- تىزىملاتقان
- 2013-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1951
- نادىر
- 1
- يازما
- 206
ئۆسۈش
  95.1%
|
مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي:
دادىللىق بىلەن يېزىپسىز، مەنمۇ مۇشۇ باغداشتا خوراپاتلىق ھەققىدە يازسام، ئىنكاسلار ھازىرغىچە توختىۋايماتىدۇ، تىرىشىڭ قېرىندىشىم، سىزنى مەنلا چۇشەنگەندەك قىلمەن، خۇددى بۇ يازمىنى ئىككىمىز بىريەردە تۇرۇپ يازغاندەكلا چىقىپتۇ.
تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغانلار بۇ يازمىنى چۈشىنشى بەك تەس، سىزنىڭ ئىسلامنى قارغۇلارچە ئەمەس، ئىككى كۆزىڭىزنى ئېچىۋېتىپ تەتقىق قىلغىنىڭز چىقىپ تۇرىدۇ.
ئۇلار ھەقىقەتنىڭ زەھەردەك ئاچچىق، مىۋىسىنىڭ ھەسەلدەڭ تاتلىقلىغىنى بىلىشمەيدۇ، بىرقىسىملارغا شېرىن گەپلەر بولسا بولىدۇ. مۇشۇ تەھرىرلىمەيلا يوللىغىنىڭىز ماڭا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئەلبەتتە تەھرىرلەش ياخشى،لېكىن ئالدىراپ شۇنداق بولۇپ قالغان!
كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقمىسا قانداق داۋالىغىلى بولىدۇ، ئاۋۇ ئوپراتسىيەدە كەسكەن يەر ئاغرىيدىغان گەپ شۇ.
ئۇ بىرقىسىم دېۋەڭلەرنىڭ «...قانچە خۇداسى بار؟...»دېگەن زاكونىڭىزنى، ۋە تور ئېھتىياجى ئۈچۈن يازغان بىرقىسىم سۆزلىرىنىڭزنى چۈشەنمىگەنىگە قارىغاندا، ئۇلانىڭ گېپىگە قەتئىي پەرۋا قىلماڭ.ھەتتا گۇلەننىڭكىگىمۇ.
ئاڭلاڭ ، ئېغىزدىن چىققان سوز قۇلاققا بارىدۇ، يۈرەكتى چىققان سۆز يۈرەككە بارىدۇ! سىزدە خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيىدىغان يۈرەكنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
مەن سەزگە دېسەم خاتالىقتىن قورققان ئادەمدىن ئۈمىت كۇتكىلى بولمايدۇ، بىرقىسىملار سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭ ماھايىتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،لوگىكىىلىق خاتالىق ئىزدەپ مەنمەنلىڭ قىلىشىدۇ.
يېزىڭ ! قولنى كەسمىسە قان چىقمايدۇ، سىز دېگەندەك ئۇلارنىڭ كوپىنچىسى تېخى ئا.جالالىدىننىڭ يازمىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇتېمىنى نادىرلاپ قويغىنىغا رەھمەت!
خالىسىڭىز ماۋۇ ئادرىستىكى يازما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۇپ ،باھا بېرىپ بېقىڭ../thread-18131-1-1.html |
|