- تىزىملاتقان
- 2012-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5463
- نادىر
- 0
- يازما
- 583
ئۆسۈش
  9.26%
|
ئابدۇقادىر جالالىدىن كەبىي، ئاۋامغا يېقىن كىشىلەر بىزدە ئاز بولسا كېرەك . ئۇ كىشىمۇ بىر ئىنسان بولغانلىقتىن ، كەمچىللىك ۋە خاتالىق(يېڭىلىشىش)تىن خالىي بولالماسلىقى تەبئىي ،«يېڭىلمەسلىك بىر ئاللاھغا خاستۇر». ئەمما ئۇ كىشىنىڭ كىتاپلىرى ۋە نۇتۇق-لېكسىيەلىرىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، زامان-ماكان ئىمكانىيەتلىرىنى چىقىش قىلىپ ، خەلقىمىزنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز . ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاۋام چۈشىنەلەيدۇ ھەم ئانالىز(تەپەككۈر) قىلالايدۇ ، دەپ قارايمەن . ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى كۆرۈلۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئاشۇنداق ساناقلىق بىرنەچچە نوپۇزلۇق كىشىگە ئارتىپ قويۇش ئاقىلانەلىك بولمىسا كېرەك . نۇرغۇن يازغۇچى-شائىر، پىداگوك ، پەيلاسوپ-پىسخولوگ،تەتقىقاتچى -ئالىملىرىمىز بار تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئاۋامغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىرى ساناقلىق بىرنەچچەيلەنلا بولىدۇ ؟ بۇنداق دېسەم باشقىلارنىڭ ھەممىسلا جىم تۇرۇۋالمىغاندۇ ، دېيىلىشى مۈمكىن . توغرا، رادىيو -تېلىۋېزىيە ساھەسى قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ خەلققە پايدىلىق سۆز-ھەركەتلەرنى قىلىۋاتقانلار خېلى بار. شۇ كىشىلىرىمىزدىن كۆپىنچىلەر جەمىيەتتە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاۋام مەنپەتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىرى شۇ ساناقلىقلا كىشىلىرىمىز بولۇۋاتمامدۇ؟ تەسىر قىلالايدىغان نوپۇزلىقلىرىمىز كۆپەيسە، جەمىيەت خاراكتىرلىق مەسىلىلەرنىڭ توغرا يۆلۈنۈشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى مۇقەرەر بولۇشى مۈمكىن . |
|