خام ماتىريالى : ئۇن ، سېمىز گۆش ، تۇخۇم ئىككى دانە، ،چامغۇر، سەۋزە، پەمىدۇر بىر تال، ، پىياز بىر تال،، يۇمغاقسۈت ئازراق. تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،
تەييارلاش ئۇسۇلى:چىڭ خېمىرى يۇغۇرۇپ، قەغەزدەك نېپىز قىلىپ يېيىپ،جۇپ بارماق كەڭلىكتە كېسىلىدۇ. گۆشنى گۇلە چوڭلىقىدا توغراپ، پەمىدۇرنى يالپاق، يۇمغاقسۈت، ئۇششاق توغرىلىدۇ.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ توغرالغان گۆشنى سىلىپ قاينىتىپ، ئاندىن قازانغا توغرالغان پەمىدۇر، چامغۇر، سەۋزلەرنى سېلىپ تۇز قۇيۇپ،پىشقاندىن كىيىن كېسىلگەن چۆپنى سېلىپ10 سانتىمىتىر ئەتراپىدا قولىمىزدا ئۈزۈپ قازانغا تاشلاپ 3-5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ،يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،تۇز تەمىنى تېتىپ قاچىغا ئالساق بۇلىدۇ

ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەنلەرگە ،ئىشلەپ چارچىغانلارغا مۇشۇنداق سۇيۇقئاش ئىتىپ بەرسىڭىز ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ .