ماتېرىيال:
بەسەي 1250 گرام، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، تۇز، كۈدە، ئاق تۇرۇپ، بېلىق قىيامى، ئاق شېكەر، زەنجىۋىل، سامساق، پىياز، يېپىشقاق گۈرۈچ ئۇنى.
ئېتىش ئۇسلۇبى: چىلاش
تۈرى: سوغۇق سەي
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. بەسەينى پاكىز يۇيۇپ تۆتكە كېسىمىز.
2. پاكىز ئىدىشقا سوغۇق سۇ قۇيۇپ، تۇز سېلىپ تۇزلۇق بولغاندىن كېيىن بەسەينى سالىمىز، ئىدىش ئېغىزىنى ئېغىر نەرسە بىلەن بېسىپ دۈملەيمىز.
3. بەسەينى يۆگەپ باقىمىز، ئەگەر سۇنۇپ كەتمىسە بەسەي تۇزلىنىپ بولغان بولىدۇ.
4. ئاق تۇرۇپنى يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز چاچىمىز.
5. بەسەي بىلەن تۇرۇپنىڭ تۇز سۈيىنى ساقىتىپ، سۈيىنى ئايرىۋالىمىز.
6. كۈدە بىلەن پىيازنى پاكىز يۇيۇپ توغرايمىز.
7. يېپىشقاق گۈرۈچ ئۇنىغا بەش ھەسسىچسىلىك سۇ قۇيۇپ، ئۇماچ بولغۇچە قاينىتىمىز.
8. ئالما، نەشپۈت، سامساق، زەنجىۋىلنى كىچىك توغراپ سۇ قويۇپ، قويۇق قىلىپ ئىلەشتۈرىمىز.
9. ئاندىن يېپىشقاق گۈرۈچىنى كۈدە سېلىنغان قاچىغا تۆكىمىز.
10.سوقۇلغان قىزىلمۇچ، شېكەر بىلەن بېلىق قىيامىنى نورمال قۇيىمىز.
11.تۇرۇپ قەلەمچىسىنى قۇيۇپ ئىلەشتۈرىمىز.
12.تەييارلىۋالغان قىزىلمۇچنى بەسەينىڭ ھەربىر يۇپۇرماقلىرىغا تەكشى سۈركەپ، توڭلاتقۇغا قويۇپ 3 كۈن سوغۇق ساقلاپ يېسەك بولىدۇ.