مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 288كۇرىلىشى

يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
3224
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
چولپان ئەزا
يازما
1790
نادىر تىما
3
مۇنبەرپۇلـــى
634
شۆھـرىتـــــى
18523
تۆھپــــــــــە
11
سودا پۇلــــى
17880
ياخشـى باھا
2062
تەجىربىسى
50%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن! پەيغەمبىرمىزگە ،ئائىلە-تاۋاباتىغا ، شۇنداقلا ھايات-ماماتتا بىرگە ئۆتكەن ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ھىجرىيە كالىندارى بويىچە تۈنىگۈن 1433-يىلى مۇبارەك مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى ئىدى ،ئالدى بىلەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمىز.
    خوش ئۇنداقتا،ھېجىرىيە كالىندارى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.

       ھىجرىيە كالېندارى، ئاي يىلىنى ئاساس قىلىدىغان بىر كالېندار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا يۇرتى بولغان مەككىنى تاشلاپ ئوز ۋاختىدا «يەسرىب» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنى، تارىخنىڭ باشلانغۇچى دەپ قۇبۇل قىلغان.
    ئاي ۋە كۈنلەرنى ھېساپلاشتا ئاينىڭ، ئۆز ئەتراپىدا 354-355 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىشىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن «قەمەرىيە كالېندارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
       مۇسۇلمانلار مەيلى مەككە دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن بولسۇن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە قەدەر بەزى مۇھىم ۋەقەلەرنى تارىخنىڭ باشلانغۇچى قىلغان بولۇپ، ۋاقىتلىرىنى شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگىلىمەكتە ئىدى. مەسىلەن: فىل ۋەقەسىنىڭ ... چى يىلى، فىجار ئۇرۇشىدىن ... يىل كېيىن ياكى بۇرۇن، ۋېدالىشىش ھەججىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن دېگەنگە ئوخشاش ئىپادىلەر قوللىنىلاتتى. بىراق بۇنداق ھېسابلاش، بەزى قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە مەسىلىنى باشقا ساھابەلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ساھابەلەر، مەسىلىنى ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا تارىخ باشلانغۇچى قىلىش ئۈچۈن ئىرانلىقلار، گېرىتسىيەلىكلەر ۋە باشقا خەلقلەردىن بىرەرىنىڭ كالېندارلىرىنى قۇبۇل قىلىش پىكىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىراق بۇ پىكىرلەر كۆپچىلىك ساھابە تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تارىخنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتىدىن باشلىتىشنىڭ ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى، بۇ تەكلىپ باشقا ساھابەلەر تەرىپىدىنمۇ دەرھال ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر كالېندار بارلىققا كەلدى ۋە بۇ كالېنداردىكى تارىخنىڭ باشلانغۇچى «ھىجرەت» ۋەقەسى بولدى.
       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 3- ئاي بولغان «رەبىئۇلئەۋۋەل» ئېيىدا ھىجرەت قىلغان ئىدى. ھىجرىيە يىلى، مۇھەررەم ئېيى بىلەن باشلىنىدىغان بولغاچقا ھىجرىيە يىلنىڭ باشلىنىش تارىخى ئىككى ئاي 8 كۈن بۇرۇنغا ئېلىنىپ ھىجرىيە يىلنىڭ باشلىنىش تارىخى، مىلادىيە 622- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى قىلىپ بىكىتىلدى. ھىجرىيە كالېندارىدا بىر يىل 354 ياكى 355 كۈن، يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈن ئاي بېشى بولىدۇ. تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار، 29 كۈن بولۇپ، بىر يىل 12 ئاي ھېساپلىنىدۇ. مىلادىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر يىلى 10 ياكى 11 كۈن پەرق قىلىدۇ. ھىجرىيە كالېندارىدا كەبىسە يىل، كەبىسە ئاي قوشۇلماي ھېساپلىنىدۇ.
       ھىجرىيە يىلى، مۇھەررەم ئېيى بىلەن باشلىنىپ زىلھىججە ئېيى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ھىجرىي يىلنىڭ ئاي ناملىرى مۇنداق:
       1-    مۇھەررەم
       2-    سەفەر
       3-    رەبىئۇلئەۋۋەل
       4-    رەبىۇلئاخىر
       5-    جەمازىيەلئەۋۋەل
       6-    جەمازىيەلئاخىر
       7-    رەجەب
       8-    شەئبان
       9-    رامازان
       10-    شەۋۋال
       11-    زىلقەئدە
       12-    زىلھىججە.

       مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېساپلىغاندا ھىجرىيە يېڭى يىلى (1433)، 2011 – يىلى1 1- ئاينىڭ 26 كۈنى باشلاندى.
       بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىجرىيە يېڭى يىلىڭىز مۇبارەك بولغاي! بۇ يىل، سىز ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن، مۇسۇلمان خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولغاي! ئامىين!!!

    ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىقىندەك ،ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئون ئىككىدۇر، دەيدۇ. بۇ ئاينىڭ بەزىسىنى ماھىيەت جەھەتتە ئوخشىسىمۇ ،بىراق ئابىستىراكىتلىق ئۇقۇم بىلەن زامان نۇقتىسىدن ئەۋزەل قىلدى. رامىزان ئېيى، زۇلھەججە ئېيى دىگەندەك.
    ئالدىمىزدا بىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان ئەۋزەل كۈنلەردىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10- كۈنىدۇر. مۇھەررەم ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

    بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە يەھۇدىلارنىڭ مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10- كۈنى روزا تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ «سىلەر نىمە ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتسىلەر؟» دەپ سورىدى، يەھۇدىلار :« بۇ ناھايتىمۇ ئىىسل كۈندۇر ،چۈنكى ئاللاھ  بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى فىرئەۋىنىدىن قۇتقۇزغان ئۇلۇغ كۈن »دىيىشتى.
    شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىز  روزا تۇتۇشقا تىخىمۇ  لايىق دەپ ساھابىلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى . ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.1865-ھەدىس.  
    ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايتىدە ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىنى جۇدى تىغىدا  دەل مۇشۇ مۇھەررەمنىڭ تۇنجى كۈنى توختاتقان  دىگەن.
    ئەبۇ ھۈرەيرە ،جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن:
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:رامىزان ئېيىدىكى روزىدىن قالسا ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئېيىدىكى روزىدۇر،(يەنى ئىسلام كالىندارى ھىجىرىيە يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى)پەرىز نامازدىن قالسا ئەڭ ئەۋزەلرەكى يېرىم كېچىدىكى نامازدۇر.(يەنى تەھەججۇد نامىزى) مۇسلىم.  
    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر كۈننىڭ روزىسىنى باشقا كۈنلەر ئۈستىگە پەزىلەتلىك قىلغىنى بىلىپ ،قاتتىق تەلەپ قىلغىنىنى كۆرمۈدۈم. پەقەت مۇشۇ ئاشۇرا كۈنى بىلەن رامزان ئېيىنىلا (يەنى بۇ كۈنلەرنىو روزىسىنىلا)باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتلىك بىلىپ ئارتۇق كۆرەتتى.بۇخارى - مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ :رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنى ئۆزىمۇ روزا تۇتۇپ ،باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بويرۇغان چاغدا ، ئۇلار:ئى ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى! ئاشۇرا كۈنىنى يەھۇدىي -ناسارالارمۇ ئۇلۇغلايدىكەن  دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى  ۋەسەللەم  :ئەگەر كىلەر يىلىغىچە ھايات قېلىپ قالسام ئەلۋەتتە 9- كۈنى روزا تۇتىمەن دېدى. مۇسلىم رىۋايىتى.


    ئاللاھ ھەمممىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ ئىبادەتتىن قەلبى ھوزۇرلىندىغان قىلسۇن ! ئامىن! بۇ مۇبارەك يېڭى يىلدا  ئىمان ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن،  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى تېخىمۇ كۆپ قىلىۋىلىشقا نېسىپ قىلسۇن ئامىيىن.



    مەنبە:مەرىفەت تورى

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    311
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    944
    نادىر تىما
    17
    مۇنبەرپۇلـــى
    2570
    شۆھـرىتـــــى
    630
    تۆھپــــــــــە
    44
    سودا پۇلــــى
    10004850
    ياخشـى باھا
    8388607
    تەجىربىسى
    36792%
    ھالىتى
    توردا:
  • 969 سائەت
  • تىزىم:
    2009-04-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-11-28
    بىلمەي قاپتىمەن ، بۇندىن كىيىن ئەستە ساقلىۋالسام بولغىدەك ، رەھمەت

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3042
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    قىزىققۇچى ئەزا
    يازما
    47
    نادىر تىما
    0
    مۇنبەرپۇلـــى
    240
    شۆھـرىتـــــى
    340
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    340
    ياخشـى باھا
    49
    تەجىربىسى
    85%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 341 سائەت
  • تىزىم:
    2011-05-08
    ئاخىرقى:
    2012-10-19
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-11-28
    بەك ياخشى تېما يوللاپسىز. قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن.

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    2273
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1049
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    4612
    شۆھـرىتـــــى
    10108
    تۆھپــــــــــە
    3
    سودا پۇلــــى
    10075
    ياخشـى باھا
    1085
    تەجىربىسى
    29%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 164 سائەت
  • تىزىم:
    2011-02-11
    ئاخىرقى:
    2012-10-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-11-28
    تېخى ئاخشام ئايغا قاراپ ئاي چىقىپتۇ دىگەن ئىدىم. ھىلال ئاي ..ئەسلىدە يېڭى يىلدا چىققان ئاي ئىكەن ئەمەسمۇ.. رەھمەت .

    بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                             ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى