مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 8ئىنكاس
  • 253كۇرىلىشى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش نىزامى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
4148
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
يېڭى  ئەزا
يازما
30
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
300
شۆھـرىتـــــى
300
تۆھپــــــــــە
0
سودا پۇلــــى
300
ياخشـى باھا
39
تەجىربىسى
56%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 12 سائەت
  • تىزىم:
    2011-09-18
    ئاخىرقى:
    2012-02-28
    شەرەپ مىدالى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش نىزامى

    (2010–يىل7–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
      1 – ماددا بۇ نىزام ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش، ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
      2 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئۇيغۇر مۇقامىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.
      بۇ نىزامدا ئېيتىلغانئۇيغۇر مۇقامى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››، ‹‹تۇرپان مۇقامى››، ‹‹قۇمۇل مۇقامى››، ‹‹دولان مۇقامى›› قاتارلىق مۇقاملارنىڭ ئومۇمىي نامى (تۆۋەندە مۇقام دېيىلىدۇ) بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلىدۇر.
      بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قوغداش مۇقامنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ساقلاش، قوغداش، تەشۋىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
      3 – ماددا مۇقامنىڭ مۇنۇ ئوبيېكتىلىرى قوغدىلىدۇ:
    (1) مۇقام ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، ئۇسسۇللىرى؛
    (2) مۇقامنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش ماھارىتى؛
    (3) مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت، بەدىئىي شەكلى شۇنىڭدەك چالغۇ، كىيىم – كېچەك، جابدۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاش ھۈنىرى؛
    (4) مۇقامغا دائىر تىپىك ئىپتىدائىي ماتېرىيال، نەرسە، سورۇن ۋە ئەسلىھە؛
    (5) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلار؛
    (6) مۇقامنىڭ قوغدىلىدىغان باشقا ئوبيېكتىلىرى.
      4 – ماددا مۇقامنى قوغداشتا قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش، كەلگۈسى پىلانىنى تۈزۈش، قەدەملىك يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە ئەنئەنىۋى خاسلىقىنى ساقلاش كېرەك.
      5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى ئوبلاستلىق، (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) لەر (تۆۋەندە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېيىلىدۇ) مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.
      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇقامنى قوغداش خىزمىتىگە مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
      6 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات مۇقامنى قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ.
      مالىيە، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، مىللەت – دىن، ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇقامنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
    7 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى؛ مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مۇقامنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
    8 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقامنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەل ئىچىدىكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنى بېكىتىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەمدە نام بېرىش، يۆلەش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋارىسلىق قىلغۇچى شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋارسلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
    9 – ماددا مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇستا مۇقامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، مۇقامنى رەتلىشى، تەتقىق قىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى، كۆرسىتىشى ۋە تارقىتىشى كېرەك.
      باشقا كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ مۇقامنى ئورۇنلاش، كۆرسىتىش، ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
      10 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇقام بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى قۇتقۇزۇش، توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى، مۇقامغا دائىر ئەسەرلەرنى تەييارلاش، نەشىر قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
      11 – ماددا سەنئەت ئىنستىتۇت – مەكتەپلىرى ۋە شارائىتى بار ھەردەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەرنىڭ مۇقامغا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئۆگىتىشىگە؛ مۇقام تەتقىقات پائالىيىتى، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
      12 – ماددا ئاخبارات – نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى مۇقام بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.
      13– ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىپىك مۇقامغا دائىر تاشقى ئالاقە پائالىيىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام ئىلمىي نەزەرىيەسى، قوغداش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
      14– ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇقام داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مۇقام تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇئەييەن سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغدىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى)، مىللىي خاسلىققا ئىگە كوچىلار (تۇرالغۇلار)، مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيىت – بايرام، مۇقام بايرىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇقامنى تارقىتىش ۋە كۆرسىتىشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.
      مۇقام ئورۇنلىنىدىغان، كۆرسىتىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچى ئاسرايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ.
      15 – ماددا مۇقامنى مول، مۇكەممەل، ئۆزگىچە شەكىللەر بىلەن ئورۇنلايدىغان، كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان مۇئەييەن رايونلاردا مۇكەممەللىكنى ساقلاش يۈزىسىدىن مۇقام ئېكولوگىيەسى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشقا بولىدۇ.
      16 – ماددا مۇقامنى قوغداش خىزمەت خىراجىتى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ:
    (1) مۇقام بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش خاراكتېرىدە قوغداش، شۇنىڭدەك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار، نەرسىلەرنى توپلاش، ساقلاش؛

