-
2010-09-11
ئاياللار ھەققىدە ھىكمەتلەر - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/74728469.html
شەرىم- ھايا ئېسىل پەزىلەت ئاياللىقنىڭ گۈل-تاجىسى.
ياخشى ئايال ئەنىڭ بارلىق ئېغىرىنى كۆتۈرىدۇ.
ئاياللارنى سۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش دېمەكتۇر .
ئاياللىق _تەبىئەتنىڭ شاھ ئەسىرى.
ئاياللىق _ـ گۈزەللىك قەسىرىنىڭ مەلىكىسى .
ئاياللىق_ ئەجداد ۋە ئەۋلات مەرۋايىتلىرىنى تىزغۇچى رىشتە، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇقەددەس ساھىبى .
ئاياللىق_ ئىلھام چەشمىسى، ئارزۇ يەلكىسى ، ئۈمۈد چولپىنى ، بەدئى ئەسەردىكى يالقۇنلۇق يۈرەك .ئاياللار_ ئۆز مىللىتىگە ، ئۆز مىللى مەدىنىيىتىگە ، ئۆز ئېتنۇگىرافىيىسىگە خاس ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق رېلىسىدىن چەتنىمەسلىگى لازىم . شۇ چاغدا ئانا ئۆز پەرزەنتلىرى نەزىردىكى ، دىلىدىكى، تىلىدىكى ئۇلۇغۋار سىماغا ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق ئۇل تىزغۇچى بىناكارغا ، تۇرمۇش گۈلشىنىنىڭ ھەقىقى باغۋىنىگە ئايلىنالايدۇ .
ئانا تۇپراققا ئوخشايدۇ ، ئۇ ياخشى پەرۋىشكە مۇھتاج ، ئانا ۋەتەنگە ئوخشايدۇ ، ئۇ قوغداشقا سۈيۈشكە مۇھتاج.
قىزلىرىمىز _ مىللەتنىڭ غۇنچىلىرى ، ئانا بولغۇچى مۇبارەك كىشىلىرىمىز . ئۇلارنىڭ ئىپپەت سارىيىنى قوغداش بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىپپەت غۇرۇرىنى قوغداش دېگەنلىكتۇر .
تارىخ ئومۇمىيلىق خەھەتتە ، بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك ئاياللاردىن چىققان تارىخى شەخىسنىڭ تولىمۇ ئازلىغى بىلەن ئەمەس، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاياللارنىڭ تارىخى شەخسلەرنى ۋە پۈتكۈل بىر دەۋرى يەنە بىر دەۋر كىشلىرىنى قانداق يېتىشتۈرگەنلىكى بىلەن ئۆز سەھىپىلىرىنى بېزىگەن .
<<ئابدىشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ھىكمەتلىرى>>دىن .
收藏到:Del.icio.us
评论