- تىزىملاتقان
- 2013-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  4.33%
|
مەكتەپ ئالاھىدە ئەھۋاللاردا شەنبە، يەكشە، ھېيت-بايرام، ھاردۇق كۈنلەردە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما دەۋلەتنىڭ شەنبە، يەكشە، ھېيت-بايرام، ھاردۇق كۈنلەردە ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە بىرىشنى ئەمىلىلەشتۈرگەن بولىشى كىرەك.ئۇنداق بولمىغاندا ئوقۇتقۇچىلار سوت مەھكىمىلىرىگە بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ قانونلۇق ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.شۇ چاغدىلا ئوقۇتقۇچىلار قانونىنىڭ ئەمەلدىن قالغان- قالمىغانلىقىنى بىلالايمىز. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قانون بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلمىسا بۇ قانون ئۆلىكىدىن ئەمەلدىن تەبىئى قالىدۇ. مەكتەپنىڭ يوخلىمىگە قاراپ جەرىمانە قويۇشتا ھېچقانداق قانونى ئاساسى يوق. پەقەت ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىغان قايدە-تۈزۈملەرگە ئاساسەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇپ، جەرىمانە تۇتۇلغاندا ئاندىن زارلايدۇ. بۇنى ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامۇۋاپىق قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەر بىر ئادەم مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قانونلۇق ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى ئۈگىنىۋېلىشى كىرەك. |
|