    (2) مۇقامنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش؛
    (3) مۇقام ئېكولوگىيەسى مۇھاپىزەت رايونىدا مۇقامنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاشقا ماددىي ياردەم بېرىش؛
    (4) مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى تىپىك شەخسلەر ۋە ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش؛
    (5) مۇقام ۋارىسلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش؛
    (6) مۇقامنى كۆرسىتىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆگىتىش؛
    (7) مۇقامنى ئورۇنلاش، كۆرسىتىش سورۇنلىرى، ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە ئاسراش؛
    (8) مۇقامغا دائىر چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەرنى ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش؛
    (9) مۇقامنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش؛
    (10) مۇقامنى قوغداشقا دائىر باشقا ئىشلار.
    17 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇقامنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
    مۇقامنى قوغداشقا ئىئانە – ھەدىيە قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە، باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
    18 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىكى مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەر ئىئانە – ھەدىيە قىلىشىغا ياكى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ساقلىشىغا، باشقۇرۇشىغا ۋە كۆرگەزمە قىلىشىغا بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىئانە – ھەدىيە قىلغۇچىغا مۇكاپات ۋە ئىئانە – ھەدىيە گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.
      19 – ماددا مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەر، سورۇنلار ۋە ئەسلىھەلەردىن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىرىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
      مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى توپلىغان، سېتىۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئاپپارات ياكى باشقا مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ئۇنى ياخشى ساقلىشى لازىم.
      20 – ماددا مۇقامدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىشتا ياكى باشقا پائالىيەت قىلىشتا، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەمدە مۇقامنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى ۋە مۇئەييەن ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بۇرمىلاشقا، كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.
      21 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
      22 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 19 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ زىيان سالغان بولسا، ئورۇنغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
      23 – ماددا بۇ نىزامنىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
      24 – ماددا مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋەئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇقامنى قوغداش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا جاۋابكارلىرىغا ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
      25– ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
      26 – ماددا بۇ نىزام 2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2417
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    1259
    نادىر تىما
    19
    مۇنبەرپۇلـــى
    16385
    شۆھـرىتـــــى
    13135
    تۆھپــــــــــە
    85
    سودا پۇلــــى
    12771
    ياخشـى باھا
    1561
    تەجىربىسى
    39%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 352 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-28
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 01-29

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3224
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1790
    نادىر تىما
    3
    مۇنبەرپۇلـــى
    634
    شۆھـرىتـــــى
    18523
    تۆھپــــــــــە
    11
    سودا پۇلــــى
    17880
    ياخشـى باھا
    2062
    تەجىربىسى
    50%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 01-29

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5460
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    تۆھپىكار ئەزا
    يازما
    253
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    108
    شۆھـرىتـــــى
    2568
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    2355
    ياخشـى باھا
    267
    تەجىربىسى
    68%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 188 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-24
    ئاخىرقى:
    2012-08-13
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 01-29
            

    dilinur
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    761
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    VIP ئەزا
    يازما
    309
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    3539
    شۆھـرىتـــــى
    3327
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    2950
    ياخشـى باھا
    406
    تەجىربىسى
    91%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 96 سائەت
  • تىزىم:
    2010-07-13
    ئاخىرقى:
    2012-10-18
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 01-29
    سىلىنىڭ ساقالنى رەتلەمدۇق ياكى سىلىنىڭ بوي لىرىنى قوغدامدۇق
    چاق چاق ھە  تىرىك مەڭ

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    538
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    692
    نادىر تىما
    4
    مۇنبەرپۇلـــى
    9592
    شۆھـرىتـــــى
    7490
    تۆھپــــــــــە
    44
    سودا پۇلــــى
    5744
    ياخشـى باھا
    942
    تەجىربىسى
    21%
    ھالىتى
    توردا:
  • 767 سائەت
  • تىزىم:
    2009-05-15
    ئاخىرقى:
    2012-10-06
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 01-29

    تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەمما كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1049
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    4612
    شۆھـرىتـــــى
    10108
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    10075
    ياخشـى باھا
    1085
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 01-30

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2256
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    960
    نادىر تىما
    4
    مۇنبەرپۇلـــى
    10075
    شۆھـرىتـــــى
    9925
    تۆھپــــــــــە
    1
    سودا پۇلــــى
    9885
    ياخشـى باھا
    1074
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 289 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-09-04
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 02-01
                  

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    4766
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    268
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    15
    شۆھـرىتـــــى
    2694
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    2843
    ياخشـى باھا
    374
    تەجىربىسى
    79%
    ھالىتى
    توردا:
  • 128 سائەت
  • تىزىم:
    2011-11-10
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 02-03
    بۇرۇت دېگەننى شاپ قويۇپ، ساقالنى ئۆستۈرۈپ، جىڭ دولانلىققا ئوخشاپ يۈرسەم، بىر قانغۇچە دولان ئۇسسۇلى ئوينايدىغانغا پۇرسەت يوق، ئانچە مۇنچە مەكتەپ ساقچىخانىسىدىن چاقىرتىپ، ھە بالا ساقال ئۆسۈپ قاپتىغۇ دەپ سوراپ قويىدۇ يولداشلار تېخى، بولسا مۇشۇ ساقال بۇرۇتقا ئائىت مەملىكەت بويىنچە بىر تۇتاش ئىجىرا قىلىنىدىغان قانۇن_نىزاملار تېزىرەك تۈزۈپ چىقىلسا بولاتتى......

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى