مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 14ئىنكاس
  • 837كۇرىلىشى

بىر ئانىنىڭ 3-شەخسكە بۇزۇلغان ئوغلىغا يازغان خېتى [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
538
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يازما
692
نادىر تىما
4
مۇنبەرپۇلـــى
9592
شۆھـرىتـــــى
7490
تۆھپــــــــــە
44
سودا پۇلــــى
5744
ياخشـى باھا
942
تەجىربىسى
21%
ھالىتى
توردا:
  • 767 سائەت
  • تىزىم:
    2009-05-15
    ئاخىرقى:
    2012-10-06
    شەرەپ مىدالى

    بىر ئانىنىڭ 3-شەخسكە بۇزۇلغان ئوغلىغا يازغان خېتى

    ئالدىمغا كەلگەن بۇ ئايال نام-شەرىپىنى تولۇق ئېيتىپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى، بىراق، بۇ ۋەقە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ نامىنى ئاشكارىلىماسلىقنى ئىلتىماس قىلدى. ئايال نامى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە دوتسېنت ئىكەن، دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيسى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا قىزىنى ياتلىق قىلىشقا توغرا كەپتۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نەۋرىلىك بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دوكتۇرلۇق ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ.

    __ مەن سىلەرگە بىر مەكتۇپ ئېلىپ كەلدىم، شۇنى گېزىتىڭلاردا ئېلان قىلساڭلار دەپ ئىلتىماس قىلماقچىمەن، ئالتە قۇدام بار، بۇ شۇلارنىڭ بىرى--تۆتىنچى قۇدام يازغان مەكتۇپ، سىلەرگە ئۇلارنىڭ نامىنى ئېيتىشىم مۇمكىن، لېكىن ئۇرۇق_ تۇققانلار ، مەھەللىدىكىلەر بىلمەيلا قالسۇن، ساقايغان يارىنى قايتا ئەسلىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ باشقىلارغا ئىبرەت بولىدىغان تەرەپلىرى كۆپ.

    ....قىزلار تەربىيىسى مەسىلىسىدە كۆپلەر ھەممە مەسئۇلىيەتنى قىزنىڭ ئانىسىغا يۈكلەيدۇ، نېمە دىسىڭىز دەڭ، ئەمما ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى كۆپ جەھەتتىن ئوغۇل تۇغقان ئانىلارغا باغلىق ئىكەن. ئائىلىنىڭ مۇھىتىنى شۇ ئانىلار يارىتىدىكەن، قۇلۇمدىكى مەكتۈپنى ئوقۇپ چىقىپ، بۇنىڭغا يەنىمۇ ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم، مەندىن خېلى ياش بولسىمۇ، قۇدام ماڭا تۇرمۇشتىن ياخشى ساۋاق بەردى، بۇ مەكتۇپ باشقا قېينانىلارغىمۇ ئۆرنەك بولىدۇ، چۈنكى ئوغۇل تۇغۇپ ، گىدىيىپ يۇرىدىغان ئانىلارمۇ ئارىمىزد ئاز ئەمەس.

    دەسلىپىدە ئارقا ئارقىدىن 4 قىز پەرزەنتلىك بولدۇق، كېيىن ، ئىككى ئوغۇللۇق بولدۇق، قىزلارنى زامانىمىزغا يارىشا ياتلىق قىلىشتا خېلى تەمتىرىدۇق، تۆت قىزنىڭ تولغىقى قەلبىمىزنى ئۆرتىگەن ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولدى."قىز تۇغقان شۇنچە گۇناھمۇ " دەپ پىغانمۇ چەكتۇق. قىزلارنى ياتلىق قىلىپ بولغۇچە، قىزلارنىڭ ئانىسى نەچچە قېتىم ئورۇقلاپ، نەچچە قېتىم سەمىرىشكە توغرا كېلىدىكەن.

    تۆت قىزىمنىڭ ئۈچۈنچىسى ئاجرىشىپ يېنىپ كەلگەن ، ھازىر بىز بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئىككى ئوغلىمۇ بار، بىز ئىككى ئوغلىمىزنى خۇدا تۆت قىلدى دەپ ئولتۇرۇپتىمىز ، مەيلى، شۇنىڭغىمۇ شۇكۈر، ئەمما تۆتىنچى قىزىمنىڭ ۋەقەسىدىن بىلدىمكى ئۈچۈنچى قىزىمنىڭ بەختىنىڭ تەتۈر بۇلۇشىغا ئايال قۇدام سەۋەبچى بولغان ئىكەن.

