مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 5ئىنكاس
  • 305كۇرىلىشى

بىر لىدىردا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەت [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
1925
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
VIP ئەزا
يازما
177
نادىر تىما
3
مۇنبەرپۇلـــى
2460
شۆھـرىتـــــى
2000
تۆھپــــــــــە
10
سودا پۇلــــى
1970
ياخشـى باھا
325
تەجىربىسى
66%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 314 سائەت
  • تىزىم:
    2010-12-14
    ئاخىرقى:
    2012-03-16
    شەرەپ مىدالى

    بىر لىدىردا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەت
    -كىشىلىك خاراكتېر—چوڭ تاشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش (Character)

    بۇ ھەقتە ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز « Character » بولۇپ، ئۇنىڭ يۇلغۇن لوغۇتىدىكى مەنىسى «خاراكتېر، مىجەز، خۇسۇسىيەت، ئەخلاق، پەزىلەت، ئالاھىدىلىك،
    ئۆزگىچىلىك، پېرسوناج، بەلگە» ئىكەن. يەنى، بۇ سۆز جون ماكسىۋېل ئەپەندىنىڭ كىتابىدا «كىشىلىك خاراكتېر» دېگەن مەنىدىمۇ، ھەمدە «ئەخلاقلىق» دېگەن مەنىدىمۇ
    ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەنمۇ ئىنگلىزچە «چاراكتەر» دېگەن سۆزنى ئاشۇنداق ئىككى خىل مەنىدە ئالىمەن.
    بۇ يەردىكى كىشىلىك خاراكتېر دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتىگە، سەمىمىي بولۇش ۋە جۈرئەتلىك بولۇش قاتارلىق كىشىلىك سۈپىتىگە قارىتىلغان.
    بىر لىدېرنىڭ ھاياتتىكى ھەر خىل ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ياكى پەزىلىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    كرىزىس بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئادەم بىر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا،
    مۇنداق ئىككى خىل يولدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرى بولىدۇ: ئەخلاقلىق بولۇش ياكى مۇرەسسە قىلىش. ھەر قېتىم ئەخلاقلىق بولۇشنى تاللىغان ئادەم،
    بۇنداق تاللاش بىر سەلبىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەقدىردىمۇ، ھەر قېتىم بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ ماڭىدۇ. ئۆزىمىزدە ئېسىل پەزىلەتلەرنى
    يېتىلدۈرۈش ئۆزىمىزنى بىر لىدېر قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزىمىزنى بىر ياخشى ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زۆرۈر.
    سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىز سىزنىڭ نېمىنى كۆرۈدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ نېمىنى
    كۆرىدىغانلىقىڭىز سىزنىڭ نېمە ئىشنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بىر لىدېرنىڭ قانداق ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن ئايرىپ
    قارىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر لىدېرنىڭ نىيىتى بىلەن ھەرىكىتى داۋاملىق ئۆز-ئارا قارىمۇ-قارشى بولۇپ ماڭىدىكەن، سىز ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى كۆزىتىش
    ئارقىلىق نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز. ئادەمنىڭ بىر قىسىم تالانتلىرى تۇغما بولىدۇ، ئەمما كىشىلىك خاراكتېر خۇسۇسىي تاللاشتۇر.
    بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن يۇرتىنى، ۋە ئۆزىمىزنىڭ تالانتلىرىنى ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ خاراكتېرىنى
    ئۆزىمىز تاللىيالايمىز. يەنى بىز ھەرقېتىم بىرتاللاشقا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر خاراكتېرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىمىز. بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۆزىمىزنىڭ
    كىشىلىك خاراكتېرلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ھەقىقىي لىدېرلىق باشقا كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇئەگەر ھېچ كىم سىزگە
    ئەگىشىپ ماڭمىسا، سىز باشقىلارنى يېتەكلەپ ماڭغان بولمايسىز، بەلكى ئۆزىڭىز يالغۇز مېڭىپ كېتىۋاتقان بولىسىز.
    كىشىلەر ناچار خاراكتېرلىك  ياكى ناچار ئەخلاقلىق لىدېرلارغا ئەگەشمەيدۇ. بۇرۇن ئەگەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ ياكى ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىنى
    بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن توختايدۇ.لىدېرلار ئۆز خاراكتېرىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر پەللىگە يېتەلمەيدۇ. بەزى ناھايىتى تالانتلىق
    كىشىلەر مەلۇم دەرىجىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ بولۇپلا ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ھالقىلىق ئامىل كىشىلىك خاراكتېردۇر.
    ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستىۋىن بېرگلاس (“Steven Berglas “)نىڭ دېيىشىچە، ئۇنداق ئادەم تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋالدىن كام دېگەندە
    بىرسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ: ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىش، بۇزغۇنچىلىق  دەرىجىسىدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، ۋە بىھۇدە ئىسراپ
    خورلۇق. بۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئاجىز خاراكتېرلىك كىشىلەر تۆلەيدىغان ئېغىربەدەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر سىزدە يۇقىرىقىدەك تۆت خىل ئەھۋالنىڭ
    بىرسى كۆرۈلسە، چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توختىتىپ، بىر ئاز ئارام ئېلىڭ. ھەمدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر چارە تېپىڭ. ئەگەر خاراكتېردىكى ئاجىزلىقلار
    ئۆز ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنداق ئاجىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. سىز ئائىلىڭىزدە، خىزمىتىڭىزدە ۋە جەمئىيەتتە
    باشقىلارنى يېتەكلىگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بايلىقنىڭ كىشىلىك خاراكتېر ياكى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.
    مەنبە؛- لۇتۇن تورىدىن





    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    4088
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    VIP ئەزا
    يازما
    660
    نادىر تىما
    2
    مۇنبەرپۇلـــى
    8100
    شۆھـرىتـــــى
    6830
    تۆھپــــــــــە
    50
    سودا پۇلــــى
    6890
    ياخشـى باھا
    1093
    تەجىربىسى
    22%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 521 سائەت
  • تىزىم:
    2011-09-14
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-28
    مىنىڭ پەقەت لىدىر بولغۇم يوق،ئائىلە ئايالى بولغۇم بار،.،.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2254
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    914
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    9285
    شۆھـرىتـــــى
    8985
    تۆھپــــــــــە
    16
    سودا پۇلــــى
    8985
    ياخشـى باھا
    969
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 628 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-09
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-28
    رەخمەت تېمىڭىزغا.كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئەز قىتىپ قالا.( تۇخا داڭگال چۇشەيدۇ،ئۈچكە جاڭگال چۇشەيدۇ ) دەپ ،تىرىشقاندىلا ئۇنۇمى بۇلدىغۇ،

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3224
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1790
    نادىر تىما
    3
    مۇنبەرپۇلـــى
    634
    شۆھـرىتـــــى
    18523
    تۆھپــــــــــە
    11
    سودا پۇلــــى
    17880
    ياخشـى باھا
    2062
    تەجىربىسى
    50%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-28
    مۇشۇ سۈپەتلەر ھەممىسى مەندە باركەن مانا..
    لىدىر سايلاپ قويۇڭلار مىنى

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    5460
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    تۆھپىكار ئەزا
    يازما
    253
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    108
    شۆھـرىتـــــى
    2568
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    2355
    ياخشـى باھا
    267
    تەجىربىسى
    68%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 188 سائەت
  • تىزىم:
    2011-12-24
    ئاخىرقى:
    2012-08-13
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-28
    دىمىسىمۇ بىر ئاڭلىسام سىزنى بىر ئائىلىنىڭ لىدىرىكەن---دەيدىغۇ؟

    dilinur
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1049
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    4612
    شۆھـرىتـــــى
    10108
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    10075
    ياخشـى باھا
    1085
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-30
    ئۈمۈتلىك بۇلۇش كېرەك.
    پۇرسەت پىشىپ يىتىلسە شىركەت قۇرۇپ لىدىرلىققا  ئولتۇرۇپ قالسام ئەسقېتىپ قالىدۇ .
    رەھمەت..

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى