-
2009-06-20
(شېئىر)ياشنىسۇن گۇللىسۇن ئۇيغۇر تىلى - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41250019.html
(مۇخەممەس )
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.
ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ - يۆلىكى،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە ، قەلىب ئەينىكى ،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .
پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم .
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .
بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۇ تەم ،
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،
تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم
خاسىيەتلىك تىل تۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .
يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .
سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
ئۇ - چىراق ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق ،
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۇتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .
قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش ، دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما ،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .
شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .
مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھغنەر ئۇيغۇر تىلى .
ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار ،
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار ،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھاببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .
بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ئاي ، يىلىم ،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .
خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل - يۇرت ئاۋات ،
كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
ئۇتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .
تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ، باش قاشلىما ،
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ، .
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋە ر ئۇيغۇر تىلى .
ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !
مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى
收藏到:Del.icio.us