قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 18413|ئىنكاس: 191

ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 20:35  

     ئىلاۋە:يېقىندىن بىرى تورلاردا ئەدىپلەرنى سۆكۈش،قارىغۇلارچە قارىلاش ھادىسسى مەۋجۇت،جامائەت ئەربابى،تونۇلغان شائىر ،يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ  ئوڭۇشلۇق بولىشنى ۋە تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمىز.                                                  
*

                                                          ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم
                                                                         ئۇيغۇرزادە

ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدىغان پىكىر ئىگسى. ياشاۋاتقان مۇھىتى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان شارائىتى قاتارلىق نۇقتىلارنى ھېسابقا ئالغاندا، ناھايىتى قالتس بىر ئادەم. پۈچەكلىك قورشاۋىدا، يۇقىرى ھارارەتلىك بىر مۇھىتتا  تۇرۇپ شۇنچىلىك پىكىر قىلماق، شۇنچىلىك ياشىماق ئاسان ئەمەس؛ خاسلىقىنى، ئەقىدىسىنى  شۇنچىلىك ساقىلىماق ئاسان  ئەمەس. ئۇ بىز ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرغان بىر ياخشى زىيالى. زىيالىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان يېرى جىق. بەزىلەرنىڭ كۆزى سۆزلەيدۇ.ئەمما، ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىدىكى مۇڭ سۆزلەيدۇ.

ئابدۇقادىر  جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىرىنچى، غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالىھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككىنچى، گەندىنىڭ شۇنداق بىر قالتىس گېپى بار: «ئۆز خەلقىم ماڭا تاش ئاتقان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر.» داغستان مەشھۇر شائىرى رەسول ھەمزوتوف مۇنداق دەيدۇ: «مىللىتىم دەيسەن، ئاخىرى مىللىتىڭ ئاتقان ئوقتا ئۆلىسەن.» ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ل. مۇتەللىپ ۋە تەۋپىقلەرنىڭ ئۆلىمىدە رەسول ھەمزەتوف دەۋاتقان ھېكمەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھكۇملۇق ئاسارىتى چىرمىغان قەۋمنىڭ جىگەرلىك زىيالىيسى خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە قىلغان كۈنىدىن باشلاپ بەختسىزدۇر، ھەسرىتى مەڭگۈلۈكتۇر. چۈنكى، ئاسارەتلەر قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە، زىندان كاللىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاۋۋال شۇ توپتىكى نادان مۇخلىسلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، يەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق زىيالىي يولىدىن قايتىشى، جاھانسازلىق يولىغا كىرىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. مېنىڭ مەيدانىم شۇكى، گەرچە بىلگەنسىرى ئادەمنىڭ ھەسرىتى ئاشسىمۇ، دۇنيانىڭ راھىتىنى ئويلانمىغۇچىلار سۈرسىمۇ، زىيالى ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن پىكىرچى مۇتەپەككۇرلار بەختسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىنسانىيەت ئەقىل- پاراسىتىنىڭ سىمۋولىدۇر. شۇنڭغا ئوخشاش چامىسى يېتىدىغان دائىرىدە، چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە  بۇنچە قاتتىق پىكىر قلىۋاتقان ئا.جالادىندەك ئادەم بىز ئۈچۈن بىباھادۇر.

ئۈچىنچى، بىر شائىر، بىر تەتقىقاتچى، بىر مۇتەپەككۇر، بىر ناتىق، بىر يازغۇچى، بىر ئىجتىمائىي تەنقىدچى، بىر قەھرىمان…. ئا. جالالىدىن مانا شۇنداق يەتتە ئادەمدە بولىدىغان كۆپ قىرلىق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بىر تالانت ئىگىسىدۇر. دېمەكچى، يۇقىرىقىلارىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەك بەكمۇ ئاسان، ئەمما ھەممە ۋەزىپىنى ئارتقۇزۇپ ياشىماق بەك تەس. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق ئادەم بەكمۇ ئاز. ياخشى شائىرلىمىز بار، ئەمما بوينىنى ئىچىگە تىقىپ، ئېستېتكىىلىق ياتلىشىش ئىچىگە غەرق بولۇپ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇغان. شۇنداق تەتقققاتچىلار بار، نوپۇزغا، مادىيلىققا باش ئەگكەن. شۇنداق ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر بار، ئۆزى تەنقىدلىگەن نەرسىگە ئەمەل قىلمايدىغان. ئەمدى، ئا. جالالىدىنىچۇ؟ ئۇ مەن بايا دېگەنلەرنىڭ ھەممسى. شۇڭا ئۇ بىزنىڭ بايلىقىمىز. بىزدە زوردۇنشۇناس، ئا. جالالىدىنشۇناشلار بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، بەزى مۇنبەرلەردە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بۇرۇن تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئا. جالالىدىنغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا خرىس قىلىدىغان، ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلار قاتارىغا ئا. جالالىدننى تىزمايدىغان بىر يۈزلىنىش بار.  رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان، كۇسۇك ئىتتەك قۇيرۇقىنى قىسىپ، بەخۇدەك ياشاۋاتقان ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز شائىرلارنىڭ ئا. جالالىدىنغا دىماغ قېقىشىغا تېخى ھايىلى بار. بۇنداقلارغا  شەيتىنى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىۋاتىدۇ.  شۇنداق نۇقتا ئېسىمىزدە تۇرۇشى كېرەككى، يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەنلەر ئىچىدە ئا . جالالىدىنلا شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتىن يانمىغان، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىگە خاسلىقىنى يەم قىلىپ بەرمىگەن ھەم ئىجـىمائىي بۇرچىنى قەتئىي ئۇنتۇمىغان بىردىنىبر ئەدىبتۇر. مەسىلەن، غالب راخمان، ئەركىن ئىبراھىملارمۇ ئاشۇ يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئىدى.ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرى بازارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقى تالانتىنى يەپ بولدى. يەنە بىرى نېمە بولدىكىن، جىمىپ كەتتى (دېمەك مەغلۇپ بولدى). يەنە بەزىلەر قالتس تالانت ئىگسى بولسىمۇ خەلقنى تەرك ئېتىپ، بۇرچىنى ئۇنتۇپ ياشىدى. بۇنداق ياشىماق، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشىماق ئاسان ئىدى. لېكىن، ئا. جالالىدىندەك ياشىماق تەس ئىدى. شۇڭا ئېيتىمەنكى، بىزنىڭ ئا. جالالدىننىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يېرىمىز بەك جىق. بىرەر شېئرىمىز، بىرەر تېمىمىز ياكى ئىنكاسىمىز  بەك ياراپ كېتىپ شەيتان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە چوڭ كۆرسەتكەندە، سەل ھاياجىنىمىزنى بېسىۋالايلى. بەزى ئەقدىسىز، ھەقنى تونۇمىغان شائىرلارنڭ يۈز ياخشى شېئرىنى ئا. جالالدىننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىغا تەڭ قىلمايمەن. مەن شېئىرغا بولغان ھۆرمىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم شېئىرىنىڭ چەكلىمىكىنى ھېس قىلىپ بۇ يولدىن چېكىنگەن بىرسى. شۇڭا، يەنە دەيمەن، بىرەر شائىرنىڭ، مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنىڭ، مەلۇم بىر تەنقىدچىنىڭ ۋە توردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىرەر تورداشنىڭ ئا. جالالىدنىغا دىماغ قاقىدىغانغا تېخى ۋاقتى بار. ئىجتىمائىي بۇرچ- شېئىر يېزىشتىنمۇ، تەتقىقات بەنتچىلكىدىنمۇ مۇھىم. شۇڭا، بىز ئۈچۈن ئا . جالالىدىن ھەر ۋاقت سۆيۈملۈكتۇر. ئەمما، ئەپسۇسلىندىغىنىم. ئا. جالالدىن بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇزاققا ئۇزىيالايتتى.

ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە 20- ئەسىردە ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر دانانىڭ مۇنۇ سۆزىنى سۇنىمەن: بۇنداق مىللەتنىڭ ئىللەت- نۇقسانلىرى كۆپ بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىللەت- نۇقسانلار بۇ مىللەتنى سۆيۈشىمىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ.
خوتەن قىزىل قالغان مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

ئالۋۇن بۇ ئىنكاسنى 133 - قەۋەتتە يوللىغان

ئشقىلپ ئادەم بولۇپ ياشىماقمۇ تەس بولۇپ كەتكەن بۇجەمىيەتتە ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇشۇ تېمىنى ئىلان قىلغان polat315دىگەن كۆڭلى ئورغاقتەك تۇز.قورسىقى ئېرىق -ئۆستەڭدەك كەڭرى باشقۇرغۇچىلاردىن100مىڭ ھەسسە ياخشى....
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

5

تېما

0

دوست

3052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەقىقەتەن ياخشى يازغۇچى. جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە بىرنەرسە يازغاندا ياكى نۇتۇق سۆزلىگەندە ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، قانۇن بويىچە تەھلىل قىلىپ يازسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.
قانداقمۇ كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان رىئاللىقنى قايرىپ قويۇپ جەمئىيەتشۇناسلىق قىلغىلى بولسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

3052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورمال ئەھۋالدا جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە ئالدى بىلەن تونۇلغان ئەرباپلار، يازغۇچىلار... ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئاندىن خەلق ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.
لېكىن ھازىر ئەرباپلار ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ خەلقنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇۋاتىدۇ.
يازغۇچى، جەمئىيەتشۇناس زادى نىمە يېزىشى، نىمە تەتقىق قىلىشى كېرەك؟

5

تېما

0

دوست

3052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا دوپپا مەسىلىسى، ياغلىق مەسىلى، ساقال مەسىلىسى، ئانا تىل يەسلىسى مەسىلىسى... قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بەردى؟؟؟ ئەجەبا بۇلارنى كىم تەتقىق قىلىشى، كىم يېزىشى كېرەك؟

2

تېما

16

دوست

4911

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7263
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 785
تۆھپە : 974
توردىكى ۋاقتى: 870
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 21:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىدا توغرا دىيىلىپتۇ: ‹‹ ئابدۇقادىر جالالىدىن تېخىمۇ ئۇزاققا ئۇزىيالايتى ›› بىراق ئەھۋال نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويلاندۇرىۋاتىدۇ ، ئۇلار بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتىدۇ ...

2

تېما

2

دوست

2684

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12697
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 540
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 21:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق ئادەم.

13

تېما

2

دوست

3204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10121
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 147
تۆھپە : 851
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 21:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل غېمىنى يەيدىغان ئەزىزلەرنى قەدىرلەيلى. تىرىكلىكىدە قەدىرلەيلى، يات مىللەتلەردىن ئۆگەنمەيلى.
ئەزىزلەرمۇ بىزنىڭ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ بەكرەك تەتقىق قىلسا بولاتتى. يۇقىرىدىكى قېرىندىشىمىز دېگەندەك دوپپا، ياغلىق، ساقال، ئانا تىل مەسلىلىرىنى ئوبدان ئويلاشقاي، ئىنشائاللاھ.

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 21:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەمىيەتنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،
قىرغىز خەلىقى ئۇلۇغ بىرخەلىقكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )