- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 113
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  37.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arikzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-8 22:31
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە ئشلەپ باقمىغانلار قالايمىقان جۆيلۈمەڭلار ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەردىمۇ ھازىر ئۆزىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ ،ھىلمۇ زارلىمايۋاتىمىز .
ئوقۇتقۇچىلار مۇنبەرگە چىقىپ دەرىس ئۆتىمىز ،ھەپتىدە 300-400 ئادەم قېتىم تاپشۇرۇق تەكشۇرىمىز ،ئاتالمىش دەرس تەييارلىقى يازىمىز ،سىياسى ئۆگىنىش خاتىرسى ،كەسپى ئۆگىنىش خاتىرسى ،مەدىنيەت ئۆگىنىش خاتىرسى ،يىغىن خاتىرسى ،تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش خاتىرسى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتائانىلىرى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى ،دەرىس ئاڭلاش خاتىرسى ،سىنىپ يىغىنى خاتىرسى ......قاتارلىقلارنى يازىمىز ،ئۇمۇ ئاز كەلگەندەك ئائىللەرگە بىرىپ تەشۋىقات ئىلىپ بارىمىز ،ئەلۋەتتە خاتىرسىمۇ بىللە بار . ئەمدى يىزىدىكى چازىغىمۇ يىزىلىق ھۆكۇمەتتىن ئوقۇتقۇچىلاركىرىشنى بەلگىلىدى ، ھازىر مەكتەپ مەسئۇلىمىز چازىدا (توساقتا ) مانا كەمېنىمۇ بىر ھەپتە بولدى ھەر كۇنى كەپتە ئسمېنا قوشۇپ ئشلەۋاتىمەن ، مەنلا ئەمەس كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق ،كۇندە كەچتە دېگدەك ئىشلەيدۇ ،نېمنى ئشلەيدۇ دەمسىز ؟!قۇرۇق دەرىس تەييارلىق ،ئاشۇ تۈگىمەس خاتىرلەر ،مەڭگۇ تۇگىمەس شەكىلۋازلىقلار ....،ئامال يوق !
مائارىپ ئىدارىسىدىكى ماڭقۇرىتلار ئاشۇ سەكىلۋازلىقنى تەكشۇرىدۇ ئەمەسمۇ ؟! ئۇنداق شەكىلۋازلىقنى قىلمايمىز دېسەك ئۇلۇغ «پارتىييييييييييييييييييە ھۆمۈمەت »نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقكەن !
شۇنداق بېسىمنىڭ ھەممسى ئوقۇتقۇچىلارغا چۇشۇۋاتىدۇ !!! ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش تۇرۇپ ئۆلۇپ كېتىشمۇ بارغانسىرى كۆپيۋاتىدۇ .
خوش !ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنداق مۇنداق دېگەن لاتا-غالاپ ئەرباپلار قىنى بېڭسىڭىز بولسا شۇ شەكىلۋازلىقلارنى بىر تۈگەتمەمسىز ؟! قېنى بېڭسىڭىز بولسا ئوقۇتقۇچلاردەك بىر ئشلەپ باقمامسىز ؟! شۇنەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ،ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنداق بېسىم چۇشۇرمىسە ،ئۇلار نىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئاز بولۇپ قالسا ئۇلا پۇتۇن ۋۇجۇدىنى ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلىپ سىزنىڭ ،مىنىڭ ۋە ئۇيغۇرۇمنىڭ ئاشۇ سۆيۇملۇك پەرزەنىتلىرىنى تېخمۇ بىلىملىك قىلىپ تەربىيلەپ سالىدۇ ئەمەسمۇ ؟!.............. |
|