلەن شائىرىمىز ئە.ئوسمان توغرىسىدا ھىچ قانداق يەردە بۇنداق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بىنورمال قاۋاشلارنى كۆرمىدىم ياكى مەن بىلمىگەچكە يازمىدىم.ھەم ئۇلار توغرىسىدا تەپسىلىيرەك بىلمىگەچكە يازمىدىم مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئايرىمچىلىق قىلغىنىم ئەمەس،ئە.ئوسمان بولسۇن ياكى پەرھان تۇرسۇن بولسۇن ئۇلار مەن ئۈچۈن ئوخشاشلا قەدىرلىك سەركە زىيالىيلاردۇر...
بىلىمسىز، نادان ،بىر نەرسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئادەمنى ھەقكە باشلىسا ،توغرا يولغا ئاسانراق مىڭىشى مومكىن.ئەمما بىر نەرسىنى بىلىدىغان ئادەمگە  بەك تەس، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئىشىنىش،ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەۋىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ شۇ بىلىملىرىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىشتىن،ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىش ۋە جاھىللىق بىلەن ئۆزىنى ئاقلاش يولىدا ئىشلىتىپ جاھىللاردىن بولوپ قالىدۇ،گەرچە بىلىمى بولسىمۇ بىلىملىك نادانلاردىن،ئازغۇنلاردىن بولوپ قىلىشى مومكىن...
دىنىمىزدىكى ‹‹مەن گەپكە ئاسان كىرىدىغانلارنى ياقتۇرىمەن،ئەمما جاھللارنى ياقتۇرمايمەن،جاھىللىك ئازغۇنلۇق،گومراھلىققا باشلايدۇ ››دىگەن بايانلارمۇ بەلكىم ئۇشبۇ ئادەملىرىمىز ئۈچۈن بولسا كىرەك...
ئەمما چاتاق يىرى ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى جاھىللىق ياكى خاتا دەپ قارىماستىن ئۆزىنىڭ شۇ قىلغانلىرىنى توغرا دەپ قارايدۇ .ئەمما توغرا خاتانى ئايرىيدىغان ئۆلچەم ئۇلارنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە ئىغىزىدا تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان سەپسەتىلىرى ئەمەس بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىستۇر.
ئەقىل ۋە بىلىم ئادەمنى قۇتقۇزالايدىغان ئىش بولسا ھازىر پۈتۈن دۇنيا قول قويىۋاتقان يەھۇدىلار ياكى دىنسىز ئالىملار ئازغۇن دەپ قارالماس ئىدى.قۇرئان كەرىمدە بىز قۇلاقلىرىنى پەردىلىۋەتتوق ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئاڭلىمايدۇ،كۆزلىرىنى پەردىلىۋەتتوق،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدۇ دىگەن ئايەتمۇ نازىل بولمىغان بولار ئىدى بەلكىم.
شۇ ئەقىل ۋە بىلىملىرىنى نەگە،قايسى تەرەپكە ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك،نەدە ئىشلىتىپ نەدە توختوتوشقا دىققەت قىلماسلىق بىزنى ئاداشتۇرۋىتىشى.جاھىللىق گومراھلىق يولىغا باشلاپ قويىشى مومكىن.شۇڭا مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ھەر قانداق ئادەم مەيلى ئۇ كىم بولسۇن،جاھىللىق قىلىپ ئۆزىنىڭ  پىكىرلىرىنى ،ئىدىيەلىرىنى توغرا دەپ تۇرىۋالغىچە تۇنجى قەدەمدە ئوقوشى،ئۆزى دەۋاتقان شۇ ئىسلامنىڭ نەگە باشلاپ نەدىن توسقانلىقلىرىنى ئۆز چۈشەنچىلىرى بىلەن ،ياكى ئاڭلاپ ھىس قىلىۋالغانلىقلىقلىرى بىلەن ئەمەس ئۆز كۈزى بىلەن كۈرۈپ بىلمىكى،ئەمەل قىلمىقى لازىم.ئەڭ ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشى يەنى ئىنىق بىلىشى لازىم ،ئىككىنجى قەدەمدە شۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشى ،ئۇنىڭغا ئۆز چۈشەنچىسى ياكى ھىسىياتىنى ئارلاشتۇرىۋالماستىن نىمە دىيىلگەن بولسا شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشى لازىم .شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ۋە شۇ بىلىملىرىنى نەگە ئىشلىتىش،نەدە ئىشلىتىپ نەدە توختاشنى بىلەلەمدىكى دەپ قارايمەن.
خۇددى بىراۋ توغرا گەپتىن بىرنى قىلىۋاتقىنىدا بىز ئۇنىڭ پىكىرىنى قۇبۈل قىلالماسلىقىمىز مومكىن ياكى چۈشىنەلمەسلىكىمىز مومكىن،ئۇنىڭ ئىددىيسىنى قۇبۇل قىلالماسلىقىمىز مومكىن ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئەقلى ۋە بىلىمىنى نەدە ئىشلىتىپ، نەدە توختاشنى بىلەلمىگە شۇ ئىنسان ئىزىپ،ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە بىلىمىنى جاھىللىق بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ،ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىشقا،قارشى تەرەپنىڭكىگە رەدىيە بىرىشكە ئىشلەتكىنىدە ئۇ ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئازدىم دەپ قارىماسلىقى،ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە بىلىمىنى جاھىللىق ۋە ئازغۇنلۇق يولىدا  ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەسلىكى.ھىس قىلالماسلىقى مومكىن. بۇ يەردە ئۇ بىلىملىك ۋە ئەقىللىق كىشىنىڭ بۇ جاھللىق،ئازغۇنلۇق يولىدا كىتىۋاتقىنى ئەمەس،ئۆزىنىڭ بىلىمى ئەقلىنى بۇ جاھىللىق ۋە ئازغۇنلۇق كوچىسىدا ئۆزى سەزمەستن،ھىس قىلماستىن پايخان قىلىۋاتقىنى ئەمەس بەلىكى ئۇ كىشىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە نىمىگە ئەمەل قىلىپ نىمىنى تەرك ئىتىشى كىرەكلىكىنى بىلمەسلىگى ،ئۆزىنىڭ نەگە بىرىپ نەدە توختاش ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى،ئۆزىنىڭ نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەكلىگىنى بىلمەسلىكى ئاساس.بۇنىڭ ئاساسى ئوقوماسلىقتۇر ۋە شۇلارنى بىلمەسلكتۇر.شۇڭا ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەۋتقان شۇ كىشىلەر ئوقوشى،بىلىشى،ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقى ئەمەل قىلىشى لازىم ئىدى.
چالا بىلىش ياكى بىلمەسلىك،ئۆزى ئاڭلىۋالغان ياكى ھىس قىلىۋالغان چۈشەنچىلىرى بويىچە ھەركەت قىلىش ياكى بىلسىمۇ ئەمەل  قىلماسلىق ئادەملىرىمىزدىلا ئەمەس زىيالىيلىرىمىزدىمۇ ئىنتايىن ئىغىر.شۇ سەۋەبلەر بىلەن دۇنيا قارىشىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ئۆز ئارا توقونوشوپ قىلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ زىھنىمىز ۋە ۋاقتىمىزنى ،ئەقلى ۋە بىلىملىرىمىزنى  توغرا يولدا ئىشلەتمەستىن ،ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلانماستىن ،ئۆزىمىز جەڭگە جىدەل ۋە ئىخىتىلاپ پەيدا قىلىش ۋە بۇ جەڭگە جىدەل،ئىخىتىلاپلاردا ئۇتۇش ،ئۇتتۇرۇشقا ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى گومراھلىققا باشلاۋاتىمىز...
شۇڭا ھەر بىر ئادەم مەيلى ئۇ كىم بولسۇن ئاددى پۇخرا ياكى زىيالى بولسۇن،ئالىم ياكى ئۆلىما بولسۇن،تىجارەتچى ياكى ھۆنەرۋەن بولسۇن تۇنجى قەدەم چوقوم ئوقوش ۋە بويسۇنۇش ،ئىككىنجى قەدەمدە مەسئۇلىيتىنى تونوش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچىنجى قەدىمىدە بولسا شۇ ئوخشاش مەسئۇلىيەت ۋە ئوخشاش يولدىكىلەرنى بايقاش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى، ئوخشاش يولدىكىلەر ئۆز زىھنىنى ۋە ۋاقتىنى ئىختىلاپ قىلىپ بىر بىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئىشلەتمەستىن ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە قوللاش ئاساسىدا كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىللەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.
بىر زىيالى پىكىرى ئوخشىمىغان يەنە بىر زىيالىينى دۈشمىنى دەپ قارىماسلىقى ،ئوخشاش كەسىپ قىلىۋاتقان ئىككى كارخانىچىمۇ ئۆز ئارا رىقابەتنى دۈشمەن دەپ قارىۋالماسلىقى،ھەممىسى ئۆز يولىدىكىلەر بىلەن ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.بىر يولىدىكىلەرنىڭ بىر بىرىدىن شان-شۆھرەت،نام-نىشان،پايدا-مەنپەئەت ياكى ھەسەت ئوتى بىلەن ئۆز ئارا ئىـختىلاپ قىلىشلىرى مۇسۇلمانلىق سۈوىتى ئەمەس
مومكىن بولسا ھەممەيلەن بىرلىك،ئۆملۈك ئىتتىپاقلىققا قەدەم ئىلىپ كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىللىرىمىزگە ئورتاق يۈزلەنسەك،ھەر بىر قىرىندىشىمىزنى ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئۈستە ئىلىپ زىيالى زىيالىيلىقى بىلەن،خەلىق ئۆز زىيالىيلىرى ۋە ئۆلىمالىرىغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى قەدىرلەش بىلەن،ئوقوتقوچى ئۈگىتىش بىلەن،ئوقوغۇچى ئۈگىنىش بىلەن،پۇلدار مەبلەغ چىقىرىش يولى بىلەن ھەممىسى بىر بىرىگە ساھىب چىقىپ ئۆز رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرسىكەن دىگەن ئۈمىتتە مەن.ئەمما بۇنى خالىمايدىغان كۈچلەر ھامان ھەركەتتە.ھەقىقىي بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق پەقەت ئىيمان كەلىمىسى ئەتراپىغان ئويوشۇش بىلەنلا بولىدۇ،خەلقىمىزنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان،قۇتقۇزالايدىغان نەرسىنى دەل مۇشۇ دەپ قاراپ تىمىنى مۇشۇ خىل ئۇسلۇبتا يازدىم.ئەمما بەزى جەھەتلەردە قىيىپ كەتكەن بولىشىم  ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قىسىلىپ بەزى تەرەپلەرگە ئۇۋال قىلغاندەك كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويغان بولىشىم مومكىن.
ماكان زامان ،نۇرغۇن ئىھتىياجلار بەزىدە مۇشۇنداق بولوشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بەزى خاتالىقلارغا قەستەن يول قويماي بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭلارنى ئارتۇق ياكى كەم قالغان ،كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەسلى بۇ خىلدىكى تىمىنى مەندەك بىر توڭ سويمىنىڭ پىتىغداپ ئوتتورغا چۈشىۋىلىشى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى.ئەمما  ھازىرغىچە شۈنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى ھىچكىم بىر نەرسە دىمىدى.ئۇمۇ دىمىسە بۇمۇ دىمىسە بۇ ئىشلار قانداق ھەل بولىدۇ ؟ھىچكىم بىر نەرسە دىمىسە ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسۇنمۇ ؟شۇڭا مەن قولومدىن كىلىشچە مەسئۇلىيتىمنى ئادا قىلدىم دەپ قارايمەن.چۈشىنىدىغانلار ھامان چۈشىنىدۇ،چۈشەنمەيدىغانلارغا مىڭنى قىلسىمۇ بىكا...

يازمامنى تىخى تەھرىرلەپ بولالمىدىم،تەھرىرلىگەن ھالەتتىمۇ خاتاسىز،مۇتلەق بولىدۇ دىيەلمەيمەن.خاتالىقلار مىنى قىرىنداش دەپ بىلگەن قىرىنداشلىرىمنىڭ ،تەقدىرداشلىرىمنىڭ ياردىمى،كۈچ قوشىشى بىلەن تۈزتىلىدىغانلىقىغا،كەم يەرلىرىنىڭ تولوقلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...
تىمىدىكى خاتا كەتكەن، قوپال كەتكەن سۆز جۈملىلەر ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەيىر ئامان بولوڭلار.ئاللاھ ئىگىمىز ھەممەيلەنگە رەھمەت ،بەركەت ۋە ياخشلىق ئاتا قىلسۇن .ئاللاغا ئامانەت...
تىمىنىڭ خۇلاسە قىسمىنى  ئىنكاستىن كۆرىۋىلىڭ.




0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18362
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ئوقۇپ ، بىراق خولاسە يازما يازاي . ئازىر يازسام بالدۇر بولغۇدەك . چاققاراق يۇللاسىز ؟ ئىدىيىڭىز تولىمۇ ، ئۇچۇق ئوزگىچە ئىكەن ، پەلسەپە نوقتۇلىرىڭىز ئېنىڭ گەۋدىلىنىپتۇ . ھارمىغايسىز ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9592
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   almas333 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-24 10:33  

[color=Red]كىرىش قىسىم
نۆۋەتتە ئۇيغۇر جامائەچلىكى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىسلار  قانداقتۇر دوسلىرىمىز جار سىلىۋاتقان،تىلىمىز،دىنىمىز ۋە باشقا جەھەتتىكى خىرىسلىرىمىزلا بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر تەرەپكە بۆلىنىپ كىتىش،ئىدىيە،قىممەت قاراش ۋە ئاڭدىكى بۆلىنىش،يىمىرلىش،نادانلىق  ۋە بۆلۈنمىچىلىك،بىرلىك،ئورتاقلىق بولماسلىق جەھەتتىكى مەسىلىسىدۇر


يۇقىرىدىكى كىرىش سۆز قىسمىلا قۇلاققا ياقمايدىغان گەپ بولۇپتۇ.سىزچە ئۇيغۇر جەمىيىتى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىگە قايتىپ،ئىدىيە،ھەرىكەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىش زۆرۇر ئىكەندە؟ھەممە ئادەم ئوخشاش بىرخىل قىممەت قارىشى،ئوخشاش بىر ئىدىيە-ھەرىكەتتە بولسا ،ھايۋاندىن نىمە پەرقى؟ ھەممە ئادەمنى ئوخشاش بىرخىل قىممەت قارىشى،ئوخشاش بىر ئىدىيە-ھەرىكەتتە بولۇشقا مەجبۇرلاش مۇستەبىتلىكنىڭ ئىپادىسى.  ئېسىڭىزدە بولسۇن !كىشىلىك ھوقۇق ھەممىدىن مۇقەددەستۇر. كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ،باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتۇر.

3

تېما

2

دوست

9249

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   84.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2102
تۆھپە : 1408
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=517
مۇشۇ ئۇلانمىدىكى 10 - قەۋەتتىكى لۈكچەك ئىسىملىك ئىنكاس ئىگىسىنىڭ ئىنكاسىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
مېنىڭ سىزگە جىق نەرسلەرنى دىگۈم يوق ئىنىم . شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى ئومۇملۇق ھەممىدىن مۇھىم . سىز مەلۇم كىشىلەرنىڭ شەخسىي ھىسياتىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئومۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزسىڭىز بولمايدۇ .
مەن بۇرۇن دەپ ئۆتكەن ، ھازىرمۇ يەنە دەيمەن . ئاۋانگارت تورىدا بەش ئالتە ئادەم ھېچنىمىۋىزىم دىگەن ساھەدە ئىزدىنىپ ، ئويناۋاتقان ئىدى ، بۇنى جىق بىلسە ئون ياكى ئون بەش كىشى بىلەتتى . ئۇيغۇرزادە ئۇلارغا رەددىيە بېرىمەن دەپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ھېچنىۋىمىزىمنى بىلىپ بىلمەيلا تەشۋىق قىلدى . سىزنىڭچە ئۆز ۋاقتىدا ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرزادە كۈتكەن مەقسىدىگە يېتەلىدىمۇ ؟
ئەخمەتجان ئوسمان مەيدانغا چۈشۈپ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندا نە ئۈچۈن تېما ئۆچۈرۈلدى ؟

1

تېما

5

دوست

5968

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 1059
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان كېتىۋېتىپ «رېلىستىن» چىقىپ كېتىپسىزدە.
ئاغزىنى بۇزۇش ياخشى ئەخلاق ئەمەس.

