ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-13

    قىزىل مىڭ ئۆي - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/88797060.html





    قىزىل مىڭئۆي— دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم غارلىرىنىڭ ۋەكىلى ، باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىز شەرقىي جەنۇبىغا ، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان . غارلار شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇۇلغان بولۇپ ، جىلغىنىڭ غەربى ، جىلغا ئىچى ، جىلغىنىڭ شەرقىي ۋە تاغ كەينىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلىدۇ . رەسمىي نومۇر قويۇلغان غار 236 ، ئاساسىي جەھەتتىن غار شەكلىگە ئىگە ئۆڭكۈرلەر 334 كە يېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غار شەكلى بىر قەدەر مۇكەممەل ، تام رەسىملىرىنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان غار 70 تىن ئاشىدۇ . قىزىل مىڭئۆيىنى ياساش تەخمىنەن مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنپ ، 8 ~ 9 ئەسىرلەردە توختىغان بولۇپ ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر قېزىلغان چوڭ تىپتىكى غارلار توپى ھېسابلىنىدۇ . قىزىل مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىناكارلىق ، ھەيكەللەر ، تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .


    قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى كۈسەن بۇددىزىم سەنئىتى ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ ، ئۇ بىناكارلىقتىكى مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك غار تېخنىكىسى ، رەسساملىقتىكى رومبىسىمان تۈزۈلۈش ، سايىلاندۇرۇپ رەڭ بېرىش ۋە سىزىق بىلەن تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ، مول ۋەقەلىك رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يىپەك يولىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ۋە دىنلارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن قىزىل مىڭئۆي تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىپ ، ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە قايتىدىن بايقالدى . كېيىن روسىيە ، گېرمانىيە ، ياپونىيە ، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ تالان – تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ، نۇرغۇن تام رەسىملىرى بىلەن ھەيكەللەر چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بۇلاپ كەتكەن تام رەسىملىرى 400 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ . 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن كېيىن بۇ مىڭئۆي مۇھاپىزەت قىلىندى ۋە رېمونت قىلىندى . 80 – يىللاردا چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىندى . 1985 –يىلى ، كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ ، قوغداش ۋە تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى . ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.