ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-15

    ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچىشىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلىگە تۈزىتىش - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75006677.html

    )لىن گەن گاۋزىخو(

    دوكتۇر مۇزەپپەر ئابدۇرۇسۇل تەرجىمىسى

    ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت بويىچە غەربكە كۆچكەنمۇ يوق؟ ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەنمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر تارىخىدا «غەربكە كۆچۈش دەۋرى» بولغانمۇ يوق؟ غەربكە كۆچۈش ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىللەر تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى تالاش تارتىش كۆپ بولغان، مۇنازىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭرى بولغان مەسىللەردۇر.

    Ⅰ.ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى «سەرگەردانلىق باسىقۇچى» مىلادى 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، سېلىنگا ۋە ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. بەزىلىرى جەنۇبقا قاچسا، بەزىلىرى غەربكە كۆچتى، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخى بۆلۈنۈش ۋە قاراملىق دەۋرىگە كىردى. بۇ مەزگىل، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمران بولۇش ۋە كۆچۈشىدىن تارتىپ كېينكى قايتا گۈللىنىشى ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسىي ھاكىمىيەتنى قۇرۇشقىچە بولغان مەزگىل «سەرگەردانلىق دەۋرى» دەپ ئاتالدى. بۇ دەۋىر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن باشلاپ (840- يىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىسى پانتېكىن، ئۆگى قاغان قاتارلىقلار كۆچمەن ئۇيغۇرلارنى باشلاپ چۆللۈكتىن ئايرىلىپ، يېڭىدىن ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەتنى تىكلىشىگىچە داۋاملاشتى. (تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن بەش دەۋىرگىچە بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ)، بۇ دەۋىر تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتى.

     تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشچە، «سەرگەردانلىق مەزگىلى» دە ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت بويىچە غەربكە كۆچمىگەن. چۈنكى ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە قەبىلە ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.

     1.ئوتتۇرا ئاسىيا چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچىسىدە خاتىرىلىنىشچە، مىلادى 805- 821- يىللىرى ئارىلىقىدا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇتلۇق بىلگە خاقان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان (بەزى تارىخ كىتابلىرىدە ئاي تەڭرىخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى زورىيىپ كۈسەن، قارا شەھەر رايۇنلىرىغىچە يەتكەن. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن: «تىبەت قۇشۇنى كۈسەنگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان ئەسكەر باشلاپ ياردەمگە باردى، تىبەتلار مەغلۇپ بولۇپ ، شۇ شەھىرىگە (بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) قېچىپ كىرىۋالدى، تۆت تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدۇق.» شۇنىڭدەك ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقاننىڭ ئوغلى كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇتلۈق بىلگە خاقان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادى 821-824) ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ۋادىسىغىچە يەتتى. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيىلگەن: «قارلۇقلارغا، تىبەتلارغا ھۇجۇم قىلدۇق، قورغانلىرىنى ئىگەللىدۇق، شىمالغا قوغلىۋەتتۇق، غەربتە پەرغانە ، كۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ۋە مال- چارۋىسىنى ئولجا ئالدۇق.» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى قارلۇقلار يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان. قارلۇقلار ئەسلىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ «تاشقى توققۇز قەبىلە»(توققۇز ئوغۇزلار) سىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھۈكۈمران گوروھ بىلەن زىددىيىتى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئازراق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى بار ئىدى. قارلۇقلار بۇ قېتىم قايتىدىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغاندا، بۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇمران بولىشى بىلەن ئۆز زىمىنىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمىدى. 2.تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدا چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىدى. جەنۇبى- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ۋۇخېلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 7- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يولباشچىسى پورۇن تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ بەشبالىقنى قولىغا ئالغان. (بۈگۈنكى جىمىسارغا توغرا كېلىدۇ). ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى كۈچى بارغانسىرى زورايغان. كېيىن تىبەتلار بېيتىڭغا ھۇجۇم قىلغان، قۇتلۇق خاقان (785- 805-)تەخىتتىكى چاغدا بېيتىڭنى قايتىدىن قولىغا ئالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بەشبالىقنىڭ ئەتىراپىدىكى رايۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىگە ئايلانغان. بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.

     3. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى خېشى كارىدورىدا ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تاشقى توققۇز قەبىلىسىدىن بولغان چىبنىلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يىۋۇنىڭ غەربىدە، قارا شەھەرنىڭ شىمالىدا، ئاق تاغنىڭ يېنىدا (تەڭرى تاغ) ياشىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قەبىلە باشلىقى چېبنىخىل قەبىلىنى باشلاپ شەرققە كۆچكەن. تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنى ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ۋە ۋۇۋىي ئەتىراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ۋۇزىتىيەن دەۋرىدە(7- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا) شەرقىي تۈركلەر شەرقىي تاغدا قايتىدىن گۈللىنىپ، كېينكى تۈرك ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەنە بىر قېتىم تۈركلەرنىڭ قۇلدارلىق ھاكىمىيتى ئاستىدا بولغان. ئېچىنىشلىق ئېزىلىش بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى گەنجۇ، لىياڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. «يېڭى تاڭنامە، ئۇيغۇرلار قىسىسى» دا خاتىرىلىنىشچە، «ۋۇزىتىيەننىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، تۈركلەرنىڭ مويۇنچۇر خاقانى كۈچۈيۈپ، تېلىلارنىڭ زىمىنىنى قولىغا ئالدى، ئۇيغۇر، چىبىنى، ئىزگىل قاتارلىق ئۈچ قەبىلە قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتۈپ، گەنجۇ، لىياڭجۇ ئەتىراپىغا ماكانلاشتى.» بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كېيىن تاڭ سۇلالىسگە ياردەملىشىپ «ئۆڭلۈك، سۆيگۈن» توپىلىڭىنى باستۇرغان. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل خېشى كارىدورىدا ياشىغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن غەربكە كۆچكەن ئەمەس   دىمەك، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالدىكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن( بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچكەن) باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز زىمىنىدىن يۆتكەلمىگەن. شۇڭا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تارىخىي دەۋىرنى «غەربكە كۆچۈش دەۋرى» دەپ ئاتىماستىن، «سەرگەردانلىق دەۋرى» دەپ ئاتاش كېرەك. بۇ دەۋىرنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ بىرلىكتىن بۆلۈنۈش دەۋرىگە قاراپ ماڭغان ئۆتكۈنچى دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.

    Ⅱ.سەرگەردانلىق جەريانىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇرخۇن ۋە سىلىنگا دەريا بويلىرىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۇمۇمىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە تارماققا بۆلۈنىدى:

     

    1. ئۆگى قاغاننىڭ جەنۇبقا كۆچكەن ئون ئۈچ قەبىلىسى. خانلىق يىمىرىلىپ ئىككىنچى يىلى(مىلادى 841-يىلى) تاڭ سۇلالىسى خۇيچاڭنىڭ بىرىنچى يىلى 2- ئايدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 13 قەبىلە ئۆگى تېكىننىڭ يولباشچىلىقىدا جەنۇبقا كۆچۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چىگرىسىدىكى سوزىشەنگە يىتىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلدى. ئۆگى قاغان جەنۇبقا كۆچۈش جەريانىدا، تاڭ تەيخېنىڭ مەلىكىسىنى ئالدى. مەلىكە تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ خانلىقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئەمەل ئىنئام قىلىشنى ئۆتۈندى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى»نى باستۇرۇشقا كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلىدى. ئاشلىق توپلاپ، ئۇيغۇرلاردىن ئات سېتىۋالغاندا قايتۇرمىغان قەرزلىرىنى قايتۇردى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇرات ئايمىقىنىڭ شىمالىدا چارۋىچىلىق قىلىشىغا قوشۇلدى ھەمدە ئۇنىڭغا خاقانلىق ئەمەلىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسى يەنە يوجۇ ئايمىغىنىڭ تۇتۇق بېگى جاڭ جوڭۋۇ، خېدۇڭ تۇتۇق بېگى ليۇميەننى شەرق-غەرب تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى يىغىپ ئەكېلىپ جايلاشتۇردى تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغانغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. چۈنكى ئۇ چاغدا خانلىق يىمىرىلىپ ھەرقايسى قەبىلىلەر تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، مەركىزىي سىياسىي ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇشتىن قالغان ئىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۆگى قاغاننى يۆلەپ، ئۇيغۇر خان قايتىلىقىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېروتىرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى قايتىدىن ياخشىلاشنى خالايتى. شۇ مەزگىلدە تاڭ سۇلالىسى نەچچە قېتىم مەكتۇپ يوللاپ ئۆگى قاغاننى ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتىدىن قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. تاڭ سۇلالىسى يەنە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۆگى خاقانغا ياردەملىشىپ خانلىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، سەرگەردان بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئەۋلادلارغا يۈز كېلىپ، خەلىق ئۈمىدىنى ئاقلاشقا دەۋەت قىلدى. تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆگى قاغاننىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۆز خان ئۆز بەگ بولۇۋالماسلىققا، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىماسلىققا، خاقان بىلەن بىرلىشىپ، قايتىدىن كۈچلىنىشكە دەۋەت قىلدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئۆگى قاغاننىڭ دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرگۈدەك مادارى يوق ئىدى. پەقەت چېگرىدا پۇرسەت كۈتۈپ يېتىپ، تاڭ سۇلالىسىغا ئاشلىق ئۆتنە بېرىش ۋە تۇرغۇدەك شەھەر بېرىپ تۇرۇش تەكلىپىنى قويدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئاشلىق ئۆتنە ئېلىش قاتارلىق يوللۇق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شەھەر ۋە قوشۇن ئۆتنە ئېلىشتەك يولسىز تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۆگى قاغان چېگرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان بولسىمۇ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قايتىپ كېتەلمىدى، ئەكسىچە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز تەلىپىنى قاندۇرمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ، بارا-بارا چېگرىدا ئەسكىلىك قىلىپ، خەلقنى بۇلاپ-تالىدى. تارىخي مەنبەلەردە «خاقان ئاۋال داتۇڭچۈنگە ھۇجۇم قىلدى، ئارقىدىن يۈن جوۋغا(بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ داتۇڭ شەھىرى) ھۇجۇم قىلدى.» «خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى (مىلادى 842-يىلى) كۈزدە، ئۆگى قاغان قول ئاستىدىكى ئون تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ لۈمېنشەننىڭ شىمالىغا( يۈن جوۋغا) ئورۇنلاشتى. شەنشىنىڭ شەرقىي شىمالى، تىيەن دې، جېن ۋۇ، يۈنسۇ قاتارلىق جايلاردا پات-پات بۇلاڭچىلىق قىلدى.» دەپ خاتىرىلەنگەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تاڭ سۇلالىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى مۇھىم بىلىپ، ئۇنىڭغا تالان-تاراج قىلىشنى توختىتىپ، تېزلىكتە قۇملۇقنىڭ شىمالىغا قايتىپ قايتىدىن سەلتەنەت قۇرۇش توغرىسىدا قايتا-قايتا نەسىھەت قىلدى. ئەمما ئۆگى قاغان بۇلارغا پىسەنت قىلماي، يەنىلا «چېگرىنى قالايمىقان قىلىپ يۈردى.» شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئامالسىزلىقتىن ئەسكەر باشلاپ، خۇيچاڭنىڭ 3-يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىمدىلا ئۆگى قاغاننىڭ قالدۇق قوشۇنىنى تارمار قىلىپ مەلىكە تەيخېنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئۆگى قاغان شەرققە قاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگى قاغان چىگرىغا قايتا قەدەم باسالمىدى. ئۇ شەرقتىكى شىرۋىيغا تەسلىم بولدى. قول ئاستىدا ئۈچ مىڭچە ئادەم بار ئىدى. خۇيچاڭنىڭ 6-يىلى(مىلادى846-يىلى) كۈزدە پىستىرمىغا ئۇچىراپ ئۆلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆگى قاغاننىڭ ئىنىسى ئىنەن تېكىن خاقانلىققا تەيىنلەندى. ئىنەن تېكىننىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەم-خەشىكى ئاساسى جەھەتتىن شىرۋىي پادىشاھىدىن كېلەتتى. داجۇڭنىڭ 1-يىلى (مىلادى847-يىلى) تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىرۋىي قەبىلىسىنى تارمار قىلدى، ئىنەن تېكىننىڭ قوشۇنىنىڭ يەم-خەشىكى ئۆكسۈپ، بارا-بارا تارىلىپ كەتتى. خان جەمەتىدىن پەقەت بەش يۈزلا ئادەم قالغان بولۇپ، شىرۋېيغا بويسۇناتتى. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئىنەن تېكىننى تۇتماقچى بولدى، بۇنى ئاڭلىغان ئىنەن تېكىن


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.