2

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18579
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،كۈندۈزى 50 يۈەنگە كىرا قىلىپ ياكى 100 يۈەنگە قۇرلۇشتا كىچىك ئىشچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئىلىپ تەيتەيلەر يىغىلغان شۇ پاھىشخانىلارغا خۇددى كاتتا مىليادىر مىھمانخانىلارغا تىز-تىز قەدەملەر بىلەن چامدىغاندەك راۋان قەدەملىرى بىلەن كىرىپ ئىچىپ،شۇ بىر توپ تەيتەيلەر بىلەن بۇزۇقچىلىقىنى قىلىپ كۈندىلىك پۇلىنى تامامەن يوقۇتۇپ،بەزىدە ئۇرۇشۇپ،بەزىدە كاللا قاپاقلىرىنى يىرىپ،كىيىم كىچەكلىرى سالدۇرلۇپ ئۆيىگە قايىتقىنىدا ئايالى گۆش سالغان ئەمەس چامغۇر ياكى بىر تال بەسەينىڭ كۆكلىرى كۆرۈنمىگىدەك سوۋۇپ قالغان ئاشنى ئىستىشقا ئۆيدە سەرەڭگە يوق،ئالاي دىسە پۇل يوق،ئامالسىز شۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سەرەڭگە سوراپ شۇ ئاشنى پۈتۈن مىھرى بىلەن ئىستىپ ئەكىلەتتى،ئايالى بىشىدىكى قان يۇقىلىرى ۋە ئىششىقلىرىنى بەدىنىدىن كىلىۋاتقان ئىشەكنىڭ سۈدىكىدىنمۇ بەتتەر شۇ سىسىق پۇراقتىن يىرگىنمەستىن ئاستا-ئاستا سۈرتەتتى،بالىسى مەكتەپتىن تاپىلىغان،نەچچەك كۈندىن بىرى دادىسىغا دەپ ئالالمىغان شۇ نەچچە سوم پۇلنى ئالالماي دادىسىنىڭ قىشىدا بويون قىسىپ،كۆز ياشلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى...


بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم

1

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19855
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mual تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-24 10:37  

ئالماس333 دېگەن تورداش قىزىل رەڭ بىلەن بەلگە قىلغان مەزمون ھەقىقىي توغرا ئېيتىلغان گەپ.
ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر تەرەپكە بۆلىنىپ كىتىش،ئىدىيە،قىممەت قاراش ۋە ئاڭدىكى بۆلىنىش،يىمىرلىش،نادانلىق  ۋە بۆلۈنمىچىلىك،بىرلىك،ئورتاقلىق بولماسلىق جەھەتتىكى مەسىلىسىدۇر

2

تېما

1

دوست

1780

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:38:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم . مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىش ، ئويلىنىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .

1

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16709
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىن قارىغاندىلا تۇغرا بولمىغان بىر داۋادا بۇلىۋاتقانلىقى ئېنىق بۇپتۇ. ئۇيغۇرنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ياراتقۇچىسى بىردۇر. تېما مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ يەنىلا بىر كونا قاقشاشتىن باشقا ئەمەس. ھېچنىمىزىم ھەققىدىكى گەپ -سۆزلەرنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكى بۇرۇنقى مۇنازىرلەردە ئايان بولغان بىر مەسلە. ئۇيغۇر خىرىستىيانلارنى تىللىدۇق دەپ ئۇلارنى تەشۋىق قىلىپ قۇيۇش بۇلىۋاتقانلىقىمۇ مۇنبەرلەردىن كۆرىۋاتىمىز. قىسقىسى ئورۇنسىز بىر تېما.

0

تېما

0

دوست

159

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20324
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:57:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپسىز، مەسىلىنى ماھىيىتىدىن مۇلاھىزە قىلىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )