بىسمىللا دەپ باستىم قەدەم،
ھەر بىر سۈزۈم ئىسلامنى كۈيلەپ.
ئۈنۈپ پۇتۇپ بولساممۇ گاچا،
ئىسلام ئۈچۈن يۈرىمەن ئۈنلەپ.
ئىنسان بۇلۇپ يارالدىم شۇنداق،
تېنىش يوقتۇر ياراتقان زاتتىن.
ئىسلام ئۈچۈن بۇبارىم تەقدىم،
قۇتقۇزار ئۇ ئازاپ - كۈلپەتتىن.
مەڭگۈ شۇنداق ياشىسام دەيمەن،
بۇلبۇللارچە ئىسلامنى كۈيلەپ.
باش قاتۇرۇپ تۈزۈپ قاپىيە،
ئۇخلىمىسام مەيلى كۈن-تۈنلەپ.
مەن ئاللاھنىڭ ياراتقان قۇلى،
يۈرۈشۈم ھەق ئىسلامنى كۈيلەپ.
گەر باشقىغا بارغاندا تىلىم،
ھىساپ بەرمەك تەستۇر بىر-بىرلەپ.
تەپسىلاتى
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=64315[ بۇ يازمامەمەتجانتەرپىدىن2011-11-19 13:34دە قايتا ت ]