خېمىر يۇغۇرۇش ئۇسۇللىرى
بوش خېمىر يۇغۇرۇش(بولاق خېمىر)
ئاساسى ماتىريالى:ئۇن ،سۇ،ئېچىتقۇ (خېمىر تۇرۇچ)
يۇغۇرۇش ئۇسۇلى :ئۇننى تۇكۇپ ئوتتۇرىنى كۆلچەك ئېچىپ ئېچىتقۇ سېلىپ سۇقۇيۇپ
ئارلاشتۇرۇپ ئىتىنى بوشراق قىلىپ يۇغۇرۋالىمىز.(ياز كۇنلىرى سوغۇق سۇدا،قىش كۇنلىرى ئىلمان سۇدا يۇغۇرساق بۇلىدۇ )
بۇ خىل خېمىرلاردا بولاق مانتا،ياغدا داغلانغان مانتا، (خوشاڭ)،ھورنان ھورقات-قات قاتلىما ..........قاتارلىق تائاملارنى
تەييارلاشقا بۇلىدۇ.
نورمال خېمىر يۇغۇرۇش ( پىتىر خېمىر ،ئىلاستىلىقى كۇچلۇك)

ئاساسى ماتىريالى:ئۇن،سۇ تۇز
يۇغۇرۇش ئۇسۇلى :ئۇننى تۇكۇپ ئوتتۇرىنى كۆلچەك ئېچىپ تۇز سېلىپ سۇقۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئىتىنى نورمال قىلىپ
يۇغۇرۋالىمىز.خېمىرنى ئوزاقراق ئىشلەيمىز ،(ياز كۇنلىرى چىڭراق،قىش كۇنلىرى نۇرمال يۇغۇرساق بۇلىدۇ،تۇزىنىمۇ
ياز كۇنلىرى سەل كۇچلىكرەك، قىش كۇنلىرى نۇرمال تەڭشەيمىز )بۇ خىل خېمىرلاردا،لەغمەن ،قورىما چۆپ،ئۇزۇپ
تاشلاپ سۇيۇقئاش،...........قاتارلىق تائاملارنى تەييارلاشقا بۇلىدۇ.
چىڭ خېمىر يۇغۇرۇش ( پىتىر خېمىر ،)
ئاساسى ماتىريالى:ئۇن ،سۇ ،تۇز، تۇخۇم
يۇغۇرۇش ئۇسۇلى :ئۇننى تۇكۇپ ئوتتۇرىنى كۆلچەك ئېچىپ تۇز سېلىپ سۇقۇيۇپ تۇخۇمنى چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ
ئىتىنى چىڭ قىلىپ يۇغۇرۋالىمىز.خېمىرنى ئوزاقراق ئىشلەيمىز.
(تۇزىنىمۇ ياز كۇنلىرى سەل كۇچلىكرەك،قىش كۇنلىرى نۇرمال تەڭشەيمىز )
بۇ خىل خېمىرلاردا:پىتىر مانتا،سامسا،چوچۈرە،تۈگرە،نارىن ،ئۈگرە،گوشنان،.......
قاتارلىق تائاملارنى تەييارلاشقا بۇلىدۇ.
بۇيەردىن خېمىر يۇغۇرۇشنىڭ سىن ھوججىتىنى كورۇڭ