- تىزىملاتقان
- 2014-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6129
- نادىر
- 0
- يازما
- 418
ئۆسۈش
  22.58%
|
بۇ قانداق مەكتەپ مودىرى
مەكتەپ مودىرى مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل كىشى،مەكتەپنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئۇ شۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ،مەكتەپنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى بولغان ئەۋلاتلارنى ئەخلاقى ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭ تەرەققى قىلغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يىتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق رولچى ئىدى،ئەپسۇس مەن بۈگۈن بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن ئالمىشىپ كىلىپ،22يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت تارىخىمدا كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە مەسىلىلەرنى ئۇچراتتىم مەن بۇ مەكتەپكە يېڭى ئالمىشىپ كىلىپ،مەكتەپكە كىردىم بۇ دەل خىزمەت ۋاقتى ئىدى مەكتەپ مودىرىنى سۈرۈشتە قىلسام مەكتەپ مودىرىنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم بىر ئازدىن كىيىن مەكتەپ مودىرى ماشىنىدىن چۈشتى مەن ئۇنىڭ چىرايدىن يېڭىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنى بايقىدىم شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئۇنىڭ مىنى قايسى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردىغانلىقىنى كۈتتىم.مانا يېڭى خىزمەت ئورنۇم شۇ مەكتەپتىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوقۇتۇش نوقتىسى بولدى.ھەش ـ پەش دىگۈچە بۇ يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى ئاخىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلنىپ خۇلاسە قىلنىۋاتاتتى بىر ئوقۇتقۇچى بىر تەرەپتىن قەغەز تەكشۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈلگەن قەغەزلەرنى يىللىقلار بويۇنچە رەتلەپ،بىر جېنىنى ئىككى قىلالمايۋاتاتتى شۇ دەقىقىدە ئىككى ئوقۇتقۇچى بىر سۇئال ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلىپ،پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت تەرتىبىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى مەن دەرھال مەكتەپ مودىرى قېنى دىۋدىم بىرسى پەس ئاۋازدا قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئۇخلاۋاتىدۇ دىدى سىرىتقا چىقىپ،كۈزەتسەم ئۇ راسلا مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە تېلىۋىزورنى ئېچىپ قويۇپ خۇددى مۈشۈكتەك ئۇخلاۋاتاتتى مەن ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزماي قايتىپ كىرىپ،ئۆزۈمگە تەخسىم قىلنغان خىزمەتنى تولۇق ئورۇنلاپ ئۆيگە قايىتتىم.ئەتىسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يىللىق سىنىاپ تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى باشلىنىپ،مۈنەۋەر بولغانلارغا 7000يۈەن بىرلىدىغانلىق خەۋىرى تارقالدى.يىل بۆيى بىر سائەت دەرىس ئۆتۈشنى بۈلمەيدىغان ياكى بىر بەت ماتىريال يازالمايدىغان بۇ مەكتەپ مودىرى،ھەق-ناھەق كۆز قارشى ئېنىق بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇقتۇرماي،نىمە دىسە ھە دەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ،يۇشۇرۇن ئاۋازدا باھالاش ئۆتكۈزۈپ،ئۆزى مۈنەۋەر بولىۋاپتۇ.مۈنەۋەرلىك مۇكاپات پۇلى چىقمىغانسىرى ئۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ مەكتەپكە سەپلەنگەن كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا خۇددى قارانچۇقتەك ئولتۇرۇپ تاماكا چىكىۋاتاتتى ئۇ كومپىيوتىرغا نىسبەتەن يات ئادەم بولغاچقا كومپىيوتىرمۇ نۇمۇس قىلىپ،ئاساسى ئاپىراتتىن كەلگەن سىگىنالنى كۆرسەتمەس بولۇپ قاپتۇ كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە مۇكاپات پۇلى تېىخىچە ئۇنىڭ قولىغا تەگمىدى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارقىشلىق كانىكۇلغا قايتتى بىزنىڭ بۇ قابىل مەكتەپ مودىرى نىمە قىلىۋاتقاندۇ
|
|