مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 2ئىنكاس
  • 344كۇرىلىشى

تىجارەتتە بىلىم ، ئۇچۇر ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم.(ئۇدۇم) [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
1925
جىنسى:
مەخپى
دەرىجىسى
VIP ئەزا
يازما
177
نادىر تىما
3
مۇنبەرپۇلـــى
2460
شۆھـرىتـــــى
2000
تۆھپــــــــــە
10
سودا پۇلــــى
1970
ياخشـى باھا
325
تەجىربىسى
66%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 314 سائەت
  • تىزىم:
    2010-12-14
    ئاخىرقى:
    2012-03-16
    شەرەپ مىدالى

    20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ شەھەر، يېزىلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر باشلامچىلىق بىلەن سودا دېڭىزىغا چۈشتى، كېيىنچە ئۇلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلاپ، تىجارەت دائىرىسى كېڭەيدى. ئۇلار ھەر يىلى دېھقان – چارۋىچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى يۆتكەپ سېتىش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىمۇ پۇل تېپىپ بېيىدى.

       ئەمما، سودىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەردە سىز سودىدا مەغلۇپ بولغانلاردىن نېمە ئۈچۈن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇلار دېيىشىۋالغاندەكلا ‹‹باشقىلارغا قويۇلۇپ كەتتىم›› دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. بۇلارنى ‹‹قويۇۋەتكەن››لەر زادى كىملەر؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ‹‹كاللا›› ئىشلىتىۋاتقان سودىگەرلەردۇر. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئاغرىنىشى ئورۇنسىز. ‹‹قويۇلۇپ كېتىۋاتقان›› سودىگەرلىرىمىز كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلىغان ھەم پۇل تاپقان بولسىمۇ، سودىغا تېخى پىشمىغانلىقى، بازار ئۇچۇرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن زىيان تارتتى. كونىلار ‹‹پۇل تاپقىچە ئەقىل تاپ›› دەپ توغرا ئېيتقان. ئەپسۇس، كۆپلىگەن سودىگەرلەر بۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلالمىدى، بازارغا يۈزلەنگەندىن تارتىپ خېلىغىچە بىر خىل ‹‹سەنەمگە›› دەسسەۋەردى. ھازىر بىر قىسىم سودىگەرلىرىمىز ئۇچۇردىن ياخشى پايدىلىنىپ بازار ئىگىلەپ كۆپلەپ پۇل تاپماقتا. لېكىن، بۇرۇن پۇل تاپقان بەزى تىجارەتچىلەر ھازىر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ‹‹بىزدە مەبلەغ يوق، مەبلىغىمىز يېتەرلىك بولسا، سودا دېگەندىن ئوت چىقىرىۋېتىمىز›› دېيىشىدۇ. بۇنىسى توغرا، سودا – سېتىقتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ. ئەمما، چوڭ ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپقان كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىلا كۆپ پۇلى بولغان ئەمەس. ئۇلار ئازغىنە دەسمايە بىلەن كىچىك ئىشلارنى قىلىش، كۆزى يەتكەن سودىنى قىلىش، شۇنداقلا بازارنى توغرا مۆلچەرلەپ، قەرز ئېلىپ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىش ئارقىلىق پۇل تاپقان. بىراق، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىزدە پايدىسى ئازراق ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدىغان، چوڭ ئىشلارغا چامىسى يەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئادەمدە چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالايدىغان ئىدىيەنىڭ بولغىنى ياخشى. ئەمما، ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش››نىمۇ بىلىش كېرەك، چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك ئىشلارنىمۇ قىلىش، ئاز پايدا ئېلىش ئارقىلىقمۇ پۇل تېپىشنى ئۆگىنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

       يۇقىرىدىكىلەر سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىسمەن كىشىلەردىن چىقىرىلغان يەكۈن. كۆپىنچە سودىگەرلەر تىجارەتتە ئادىل رىقابەتلىشىش، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىش، سۈپەتلىك، باھاسى مۇۋاپىق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بازار ئىگىلەشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پۇل تاپماقتا. ھازىر بازار رىقابىتى كۈندىن – كۈنگە كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا، ئىلگىرى سودا بىلەن شۇغۇللانغان ۋە يېڭىدىن تىجارەتكە كىرىشمەكچى بولغانلارنىڭ پۇل تېپىشنى ئويلاشتىن بۇرۇن سودىغا ئائىت بىلىم ۋە ئۇچۇر ئىگىلەشنى ياخشى ئۆگىنىشى، سودىدا ئادىل رىقابەتلىشىش، بازاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. كىمىكى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلماي سودىدا كونا قاراش بويىچە ئىش قىلسا، يول تېپىشى قۇرۇق خىيال بولۇپ قالىدۇ. سودا قىلىپ پۇل تېپىشنى خالىغان ھەر قانداق كىشى، ئالدى بىلەن، بىلىم ئېلىشقىمۇ مەبلەغ سېلىشى كېرەك.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    3224
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    1790
    نادىر تىما
    3
    مۇنبەرپۇلـــى
    634
    شۆھـرىتـــــى
    18523
    تۆھپــــــــــە
    11
    سودا پۇلــــى
    17880
    ياخشـى باھا
    2062
    تەجىربىسى
    50%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 860 سائەت
  • تىزىم:
    2011-06-02
    ئاخىرقى:
    2012-10-22
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-24
    دىمەك .سودىگەركەنسىز ------دە

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    435
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1139
    نادىر تىما
    4
    مۇنبەرپۇلـــى
    15765
    شۆھـرىتـــــى
    11735
    تۆھپــــــــــە
    62
    سودا پۇلــــى
    10474
    ياخشـى باھا
    1414
    تەجىربىسى
    34%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 648 سائەت
  • تىزىم:
    2009-05-01
    ئاخىرقى:
    2012-10-21
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-10-25
    تىجارەتكە قىزىقىدىغان ۋە كىرىشمەكچى بولغانلارغا ياخشى دەرسلىك يوللاپسىز، رەھمەت!

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى