- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3567
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
52.23%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز ، مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم ! مەن ئۇشبۇ تىمىنى يوللىغان قېرىندىشىڭلار « ئورداكەنت » بولىمەن . مىنى ۋە مەن يوللىغان تىمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشنى خالىساڭلا ئازراق ۋاقتىڭلارنى سەرپ ئېتىپ نەزىرىڭلارنى تۆۋەندىكى يازمىلىرىمغا ئاغدۇرۇشىڭلارنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .
نەچچە كۈندىن بېرى مەكتەپتىكى يېقىن بىر بۇرادىرىمنىڭ تويى ۋە مەكتەپنىڭ « باقاۋۇللۇق » ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش سەۋەبى بىلەن ھەر قايسىڭلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم . شۇ ۋەجىدىن بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىتا ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرەلمىدىم . بۇ تەرەپلەردىكى نوقسانلىرىمنى ئەپۇ ئېتىكىڭلار بىلەن يېپىۋىتىشىڭلارنىمۇ سەمىمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .
خوش ، مەقسەتكە كەلسەك ، تىما يوللانغاندىن كىيىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرى بىلەن يۈزلەشتىم . بۇ ئىنكاسلار ئىچىدە بەزى قېرىنداشلىرىم خۇددى مەكتىپىمدىكى شۇ غەلىتە ئىشلارنى كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بايان قىلىشى مىنى ، شۇ قېرىندىشىم ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىمۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ۋە ياكى ئەتراپىدىكى مەكتەپ ياكى قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە مەۋجۇت بولۇشى مومكىن دىگەن قاراشقا كەلتۈردى .
بىزدە « ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ » دىگەن ھېكمەت بار . ئۇشبۇ گەپكە ئاساسلانغاندا مىنىڭ مەكتىپىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى مەن ۋە مىنىڭ خىزمەتداشلىرىن ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ .
مەلۇم بىر قەۋم ، مىللەت ، رايۇن ، ۋە ياكى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ياكى ھەممىسىنىڭ يامان ( ناچار دىمەكچى ) بولۇشى مومكىنمۇ ؟ ئەلۋەتتە مومكىن ئەمەس . ئېلىمىزدىكى ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ۋە ياكى جەنۇبىي شىنجاڭ مەكتەپلىرىدىكى ھەممە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان ، مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان مەرىپەتپەرۋەر بولۇشى ياكى ، ھەممىسىنىڭ نەپسانىيەتچى، ئومومنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىدىغان ، قانۇننى بولۇپمۇ « ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى » نى ئاياغ ئاستى قىلىدىغان ئەبلەخ بولۇشى مومكىنمۇ ؟! بۇمۇ ئەلۋەتتە مومكىن ئەمەس .
خوش ، ئۇنداقتا مەن يوللىغان تىمىدىكى ئۇ مەسىلە بىزنىڭ مەكتەپتە يۈز بېرىۋاتقان تالاي خاتالىقلارنىڭ بىرى- خالاس .
« ناخشا » دىگەن نامدىكى ( 7- بەت 63- قەۋەت ) بىر قېرىندىشىم مىنى ھەم ماڭا ئوخشىغان ئاتالمىش « قارشى چىققۇچىلار » نى ئۆز ئىنكاسىدا يازغان :__« مۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلار ھۇرۇن ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ئەمەس ، ئىزدىنىش روھى كەم ، بىر قىسىم قاخشاش كىسىلى ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى خىزمەتتىن قاچۇرۇش ، ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىۋاتقان ئاخمىقانە قاراشلىرى ياكى تەسەللىسى خالاس .» __ دىگەن ئەخمىقانە نادانلارچە كۆز قارىشى ، بۇ ئىنكاسقا قارىتا ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرىشىمنى تەقەززا قىلدى .
قېرىندىشىم « ناخشا » ! مەن مىلادى 2004 - يىل شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئورۇنداش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ 2006 - يىلىدىن باشلاپ ئۇشبۇ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئەر مۇئەللىم . مەن ئاتا - ئانام ھەتتا بوۋام - مۇمام شۇغۇللانغان بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى خېلى ئەتراپلىق چۈشىنىمەن ھەم ئەڭ ياخشى يېرى مەن بۇ كەسىپنى بەكمۇ قىزغىن سۆيىمەن . خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى مەيلى ماڭا كەسپىمدىن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەن تىلى ، تارىخ ، ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت ، گۈزەل - سەنئەت ، يېڭىشەھەر دەرىسلىكى ( ناھىيە ئۆزى تۈزگەن دەرسلىك ) قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بېرىش ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ ، ئوقۇ -ئوقۇتۇش جەھەتتە « بىلگىنىمنى ئەلدىن ئايىمىدىم » .
ئۇندىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئەمەلىي ئىشلەپ مەكتەپنىڭ شۇنداقلا باشقا مەكتەپ ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى ئۇلار قايىل بولغۇدەك ، رازى بولغۇدەك ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن . بۇ جەھەتتە مەن خېلى يامان ئەمەس بولغاچقا بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 2- 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغىمۇ ھەم نائىل بولدۇق . ( پۈتۈن بازاردىكى چوڭ پائالىيەتلەرگە چوقۇم مەن بىۋاستە قاتنىشىپ مۇزىكىلارنى ئاكوردلاشتۇرۇش ، تەشكىللەش ، يېتەكلەش قاتارلىق ئىشلارنى چوقۇم مەن ئىشلەيمەن .)
مەن 2002 - يىلى ۋە 2006 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مىنىڭ ئورۇندىشىمدا شىنجاڭ ئۈن _ سىن نەشىرىياتى ۋە جوڭگو مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان قاپلىق ئۈن ئالغۇ لېنتىسى ۋە سىن تەخسىلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان . ( بۇ ئۈن - سىن لەردە مىنىڭ 10 نەچچە ئىجادى ئاھاڭلىرىم بار ، ھېلىھەممۇ داۋاملىق ئىجادىيەتتىمەن . بۇ ئۈن - سىن بويۇملىرىنىڭ نامى يەنىلا ھازىرچە مەخپى .)
يەنە مەن ئىمتاھان بەرگەن يىلى مىنىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتاھانىدىكى كەسپى نەتىجەمنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 1 - بولۇشى ۋە 2012 - يىلى 11 - ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان « ئالاھىدە كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى » دە 1- دەرىجىگە ئېرىشكەنلىكىم مىنىڭ سىز ئېيتقاندەك « ھۇرۇن ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ئەمەس ، ئىزدىنىش روھى كەم ، بىر قىسىم قاخشاش كىسىلى ئېغىر كىشىلەر» ئەمەسلىكىمنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ ؟!
خوش ، ئەمدى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا دائىر مەزمۇنلاردىن ئۇچۇر بېرەي .
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ھەقىقەتەنمۇ بىر چوڭ قوشۇن . بۇنداق كىشىلەر توپى ئىچىدە مۇنداق ياكى ئۇنداق كىشىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئي ئەھۋالغۇ ؟ بۇ __« ساپ ھاۋالىق ، خەندان ناۋالىق باغۇ - بوستانلىقلاردا زەھەرلىك يىلانلارنىڭ بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولمىغاندەكلا بىر ئىش » .
ئەمما مېنىڭ ھايات مىزانىمدا سىزگە ئوخشاش خوشامەتچىلىك ، مەنمەنچىلىك ، نادان ، مەقسىتىگە يېتىش يولىدا ۋىجدانىنى دەپسەندە قىلىۋىتىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشەنمەيدىغان ، ھەم چۈشىنىشنى خالىمايدىغان، ئۆزىڭىز ئېتىراپ قىلغان مىتودى يوق ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار ياكى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆلۈك بىلەن باراۋەردۇر .
مەن گەرچە مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان ھەم شۇ كەسىپتە شۇغۇللانغان بولساممۇ ھاراق - شاراپتىن خالىي ، بىمەنە ۋە تېتىقسى سورۇن ، مەدەنىيەتسىز گەپ - سۆزدىن يىراق ،سەمىمى ، ۋەدەمگە ۋاپا قىلىدىغان ، مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشنى ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىشنى خالايدىغان ، خۇشچاخچاق ، خۇشپېئىل ، « مەكتەپتىكى بالىلار ئۆزۈمنىڭ بالىلىرى » دىگەن ئۇقۇمغا ئىگە ھەم مەسئۇلىيەتچان ، تەلەپچان ، قولۇمدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەن قىلىشنى خالايدىغان ، مەسىلىلەرنى ھېسسىياتقا ئەمەس ، ئەقىلگە ، قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ھەم ( مېنىڭچە ) بىرقەدەر ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىمەن .
ھازىرغا قەدەر بىر قارار ئوقۇغۇچىلىرىم ( يەنە بىر قارار ئوقۇغۇچۇم بار ئىدى ، رەھبەرلىك تېخى يېقىندا مىنى « مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى جانلاندۇرىدۇ »، دىگەن گەپ بىلەن سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپەمنى ئېلىپ تاشلىدى ، ئەمما دەرسىم ئەسلىدىكى ھەپتىسىگە 8 سائەتتىن 15 سائەتكە كۆپەيتىلدى ) ئوقۇش پۈتتۈردى . ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى تا ھازىرغا قەدەر مىنى ئىزدەپ تۇرىدۇ ، مەنمۇ شۇ . ئۇلارمۇ خۇددى ئۆزۈمنىڭ تۇققانلىرىمدەك تۇيۇلىدۇ . بۇ قېتىم سىنىپ مۇدىرلىقتىن قالغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلىرىم مەكتەپكە 3 قېتىم ئىىلتىماس سۇنۇپ ، مىنىڭ ۋەزىپەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى . قايتا - قايتا رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن بۇ بالىلار ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تەلەپ قىلماقچى بولغاندا مىنىڭ گىپىم بىلەن توختاپ قالدى . ھەتتا بۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمۇ مەن بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ ياكى تېلىفون قىلىپ « قانداق قىلىپ بولمىسۇن بالىلارنى قولۇمغا ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى » . ئۇندىن باشقا مەكتەپتىكى مەن دەرس بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغان ، مىنىڭ سىنىپىمدا بولمىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ( ئاز دىگەندە %70 ئوقۇغۇچى ) مىنىڭ دەرس بېرىشىمنى خالايدۇ ۋە ھەر كۈنى نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە كېلىدۇ . مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ تەسىرلىنىمەن .ئەجىبا مەن بۇلارنى بۇ ئىشلارغا مەجبۇرلىغاندىمەنمۇ ؟! بۇ ئىشلار مىنىڭ خىزمەتنى قانداق ئىشلىگىنىمگە ، ئۇلارغا قانداق تەسىر بەرگەنلىكىمگە دەلىل بولالا ؟!
دىمەك ، مەن ھەقىقەتەنمۇ « خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ » بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېرىشتىم . مەن دۆلەت بەرگەن ئىش ھەققىگە لايىق ئىشلىيەلمىسەم ئۆزۈمدىن ئۇيىلىمەن .
بىزدە « ئەجدادنىڭ ئىزىدىن تىكەن ئۈنسە ، ئەۋلادنىڭ تاپىنى قاناپتۇ » دىگەن گەپ بار . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشىدىن باشقا ، ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇش يولىنى بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار .
سىز تىلغا ئالغان مەمتىلى ئەپەندى مىنىڭ نەزەرىمدە شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر ھەم ھۆرمەتلىك كىشى . ئەمما ئۇ كىشى 6 ئاي ئىچىدە 24 مەكتەپ قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىشنى سىزگە ئوخشاش خۇشامەتچىلىك يولى بىلەن ئەمەس ، ئۆزىنىڭ مول ھەم ئەتراپلىق بىلىمى ، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ھەقىقىي مائارىپچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئېسىل روھى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان . سىزنىڭ يۇقۇرقىدەك « ئىش بىجىرىش » ئۇسۇلىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلار بىلمەي ، ئاڭلىماي قالارمۇ ؟ سىزدەك بىر مەكتەپنىڭ بېشى بولغان ئادەم باشقىلارغا ئاشۇنداق چاكىنىلىقتا ئۈلگە بولسا ھە ! سىز كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق پاسىقلىقنى مىراس قالدۇرماقچىمۇ ؟ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى پەقەت بىرلا ئەمەسقۇ ؟ سىز شۇ ئىشلىرىڭىزدىن خىجىللىق ھېس قىلمامسىز ؟!
كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم ، بەلكىم بەزى گەپلىرىم قاتتىق كەتكەندۇ ، ئېغىر ئالمىغايسىز . ئەگەر يۇقارقى مەن توغرىسىدىكى سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز سىز مەيلى قەيەردىن بولۇڭ مەكتىپىمگە ، مەھەللەمگە كېلىپ ئېنىقلاپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر بىرى يالغان بولسا سىزنىڭ بارلىق چىقىملىرىڭىزغا مانا مەن ئىگە !
ھە راست ، ئۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىلگىرى ھېچقانداق ئاداۋىتىم يوق ئىدى . ئەگەر ئۇ ئۆز ئاكام بولغان بولسىمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم .
مېنىڭ مەقسىتىم ، شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارمۇ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدەك ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىدىن تولۇق بەھر ئالسا ھەم ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسا ، دىگەن ئۈمىددىمەن .
ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىل __ « رەزىللىك شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىيەلەيدۇكى ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئەمەس ،بەلكى ياخشى ئادەملەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىغانلىقىدىن كۈچىيەلەيدۇ » __ دىگەنىكەن .
دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەت رەئىسى بولغان ماۋزېدوڭمۇ __ « ئىشلەشنىلا بىلىپ ، دەم ئېلىشنى بىلمىگەن كادىر ياخشى كادىر ئەمەس » __ دىگەنىكەن .
شۇنداق بولغاندا ناتوغرا ئىشلارغا سىزمۇ ، مەنمۇ ، باشقىلارمۇ ساداسىز « خوش » دەۋەرسەك ، قانۇننىڭ نوپوزىنى جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كىم قوغدايدۇ ؟!
« بەدەنگە چىققان كۆيدۈرگىنى ئاغرىيدۇ دىمەي ۋاقتىدا داغلىۋېتىش لازىم ، بولمىسا ئۇ جانغا زامىن بولىدۇ » ( ئويغانغان زېمىن رومانىدىن ئېلىندى )
شۇڭا بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىز ، ئەمەلىيەتتە شۇ چىرىكلىشىش چىگرىسىغا بېرىپ قالغان قىسمەن ئەمەلدارلارغا بېرىلگەن ئاگاھ سېگنالىدۇر .
قېنى قېرىندىشىم « ناخشا » ! مىنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان يازمىلىرىمنى ئاغدۇرالىغۇدەك دەلىلىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭ . مەن ھەر قاچان تەييار !
( ئوقۇرمەنلەر سەمىگە : شۇ كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ مەن مەكتەپتە ئويلاپ باقمىغان ئىشلارغا يولۇقتۇم . قالغىنىنى قېرىنداشلار بىلەن بارا - بارا ئورتاقلىشارمىز . كەچۈرگەيسىلەر ، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېپ قويدۇم .
قېرىندىشىڭلار __ « ئورداكەنت » دىن .
2013 -يىلى 5- ئاينىڭ 11 - كۈنى |
|