مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 964كۇرىلىشى

ھالال ۋە ھارام توغرىسىدا [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
64
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يازما
2898
نادىر تىما
45
مۇنبەرپۇلـــى
4195
شۆھـرىتـــــى
1150
تۆھپــــــــــە
50
سودا پۇلــــى
10018740
ياخشـى باھا
8388590
تەجىربىسى
36825%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 952 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-18
    ئاخىرقى:
    2012-09-05
    شەرەپ مىدالى





         سوئال:
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇلاھى ۋە بەركاتۇ!!!!!
              ئەزىز مۇسۇلمان قىرىندىشىم (بارلىق ھەمدۇ - سانا ئاللاھقا خاستۇر ) مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا چوشقا گۆشى ، قان، شۇنداقلا ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇلگەن ، بۇغۇپ ئۆلتۇرۇلگەن ، ئۆزى يىقىلىپ چۇشۇپ ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ ھارام قىلغانلىقى بىزگە مەلۇم، ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەردە پەيغەمبىرمىز رەسۇلللانىڭ بىزگە يىرتقۇچى ھايۋانلارنى يىشمىزنى چەكلىگەنلىكى (ھارام قىلغانلىقى) توغرىسدا قەيىت قىلىندۇ.
    مەن بۇ توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا تەپسىلىي ھەدىس كۆرمىدىم . ئەمما ھەممىزگە مەلۇم بولغاندەك تەبئەت دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق يەر شاردا ھايۋاناتلارنىڭ تۇرى تۇلمۇ كۆپ تۇرسا... يۇقارقىلار ئارقىلىق بارلىق ھايۋانلارنىڭ ھارام ياكى ھالالىقنى ئايرىش قىينمۇ قانداق ؟؟؟؟؟
                شۇڭا ئىسلامىيەتتە قايسىى ھايۋانلارنىڭ گۇشنىڭ ھالال قايسى ، ھايۋاننىڭ گۇشنىڭ ھارام ئىكەنلكنى ئايرىيدىغان قانداق ئاساس ۋە دەلىل بار. بۇ مەسىلە قانداق پرىنسىپ ئارقىلىق ھەل قىلىندۇ ؟ بۇ توغرىسىدا بىزنى خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز؟
               ئاخىردا دەيدىغنىم ئىلگىرى بىر نەچچە قىتىملىق سۇئالىمغان ئەتىراپلىق جاۋاپ بىرىپ ، مېنى ئىسلام ئىلىمدىن خەۋەردار قىلغانلىقنىڭزدىن كۆپ خۇرسەنمەن، ئاللاھ ئىگەم ئەجىرڭلارغا بەركەت ئاتا قىلسۇن!!


              جـــاۋابــــلار:
    1         -ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

              قېرىندىشىم! دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بىر نەرسىنىڭ ھارام ياكى ھالال بولۇشى ئۈچۈن بىر قائىدە بەلگىلىگەن. مسىلەن:

              بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 - ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 - ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 - ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 - ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.

              مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 - ۋە 5 - ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 - ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 - ئايىتىدە ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 - ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.

              بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 - ئايىتدە ئاللاھ تەئالا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ: «ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال - پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار»
    دەيدۇ.

              بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 - ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.

            مۇمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 - ئايىتىدە بولسا، ئاللاھ تەئالا پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار» دەيدۇ.

              بۇ، ئاللاھ تەئالانىڭ پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە پاك نەرسىلەرنى ھالال، پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

            يۇقىرىدا قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىن ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىك ئىكەنلىكى چىقىدۇ. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 - ئايىتىدە ھارام قىلىنغان بىر قىسىم نەرسىلەر بايان قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «چوشقا گۆشى» دېگەن ئىپادىدىن كېيىن «چۈنكى ئۇ، پاسكىنىدۇر» دەپ بىر ئىپادە ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ھاراملىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاسكىنىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

              ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 - ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك (پاسكىنا) نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» دېيىلىشى، تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكى، ھارامنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاسكىنىلىق، ھالالنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

              قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك، پاسكىنا» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ.

                 يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن ھالال ۋە ھارام توغرىسىدا تۆۋەندىكى خۇلاسە چىقىدۇ:

         1  - قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەر، مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن پاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھالالدۇر؛ ئەگەر ناپاك (پاسكىنا) ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھارامدۇر.

                 2- شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەر، مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھارامدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»(نىسا 29 - ئايەت)، «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 - ئايەت) دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنى، دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدىغانلىقى» توغرىسىدا بىر ھەدىسى بار. بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلىدۇ. ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان باشقا بىر ھەدىستە «زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ، زىيان تارتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ» دېيىلىدۇ.  


    مەنبە :ئۇيغۇر ئىسلام تورى

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
    شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى