مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 1ئىنكاس
  • 1581كۇرىلىشى

ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيىدىن ياخشىراق دوست تاپالمايدۇ.!!! [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
7
جىنسى:
ئوغۇل
دەرىجىسى
ئالىي ئەزا
يازما
254
نادىر تىما
0
مۇنبەرپۇلـــى
5010
شۆھـرىتـــــى
2583
تۆھپــــــــــە
143
سودا پۇلــــى
2250
ياخشـى باھا
402
تەجىربىسى
78%
ھالىتى
ئالاقەQQ
بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
توردا:
  • 33 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-13
    ئاخىرقى:
    2012-07-13
                            ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيىدىن ياخشىراق دوست تاپالمايدۇ.!!!
                        
                باش ئەلچى نامىك تان، ئىسرائىلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيىدىن ياخشىراق دوست تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.!
    رەسىم :

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىنىڭ تېل ئاۋىۋدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامىك تان، ئىسرائىلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيىدىن ياخشىراق دوست تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    باش ئەلچى تان، تېل ئاۋىۋدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئورنىتىلغان ئىستىراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    باش ئەلچى تان «بۇ مۇناسىۋەتلەر، يالغۇز ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، رايون ۋە دۇنيادىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ناھايىتى ساغلام» دېدى.

    مەنبە؛تۈرك ئاخبارات تورى
    تۈركىيىنىڭ، ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇرەسسەلەشتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن باش ئەلچى تان، ئىسرائىلىيە ۋە سۈرىيىنىڭمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىگە يېڭىدىن ئولتۇرۇشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

    باش ئەلچى تان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا، «ھېچكىم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پەقەت بوزۇلمايدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە كېلىپ قالماسلىقى لازىم. كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغۇم يوق. بۇنىڭ ئەمدى ئەھمىيىتى قالمىدى، دەپ قارايمەن. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش كېرەك» دېدى.

    سۆزىدە رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق ھەرىكىتى ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان باش ئەلچى تان، ئەنقەرەنىڭ، ھاماسنىڭمۇ تىنچلىق ھەرىكىتى مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىشىنى زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھاماس بىر رېئاللىق. ئۇنىڭسىز تىنچلىق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس. قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە ئىشتىراك قىلىشلىرى كېرەك» دېدى.

    ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاموس گىلادمۇ، تۈركىيىنى «تېررورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگە» دەپ كۆرسەتتى.

    تۈركىيىنىڭ، كىم ۋە قەيەردىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان گىلاد، «تۈركىيىنىڭ تېررورىزمغا قارشى قەتئىي كۈرىشى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

    مەنبە؛تۈرك ئاخبارات تورى.

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    64
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    2898
    نادىر تىما
    45
    مۇنبەرپۇلـــى
    4195
    شۆھـرىتـــــى
    1150
    تۆھپــــــــــە
    50
    سودا پۇلــــى
    10018740
    ياخشـى باھا
    8388590
    تەجىربىسى
    36825%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 952 سائەت
  • تىزىم:
    2009-02-18
    ئاخىرقى:
    2012-09-05
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2009-03-15
      بەك   ئەھمىيەتلىك  خەۋەركەن  ،   رەھمەت  سىزگە !

    جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
    شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى