ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-26

    شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41531154.html

    [size=5][/size]
     
    [size=4]   سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىل بېسىپ قويۇلغان مىللىي مەسىلە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ گەۋدىلىنىپ چىقتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئورنىتىلغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پرىنسىپلىرى تەۋرىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي ھاياتىدا كۈچلۈك سىلكىنىشلەر يۈزبەردى. مىللىي مۇناسىۋەت دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇقىملىقىدىكى بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. لېكىن دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مىللىي مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تۈزلا قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار ئىقتىسادتتىن باشقا يەنە مىللەت، دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى پەرق ھەمدە بۇ سەۋەبتىن ئاجىز توپ ئۇچرىغان تەڭسىزلىك ۋە ھوقۇق مەنپەئەتتىن مەھرۇم بولۇش قاتارلىقلاردۇر. شۇڭا باراۋەرلىك ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ( ئاپتونومىيە ھوقۇقى) دائىم مىللىي مەسىلىلەردىكى يادرولۇق مەزمۇنلاردۇر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رويونىنى ئېلىپ ئېيتساق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردىن بېرى، خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان تۈركۈم تۈركۈملەپ كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن بۇ يەرنىڭ مىللەت قۇرۇلمىسىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى. مىللىي تەركىب ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىكى 13 دىن كۆپىيىپ 54 كە يەتتى. تارىختىن بېرى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى جىددىي تۆۋەنلىدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيىسىدە تۇرماقتا. ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات شارائىتى ۋە تەلىپى بويىچە ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات يوللىرىدا ماڭماقتا. لېكىن ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگىنى ئوخشاش بىر خىرىس: زامانىۋىلىشىشنىڭ خىرىسى، قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقىنى ئوخشاش بىر ئىستىقبال: مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىك شەكلى، دىنى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مائارىپى، كېلىمات ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرقلەر مەۋجۇت. شىنجاڭنىڭ رايون ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بولۇپمۇ غېرىبنى ئېچىش شارائىتىدا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن رايون ۋە مىللىي تەرەققىيات ئىستىراگىدىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭدا تارىختىن بېرى ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ياكى بېكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇلغان ۋە بارغانسېرى چەتكە قېقىلغان ئەھۋال ئاستىدا نامراتلىقنىڭ يامان سۈپەتلىك چەمبىرىكىگە كىرىپ قالدى ياكى كۈچ سىنىشىشلار ئارىسىدىكى قۇربانلىققا ئايلاندى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىمكى، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بولمىسا جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر دائىم نامراق ۋە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋەرسە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قىيىنغا توختايدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باھا بەرگىنىمىزدە بىز چوقۇم شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە تۇرۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىگە بېرىپ تاقىلىدىغان كەڭ دائىرە، تارىختىن قالغان مەسىلىلەر، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال ۋە ھالەتكە دىققەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشىمىز لازىم. مەن ئىشىنىمەنكى، پۈتۈن دۇنيا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن قانچىلىك مەنپەئەت ئالغانلىقىغا قاراپلا ئادىل باھالىيالايدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغاندا تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىدە شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپىنىڭ قىسمىتى ۋە ئىستىكىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى كۆپ مەنبەلىك ۋە ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە يېشىپ بېرىشىمىز ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. 
    بۇ دوكلاتتا شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىنىدۇ: 1، مىللىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسىي پرىنسىپلار. 2. شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، 3. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپىنىڭ مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى، 4. بىلىمدىكى نامراتلىق ۋە مائارىپتىكى تەڭسىزلىك قاتارلىقلار، 5. ھوقۇق فۇنكىتسىيىسى ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇش ئىقتىدارى، 6. تۈزۈمدىكى يەكلەش، 7. گۇرۇھلارنىڭ تاكتىكىسىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى.[/size]
     
    [size=5]1، مىللىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسىي پرىنسىپلار[/size]
     
    [size=4]مەيلى نەزىريىۋىي جەھەتتىن ياكى ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتايلى، دۆلەتنىڭ مىللىي مەسىلىدە ئوينىغان رولى ھالقىلىق رولدۇر. ئادەتتە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى مۇنداق ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىرى، مىللىي ئەندىزە. بۇ خىل ئەندىزىدە غايەت زور مىللىي پەرق ھەتتا ئېغىر دەرىجىدىكى بۆلىنىش خاھىشى بار دۆلەتتە مەلۇم مىللەت توپى باشقا مىللەت توپىدىن بەكرەك ئەتىۋارلىنىدۇ. مىللىي ئەندىزە يولغا قويۇلغان دۆلەتتە، مىللەتچىلىك ماھىيەتتە پۇقرالىقنى ياكى زېمىننى ئاساس قىلغان بولماستىن بەلكى مىللەتنى ئاساس قىلغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ شەكىلدە دېموكراتىك تۈزۈمدە بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارغا بولغان مۇئامىلە ۋە ھوقۇق مەنپەئەتكە كەلگەندە، دېموكراتىيە ئالدىن ئويلىشىلىدىغان مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئورۇن بوشۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ بولسا قوللانغىنى مۇستەبىتلىك تۈزۈم بولۇپ، دائىم زورلۇق ۋە غەيرىي زورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن بېقىندى ھالەتتىكى ياكى سانى ئاز بولغان توپقا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ ياكى كۆپ سانلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئورنىنى ساقلايدۇ. يۇقىرىقى ئىككىلا خىل ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتنىڭ رول ئوينىشى بىلەن، مەلۇم بىر مىللەت توپى ياكى ئۇنىڭ يەككە ئەزالىرى باشقا توپ ۋە يەككە ئەزالارغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ۋە ئالاھىدە ھوقۇق مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ئازسانلىق مىللەتلەر ياكى ئاجىز توپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدە نىشانىدىن سىرتتا قالدۇرۇلىدۇ. ئۇلار سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىمۇ قىيىنچىلىققا يولىقىدۇ. لېكىن ھەرقانداق مىللىي توپنىڭ باراۋەرلىك، تەۋەلىك ۋە كىملىكتىكىنى ئىستىشى ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپ بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل سەل قاراش ۋە بېسىقتۇرۇلۇشنى كۆتۈرمەيدىغان ۋە مەسلىھەت قىلغىلى بولمايدىغان ئىنسانىي تەلەپتۇر. ئىككىنچى بىر خىلى دېموكراتىك ئەندىزە. دېموكراتىيە مەلۇم ئالاھىدە سىياسىي قۇرۇلما ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىللىنىش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى خىل ئاساسلىق پرىنسىپى بار: بۇنىڭ بىرى ئەركىنلىك، يەنە بىرى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باب باراۋەر بولۇشىدۇر. بۇ ئىككى خىل شەرتنىڭ ھەرقانداق بىرى كەم بولسا، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ۋە دېمىكراتىيە بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا، مىللىي بۆلىنىش ئېغىر بولغان دۆلەتتە ئورنىتىلغان دېموكراتىك سىياسىي گەۋدە يەنە دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باراۋەر سىياسەت ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى جازالىشى ھەم نازارەت قىلىشى لازىم. دېموكراتىك ئەندىزىنىڭ مەقسىتى، ھەرقانداق بىر توپنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى ياكى دۆلەتنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە سالاھىيەت بېرىشىگە خاتىمە بېرىپ، ھەممىگە تەڭ كۆزدە قاراپ، بارلىق توپلارغا باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھەرخىل توپلارنىڭ رىقابىتىدىكى بىتەرەپلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. يەنى، دۆلەت بارلىق توپلارنى ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشى زۆرۈر. جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۈتۈن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىن، ئېتىقاد، مىللەت ۋە جىنس ئايرىماي قانۇن ئالدىدا تولۇق باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللىي سىياسەتلەردە ئاپتونوم رايون ۋە ئوپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ ھەرتۈرلۈك ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار. بۇ يەنە ئۆز رايونى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولغان ئاساستا ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكىي مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، يېڭىچە تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتۇر. بۇ خىل مۇناسىۋەت مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەم مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسى ۋە بىر بىرىنى چۈشىنىشىگىمۇ پايدىلىق. ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان بۇ يېرىم ئەسىردىن بېرى، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. ئۇلار ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىلگىرىكى ئەجدادلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش ئەھۋالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولدى. مەسىلەن ھەرقېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىقىنى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىر ئۆتەۋاتىدۇ. شىنجاڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاش، دۆلەتنىڭ سىياسىي گەۋدىسى ۋە پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەنىلا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا بىر قىسىم ئورۇم ۋە رەھبەرلەرنىڭ تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، قارىشى مۈجمەل، دۆلەت بىلەن يەرلىك، كوللېكتىپ بىلەن شەخس، مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن مىللىي تەرەققىياتنىڭ پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تونۇش يەنىلا ئىنتايىن غۇۋا.
    شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە شىنجاڭ غېرىبنى ئېچىشتىن ئىبارەت سانسىز ئەسىردە بىر كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگونىڭ 21- ئەسىردە غەرىپنى ئېچىشتىكى مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مول كان بايلىقلىرى ۋە فوتوتېرمال ئېكۋوتىك شارائىتقا ئىگە. تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق ماددىي ئاساس ۋە تەرەققىياتنى غەربكە يۈزلەندۈرىدىغان يەرلىك سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي كۇلتۇر ئەۋزەللىكىگە ئىگە. لېكىن غەرىپنى ئېچىش ستراتىگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەلۇم ماددىي شارائىتلارنى ھازىرلاشتىن باشقا يەنە بىرقەدەر ياخشى نوپۇس مۇھىت شارائىتىنىمۇ ھازىرلاش لازىم. بۇ نوپۇس سانىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەم مۇۋاپىق نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە ياخشى نوپۇس سۈپىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا نوپۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە يۆتكىلىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشلەرمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ غېرىبنى ئېچىش جەريانىدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ. كۆپ مىللەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زېمىن ئۈستىدىكى جايلىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئۆزگىرىشى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي يەنە نوپۇس ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ رايونلار ئارىسىدىكى ئېقىپ يۈرۈش ئەھۋالى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ
    شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى كەسكىن پەرقلىنىدۇ. باشقا ئوبلاس ۋە ۋىلايەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىلى ئوبلاستىنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا 44.60 كىشى توغرا كېلىدۇ، ئۇندىن قالسا قەشقەر ۋىلايىتى، ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا 25.1 كىشى توغرا كېلىدۇ؛ ئەڭ تۆۋىنى بايىنغولىن ئوبلاستى بولۇپ ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا ئاران 2.4 كىشى توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۈچ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىمۇ سېلىشتۇرما ئىچىگە كىرگۈزسەك پەرق تېخىمۇ زور. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، جەمئىي 54 مىللەت بار. مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تارقىلىشى چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 39. 87% نى ئازسانلىق مىللەتلەر 60. 137% نى ئىگىلەيدۇ. ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاساس بولۇپ، پۈتۈن ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 75.88%نى، پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 45.62%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، لېكىن نىسبەتەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ۋىلايەتلىرى ۋە بايىنغولىن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئوبلاستلارغا (جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ۋىلايەتلىرى ۋە بايىنغولىن، قىزىلسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇلرلارنىڭ تەخمىنەن 70% نى ئىگىلەيدۇ.) شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى ۋىلايىتى ( ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) ۋە ئۈرۈمچى شەھرى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) ، شۇنداقلا شەرقى شىنجاڭدىكى تۇرپان (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  ئەڭ كۆپ) ۋە قۇمۇل (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) قاتارلىق جايلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇندىن باشقا سانجى ئوبلاستى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ)، تارباغاتاي (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارلىق مىللەتلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ)، بۆرىتالا (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ)، ئالتاي (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارلىق مىللەتلەر 3- ئورۇندا تۇرىدۇ) ۋە قاراماي شەھرى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) قاتارلىق رايونلاردا ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان.[/size]
     
    [size=5]  2. خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى[/size]
    [size=4]
                      شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسى روشەن ھالدا كەڭ تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىكى زور كۆلەمگە ئىگە. شىمالىي شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 73.  29% نى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەنزۇلار بولسا 26. 71% نى ئىگىلەيدۇ. ھەرقايسى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا، ھەرقايسى رايونلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ تارقىلىش ئۆز تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئىككى خىل تەسىرى بىلەن، ئۈرۈمچى، ئىلى ئوبلاستى ۋە سانجى ئوبلاستىدىكى خەنزۇلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر زور بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 10% دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆز رايونىدىكى نوپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 72.  72%، 44. 71% ۋە 74.  88%. بۇ ئۈچ رايوندىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 58.22%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا شىمالىي شىنجاڭنىڭ قارىماي، شىخەنزە، كۈيتۈن شەھەرلىرى ۋە شەرقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 75%، ھەتتا 98% دىن يۇقىرى بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپراقىنى ئىگىلەيدۇ.[/size]
     
    [size=5]3. قازاقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى[/size]
     
    [size=4]                  شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ ئازسانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىدە، قازاقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىشىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 94.27% نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجادىكىسى بولسا ئاران 5.73% دۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 36.76% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 17% دىن كۆپراقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆز رايونىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 49.31% ۋە 24.63%. سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا يەنە قۇمۇل ۋە بۆرتالالارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.[/size]
     
     
    [size=5]4. خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى[/size]
     
     
         [size=4]       شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار نوپۇسىنىڭ 83.27% نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجادىكىسى بولسا 16.73% دۇر. رايونلار ئىچىدە سانجى ئوبلاستىدا ئەڭ كۆپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 21.45% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئىلى ۋىلايىتى ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار نوپۇسىنىڭ 20.86% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى 3- ئورۇندا بولۇپ، 18.71% نى ئىگىلەيدۇ. تارباغاتاي، تۇرپان، بايىنغولىن ۋە ئالتايلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 7.68%، 4.58 ۋە 6.69%.1949.يىللدىن بۇيان  خۇيزۇلارخىنجىئاڭدا نوپۇسى ئەڭ تەز كۆپەيگەن زاسسانلىق مىللەتت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[/size]
     
    [size=5]5. قىرغىزلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى [/size]
     
     
    [size=4]              قىرغىزلار ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىرغىزلار نوپۇسىنىڭ 88.38% نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 76.98% ئى قىزىلسۇ ئوبلاست چېگرىسى ئىچىدە. توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇندىن قالسا قىرغىزلارنىڭ 9.54% ئى ئىلى ۋىلايىتىدە، 5.07% ئى بولسا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە.
    مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر ھەققىدە تەھلىل
    شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ئاساسەن كۆچمەنچىلىك سىياسىتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر بازار ۋە يېزىلارغا ئادەم كۆچۈشتە بىۋاسىتە ئارىلىشىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. دۆلەت ئىزچىل ھالدا كۆچمەنلىكنى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ كەلمەكتە. خەنزۇلارنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىشى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. 
    1949- يىلى شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 6. 71% نى ئىگىلەپ، 3- ئورۇندا تۇرىدىغان خەنزۇلار نوپۇسى 1997- يىلىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ 38.41% گە يېتىپ، ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچمەنلىكنى يولغا قويۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىگە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى ئېچىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشتۇر. ھازىر كۆرۈنۈشتە بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشقاندەك قىلىدۇ، لېكىن خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىشى شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش، بايلىق مەنبەسى، مائارىپ، شەھەرلەشتۈرۈش ھەمدە جامائەت ئاپپاراتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور بېسىم پەيدا قىلدى. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا يېڭىدىن قوشۇلغان ھەر تۆت نوپۇسنىڭ بىرى ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇس بولۇپ، گەرچە بۇ قەدەر كەڭ كۆلەمدە ئاھالە يۆتكەش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى مىللەرلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ جايلىشىش ھالىتىدە يەنىلا تەكشىسىزلىك ساقلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەنلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بولۇپ قېلىۋېرىپ، خەنزۇ ئاھالىلىرى ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ بازار ۋە يېزا قىشلاقلىرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر بازارلىرىغىلا ئورۇنلاشتى. ئۇندىن باشقا خەنزۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقراقى ( 1997- يىلى شىنجاڭدىكى خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ 36.11% ئىنى ئىگىلەيدۇ ) نىسبەتەن ئايرىلىپ تۇرغان بىڭتۈئەندە ( شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 13.88% ئىنى ئىگىلەيدۇ) ياشايدۇ. بۇ خىل ئولتۇراقلىشىش ئېلىپ كەلگەن مىللىي ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتى شىنجاڭدىكى مىللەرلەر مۇناسىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كۆچمەلىككە ئىلھام بېرىش توختىتىلىشى، دۆلەت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ياكى باشقا ھەرقانداق بىر توپنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۆپسانلىق توپقا ئايلىنىشىنى توسۇماسلىقى كېرەك. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرىگە ئاساسەن قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئېنىقلىما “ شىنجاڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونى، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئاللىقاچان ئولتۇراقلىشىپ بولغان ۋە بۇندىن كېيىن ئولتۇراقلىشىدىغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت پۇقرالىرىنىڭ رايونى” دېگەندىن ئىبارەتتۇر.[/size]
     
    [size=5]شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەرلەر توپىنىڭ نوپۇسىنىڭ كاپىتال جۇغلاش ئىقتىدارى.[/size]
     
    [size=4]            كاپىتال جۇغلاش ئىقتىدارى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىقتىداردۇر. مەيلى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ رايونلارغا جايلىشىش ھالىتى، ساھەلەر ۋە كەسىپلەرگە بۆلىنىش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتايلى ياكى ئىگىلىك قۇرۇلمىسى يېقىدىن ئېلىپ ئېيتايلى، شۇ نەرسە بىزگە ناھايىتى ئېنىقكى ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن توققۇزى يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ جان باقىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ۋە ئاساسلىق كىرىمى يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېھقانلارنىڭ كاپىتال جۇغلاش ئىقتىدارى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېشىنچا مەھسۇلاتى ۋە سىرتتىن كىرگۈزۈش تەرىپىدىن بەلگۈلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ئېشىنچا مەھسۇلاتى = دېھقانلارنىڭ كىرىمى --- دېھقانلارنىڭ سېلىقى. سىرتتىن كىرگۈزۈش ئاساسەن دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىققا بەرگەن ياردىمى بىلەن بەرگەن قەرزىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە شۇڭا بىز ئازسانلىق مىللەت دېھقانلىرىنىڭ كاپىتال جۇغلاش ئىقتىدارىنى كىرىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە سېلىقنى يەڭگىللىتىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن ئۆلچەپ تەھلىل قىلىمىز
    1. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىم قىلىش ئىقتىدارى ئاۋۋال بىز شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى كىرىم ئەھۋالىغا بىر قاراپ چىقايلى. بىز بۇ يەردە ئاساسلىق دىققىتىمىزنى كىرىمنىڭ ئېشىش كۆلىمى ۋە يېزا بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىگە ئاغدۇرىمىز. بەزى دوكلاتلار، ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى بايقايمىز: ⑴ 90 –يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يىلسېرى تۆۋەنلىدى، شىنجاڭنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھەتتا مىنۇس نىسبەتتە ئاشتى، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان دېھقان چارۋىچىلار ئىچىدە كىرىمى 0 بولغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆپەيدى. كىرىمى 0 بولغان ياكى مىنۇس ئاشقان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ سانىمۇ روشەن ئاشتى. بەزى رايونلاردا نامراتلىق ئەھۋالى ئېغىر. شىنجاڭدىكى نامرات 26 ناھىيە ۋە شەھەرنىڭ ھەممىسى ئازسانلىق مىللەتلەر يۇقىرى دەرىجىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدۇر. (2) جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈئەن بىلەن يەرلىك، شەھەر بىلەن يېزا، خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتتا پەرق يەنىمۇ ئىلگىرىلەن ھالدا زورايدى. خەنزۇلار بىلەن ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىم پەرقىمۇ چوڭايدى. ئىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئائىلە كىرىمى 9061. 72 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 14- ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئائىلە كىرىمى 2106. 19 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 23- ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى پەرق ئىنتايىن روشەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. لېكىن ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۆلكە ۋە رايونلار بىلەن، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبتىكى بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا بىر قەدەر قالاق. ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيىسى بىلەن تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر  تۆۋەن. 1999- يىلى، شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى شىنجاڭنىڭ ئوخشاش تۈردىكى كىرىم كۆرسەتكۈچىنىڭ ئايرىن ئايرىم ھالدا 2 ھەسسىسى ۋە 3. 7 ھەسىسىگە باراۋەر. بولۇپمۇ، شىنجاڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ 1990- يىلدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى زورايدى. مىنۇس 2.8 يۈەندىن زورىيىپ 737. 1 يۈئەڭە يەتتى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 1980 –يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 13- لىكتىن تۆۋەنلەپ، 1999- يىلى 25- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. شىنجاڭدا بار بولغان 16 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى تەكشى ئەمەس. ھەرقايسى جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىم پەرقى بارغانسېرى زورايدى. قەشقەر ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، 1990- يىلى، قەشقەر شەھىرىدىكى  شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئائىلە كىرىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 70% ئىچىلىك بولۇپ، 1999- يىلىغا كەلگەندە ئاران 57% گە چۈشۈپ قالغان. 1990- يىلى، قەشقەر شەھىرىدىكى  شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ ئائىلە كىرىمى سانجى ئوبلاستىنىڭ 70% ئىچىلىك بولۇپ، 1999- يىلىغا كەلگەندە ئاران 33% گە چۈشۈپ قالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق 4 ۋىلايەت - ئوبلاستى ئۇيغۇرلار يۇقىرى دەرىجىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىر قەدەر نامرات رايونلىرى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ 92. 5% ئى مۇشۇ جايغا تارقالغان. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرىشىچە، 1999- يىلى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقان لارنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى كىرىمى تۇرمۇش خىراجىتىگە ئاران يېتىشكەن بولۇپ، قەشەر ۋىلايىتىنىڭ بولسا، تۇرمۇش خىراجىتىنى قامداشتىن خېلىلا يىراقتا. ئىككى ۋىلايەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئېنگېل كوئېففېنسېنتى ( ئائىلىنىڭ يېمەكلىك راسخوتى ئائىلە كىرىمىنىڭ نىسبىتى ئىچىدە) 60% يۇقىر بولغان. ( شىنجاندا تارىختىن بېرى ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ 2000- يىلىدىكى شەھەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى: ئۇيغۇر 19.44، قازاق 15.25، قىرغىز 11.55، تاجىك 9.16، پۈتۈن شىنجاڭدىكى گىلىگەن نىسبىتى بولسا 35%) . ھازىرقى ئوبيېكتىپ ئەھۋال ئەنە شۇنداق. بىز دىققىتىمىزنى بۇندىن كېيىنكى كىرىم ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاغدۇرساق، شۇنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەسكى، شىنجاڭدىكى كەڭ ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا، مەيلى ئائىلىدە تېرىقچىلىق قىلسۇن ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلسۇن، تەرەققىيات بوشلۇقى ھەممە جايدا ئىنتايىن تار. ئەگەر ئۇششاق دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن بولسا، يەنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر نوپۇس بىر پارچىدىن يەر تېرىش يەنىلا داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىكەن، يوشۇرۇن كۈچلەرنى ھەرقانچە قازغان بىلەنمۇ بىكار. يولغا قويۇشقا بولىدىغان چىقىش يولى يېزا ئىگىلىكتىكى ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرىنى غەيرىي يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە يۆتكەشتۇر. يۆتكەشكە بولۇش بولماسلىقىغا قاراپ، بىز شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت دېھقانلىرىنى ئائىلىدە تېرىقچىلىقى قىلىدىغان ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار دەپ ئىككىگە ئايرىيالايمىز. ئالدىنقى خىلدىكىلىرى، يەنى ئائىلىدە تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرى تۆۋەندىكىچە: (1) كۆلەملىك تىجارەت، (2) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش؛ (3) شىركەت بىلەن دېھقانلار ئىگىلىكىنى قوشۇۋېتىشنى ئاتالمىش يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشكە سىڭدۈرۈۋېتىش. (4) يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش. (5) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. (1) قاراش، نەزىرىيىۋىي جەھەتتىن ئەقىلگە سىغىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مۇنداق ئىككى شارائىتقا باغلىق: بۇنىڭ بىرى يېزا ئىگىلىكتىكى ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرىنى غەيرىي يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە يۆتكەشنىڭ سالمىقىنى زورايتىش، يەنە بىرى، يەرنى شەخسلەشتۈرۈش ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەرنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزىمىنى شەكىللەندۈرۈش. تۈزۈم ۋە سىياسەتلەر تۈپەيلى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتگە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى خىل شارائىتنىڭ ھازىرلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇ شارائىتلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھازىرلاندى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئازسانلىق مىللەت دېھقانلىرىنىڭ كاپىتال يىغىش ئىقتىدارى تۆۋەن، مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەقدىرگە تەن بېرىپ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى يېرىدە بىر دېھقانلا بولالايدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بولغان غەلىبە قىلىش ئۈلگىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالىساقمۇ، لېكىن ئازسانلىق مىللەت دېھقان چارۋىچىلىرىنىڭ كۆلەملىك تىجارەتكە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى نەزىرىيىۋىي جەھەتتە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس. (2) خىلدىكىدە مۇئەييەن يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تەڭشەيمەن دەپلا تەڭشىۋەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن بەزى رايونلار پەقەت مەلۇم بىر خىل زىرائەتنىلا تېرىشقا مۇۋاپىق بولسا، ئەگەر ئۇ جاينىڭ تەبىئىي كىلىماتى ۋە شارائىتىغا ماس كەلمەيدىغان زىرائەتنى تېرىش تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىنسا، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. بەزى جايلار ئەنە شۇنداق قىلدى. (3) گە قارىتامۇ، بىز بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتسەك بولمايدۇ. گەرچە بەزى جايلاردا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ياخشى ئىشلەڭەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەس. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش دېگىنىمىز ماھىيەتتە سودا سانائەتنىڭ مەبلىغىنى يېزا ئىگىلىكى ساھەسىگە سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ قوغلىشىدىغان پايدىسى زورايغان؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ قارىغۇلارچە سورۇن تۈزگەندەكلا مەبلەغنى ئۈنۈمسىز جايغا سېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇندىن باشقا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى، دۆلەت شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ بوز يەر ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى زور كۆلەمدە ئاشتى. لېكىن بۇ يەرلەر ئاساسەن بىڭتۈئەننىڭ كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشلىتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بوستانلىقلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەر بولسا، ھەرگىزمۇ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كېڭەيمىدى، ئەكسىچە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر ئازىيىپ، يەر بىلەن نوپۇس ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى گەۋدىلىك بولدى. شۇڭا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر يېزىلىرى ۋە دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ يول ئەمەس. (4) خىل لايىھىنى نەزەرگە ئالغاندا، شىنجاڭدا ياخشى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى يوق ئەمەس، كەڭ ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى يېڭى تېخنىكىنى چەتكە قاققانمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى كېڭەيتىشتە قىيىنچىلىق بار. ھۆكۈمەتنىڭ تېخنىكىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىمۇ ۋە ئىرادىسىمۇ يوق. تېخنىكىنى كىمنىڭ كېڭەيتىشى بىر قىيىن مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تەننەرقىگە چىقىنىش كېرەك. يەككە دېھقان ئائىلىسى بۇ خىراجەتنى تۆلىيەلمەيلا قالماستىن، ئۇنى تۆلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ يوقمۇ، بۇمۇ بىر مەسىلە. شۇنچە كۆپ ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرى تۇرۇپ، ھەم ئۇلارنى سىرتقا يئۆتكىيەلمەيۋاتقاندا، تېخنىكىنى ئەمگەكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى. (5) خىل لايىھىدە، دۆلىتىمىز د ت ئو غا ئەزا بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ، دائىم ئۇچرايدىغان قوناق، بۇغداي، مېۋە- چېۋە، پاختا قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىشكە بولىدىغان بوشلۇق ئاساسەن يوق. شۇڭا يۇقىرىقى 5 نۇقتىغا نىسبەتەن مەن ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس. بۇ ھەرگىزمۇ شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدىن بولغان كىشى باي بولالمايدۇ، ئازسانلىق مىللەتلەر ئالغا باسالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەن تەكىتلەيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇلارنىڭ كىرىم قىلىش ئىقتىدارى، ھازىرقى شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا ئىنتايىن چەكلىك.
                  كېيىنكىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىرىم يولى پەقەتلا ئىشلەمچىلىك، يەنى مۇئاشتىن كىرىدىغان كىرىمدۇر. لېكىن بۇ يول ئىنتايىن ئەگرى توقاي. ئالدى بىلەن دۇچ كېلىدىغىنى نوپۇس تۈزىمىنىڭ توسالغۇسى. بۇ خىل تۈزۈم ئايرىمىچىلىقى مېنىڭچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان. ئىككىنچىدىن، كەسىپ تۆت تامنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. بۇ يەردە نەزەردە تۇتقىنىمىز، ئوقۇش تارىخى ياكى بىلىم جەھەتتىكى تۆت تامنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىشتۇر. شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ناچار، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، بۇ ئەمەلىيەت. نوپۇس تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، كەڭ ئازسانلىق مىللەت دېھقان ئىشلەمچىلىرى پەقەتلا بەزى مۇلازىمەت كەسىپلىرى، قۇرۇلۇشتا ئىشلەش ۋە ئۇششاق تىجارەت بىلەنلا شۇغۇللىنالايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ بىلىم جۇغلانمىڭىز يېتىشمىسە سىز يۇقىرى ھەق بېرىلىدىغان كەسىپ ۋە ئورۇنلارغا كىرەلمەيسىز. تۆت تامنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىشنى بۆسۈپ چىقىش شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگۈلىنىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئىقتىدار ئىنتايىن چەكلىك. ئۇندىن باشقا بەزى كەسىپ ۋە تىجارەتلەردە ئازسانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە بىلىمى قاتارلىق ھەممە شارائىتى تولۇق ھەتتا ئەلا بولغان تەقدىردىمۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەتكە قېقىشقا ئۇچرايدۇ. بۇ نۇرغۇن ساھەلەردە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەسكەرلىككە ناھايىتى ئاز ئېلىنىدۇ؛ ئارمىيە، ساقچى، مالىيە، بانكىدەل پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ھەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز، پارتىيە تەشكىلى ( سېكرىتارلىق)، تەشكىلات بۆلۈملىرى، خىمىيە سانائىتى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە، شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل تۈتىشى سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ۋە تىلى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى ۋە سىياسىتى يول قويمايدىغان ھەم بولماسلىققا تېگىشلىك سەل قاراشقا دۇچ كەلدى. ھەممىدىن ئېشىپ چۈشكىنى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىدىن تارتىپ، تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە پاختا تەرگۈچىلەرگىچە ھەممىسى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچىلەر دىيىلىپ، شىنجاڭنى ئاچىدىغان مۇتەخەسسىسلەر يىراق ئىچكىي ئۆلكىلەردىن تەكلىپ قىلىپ كېلىندى. نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق توپلىنىش تىپىدىكى ئىگىلىك كارخانىلىرىغا يەرلىك ئازسانلىق مىللەت ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسەن ئىشلەتمىدى. بۇمۇ ئازسانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمگە ئېرىشىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جەھەتلەردە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىم قىلىش يوللىرىنىڭ كەم بولۇشى ئۇلارنى ئۆزىگە توپلاش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىدىم مەھرۇم قىلدى. بازار ئىگىلىكى شارائىتى ئاستىدا كاپىتال پايدىسى يۇقىرى، ساھە ۋە رايونلارغا قاراپ ئاقماقتا. شىنجاڭنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى، مەسىلەن: يېزا ئىگىلىك پوندى جەمئىيىتى، ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ئازسانلىق مىللەت دېھقان چارۋىچىلىرىغا يۈزلەڭەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەتلىرىدە يىگلەپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. دېھقانلارنىڭ ئامانەت پۇللىرىمۇ تۇشمۇ تۇشتىن شەھەرگە يىغىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېھقانلار ئۈچۈن قەرز پۇل ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق، ھەتتاكى ئاز سوممىدا ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۈچۈن قەرز ئېلىشمۇ دېھقانلارغا نېسىپ بولمىدى. بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بايلار بولۇپ، نامراتلاردىن قاچىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پايدىسى ئاز ھەتتا پايدىسى مىنۇس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوبۇل قىلىدىغان ئوبيېكتى بەكمۇ تارقاق ۋە نامرات دېھقان ئائىلىلىرى بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ قولىغا كاپىتال كىرمەيدۇ. ئەلۋەتتە، دېھقانلارمۇ بەزىدە چوقۇم قەرز ئېلىشى كېرەك، بۇنداق چاغدا ئۇلار ئامالسىز جازانىخورلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.[/size]
     
     
    شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" دېگەن بۇ جۈملىنى " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى"دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىدقىلىمەن.
     
    مەنبە: ئۇيغۇربىز تۇرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.