ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-11-16

    ل.مۇتةللصپ تۇغۇلغانلصقصنصڭ 88 يصللصقصنص تةبرصكلةيلص - [شەخىسلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/84058764.html

    ئةسسالامۇ ئةلةيكۇم ھۆرمةتلصك ئةزصزلةر ياخشصمۇسصزلةر؟  بۈگۈن  ئۇلۇغ قۇربان ھېيت ھارپا كۈنص ، ئالدص بصلةن  بارلصق مۇسۇلمان قېرصنداشلارنصڭ قۇتلۇق ئايصمصنص  مۇباراكلةيمةن ، ھةممةڭلارنصڭ تېنصڭلار سالامةت ، ئصشلصرصڭلار بةرصكةتلصك بولسۇن !
     مۇشۇ مۇناسصۋةت بصلةن  سصلةرگة دېمةكچص بولغان يةنة بصر خۇشاللصق ئصش بۈگۈن 11-ئاينصڭ 16- كۈنص مةرھۇم ئوت يۈرةك شائصرصمصز لۇتپۇللا مۇتةللصپ تۇغۇلغانلصغصنصڭ 88 يصللصق خاتصرة كۈنص، مةخسصدصم بۇ قۇتلۇق ھارپا كۈنصدة ئوت يۈرةك شائصرنصڭ  تۇغۇلغان كۈنصنص  ئاددص بولسصمۇ تةبرصكلصسةك دېگةن ئۈمۈتتة بۇ تېمصنص ھةرقايسصڭلارنصڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .  بولسا بارلصق باس باس ئةھلص بۇ پائالصيةتكة ئاكتصپلصق بصلةن ئصشتصراك قصلصشلصرصنص چصن دصلصمدصن ئۈمۈت قصلصمةن . تۆۋةندة مةن  شائصرنصڭ تةرجصمھالص بصلةن ، بصر قصسصم خاتصرة سۈرةتلصرصنص ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم  دېققصتصڭلاردا بولسۇن !!! 


    [attachment=38894]




       


     ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ چۇنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا ئۆتۈپ، نىلقا ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقوتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.    لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقوپ تاماملىغان. 1936 - يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقوشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقوش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938 - يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش ل . مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى.    ل . مۇتەللىپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن يىللار ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۆرەش ئېلىمىزدە ئومۇميۇزلۈك قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ۋەتەن ۋە خەلق تەقدىرىگە كۆيۈنگەن ياش شائىر شۇ يىللاردا «جۇڭگو»، «چوڭ كۆرەش قوينىدا»، «جانان ئەيلەر»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، «جۇڭگو پارتىزانلىرى»، «بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى»، «كۆرەش»، «خەلقىمگە» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ ئازادلىقىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى، ياش ئەۋلادلارنىڭ يېڭىچە ئىنقىلابىي روھتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن زور ئىشلار قىلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى. ل . مۇتەللىپ ئۆز ئىجادىنىڭ 1 - دەۋرى بولغان 1937 - 1939 - يىللاردىلا ئۆزىنىڭ تالانتلىق بىر ياش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ مەيدانغا چىققانىدى.    ل . مۇتەللىپ 1939 - يىلى كۈزدە گىمنازىيىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى ئۈرۈمچىگەئوقوشقا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى - چېن تيەنچيۇ، ماۋزېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلار، ماۋدۇن (شېڭ يەنبىڭ) قاتارلىق ئىلغار يازغۇچىلار ئۈرۈمچىدە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. بۇ يەردىكى دارىلفۇنۇن، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يەنئەندىن كەلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقوپ كەلگەن زىيالىيلار دەرس ئۆتەتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى»، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئازاد رايونلاردىن كەلتۈرگەن كۆپ مىقداردىكى ئىلغار كىتاب، دەرسلىك - ئوقۇشلۇقلار، گېزىت - ژۇرناللار زىيالىيلار، ئوقوغۇچىلار، تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار كىشلەرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى ئىدى. گېزىت - ژۇرناللاردا، مەرىپەت مۇنبەرلىرىدە ئىلغار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تىغ ئۇچى دەل فاشىزىمغا، فېئودالىزىمغا ۋە جاھالەتكە قارشى قارىتىلغانىدى. ل . مۇتەللىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقوشقا كىردى. ئۇ مەكتەپتە غەيرىتى تولۇپ تاشقان، تىرىشچان، روھلۇق - جۇشقۇن بىر ياش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا تونۇلدى. ئۇنىڭ ئىلھام بۇلىقىدىن قايناپ چىققان «قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر - جاھان»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇر يىللار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس» ، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى يىل»، «چوڭ قەھرىمان ئويغاندى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا تارقالدى. ئۇ بۇ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىجادىي ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ھالدا، «قاينام ئۆركىشى» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدى. شائىر يەنە «يېتىپ بارىدۇ»، «ئازادلىق ــ كۆرەش» قاتارلىق بىر مۇنچە ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ يازدى. بۇ تېكىستلەر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ئوقوغۇچىلار مارشى سۈپىتىدە  شىنجاڭنىڭ ھەممە  جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە جاراڭلىدى.    ل . مۇتەللىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللمىندە ئىككى يىللا ئوقۇيالىدى. 1941 - يىلى يازدا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان ئېكىسپىدىتىسىيە ئۆمكىگە تەرجىمان بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدا بولدى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشى، جەمئىيەتنى ئۆگىنىپ، نەزەر ۋە بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيىتىش يولىدىكى بىر چوڭ ئىجىتىمائىي مەكتەپ بولدى. ئۇ بۇ سەپىرىدە  «دوستۇمغا»، «چىمەنگۈل سەھنىدە» قاتارلىق شېئىر ۋە ئوبزورلارنى يېزىپ قەشقەر گېزىتى» دەپ ئېلان قىلدى.    جەنۇب سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ «شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە بەلگىلەندى. بۇ چاغدا گېزىتخانىدا كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ تەسىرى زور بولۇپ، گېزىتخانا باشلىقى ۋە باش مۇھەررىر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرى ئاستىدا ل . مۇتەللىپ سىياسىي - ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىدى، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇ گېزىتتە «ئەەبىيات گۈلزارى» بېتىنى تەشكىل قىلىپ، بەدىئىي ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئاپتورلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، يېتەكلەش جەھەتلىرىدە كۆپ خىزمەت ئىشلىدى، ئۇنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىدە ئېلان قىلغان «لېنىن شۇنداق ئۆگەتكەن»، «ماي - كۈرەشچان ئاي»، «يانار تاغلار»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «ياشلىق، ئۆگەن» قاتارلىق شېئىرلىرى؛ «پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ۋە پارلاق» قاتارلىق فىليەتون، نەسىرلىرى؛ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» داستانى ھەمدە ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر بىر يۈرۈش پوبىلىستىك ماقالىلىرى ئەنە شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر كەڭ كىتابخانلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغانىدى.    ل. مۇتەللىپنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىجادىي ھاياتىدا دراما ئىجادىيىتىمۇ مەلۇم سالماق تۇتىدۇ. ئۇنى سەككىزگە يېقىن دراما، ئوپېرا ۋە كومېدىيە يازغانلىقى مەلۇم، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگەئېنىق بولغىنى، «چىن مودەن» دىرامىسى، «كۆرەش قىزى» ئوپېراسى ۋە «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» كومېدىيىسىدىن ئىبارەت. ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكى شائىرنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەيدانلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ بۇ ئۆمەكنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىپ، ئۇنىڭ كونسېرت، دىراما نومۇرلىرىنى تولۇق كۆرەتتى ھەمدە تونۇلغان دىراما تەقرىزلىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» ناملىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى.    1943-يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا كومپارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىنقىلابغا قارشى تەتۈر ئېقىم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي، ئىلغار زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تونۇلغان تالانتلىق ياش ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن چەتلەشتۈرۈلدى، تىياتىرخانىدىكى ۋزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقوقى مەنئى قىلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ يىلى 9 - ئايدا «خىزمەت يۆتكەش» باھانىسى بىلەن ئاقسۇغا ھەيدەلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار كۈچلەردىن يىراقلاشتۇرماقچى، ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى سۇندۇرماقچى بولغانىدى. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، ل . مۇتە مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى مەزگىلى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، ئىنقىلابىي، سەمەرىلىك يىللار بولدى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىكى كۈەش راسا كەسكىنلەشكەن بۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى سۈرگۈن قىلىنىپ شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ گومىنداڭ ئەسكىيەتچىلىرىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. ئۇ ئەنە شۇ ئىلغارلار سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىر جەڭچى ئىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قەتئىي قوللىغان ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇرەسسەسىز كۆرەش ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات بېتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ئۇ 1944-يىلى يازغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شېئىرى «شائىر ھەققىدە مۇۋەششەھ» دە شائىرغا خىتاب قىلىپ ئارقىلىق خەلقنى «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» قىلىشقا چاقىرغان بولسا، 1944-يىلىنىڭ يېڭى يىلىدا ۋە 1945-يىلنىڭ باشلىرى يازغان، ئىجادىنىڭ يۈكسەك پەسللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك» شېئىرلىرىدا كۈرەش _ ھاياتنىڭ مەنبەسى، كىشىلىكنىڭ ئالىي خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئازاد رايونلار ۋە ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت «يورۇق بۇرجەكلەر» دىن خەلققە بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئازادلىقى يولىدا يەڭ تۈرۈپ مەيدانغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى.    ئۇ ئاقسۇدا يەنە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىپ بەزى دراما، ئوپېرالارنى يازدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشتى ۋە رېژىسسورلۇق قىلدى، بەزى تىياتىرلاردا ئۆزى رول ئېلىپ چىقتى، ناخشا تېكىستلىرى يازدى، دېكوراتسىيىلەرنى ئىشلىدى. مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقوغۇچىلارغا خالىس تەربىيىچى بولدى، ئۇلارغا ناخشىلار ئۆگەتتى. قىسقىسى، ئۇ ئاقسۇغا كەلگەن چېغىدا ئېيتقان: «بىزنىڭ تالىشىدىغىنىمىز - مەنسەپ، شۆھرەت ئەمەس، پەقەت مەدەنىيەت _ مائارىپ» دېگەن سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ھارماي - تالماي تىرىشتى.    ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، دېھقانلارنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن، ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قولغا ئېلىندى. 1945-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى مۇز داۋان ئارقىلىق ئۆتۈپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم باشلىغاندا، گومىنداڭ ئەسكىيەتچىلىرى شائىرنىڭ تۈرمىدىكىلەرنى تەشكىللەپ ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن قورقۇپ، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 18-كۈنى شائىرنى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز ئۆزىنىڭ تالانتلىق شائىرى، جەڭگىۋار ئوغلى لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدى.    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ 23 يىللىق قىسقا ھايات مۇساپىسىدا  پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى، 15 يېشىدىلا ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان بۇ ياش تالانت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا، ئابستراكىتلىقتىن كونكرېتلىققا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ ،  ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىجادىيەت يولىنى ئاچتى. ئۇ بارماق ۋەزىن ۋە چاچما شېئىردىن ئىبارەت ئەركىن شەكىلنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى بولغان تىل ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە يېڭىچە ئەدەبىي تىلدا يېزىشنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى ساپ، ساددا، راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ، شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا بەدىئىي تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانت ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى.
        ئازادلىقتىن كېيىن خەلق ھۆكۈمىتى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1956 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىرنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدى؛ شۇ يىلى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا «مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» توپلىمىنى چىقاردى؛ 1959 - يىلى ئۇنىڭ شېئىرلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلا شېئىرلىرى توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى، كېيىن بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئېنگلىز، فرانسۇز تىللىرىمۇ تەرجىمە قىلىندى. 1981 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى شائىرنىڭ «ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ناملىق توپلىمىنى ئۇيغۇر تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلدى؛ 1982 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى«ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ تولۇقلانغان توپلىمى» نى نەشىر قىلىپ، بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئالتە پارچە شېئىرىنى كىرگۈزدى؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق توپلىمى - «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»نى نەشىر قىلدى.    لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ھەقىقەتەنمۇ، 40 - يىللار ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ.


    قوشۇنچة:لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .

     


    لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ

    !

    تۇرىمىز

     

    


    بۇ  رەسىملەر  ئۇزۇندىن  بۇيان  لۇتپۇللا  مۇتەللىپنىڭ  ئىش - ئىزلىرى ۋە  ئەسەرلىرىنى توپلاش، جامائەتچىلىك  بىلەن يۈز  كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن  يۈرەك  قېنىنى سەرپ  قىلىپ كېلىۋاتقان  تۇرسۇن ئەرشىدىن ئاكىمىزنىڭ«لۇتپۇللا  مۇتەللىپ »  ناملىق  كىتاۋىدىن  ئېلىنغان

    .1956-يىلى 8-ئاينىڭ8-كۇنى،جوڭخۋا خەلق جۇمھۇريتى مەركىزى خەلق ھۆكىمىتىنىڭ لۇتپۇللامۇتەللىپكە بەرگەن ئىنقىلابى قۇربانلار شەرەپ گۇۋانامىسى

      

     


      




      
      
      
      
      
      
      


     
     
     
      
    مەزكۇر رەسىملەرىنى كىتاپتىن سىكاننىرلاپ تەمىنلىگەن ئىنتىل سەينادىكى لۇتۇن بۇرادەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.