ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-14

    ﯞﯦﻨﮕﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/88961713.html

    سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ۋېنگر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش

    جۇڭ جىنۋېن

    ۋېنگر مىللىتى ياۋرۇپانىڭ دوناي دەرياسى بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان . بىراق ۋېنگر ىەلق چۆچەكلىرى تىپىك ياۋرۇپا – ئاسىيا تۈسىگە ئىگە . نۇرغۇن ۋېنگر خەلق قوشاقلىرىنىڭ سيۇژىت ۋەقەلىكى ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىقو ئوخشاشلىقلار بار . بولۇپمۇ ، سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلار تېخىمۇ روشەن نامايەن بولدى . ( بۇ ئىككى تەرەپنىڭ خەلق چۆچەكلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىم باشقا ماقالەمدە قويۇلىدۇ ) . بۇ ماقالىدە ئاساسەن ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا بۇ ئورتاق ىۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدە بەزى مۇھاكىملەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن .
    مانگىس تىپىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكى
    [/align]
    1 . سېرىق ئۇيغۇرلرنىڭ ‹‹ خاتۇننىڭ سوۋغىسى ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : خان جەڭگە مېڭىش ئالدىدا ئۈچ خوتۇنىدىن ‹‹ جەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلسەم قانداق سوۋغا بىلەن قارشى ئالىسىلەر ›› دەپ سوراپتۇ . چوڭ خوتۇنلىرى زەر ، كۈمۈش يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن ئەجدىىھا تون بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقنى بىلدۇرۇپتۇ . كىچىك خوتۇنى … چىرايلىق بىر ئوغۇل تۇغۇپ ، سىزنى شۇنىڭ بىلەن قارشى ئالىمەن .. دەپتۇ . خاننىڭ دىلى زەھەر چوڭ خوتۇنلىرى كىچىك خوتۇن يەڭگىگەن چاغدا خۇپىيانە ھالدا بالىنى ئۆلتۈرۋېتىپ ، كىچىككىنە بىر پىستە كۈچۈكنى كىچىك خوتۇننىڭ قوينىغا سېلىپ قويۇپتۇ . خان جۆەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەپتۇ . ئۇ جىق تەشۈرۈش – سۈرۈشتۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپتۇ ھەمدە چوڭ خوتۇنىنىڭ مانگىس ( يالماۋۇز ) لاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ .
    ۋېنگرلارنىڭ ‹‹ ئاتۇن چاچلىق قوشگېزەك ئاكا – سىڭىل ›› ناملىق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق ؛ ئۈچ قىز شاھزادىگە قەلبىنى ئىزھار قىلىشىپتۇ . A ؛ ئەگەر شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، بىر تال كەندىرنىڭ يايىسىدىن ئۇنىڭ جىمى لەشكەرلىرىگە ۋە پۇقرالىرىغا بىر قۇردىن كىيىم قىلىپ بېرىمەن ؛ B ؛ ئەگەر شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، مەن بىر دانە بۇغداي ئۇرىقىدىن ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە ۋە پۇقرالىرىغا بولكا پىشۇرۇپ بېرىمەن : C ؛ ئەگەردە ، شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر جۇپ قوشگېزەك ئاكا – سىڭىل تۇغۇپ بېرىمەن . دەپتۇ . شاھزدە ئۈچۈنچى قىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، جەڭگە كېتىپتۇ . خانىش يەڭگىگەندىن چاغدا ، ئالدىنقى ئىككىز قىز تۇغۇت ئانا سىياقىغا كىرىۋېلىپ ، ئالتۇن چاچلىق بىر جۇپ قوشگېزەكنى ئېلىپ كېتىپ ، ئورنىغا ئىللى لۈچۈكنى ئەكىرىپ قويۇپتۇ . ھېلىقى قوشگېزەك بالىلارنى كالا – ئات قوتانلىرىغا تاشلىۋېتكەن ئىكەن . مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ئىككىلىسى ھايات قاپتۇ . قوشگېزەكلەر چوڭ بپلۇپ ئانىسىنى زىنداندىن قۇتۇپدۇرۇپ ، شاھزادە بىلەن جەم بوپتۇ . ئالدىنقى ئىككى قىز ئەسلىدە مانگىسلاردىن ئىكەن .
    2 . ‹‹ شۇدا شېئىر ماسەنگې ›› نىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : سەپرا مىجەز ماسەنگې سۆيۈملىكى كەپتەر قىزنىڭ پەيلىرىنى كۆيدۇرۋېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بالا – قازا يېغىپ ، قانجۇق ( ئىت ) مىنگەن مانگىس ھەركۈنى كېلىپ تىرنا بىلەن قىزنىڭ بەدىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ . ماسەنگې ئوقيا ئېتىپ مانگىسنىڭ پىشانىسىنى چېچىۋېتىپتۇ – دە ، قىزنى ئېلىپ قاچىدۇ . يىگىت كۈرمىڭ خېيم – خەتەر ، مۇشكىلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئاخىرى مانگىسنى يېڭىپ ، قىزنى ىۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ . ‹‹ ئۈچ باشلىق يالماۋۇز بىلەن باتۇر يىگىت ›› نىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ئاكا – سىڭىل توي قىلىدۇ . ئاندىن ، ئاكىسى ئوۋغا چىقىپ كېتىدۇ . سىڭلىسى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ، سىرتقا ئوت ئىزدەپ چىقىدۇ . ئوت ( چوغ ) بەرگەن موماي ئالا ئىتقا مىنگىنىچە ، چېچىلغان كۈلنىڭ ئىزىدىن بويلاپ قىزغا ئەگىشىپ كېلىدۇ – دە ، ئۈچ باشلىق يالماۋۇزغا ئۆزگىرىپ ، تىرنا بىلەن قىزنىڭ بەدىنىنى تېشىپ قېنىنى شورايدۇ . ئاكىسى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، يالماۋۇز بىلەن جان تىكەپ ئېلىشىدۇ . ئاخىرى يالماۋۇزنىڭ ئۈچ بېشىنى كېسىپ تاشلايدۇ .
    ۋېنگېرلارنىڭ ‹‹ بوغما يىلان شاھزادە ›› سىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : مەلىكە ئېرىنىڭ يىلان تېرىسى بىلەن ياسىنىۋالغان يىگىت ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بەكمۇ ئازاپلىنىدۇ . ئۇ خۇپىيانە ھالدا مانگىسنى تاۋاپ قىلىدۇ . مانگىس مەلىكىگە يىلان تېرىسىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۋېتىشنى دەۋەت قىلىدۇ . نەتىجىدە ، سۆيۈملۈك بوغما يىلان شاھزادە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . مەلىكە ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىڭ شاھزادىنى ئىزدەش يولىدا يەنە نۇرغۇن قېتىم مانگىسقا ۋە ئادەم گۆشى يەيدىغان مانگىسنىڭ ئوغلىغا يولىقىدۇ . مانگىس سېھرىگەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ قىىزىنى ( ساختا ) مەلىكىگە ئايلاندۇرۇپ ، شاھزادىگە ياتلىق قىلىدۇ . ئاخىر مەلىكە كۈرمىڭ مۈشكىلات ، خېيىم – خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ شاھزادىنى تاپىدۇ . شاھزادە يىرگىنىشللىك مانگىسنى ئۆتۈرىدۇ .
    3 . سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ ئالتۇن – كۈمۈش ئاچا – سىڭىل ۋە ياغاچ قىز ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ياغاچ قىز ۈرلۈك – تۈمەن ۋاستىلەنرى قوللىنىپ ، ئاتۇن – كۈمۈش ئاچا – شىڭىللارنى بىرلا ۋاقىتتا خاننىڭ خوتۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . ئاندىن ياغاچ قىز ئاتۇن ئاچىنى دېڭىزغا ئىتتىۋېتىدۇ . كۈمۈش سىڭىز ھەرقېتىم دېڭىز بويىغا كېلىپ ، پەس ئاۋازدا ئالتۇن ئاچىسىنى چاقىرسا ، شۇئان ئالتۇن ئاچا دېڭىزدىن چىقىپ ، كۈمۈش سىڭلىسىغا جىق گۆش ، يېمەكلىكلەرنى بېرىدىكەن . بىر كۈنى يېمەكلىكلەرنى ياغاچ قىز كۆرۈپ قاپتۇ . كۈمۈش قىز ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ياغاچ قىز غەزەپلىنىپ ئالتۇن ئاچىنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ . خان ئالتۇن ئاچىنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ياغاچ قىز سىياقىغا كىرىۋالغان مانگىسنى ئۆلتۈۈپ ، ئالتۇن ئاچىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .
    ۋېنگرلارنىڭ ‹‹ سېرىق خانىش ›› چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : پادىشاھ يىراققا جەڭگە ئاتلىنىدۇ . پادىشاھنىڭ ئاشپىزى سىياقىغا كىرىۋالغان مانگىس خانىشنى دەرياغا ئىتتىۋېتىپ ، ئۆزىنىڭ قىزنى خانىشنىڭ ئورنىغا قويىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھنىڭ مارال سىياقىغا ياسىنىۋالغان ئۇكىسى كۆرۈپ تۈرىدۇ . مارال خانىشنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ ، ھەر قېتىم دېڭىز بويىغا بېرىپ ئۈچ قېتىم چاقىرسا ، بىر ئالتۇن ئۆردەك قىرغاققا ئۈزۈپ كېلىپ ، گۈزەل خانىشقا ئايلىنىپ بالىسىنى ئېمىتىدىكەن . پادىشاھ قايتىپ كېلىپ ، مارالنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقى خانىشنى تونۇپ ، يالغان خانىش – مانگىسنى ئۆلتۈرىدۇ .
    [align=center]ئىلاھى بۈركۈت ۋەقەلىكى

    1 . سېرىق ئۇيغۇرلانىڭ ‹‹ بۈركۈت بالا ›› زەھەر قېرى ئەر – خوتۇن بالىلارنى بېقىشتىن باش تارتىپ ، چوڭ ئوغلىنى تىك قىيادىن پەسكە ئىتتىرۋەتكەن ئىكەن ، تاغ بۈركۈتى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ . تاغ بۈركۈتى ئۆزىنىڭ باچكىسىغا ئئۆلۈك قوينىڭ گۆشىنى بېرىپتۇ . بالىغا بولسا تىرىك قوينى ئەكىلىپ ئوزۇقلۇق قىلىپ بېرىپتۇ . بالىغا بۈركۈت تىلىنى ئۆگۈتۈپتۇ . ئۇنىڭغا سەرمال ( بۈركۈت بالا ) دەپ ئات قويۇپتۇ . تاغ بۈركۈتىنىڭ ياردىمىدە بالا چوڭ بولۇپ تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگۈنۈپ ، ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن ئادەمنى تىرىلدۈرەلەييدىغان ، كالا ، قويلارنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان ئوت – سۈيىنى مول قىلالايدىغان بوپتۇ . شۇنىڭدىن بۇيان ، كىشىلەر بۈركۈتنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدەك ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن .
    ۋېنگرلارنىڭ ‹‹ ئەبەدىيلىكنى ئىزدىگۈچى شاھزادە ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ئەبىدىيلىكنى ئىزدىگۈچى شاھزادە ئۆز پادىشاھلىقتىن ئايرىلىپ يىراقلارغا سەپەر قىلىۋېتىپ ، كۆككە تاقاشقان ، بەھەيۋەت بىر دەرەخنى كۆرۈپتۇ . غايەت چوڭ بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇستىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ئىكەن . شاھزادە يېققىنلاپ بېرىشىغا ، بۈركۈت دەرەىنىڭ ئۇستىدىن ئۇچۇپ چۈشۈپ ، شاھزادىنىڭ يېنىغا قونۇپتۇ – دە ، بىر پادىشاھقا ئايلىنىپتۇ ، بۈركۈت شاھزادىگە ‹‹ تەڭرى ماڭا ۋە مېنىڭ پۇقرالىرىمغا ئۆلمەسلىكنى ئاتا قىلدى ›› دەپتۇ . شاھزادە تۈرلۈك خېيىم – خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈركۈت پادىشاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئەبەدىيلىك مەملىكىتىنى ئاخىرى تېپىپتۇ .
    2 . سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ گۈئېرجىيەن بىلەن ياكسا ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : سىڭلىسى گۈڭئېرجيەنىڭ ئاكىسى ياكسانى ئىزدەش يولىدىكى سەمىمى – ساداقەتلىك خىسلىتى ئاق چاچلىق موماينى تەدىرلەندۈۈرۈپتۇ . ئاق چاچلىق موماي گۇڭئېرجيەنگە ياكسانىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بۈركۈت ، قاغا ، سېغىزخان ، ئېيىق ، بۆرە ۋە سېىق قۇم ئېلىپ كەتكەنلىكىنى . ئەگەر ياكسانى قۇتۇلدۇرۇپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولسا ، ئاۋۋال چوقۇم ھېلىقى ھايۋانلارنى بويسۇندۇرىشى لازىملىقىنى ئېيىتىپتۇ . گۇڭئېرجيەن ئۇلارنى يېڭەلمەيدۇ ، ئاق چاچلىق موماي گۇڭئېرجيەننى ئەرشكە ئېلىپ چىقىدۇ . ئىككىسى سامادا پەرۋاز قىلىدۇ . گۇڭئېرجيەن باھايىتى تېزلا چامباشچىلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنىۋالىدۇ . ھەربىر ھايۋاننىڭ ئازىدىن ياكسانىڭ بەدىنىنىڭ بۆلەكلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ، ئاخىرى ئاكىسىنى تىرىدۈرىدۇ .
    ۋېنگىرلارنىڭ ‹‹ شاھزادە بىلەن بۈركۈت قىزى ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : بۈركۈت شاھزادىنى بۇلاپ كېتىپ ، ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدۇرماقچى بولىدۇ . ئەمما ، مانگىس تۈرلۈك – تۈمەن ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئىلاجىسىز شاھزادە بىلەن قىز قېچىپ كېتىدۇ . مانگىس چوڭ بۈركۈتنى قارا بۇلۇتقا ئايلاندۈرۈپ قوغلاتقۇزىدۇ . لېكىن ، قارا بۇلۇت قوغلاپ يېتەلمەيدۇ . مانگىس ئۆزى چوڭ ئاق بۈركۈت سىياقىغا كىرىپ قوغلايدۇ : يەنىلا قوغلاپ يېتەلمەيدۇ . ئاخىر شاھزادە بىلەن بۈركۈت قىزى ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ .
    3 . سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ شۇدا شېئىر ماسەنگې ›› ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ماسەنگې ماساگىسلارنى يەڭگەندىن كېيىن ، ئۆڭۈردىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەياۇ ، چوڭ بىر بۈركۈت ئۆكڭۈرگە كىرىپ ، ماسەنگېنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .
    ۋېنگىرلارنىڭ ‹‹ دېھقان بالىسى بىلەن شاھ مەلىكىسى ›› ناملىق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : قىزىل چاچ ئات دېھقان بالىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ . بالا بۈركۈتكە ئۆزگۈرۈپ ، قىزىل چاچ ئات باقارنى يېڭىدۇ ھەمدە ئاتۇن بۈركۈتنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىش ماھارىتىگە ۋە ئاشۇ چىرايلىق پەيلىرىگە تايىنىپ شاھ مەلىكىسىنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ .

    ئورتاق ئانا تېمىغا ئىگە بولۇشنىڭ تارىخىىي مەدەنىيەت مەنبەسى

    يۇقۇرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئىككى گۇرۇپپا خەلق چۆچەكلىرىدىكى سېلىشتۈرمىدىن بايقاش تەس ئەمەسكى ، ئىككى تەرەپ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئانا تېمىسى ئورتاق . مۇنداق ئورتاقلىقنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى نېمە ؟ ئالدى بىلەن تارىخىي مەنبەلەرگە ئىچكىرلەپ كىرىپ مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى :
    سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى مىلادى 7 – ئەسىردە موغۇل ئېگىزلىكىدىكى سېلىنگا دەرياسى بوي؛ىرى بىلەن ئورخۇندەرياسى ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردۇر . بۇنىڭدىن ئىچكىرلەپ تەھقىقلىساەك ، ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى تېلىلار بىلەن چىن ، خەن دەۋرلىرىدە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان تۇرالار بىلەن قاڭقىلاردىن ئىبارەت . 840 – يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىدى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ ، ئۇيغۇرلار توپ – توپ بولۇپ كۆچكەن . بىر بۆلۈكى جەنۇپقا – خېشى كارىدورىغا كېلىپ ‹‹ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ›› ياكى خېشى ئۇيغۇرلىرى … دەپ ئاتالغان . بۇ بۆلەك ئۇيغۇرلار دەل بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمىدۈر . سېرىق ئۇيغۇرلار ‹‹ سۇڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دا ‹‹ 黄头回韩 ›› ( سېرىق باش ئۇيغۇرلار ) ، ‹‹ يۈەن سۇلالىسى تارىخىى ›› دا ‹‹ 撒里维吾尔 ›› ( سېرىق ئۇيغۇرلار ) دەپ ئاتالغان . بۇ ئاتالمىلار پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ‹‹ سېرىق ئۇيغۇر ›› دەپ ئاتىغانلىقىدىن كېيىنكى مەنە ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسىن ئىبارەت . ئەمما ، بۇنىڭ تەركىبىدىكى ( سېىق ) سۆزىگە نىسبەتەن تا ھازىرغىچە چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ . ئەمىليەتتە ، بۇ سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخى ھەل بولمىغان . ئېسىلىپ تۈرىۋاتقان مەسىلە .
    ۋېنگر مىللىتىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىمۇ تالاش – تارتىش ئۈستىدە كېتىۋاتقان بىر مەسىلە . 1982 – يىلى ۋېنگريىلىك ئالىم ئارمىن ۋامېرېي‹‹. مارجان ( ۋېنگرلار )نىڭ مەنبەسى ›› دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ۋېنگرلارنىڭ مەنبەسى تۈركىي خەلقلەر دېگەننى تەشەببۈس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ۋېنگرلارنىڭ ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى . يەنى … تۈركىي خەلقلەر بىلەن ugor ( ئۇيغۇر )لار ئۇرۇشى يۈز بەردى . گەرچە ، ۋېنگرلارنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرلار ، دېگەن قاراش توغرا دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ۋېنگر مىللىتىنىڭ تەركىبىدە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قېنى ئارىلاش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ .
    ۋېىگر ئۆزلىرىنىڭ ماجار ( Magyar ) دەپ ئاتايدۇ . ئىنگىلىز تىلىدا Hunggaxian ، فرانسۇز تىلىدا hongrois ، نېمىس تىلىدا Ungri دىن كەلگەن . لاتىن تىلىدىكى بۇ ئاتالغۇ 5 – ئەسىردىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى Dnogur دىن گەلگەن . بۇ نام ئەڭ ئاۋال قەدىمكى شەرقىي رىم تارىخچىسى پرىسكۇس ( priscus ) نىڭ خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ . ئۇ خاتىرىدە : تەخمىنەن مىلادى 461 – يىلدىن 465 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ساراگۇر ( Saragur ) ۋە ئون ئۇيغۇر ( On oghur )لار تۈنجى قېتىم ۋىزانتىيىگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن . بۇ مىللەرلەر سەل ئىلگىرى شەرق تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن . دەيدۇ . Saragur لار 466 – يىلى پارسلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ھەمدە ئامىنىيەلۇننى خارابىلىققا ئايلاندۇرۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن Saragur لارنىڭ 5 – ئەسىردىن كېيىنكى ئەھۋالى شەرقىي رىم تارىىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ . ئەمما ، 10 – ئەسىردىكى پارسلارنىڭ ئەسىرى .. دۇنيا جۇغراپىيە تەزكىرىسى …. ( Aiamaihudud ) ۋە 11 – ئەسىردىكى پارس تارىخچىسى گاردىزى ( Gardizi ) نىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان ، شۇنداقلا r , d , r , v ياكى r, e , n , n, n دىن ئىبارەت . ۋېنگرىيە تارىخنامىلىرىدا خاتىرلىنىشىچە ، قەدىمكى ۋېنگريىلىكلەر 5 – ئەسىردىلا ئاللىقاچان جەنۇبىي رۇسىيە تۈزلەڭلىكلىرىدە ماكانلاشقان . ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئارىلىىشپ ئولتۇراقلاشقان ، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . شۇنداقلا ، نۇرغۇن تۈركىي خەلقلەر ۋېنگرىيىلىك ئارىسىغا قوشۇلۇپ ، سىڭىشىپ كەتكەن . ۋېنگريىىنىڭ Ungarn , hungrans , Hungarian , , Venger , , دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملىرى بار ، بۇ ناملار پۈتۈنلەي تۈرك قەبىلىسى Onagur نىڭ نامىدىن كەلگەن . ئەينى چاغلاردا قەدىمكى ۋېنگرلارمۇ ئۆزلىرىنى ‹‹ ماجار ( Magyar ) ›› دەپ ئاتايتتى . بۇ نامنىڭ مەنبەسىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ Ungrain دېگەن قەبىلىسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان . ئوخشاشلا ، Saragur لارنىڭ تارىخىي شارائىتى ، كۆچكەن ۋاقىتمۇ ۋېنگريىلىكلەرنىڭ بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇناسىۋەتكە ئىگە . Saragur دېگەن بۇ سۆز بىلەن سېرىق ئۇيغۇر ( يۇگۇر ) لارنىڭ ئۆزلىرىنى Sarayour دەپ ئاتىشىنىڭ ئىنتايىن يېقىنچىلىقى بار . مېنىڭچە ، تا ھازىرغىچە ، ھەل بولماي مۇنازىرە ئۇستىدە تۈرۈۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئاتالمىسى مەسىلىسى بىلەن غەرپكە كۆچكەن Saragur قەبىلىسىنىڭ نامى تارىىىي مەنبە مۇناسىۋىتىگە ئىگە .
    ئىككىنچى مەسىلە ، مىللەرنىڭ قوشۇلىشى ، نەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىتىشلىرىمۇ تىل جەھەتتە پەرقلىنىدۇ . ھازىرقى ۋېنگر تىلىدىكى تەخمىنەن توققۇز پىرسەنت تۈركىي تىللار فوندىغا تەۋە . بۇنىڭ ئىچىدىكى سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ :
    سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ۋېنگر تىلىدا
    Tenger ( دېڭىز ) denas
    ( بۇقا ) baqa ( كالا ) bika
    ( قوي ) qoi ( قوي ) kos
    ( ئوغلاق ) kisga ( ئوغلاق ) kecske
    ( مېۋە ) alma ( ئالما ) alma
    ( قەھرىمان ) bater ( باتۇر ) bator

    ئۈچۈنچى مەسىلە ، مەدەبىيەت – سەنئەتنىڭ ئۆزلىگىدىن ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسىغا دەلىل بولالايدۇ . ۋېنگرىيە مۇزىكانتلىرى باتوك بىلەن كېداي خېلى بۇرۇنلا ۋېنگرىيە خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن شەرق ( ئاسىيا ) مۇزىكا مەدەنىيىتى ئوتتۇرسىدا قان بىلەن گۆشتەك زېچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى . كېداي ئۆزىنىڭ … ۋېنگرىيە خەلىق مۇزىكىلىرى ھەققىدە ، دېگەن كىتابىدا :‹‹ گەرچە ۋاقىت ۋېنگريىلىكلەرنىڭ چىراي – شەكلىدىكى شەرقلەرگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتىۋېتىشكە قادىر بولسىمۇ ، ئەمما مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ بۇلىقى – قەلب چوڭقۇرلىغىدا قەدىمىي شەرقنىڭ بىر قىسىم ئالامەتلىرى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغان . بۇ ۋېىگر مىللىتى بىلەن شەرق مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك مۇناسىۋەت بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ›› .
    ۋېنگرىيىنىڭ داڭلىق شائىرى پىتوفى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن پارچىلىرىدا ۋېنگر مىللىتىنىڭ شەرقتە پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ، ۋېنگرىيە ئالىملىرى خەلق چۆچەكلىرىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىنىڭ قويۇق شەرقچە ئالاھىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان . بەزى ئالىملار ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئەڭ قەدىمىي تەركىبلەرنى شەرقنىڭ شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەردىن ئىزدەپ تاپقان 。
    تارىخىي مەنبە مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەت پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسى . سېرىق ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەر بىلەن ئىلاھىي بۈركۈت رىۋايەتلىرى پۈتۈنلەي شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەدەبىيەتتىكى ئانا تېمىدۇر . ماجارلار غەرپ دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . خاتىرلىنىشىچە ، ماجارلار ئون ئىككى خىل ئىلاھقا چوقۇنغان . بۇلار ؛ قىش تەڭرىسى ، ياز تەڭرىسى ، يامغۇر تەڭرىسى ، شامال تەڭرىسى ، ئۆز تەڭرىسى ، ، كىشى تەڭرىسى ، ئات تەڭرىسى ، تۈن تەڭرىسى ، سۇ تەڭرىسى ، قۇياش تەڭرىسى ، ئۆلۈم تەڭرىسى يەر تەڭرىسى قاتارلىقلار . بۇ تەڭرىلەر شامان مەدەنىيىتى كاتېگويىسىگە تەۋە .
    مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەر شامان دىنى ئېتىقادىكى ئوخشىمىغان باسقۇچلارنى ئۆزىگە سىڭدۇرگەن . ئەدىبىي ئەسەرلەردە گەرچە مانگىس ئوبرازى ئادەملەردەك يارىتىلغان بولسىمۇ ، ئەمما مەزمۇنى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ، ئۇ شامان دىنىدىكى زېرەك تەڭرىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئومۇملاشتۈرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . مەسىلەن ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ .‹‹ ئۈچ باشلىق يالماۋۇز بىلەن باتۇر يىگىت ›› ناملىق خەلق چۆچىكىدىكى ئۈچ باشلىق يالماۋۇز ماھايەتتە ئوت تەڭرىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر . ئادەم بىلەن مانگىسنىڭ ئېلىشىشىدا ئىپتىدائىي خەلقلەنىڭ ئوتقا چوقۇنۇش ئىزنالىرى كۆرىنىدۇ . شۇنداقلا ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت ئۇستىدىن غالىپ كېلىپ كېلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئېتىدۇ . يىلان ، كەپتە تېرىلىرى ( سىياقى ) كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن ، بالا – قازانىڭ يۈز بېرىشىمۇ شامان دىنىدىكى بىر خىل سېھرىگەرلىك ۋاستىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەن . مانگىسنىڭ مۇشۇ خىلدىكى چۆچەكلەردە پەيدا بولۇشى ئەمىليەتتە ، شامان دىنى سېھىرگەرلىكىگە بولغان مەلۇم ئىزاھات ۋە چۈشەندۈشتۈر . مانگىس شامان دىنى ئېتىقادى دۇنياسىدا خۇددى بىر تال شەكىلسىز كۈمۈش يىپتەك ، كۆپلىگەن خىسلەتلىك ئىلاھلارنى غەيرىي تۈردە بىر – بىرىگە باغلاپ تۈرىدۇ . بۇ ھال بولۇپمۇ ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن . ئوخشاش بىر چۆچەكتە مانگىس شامال ، ئاي ، قۇياش دېگەندەك تۈرلۈك ئىلاھلار شەكلىدە نامايان قىلىدۇ . بۇ خىل ئىلاھلار قۇدرەتكە ئىگە كۈچ ، ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان رولغا ئىگە . شۇڭا ، ئەدىبىي ئەسەرلىرىدىمۇ ئەبەدىيلىك زوق پەيدا قىلالىغان . بۇمۇ مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا شەرق – غەرپ ئىككى جايغا بۆلۈنۈپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئارىسىدا ئىزچىل تۈردە ئورتاق ئانا تېما بولۇپ ساقلىنىپ كېلىشىدىكى تەبىئىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى .
    خان ئوغلى ۋە خانىشىنى تالىشىدىغان چۆچەك ۋەقەلىرىدە مانگىس يەنە بىر يېڭى رولنى ئېلىپ چىقىدۇ ، بۇ خىل رولنىڭ پەيدا بولۇشى شامان دىنىنىڭ تېخىمۇ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش يۆلۈنىشىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ . ئىنسانلاردا ھوقۇق ، مىراس بۆلۈنۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق يېڭى ئورتاق تېمىلار پەيدا بولدى . ئىلىم – پەن تەرەققى قىلمىغان ، جەمئىيەت تېخى مۇكەممەللشمىگەن دەۋرىدە پەيدا بولغان بۇ خىل زور مەسەلىلەر باشقا بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تىزگىنلەپ تۈردى . شۇڭا شامان دىنى سېھرىگەرلىكمۇ سىياسىي جەمئىيەتنىڭ نەزىر – چىراق مۇنبىرىگە چىققان .. سېھرىگەرلىك تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچنىڭ ئادەم ، ئىش ، شەيئىلەرگە قارىتا تەسىر كۆرسىتىشى ياكى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنىدىغان بىر ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسى بولدى . سېرىق ئۇيغۇ چۆچەكلىرى ۋە ۋېنگرىيە ىەلق چۆچەكلىرىدىكى مانگىس ئوبرازىنىڭ ئوخشاش ئىپادىلىنىشى ئەمىليەتتە ، سېھرىگەرلىك ئاساسىي قاراشلىرىنىڭ بىدەكلىكىدىن باشقا ، تۈپ نېگىزدىن ئېيتقاندا ، ئىككى مىللەتنىڭ بىۋاستە كۆزىتىش جەھەتتە ئىلگىرى ئوخشاش بىر زىمىندا بولغانلىقىدىندۇر .
    ئورتاق ئىلاھىي بۈركۈت ۋەقەلىكىدىكى بىلەن شامان دىنىنىڭ بۈركۈت روھى ئانا تېمىسى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە ، شامان – ئادەم بىلەن تەڭرى ئوتتۇرسىدىكى ‹‹ ئەلچى›› ھېساپلىنىدۇ . قەدىمكى خەلقلەردە : شامان تەڭرى تەرىپىدىن كىشىلەر ئارىسغا ئىلاھىي قۇدرەت يەتكۈزگىلى ئەۋەتىلگەن ، دەپ ئىشىنەتتى . ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر لوگىكسىغا ئاساسلانغاندا ، شامان ئادەم بىلەن تەڭرى ئوتتۇرسىدىكى ئەلچى بولسا ، ئۇنداقتا ، شامان مۇقەررەر ھالدا پانىي دۇنيا بىلەن باقىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدا كېلىپ – كېتىپ تۇرغان بولىدۇ . يەنە كېلىپ ، پانىي دۇنيا بىلەن باقىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدا كېلىپ – كېتىپ يۈرگۈچى تەبىئىي ھالدا ئۇچالايدىغان قابىليەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ . شۇڭا ، شامان دىنىنىڭ دۇنيا قارىشىدا : شامان ئۇچالايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . سېىق ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ گۇڭئېرجيەن بىلەن ياكا ›› ناملىق خەلق چۆچىكىدىكى ئۇچالايدىغان ئاق چاچلىق موماي ئەمىليەتتە شاماننىڭ نامايەندىسى . شامان دىنى ئېتىقادىدا ساما چەكسىز ، سامادىكى قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلارمۇ مۇقەددەس ، دەپ قارىلىدۇ . ئومۇمەن ، ساماغا يېققىن بولغانلىقى نەرسە ، ئالايلۇق ، ئىگىز تاغ ، ئىگىز دەرەخ قاتارلىقلار ھەمىشە پەرىشتىلەر كىشىلەر ئارىسىغا چۈشىدىغان ‹‹ ئاسمان شوتىسسى ›› ھېساپلىنىدۇ . پەرىشتىلەرنىڭ روھى چۈشكەن جاي ئالاھىدە قەدىرلىنىدۇ . ئوخشاشلا ، بۇرۇنقى كىشىلەر سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قىران بۈركۈتنىڭ ئىگىز – ئىگىزلەرگە ئۆرلەپ بۇلۇتلار ئاسىغا شۇڭغىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئىگىز تاغ ، ئىگىز دەرەخلەرگە سېلىشتۈرغاندا ئەرشىئەلاغا ، پەرىشتىلەرگە تېخىمۇ يېققىن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن . شۇڭا بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بۈركۈتتىن ئىبارەت بۇ ئوبيكتىغا نىسبەتەن سەزگۈ بىلەن ھېسىيات ، ئبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپ زىچ بىلىشىپ ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان . ئاستا – ئاستا ، بۈركۈتنىڭ سىرلىق كۈچى ، سىرلىق خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالامىتى بولۇپ قالغان .
    بۈركۈتكە چوقۇنۈش قارىشىبىللەن شاماننىڭ سىرلىق كۈچىگە چوقۇنۈش قارىشىنى بىرلەشتۈرگەندە قويۇق شامان مەدەنىيىتى تغسىگە ئىگە بۈركۈت ئەپسانىسى پەيدا بولغان . بۈركۈتكە چوقۇنۈش قارىشى بىلەن شامان دىنىنىڭ روھ يوقالمايدۇ ، دېگەن قارىشىنى بىرلەشتۈگەندە ، خەلق ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلىرىدىكى بۈركۈت روھى تېمىسى پەيدا بولغان .
    يۇقۇرىدا بايان قىلغانلىرىم پەقەت ئىككى مىللەتنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىگە قارىتا مەدەنىيەت شارائىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بارغان بەزى مۇھاكىمىلىرىم . مېنىڭچە ، ئەگر ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سېستىمىلىق سېلىتۈرما ئېلىپ بېرىلسا ، ئىشىنىمەنكى ، تېخىمۇ يېڭى ، تېخىمۇ مول نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ .

    ‹‹ مىراس ›› ژورنىلىنىڭ 1996 – يىل 3 – سانىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.