- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3248
- نادىر
- 0
- يازما
- 122
ئۆسۈش
  41.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaprak18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 04:09
bowak يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:10 
بۇ ئىشلارنى بۇلارغا ئىنكاس قىلىپ بېقىڭ:
ئەسسالامۇ -ئەل ...
مۇنۇ ئەنۋەر ئەخمەت دىگەن يولداش ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئالدىراش خىزمەت قىلدىكەن بۇ ئادەم . ئالدىنقى يىلى تازا قارا قىشتا مۇشۇ ئادەمگە بىر پارچە ئىلتىماس قەغىزىنى ئەكرىپ بەرسەم مەن بۈگۈن سەل ئالدىراش ، بۇ ئىلتىماسنى ھازىر كۆرۈشكە ۋاختىم يوق قويۇپ قويۇڭ ئەتىگىچە جاۋابىنى بىرەي دەپ تىلفۇن نۇمرۇمنى ئىلتىماس قەغىزى ئۈستىگە خاتىرلەپ قويۇپ يولغا سالدى . 2 كۈن ساقلىدىم جاۋاپ يوق . 3- كۈنى ئالدىغا كىرسەم ،مەن كۈرۈپ چىقتىم ھەم تۆۋەن بىلەن ئالاقىلاشتىم سىزمۇ سىزگە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلشىپ بېقىڭ مەنمۇ سۈرۈشتە قىلىپ يەنە نەچچە كۈندە جاۋابىنى بىرمەن دەپ يولغا سالدى . مانا ، ئەتە ، ئۆگۈن دەپ ئۈرۈمچىدە ساق ھەپتە ياتتىم . ئاخرى يانا ئىزدەپ كىردىم بۇ يولداشنى . كۈندە مىنىڭ قېشىمغا ئۇنداق قەغەزلەر كۆپ كىرىدۇ سىلنىڭ قايسى بولغىيتى يەنە بىر كۆرۈپ باقسام بولاتتى دەپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن ئولتۇردۇ . شۇنىڭ بىلەن ياتاققا قايتىپ يەنە بىر پارچە كۆپەيتىلمە نۇسخىسنى ئېلىپ كىرىپ مانا بىر كۆرۈپ باقسىلا . سىلى ئاڭلىيالىغىدەك بولسىلا ئاڭلاپ قويسىلا بولمىسا مۇشۇ ئىلتىماس ئۈستىگە موبارەك ئىمزالىرنى بىر قويۇپ بەرسىلەر مەن يەنە باشقا جاي تاپاي دىسەم . خاتىرجەم بولسىلا بۈگۈن كەچكىچە جاۋاپ كىلدۇ سىلى قايتىپ يۇرتتىن كىلدىغان خوش خەۋەرنى كۈتسىلە دىدى . بولدۇ دەپ ياتاققا قايتتىم . راس دىگەندەك چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاختى 3يېرىم بىلەن يۇرتتىن تىلفۇن كەلدى . خوش خەۋەرنى بىر ئاڭلاي دەپ تىلفۇننى ئالسام . ئۇكام مودىر سىزنى ئىزديدىغان يەرگە خاتا كىرىپ قاپتۇ ، بۈگۈنلا ئايرۇپىلان بېلتى ئېلىپ ب د ت غا قاراپ ئۇچسۇن . شۇلار ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ قالسا قايتىپ كەلگەندە مەكتەپ مالىيەسىدىن ئاتچوت قىلدىرۇپ بىرمىز دەيدۇ دىمەسمۇ . ھەي دەردىم ......................... مۇشۇلارغا ئىشنىپ ھال ئېيتىپ بارغان مائارىپچىلار ، مۇشۇلارغا ئىشنىپ مىللى مائارىپىمىزنى تاشلاپ بەرگەن پارتىيمىز . خەپ شۈك ! |
|