    كۇيئوغلۇم ئۆزى كېلىشكەن ، مۇلايىم، تەبەسسۇملۇق، كۆزلىرى تىنىق يىگىت، ئۇ گەرچە كاتتا ئالىمنىڭ بالىسى بولسىمۇ، خۇددى قۇامغا ئوخشاشلا كەمتەر ئىدى.

    يولدىن چىققار ئاياللار ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداقلارغا قارماق تاشلايدۇ، ئىش ئورنىدىمۇ ياكى باشقا يەردىمۇ بىلمىدىم، يېشى كۈيئوغلۇمدىن چوڭ بىر ئايال ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بۇلۇپتۇ، مەلۇم دەرىجىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگىمۇ يېتىپتۇ، كۈيئوغلىمىز ئۆيدىن سەل سوۋۇشقا باشلاپتۇ، قىزىمىز ئېرىگە ئىشەنگەن بولغاچقا بۇ ئىشنى ئويلاپمۇ يەتمەپتۇ، كۈيئوغلىمىز ئۆيگە كەم كېلىشكە باشلىغاندا بۇنى بىرىنچى بۇلۇپ قۇدام ھېس قىلىپتۇ.

    راستىنى دېسەم، بۇ ھەقتە قىزىمدىن بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغىنىمدا مەنمۇ ئىشەنمەي قالدىم، ئويلاپ كۈرۈپ كاللامدىن ئۆتمىدى. قۇدام بىلەن ئوچۇق بىر نېمە دېيىشىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭكىگە باردىم، قۇدام ئەمدىلا ئىشتىن كېلىپ تۇرغان ئىكەن، گويا ھېچنەرسە بولمىغاندەك، مېنى ھەر قېتىمقىدەك ئىللىق چىراي قارشى ئالدى، ئالدىمغا داستىخان راسلىدى، ئەمما مېنىڭ كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتى، تاماقمۇ تارتىلدى، لېكىن گەپ- گەپكە قولاشمايتتى، ئاخىر قۇدام ئۆزى ئېغىز ئاچتى.

    ______ بىئارام بولغىنىڭىزنى سېزىپ تۇرۇۋاتىمەن، قانچە ئاچچىق گەپ قىلماڭ، بەرىبىر سىز ھەقلىق قۇدام، ئەمما بىزگە بىر ئاز مۆھلەت بىرىڭ، بۇ بۇلۇتلار ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنمۇ، دادىسىمۇ بالىمىزنى ئاقلىماقچى ئەمەسمىز، پەقەت بىر نەرسىنى بىلىمىز___ ئۇ ئاداشتى، ئۇنى باشقىلار ئاداشتۇرىۋاتىدۇ، سىز مەندىن ئۈچ تۆت كۆينەكنى كۆپرەك كىيگەنسىز ، دۇنيادا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا قارىماي، يامانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى مەندىن ياخشى بىلىسىز. قىزىمىزنىڭ يەنى كېلىنىمنىڭ ئېرىدىن ، ئۆيىدىن سوۋىشىغا سەۋەب بولىدىغان گەپلەرنى قىلماي تۇرايلى. قىزلارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك بولىدۇ، ھاياتتىن زېرىكىپ قالمىسۇن، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ھەقىقى بەختى ھەقىقى بەخت، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى يېڭىپ ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەيلى.

    بۇ گەپلەرنى قىلغاندا قۇدام يىغلاپ تاشلىسا كېرەك ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ كۆز يېشىسىز ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلىدىكى كەلگەنلىكىمدىن ئۆزۈم ئويۇلۇپ كەتتىم. ئۇ بىكارغا ئالىم بولمىغان ئىكەن.

    ئەگەر شۇ بارغىنىمدا ئايرىم ئوغۇل تۇغقان ئانىلارغا ئوخشاش " بۇ دىگەن يىگىتچىلىكتە بولىدىغان ئىش، قىزىڭىزنىڭ ئۈستىۋېشى كەم ئەمەس، نەۋرىمىزمۇ يالىڭاچ ئەمەس، يەنە شىكايەت قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى " دىگەن بولسا ، مەنمۇ ئىچىمدىن تۈكۈلۈپ كېتەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئىش تېرىلاتتى. لېكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى.

    قۇدام بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئورنىغا قىزىمغا ئېغىرراق بۇلۇشنى، سەۋر قىلىشنى جېكىلەپ قايتىپ كەتتىم، كۈيئوغلۇم بىزنىڭكىگە كەلگەندىمۇ خۇددى ھىچنەرسىدىن خەۋىرىم يوقتەك ياخشى كۈتۈپ يولغا سېلىپ قوياتتىم، شۇنداقتىمۇ قىزىمنىڭ ۋە قۇدامنىڭ ئىچ- ئىچىدىن ئۆرتىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.

    ھازىر شۇ قىزىمنىڭ تۆت پەرزەنتى بار، خۇدايىم يامان كۆزدىن ئاسرىسۇن، قۇدام ئېيتقاندەك بۇلۇتلۇق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنتۇلۇپمۇ كەتتى. ھازىر بۇ ئائىلىگە ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمما شۇ كۈنگە يەتكۈچە ئانىنىڭ كۆڭلىدىن نېمىلەر كېچىپ، يۈرەكلىرىنىڭ قانچىلىك ئۆرتەنگەنلىكىنى مانا شۇ خەتتىن بىلسە بولىدۇ. بۇ خەتنى قۇدام ئاشۇ بۇلۇتلۇق كۈنلەردە ئوغۇللىرىغا يازغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭمۇ كۆزى ئېچىلىپ قالغان، ئائىلىنىمۇ ساقلاپ قالغان ، كېلىنىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مېھرىگە نائىل بولغان ئىكەن.

    ...............................................

    ......................................................

    ..............................................................

    «بالام، بىر چاغلاردا بىر مەسىلە توغرىلىق موماڭلارنىڭ ئالدىغا مەسلىھەت سوراپ بارغىنىمدا،موماڭ " ئەگەر باشقىلارغا ئېيتىدىغان گېپىڭ ئېغىر بولسا ، ئۇنى ئېيتىشقا ئالدىرىما، بىر پەس ئايلىنىپ كەل، ئەگەر گېىپىڭ ھەقىقەتەن ھەم ئېيتىلىشى شەرت بولسا، شۇنىڭدىن كېيىن ئېيتساڭمۇ كېچىكمەيسەن، ئەگەر ئېيتىلىشى شەرت بولمىسا، ئاچچىقىڭ كېلىپ تۇرغان بولسا، بۇ ئاچچىق ئاشۇ ئايلىنىش جەريانىدا تىلىڭدىنمۇ، دىلىڭدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىراۋنىڭ دىلىنى ئاغرىتىش گۇناھىدىن قۇتۇلۇپ قالىسەن"»، دىگەن ئىدى.

    ساڭا ئېيتماقچى بولغان گەپلەرنى دىلىمدا تەكرارلاپ تەييارلىغىمچە خېلى كۈنلەر بېرى شۇنداق ئايلىنىپ ئۆزۈمنى بېسىپ يۈرۈۋاتىمەن، ئەمما بۇ گەپلەر تىلىمدىنمۇ، دىلىمدىنمۇ كۈتۈرۈلمىدى. دىمەك بۇ گەپلەرنى ساڭا ئەلۋەتتە ئېيتىشىم كېرەك. ئىلاجى بولسا، ئۆزەڭنى تۇتۇۋېلىپ، توغرا چۈشىنىپ، توغرا ھەزىم قىل. ئىنساننىڭ بىلىكىدىن ، ۋۇجۇدىدىن ، بارلىقىدىن كۈچ-غەيرەت، ساپ قان ئاقىدىغان دەۋر بەكمۇ قىسقىدۇر، ئۇ بەكلا تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاشۇ كۈچ-غەيرەتنى بىلىپ يېتىپ، جايىدا ئىشلىتىشى، بۇ دەۋرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشى، ئۆزىدىن پاك نام، پاك سۈپەت قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ مىليۇن يىللاردىن بېرى ئىنسان ئۈچۈن چىن ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ كەلگەن. بۇ مىزانلار ئۆزگەرمەس مىزان بالام.

    مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەي قالغانسەن، بەلكى يەنە ئىلگىرى دىگەندەك، ئانام كىتاپ بىلەن ياشايدۇ، كىتابىي سۆز قىلىدۇ. دېيىشىڭ مۇمكىن. ئەقلىڭنى تاپقاندا (شۇنداق بۇلۇشىغا ئىشىنىمەن ئەلۋەتتە ) ئاندىن بۇ ئىپلاس دۇنيادا يىرگىنىشلەر ئارىسىدا ياشاپ، ھاياتتىن زېرىكمەي، باللىرىمىزنى گۈلدەك ئاسراپ قالغانلىقىمىزغا ،پەقەت ھالال تاپقىنىمىزنى يېدۈرۈپ_ ئىچۈرگىنىمىزگە ، (كىتابىي ياشاشنى بىلگىنىمىزگە ) قايىل بولساڭ ئەجەپ ئەمەس.

    بۇمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ئەتراپىڭغا قاراپ باق، ۋەيران بولغانلار، يامان يولغا كىرىپ قايتىپ چىقالماي بالا مېھرىدىن جۇدا بولغانلار، كېپەنلىككە زار بۇلۇپ، ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق بولغانلار ئاز ئەمەس،شۇلارغا قاراپ باق، شۇ ھەقتە ئويلاپ باق، شۇلارنى بىر مۇلاھىزە باق. باش__ ئادەمگە پىكىر قىلىش، ئەدەب- قائىدىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان ئوغلۇم.

    ئاناڭغا، ھەممىمىزگە بولغان مېھرىڭنىڭ چىن،سەمىمى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ساڭا بۇ مەكتۈپنى يېزىشىمغا مەدەت بەردى. بەلكىم، بىر ئاتا، بىر ئانا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلدۇق، بەرگەن تەربىيىمىزنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ پاكلىق توغرىلىق ھەققىدە بولدى. دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن چەكلىنىپ بولمايدىكەن. پەرزەنت چوڭ بولسىمۇ، ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۇ بەرىبىر پەرزەنت، بۇ نۇقتىنى ئوغۇل-قىزلىرىڭ چوڭ بولغاندا ئۆزەڭ بىلىپ يېتىسەن ئەلۋەتتە. مەن ساڭا ئۆمرۈڭدە دۈچ كەلمىگەن يالغانغا دۈچ كەلگەنلىكىڭنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. كەل، بىز بۇ يالغانلارنى پاش قىلايلى، ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ تەكشۈرۈپ كۆر، بۇنىڭ باشقا مۇرەككەپ يېرى يوق.

    ساڭا "مەن ئالىي دەرىجىلىك ۋىراچمەن، پالانى دوختۇرخانىدا ئىشلەيمەن " دەپ سېنى ئىشەندۈرگەن شۇ مەخلۇقنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتى يوق ئىكەن، ئۇ ئەسلىدە ۋىراچ ئەمەس، ئادەتتىكى بىر سېستىرا ئىكەن، شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان باش ۋىراچ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى.

    ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئافغانىستاندا ھالەك بولغىنىمۇ يالغان ئىكەن، چوڭلا بولۇپ قالغان ئىككى قىزىنىڭ ئاتىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ تۇقۇغان يالغانلىرى ساڭا ئوخشاش ساددا يىگىتلەرنى توزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنى ماڭا ھەدىسىنىڭ ئىشلىرىدىن نومۇسقا قالغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھەممە نەرسىسىنى ئاشۇ بىنومۇس ھەدىسىگە تاشلاپ بېرىپ قۇتۇلغان سىڭلىسى ئېيتىپ بەردى. لازىم بولسا ئادرىسىنى ساڭا بېرىمەن، بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاپ كۆر.

    سەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىت باشقىچە مۇھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ قېلىپسەن، ئۇنداقلارنى كۆرمىگىنىڭ ئۈچۈن(كۆرمىگىنىڭگە شۈكۈر ) ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قېلىپسەن، نەتىقىدە پەرىشتىدەك كېلىنىم سېنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئالدىدا چېنىشقا باشلاپتۇ.

    ئوغلۇم، تەقدىر بۇيرۇغان ئائىلەڭنى مۇقەددەس بىل، ئۇنىڭغا قالقان بول. ئۇنى بالا-قازادىن، ھەسەت-پىتنىلەردىن ئاسرا، ھىمايە قىل، بۇ ھەقىقى يىگىتنىڭ بۇرچى، ئەگەر بىلسەڭ ئائىلەڭ ھازىر يارنىڭ ياقىسىغا بېرىپ قالدى. كېلەچىكىڭنى، نەسلىڭنى،نەسەبىڭنى ئويلاپ ئىش قىل. ئاناڭنىڭ،ئايالىڭنىڭ، قېينى ئاناڭنىڭ كۆزىدىن ناھەق ئاققان ياشلار سېنى ئۇرمىسۇن.

    يېگىنىڭ ھالال بولسۇن، جۇپتى ھالالىڭ ئۆزۈڭنىڭكى، ئۆزۈڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىڭ، ۋۇجۇدۇڭنىڭ پارچىسى بولسۇن، سەن ھازىر كۆزۈڭ تورلىشىپ، بىر گۈلگە ئۆيلەنگىنىڭنى، خۇتۇنۇڭنىڭ ، سېنىڭ ، مېنىڭ ھىمايىمىزگە ، مېھرى-مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاجلىقىنى بىلمەيۋاتىسەن. ئۇ ھازىر چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتنى ئويلاپ كۆر. ئىلاھىم، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئوخشايدۇ دىگەن خۇلاسىگە كېلىپ قالمىسۇن. ئۇنىڭدىمۇ ئويغىنىش بولىدۇ. قىزلىقى، ئاياللىقى، ئانىلىقىنى تۇنۇش جەريانى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تونىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېھرىنى، مۇھەببىتىنى ، پىدائى ساداقىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش قىيىن بولىدۇ. ئىنسان بۇلارسىز ياشىيالمايدۇ. ئاياللاردىمۇ كۆڭۈل بار، ئۇنى ئەزىزلىسەك ئەزىز، خارلىساڭ ئۆزۈڭمۇ خار بولىسەن، شۇ نۇقتىغا دىققەت قىل.

    ئاناڭنىڭ بىر ئۆمۈر دۇئاسى "پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى تۆۋەن قىلما" دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. سەندىن شۇنى ئىلتىجا قىلىمەن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ ھەم بىزنىڭ بېشىمىزنى تۆۋەن قىلما. ساڭا ئېيتماقچى بولغان گەپلىرىم مۇشۇ. قالغان خۇلاسىنى ئۆزۈڭ چىقىرىۋالىسەن دەپ ساڭا ئىشىنىپ، ئاناڭ »

    مەنبە:"روھ پاكلىقى_____________ دىل جىلۋىسى"دىگەن كىتاپنىڭ"ئانىلاردا گەپ جىق"دىگەن بۆلىكى.

    ئاپتورى : رەھىمە شامانسۇروۋا (ئۆزبېكېستان )

    مەنبە مۇنبىرى : مىسرانىم  

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەمما كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 02-27
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،،ئانىلار ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئىنساندۇر          ئۇنى قەدىرلىشىمىز،ئۇنى ھۆرمەتلىشىمىز،ئاتا ئانىلىرىمىزغا،ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك،،،،،،،،ئىنساننى 1ئاللاھقا ئىنبادەت قىلىشقا،ئاندىن ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقاۋە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ياراتتىم دىگەن رەببىمىز،ئاللاھ،،،،،،،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 02-27
    بۇ بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن دىمىسىمۇ بىر ئانا  ئۆز ئوغلىنى بۇزۇلۇپ كەتسۇن دەپ ئويلىمايدۇ ئەمما  شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرسا ئۇلار بىلمەي پەرىشتە دەپ قالىدۇشۇ چاغدا بىز ئاياللار تولىمۇ توغرا مەسلىھەت بەرگۈچىگە مۇھتاج بولدىكەنمىز

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2417
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئاشپەز ئۇستام
    يازما
    1259
    نادىر تىما
    19
    مۇنبەرپۇلـــى
    16385
    شۆھـرىتـــــى
    13135
    تۆھپــــــــــە
    85
    سودا پۇلــــى
    12771
    ياخشـى باھا
    1561
    تەجىربىسى
    39%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 352 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-28
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 02-27
    نىمدىگەن پەيزى يېزىلغان خەت بۇ ،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6645
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    139
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    13
    شۆھـرىتـــــى
    1418
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    1389
    ياخشـى باھا
    156
    تەجىربىسى
    40%
    ھالىتى
    توردا:
  • 107 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 02-27
       ئانا بولۇش ئايال بولۇش بەكلا تەس ھەممىلا ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى مۇشۇ ئايالدەك ياخشى كۆرىشى مۈمكىن بىراق ھالقىلىق پەيتتە بۇئانىمىزدەك ئىشنى توغرا بىر ياقىلىق قىلالىشى ناتايىن!
         ئىسىل يازمىلارنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت!

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6731
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    506
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    5131
    شۆھـرىتـــــى
    5120
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    5120
    ياخشـى باھا
    532
    تەجىربىسى
    75%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 152 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-15
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 02-28
                          

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3034
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    1124
    نادىر تىما
    6
    مۇنبەرپۇلـــى
    3612
    شۆھـرىتـــــى
    10016
    تۆھپــــــــــە
    22
    سودا پۇلــــى
    9965
    ياخشـى باھا
    1240
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 279 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 02-28
    ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن ،مەنمۇ بىر ئۇغول بالا بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن قانداق قىلىشنى  بىلىۋالدىم  
    كۆپۇنچە ئائىلىدىكى كۆڭۇلسىزلىك مانا بىز ئەرلەدىن چىقىدىكەن ئەمەسمۇ،مىنىڭ شۇنى دىگىم كىلۋاتىدۇ اللا بىزگە تەقدىرقىلىپ بەرگەن ئاياللانى نىمە ئۈچۇن خارلايمىز نىمە ئۈچۇن ئازاپلايمىز  
    ئاشۇنداق كوچا ئاياللا ئۇچۇنمۇ ،ئۇلا نىمە ئۇچۇن كوچا ئاياللىرى بوپ كەتتى ،بۇنىڭدا بىز ئەرلەنىڭ مەسئۇلىيتى ناھايتى كۆپ ،
    بىز ئاياللاغا ئازار بەرسەك ئۇلار بەرداشلق بىرەلمەي ئەرلەدىن سەسكىنىپ كوچىغا چىكتىدۇ ۋە بىز ئەرلەنى ئاشۇنداق ئالدايدۇ  بۇنىڭ تۇپ يىلتىزى دەل ئۆزىمىزدە ،
    بىز ئانلانىڭ كۆڭلىنى نىمە ئۈچۇن ئاغرىتىمىز ئانىلا كىم ئۈچۇن ياشايدۇ ،شۇ بىز پەرزەنتىللىرنى دەپ بىز ياخشى بولساق  ،
    ئاتا -ئانىلارمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشمۇ خاتىرجەم  بولماسمۇ ؟
    كەچۇرىڭلا كۆپ سۆزلەپ قۇيۇپتىمەن سۆزلىرىمدە خاتالىق بولسا تۈزتىۋىتەسىلەر.

    مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6381
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    دائىملىق ئەزا
    يازما
    118
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    1190
    شۆھـرىتـــــى
    1180
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    1179
    ياخشـى باھا
    127
    تەجىربىسى
    36%
    ھالىتى
    توردا:
  • 74 سائەت
  • تىزىم:
    2012-01-27
    ئاخىرقى:
    2012-03-23
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 02-28
    دۇنيادىكى قېيىن ئانىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!
    قايسى بىر كۈنى ئۆيدە ئۇن تۈگەپ كىتىپ ،ئۇن ئاچىققۇزغان  مىجەزىم يوق ئۇننى يولدۇشۇمغا ئەكىرگۈزگەنتىم(تاپسىدىن ئاشخانىغا)قېيىن ئانام تاس قالدى مىنى قوغلاپ چىقارغىلى................
    مىنىڭ ئىرىممۇ شۇنداقراق تۇردۇ (تالاغا قاراپ قالغاندەك).قانداق قىلسام بولا.قېيىن ئانا قېيىن ئاچىللىرىم گەپ يەيدىغانلاردىن ئەمەس.
    بۇنداق گەپلارنى باشقىلارغا دىگىلى بولمىسا يا!

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5341
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1042
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9638
    شۆھـرىتـــــى
    9638
    تۆھپــــــــــە
    2
    سودا پۇلــــى
    9605
    ياخشـى باھا
    1125
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 257 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-17
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 02-28
    ھاي،ئۇلار دىن بىرەرسى كۆرۇپ قالمىسۇن ئىنكاسنى،،،،،،،،،،،سەبىرىقىلڭ،،ھەممە ئىش ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ،،چۇنكى ئەتىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى پەقەت ياراتقۇچىمىزلام بىلىدۇ،،،،،،،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    6645
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئوت يۈرەك
    يازما
    139
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    13
    شۆھـرىتـــــى
    1418
    تۆھپــــــــــە
    5
    سودا پۇلــــى
    1389
    ياخشـى باھا
    156
    تەجىربىسى
    40%
    ھالىتى
    توردا:
  • 107 سائەت
  • تىزىم:
    2012-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-13
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 02-29
        بىزدىكى ئەرلەرنىڭ نوچىلىرى خوتۇنىنى گۆش ئۈچۈن قاسساپنىڭ ئالدىغا،ئۇن ئۈچۈن رەۋەندىچىنىڭ ئالدىغا،
        نان ئۈچۈن ناۋاينىڭ ئالدىغا چىقارماسىلىغى كىرەك مانا بۇ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى!

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى