-
2009-07-02
دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابە — يارغول قەدىمكى شەھىرى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41810911.html
يارغول قەدىمكى شەھىرى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن ئون كىلومېتىر غەربىدىكى يار ئېغىزى غولىغا جايلاشقان . خارابە جايلاشقان تۆپىلىك تىك قىيالىق بولۇپ ، نىسپىي ئېگىزلىكى 20~30 مېتىرگە يەتكەچكە ، قىيانىڭ گىرۋىكىدىكى مۇداپىئە توساق تېمىدىن باشقا ، ئادەتتىكىدەك سېپىللار يوق . بۇ تۆپىلىك تال يوپۇرمىقى شەكلىدە بولۇپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1700 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە ئەڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ . قۇرلۇشلار ئاساسەن شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 360 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ جەنۇبىي ، شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدا ياردىن ئېچىلغان قوۋۇق بار . جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن شەرقىي قوۋۇق قەدىمكى شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ ، شەھەرنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ يول جەنۇبىي ۋە شەرقىي قوۋۇقلار بىلەن تۇتىشىدۇ ھەمدە قۇرلۇشلار مەركەزلەشكەن رايوندىكى 47 تار كوچىنىمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئاھالىلەر ئولتۇردىغان قورۇ – جايلارنىڭ ئىشىكلىرى بىۋاستە چوڭ يولغا قارىتىپ ئېچىلماي ، بەلكى تار كوچىلار ئارقىلىق چوڭ يولغا تۇتاشتۇرۇلغان .
ھازىر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلاردىن ئوخشىمايدىغان بىناكارلىق تېخنىكىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، يەرنى كولاپ تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى ئالغاندا ، بۇنىڭدا تام ئورنى قالدۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچى – سىرتى كولانغاندىن كېيىن تام شەكىللىنىدۇ ، بۇ ئەڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخنىكا ۋە ئاساسلىق قۇرلۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە خاڭداش ، لاي دۆۋلەش ، كېسەك – چالمىلار بىلەن قوپۇرۇش ، گەمە كولاش قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ بولۇپ ، ئۇلار ئوخشىمايدىغان رول تەرتىپى ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلغان . يارغول تۆپىلىكىنىڭ شىمالىدا ، يەنە تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە قىيپاش يوللۇق ، ئۆڭكۈرسىمان لەھەتلىك نەچچە ئون قەبرە بار . بۇ قەدىمكى شەھەر مەمىلكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .
历史上的今天:
ﮬﺎﻳﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ 2009-07-02كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار 2009-07-02تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم - 2009-07-02
收藏到:Del.icio.us